خەۋەرنامە | 2022-يىلى 4-ئايلىق سان

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نەشرىيات-تەشۋىقات كومىتېتى، 2022-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نەشرىيات-تەشۋىقات كومىتېتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىۋاتقان «خەۋەرنامە»نىڭ بۇ سانىدا، قۇرۇلتىيىمىزنىڭ يېقىندا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى، ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستانغا ئائىت مۇھىم خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولالايسىلەر.

خەۋەر نامىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ:

بۇ يەرنى بېسىڭ

سىلاۋىيان يېزىقى ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىڭ

تەپسىلاتى...

ياۋروپادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ب د ت ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان زور نامايىش ھەققىدە چاقىرىق!

ياۋروپانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئەزىز قېرىنداشلار ،ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغىنىدەك، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىچەلە باچەلەت خانىمنىڭ 5 – ئايدا شەرقىي تۈركىستانغا قىلىدىغان زىيارىتى نۆۋەتتە ھەم ب د ت نىڭ، ھەم خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ، يەنە شۇنداقلا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. چۈنكى بۇ، ب د ت قۇرۇلغان 74 يىلدىن بۇيان ۋە شەرقىي تۈركىستان خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان 73 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ب د ت نىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ھەققىدە ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا بىۋاسىتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىدۇر!

گەرچە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى 2021 – يىلى 8 – ئايدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئومۇمىي دوكلاتىنى ھازىرلاپ چىققان بولسىمۇ ئەپسۇسكى خىتاينىڭ تۈرلۈك بېسىملىرى ۋە توسقۇنلۇقلىرى تۈپەيلىدىن مەزكۇر دوكلات تاكى ھازىرغىچە كېچىكتۈرۈلۈپ ئېلان قىلىنمىدى.

ھازىرغا قەدەر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق كۆپلىگەن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىچەلە باچەلەت خانىمنىڭ ئىشخانىسىغا مەكتۇپ يوللاپ ۋە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئۇنۇڭدىن ب د ت نىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتىنى 5 – ئايدا ئېلىپ بارىدىغان شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىدىن بۇرۇن ئېلان قىلىش ۋە زىيارەتنى باشلاشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر ۋەكىللىرى بىلەن، بولۇپمۇ لاگېر شاھىتلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارنىڭ پىكىر – تەلەپلىرىنى ئاڭلاپ بېقىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ئەپسۇسكى مىچەلە باچەلەت خانىم بۇخىل يوللۇق تەلەپلەرنىڭ ھەممىسىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋېلىش پوزىتسىيەسىدە بولۇپ كەلدى. ئۇندىن ئىلگىرىمۇ كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مىچەلە باچەلەت خانىمدىن ب د ت نىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتىنى 2022 – يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ئەمما مىچەلە باچەلەت خانىم خىتاينىڭ بېسىملىرىغا بويۇن ئىگىپ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەلەپلىرىگىمۇ سۈكۈت قىلىۋېلىپ جاۋاب بەرمىگەن ئىدى.

شۇنىڭ ئۈچۈن، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىچەلە باچەلەت خانىمدىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتنى خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشتىن بۇرۇن ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلىش، زىيارەتتىن بۇرۇن ئۇيغۇر ۋەكىللىرى بىلەن، بولۇپمۇ لاگېر شاھىتلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىش، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىكى زىيارىتى مەزگىلىدە خىتاي ئالدىن ياساپ چىققان ساختا مەنزىرىلەرگە ئالدانماسلىققا چاقىرىش مەقسىتىدە 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى جۈمە جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا زور كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلىدۇ.

بۇ قېتىمقى بىرلەشمە نامايىشقا ياۋروپادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە تىبەتلىكلەر، جەنۇبىي موڭغولىستانلىقلار، كوڭكوڭلۇقلار، تۈركلەر ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ كەڭ دائىرىدە قاتنىشىشى قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.

مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتى تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرىدىغان بۇ قېتىمقى كەڭ كۆلەملىك نامايىشىمىزنى پۈتۈن ياۋروپادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى، ۋەتەنسىزلىك دەردىدە يۈرەك – باغرى قان بولغان ئەلسۆيەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ باھانە – سەۋەب كۆرسەتمەستىن بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىشىنى جىددىي تەلەپ قىلىمىز!

ۋەتەن- مىللەتنىڭ دەردىگە تىلىمىزدىكى شوئار ياكى قەلبىمىزدىكى ھېس –ھاياجانلار دەرمان بولالمايدۇ. ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ب د ت ئالدىدا مىللەتنىڭ ئىرادىسىنى، خەلقىمىزنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرىنى شۇنداق بىر ھاياجانلىق جاكارلايلىكى، مىڭلارچە ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆكبايراق، جاراڭلىق شوئار سادالىرىمىز ب د ت بىنالىرىنى لەرزىگە سالسۇن!
بىز ياۋروپا تۇپراقلىرىدىكى بارلىق ئەر – ئايال قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتى رەھبەرلىرى ۋە ياكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەركىزى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىپ، 5 – ئاينىڭ 10 – كۈنىدىن بۇرۇن تىزىمغا ئالدۇرۇشلىرىنى ۋە بىر كۈنلۈك سەپەر ھازىرلىقىدا بولۇشلىرىنى تەلەپ قىلىمىز.
ئەگەر ئىمكانىيىتى يار بەرسە ياۋروپانىڭ سىرتىدىكى ئەللەردە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشىمىزغا قاتنىشىشىنى قىزغىن ئالقىشلايمىز!

ئۇيغۇر مىللىتى ھايات – ماماتلىق بوسۇغىسىدا جان تالىشىۋاتقان بۇ ھالقىلىق مىنۇتلاردا، ۋەتەن ئۈچۈن خىتايغا قارشى تۆلەنگەن ھەربىر زەررە بەدەلنىڭ قىممىتى بىباھادۇر. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مىللىي، دىنىي، ئىنسانىي بۇرچىنى ئادا قىلىش يولىدا بۇ كۈرەش ئۈچۈن بىر ئۈلۈش ھەسسە قېتىشقا ئالدىرايدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل!

13- ماي جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدىكى مەيداندا كۆرۈشەيلى!

نامايىشنىڭ ۋاقتى :
2022- يىلى 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى (جۈمە) جەنۋە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 09:00 دا جەنۋەدىكى ب د ت بىناسىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا توپلىنىمىز، سائەت 10:00 لايدا مەيداندىن تەخمىنەن 2 – 3 كىلومېتىر يۈرۈش قىلىپ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئىشخانىسى ئالدىغا يېتىپ كېلىمىز ۋە نامايىشىمىز ئۇيەردە جەنۋە ۋاقتى سائەت 13:00 كە قەدەر داۋام قىلىدۇ.

ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلەن :
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى
ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى
شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى
بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى
ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى
گېرمانىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە مائارىپ بىرلىكى
فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىگى
فىنلاندىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى
ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى
گوللاندىيە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى
ئاۋسترىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى
ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە تەشۋىقات مەركىزى

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق ئاخباراتى: شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 – يىللىقىنى خاتىرىلەيمىز!

بۈگۈن 8 – ئاپرېل بولسا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 – يىللىق خاتىرە كۈنىدىن ئىبارەت، 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى، 1945-يىلى 8-ئاپرېل كۈنى غۇلجا شەھىرىدە مەخسۇس ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيەسىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. شۇندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۇيان بۇ شەرەپلىك كۈننى ئىپتىخارلىنىش ۋە غۇرۇرلىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە خاتىرىلەپ كەلمەكتە.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 1944 – يىلىدىكى ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىمىزنى بارلىققا كەلتۈرگەن قەھرىمان ئەجدادلىرىمىزغا ۋە بۇ شەرەپلىك يولدا قۇربان بولغان پۈتۈن ئەزىز شېھىتلىرىمىزگە چوڭقۇر ھۆرمىتىمىزنى قايتا ئىزھار قىلىمىز، مىللىي ئارمىيە بايرىمىمىزغا مۇبارەك بولسۇن!

شۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىلكى، كۈرەشچان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھامان بىر كۈنى يەنە ئۆزىنىڭ مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىنى ۋە مىللىي ئارمىيەسىنى جەزمەن قۇرۇپ چىقىدۇ!

ئارمىيە-بىر دۆلەت مەۋجۇتلۇقىنىڭ كاپالىتى، شۇ دۆلەت خەلقلىرى، ئۆز دۆلەت زېمىنىدا ئەركىن، زۇلۇمدىن خالى، پاراۋان ياشىشىنىڭ ئاساسى. ئارمىيەسى كۈچلۈك بولغان دۆلەتلەر باشقا دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزىدىن خالى بولالايدۇ، خەلقلىرىمۇ زۇلۇمدىن خالى، پاراۋان ياشايدۇ.

شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى 1945-يىلى 2-ئايدا ئېلى ۋىلايىتىنى پۈتۈنلەي ئازاد قىلدى. نۆۋەتتىكى ھەربىي ۋەزىپە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى، ئۆزىنىڭ پارتىزان قوشۇنلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ،مۇنتىزىم زامانىۋى ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت بولۇپ، قوشۇننى ئومۇمىي يۈزلۈك قوراللاندۇرۇش، ھەربىي مەشىقنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلىشنى نىشان قىلغان. بۇ ۋاقىت يېرىم مىليون ئەتراپىدا نوپۇسى بولغان ئىلى ۋىلايىتىنىڭ تولۇق ئازاد بولۇشى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئۆزىنىڭ مۇنتىزىم ئارمىيەسىنى قۇرۇشتىكى شەرت-شارائىتىنى ھازىرلىغان ۋە تەقەززا قىلغان بىر شارائىتتا ئىدى.

1945-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى كېڭەش يىغىنى چاقىرىپ، «19-نومۇرلۇق قارار»نى ماقۇللاپ، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش قانۇنىنى قاراردىن ئۆتكۈزدى. بۇ قانۇندا شەرقىي تۈركىستاندىكى 20 ياشتىن 22 ياشقىچە بولغان بارلىق گىراژدانلارنىڭ ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مەجبۇرىيىتى بارلىقى، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش ۋاقتى 3 يىل بولۇش بەلگىلەندى . ئۇنىڭدىن باشقا شەرقىي تۈركىستاننى تولۇق ئازاد قىلىش ئۈچۈن ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك ئېلىپ بېرىش، ئازادلىق ئۇرۇشى ئېھتىياجى دەۋرى بولغاچقا، 23 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان، بارلىق ئەرلەرنىڭ ۋاقىتلىق ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتۈشى،بارلىق ھەربىي چىقىمنى ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئېلىشى، ئەسكەر-ئوفىتسېرلارنىڭ كىيىم-كېچەك، ئوزۇق-تۈلۈك، قورال بىلەن تەمىنلەشنى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ھەربىي سەپكە قاتناشقانلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ جان-سانىغا ئاساسەن قوشۇمچە ياردەم قىلىش قاتارلىق بەلگىلەندى .

1945-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەت ھەيئىتى ئارمىيەنىڭ ھەربىي تەمىناتىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن «21 نومۇرلۇق قارار»نى ماقۇللىدى. «21 نومۇرلۇق قارار»دا ھەربىي قوشۇننىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن ھەرقايسى ناھىيەلەرنىڭ 1300 تۇياق ئات ھازىرلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي قوشۇن، ئارقا سەپ تەمىنات خىزمىتىنى ھەل قىلىشقا تاپشۇرۇش بەلگىلەندى .

1945-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى، شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى يىغىن ئېچىپ، قۇرۇلماقچى بولغان مۇنتىزىم ئارمىيەنىڭ قۇرۇلمىسى توغرىسىدا ئەتراپلىق مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. مۇزاكىرىدە : شەرقىي تۈركىستان پارتىزانلىرى باش قوماندانلىق ئىشتابىنى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەربىي قوماندانلىق باش ئىشتابى»غا ئۆزگەرتىش، باش ئىشتاب تەركىبىدە سىياسىي بۆلۈم، ئارقا سەپ تەمىنات بۆلۈمى، ھەربىي سوت مەھكىمىسى، ھەربىي تەپتىش مەھكىمىسى، رازۋېدكا بۆلۈمى، جەڭ قىلىش بۆلۈمى، كادىرلار بۆلۈمى، خوجىلىق بۆلۈمى، قاتارلىق ئورگانلارنىڭ بولۇشى قارار قىلىندى.

ئەينى چاغدا رەھىمجان سابىر ھاجى، ھەربىي ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى بولۇپ ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئارمىيە قۇرۇشتىكى مەخسۇس بىر ھەيئەت قۇرۇلغان. بۇ ھەيئەت رەھىمجان سابىر ھاجى يېتەكچىلىكىدە، ئىۋان پالىنوف، ئەخمەتجان قاسىمى، تېيىپ ھاجى باسىتوف، زۇنۇن تېيىپوف قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىب تاپقان . ئۇلار قۇرۇلغۇسى مۇنتىزىم ئارمىيەنىڭ ھەربىي تۈزۈلمىسى، ئىنتىزام-قائىدىلىرى، قوشۇنلارنىڭ تۈرى، ھەتتا ھەربىي فورما، بايراق، شۇنداقلا بارلىق ھەربىي قۇرۇلمىسىغا مۇناسىۋەتلىك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن. بۇ توغرىدىكى تالاش-تارتىش نەتىجىسىدە، ئارمىيە قۇرۇشتىكى لايىھەنى ئىشلەش خىزمىتى ئاخىرى ئەخمەتجان قاسىمغا ھاۋالە قىلىنغان. ئارمىيە قۇرۇشتىكى لايىھە، مۇزاكىرە جەريانىدا كەسكىن مۇنازىرە قىلىنغان. بەزىلەر تۈركىيەنىڭ ئۇسۇلى بويىچە «شەرقىي تۈركىستان ئوردىسى» دېگەن تەكلىپنى بەرسە، بەزىلەر «ئىسلام قوشۇنى»، «ئازادلىق قوشۇنى»، «مىللىي ئارمىيە» دەپ ئاتاشتەك تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەخمەتجان قاسىمى، تۈركىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئىران، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەر ئارمىيەسىنىڭ تۈزۈلمىسى توغرىسىدا كۆپ تەرەپلىمە ئىزدىنىپ، قۇرۇلغۇسى ئارمىيەنىڭ ھەربىي تۈزۈلمىسى، ھەربىي فورمىسى ۋە باشقا تەرەپلىرى توغرىسىدا تۈزىگەن لايىھەسى ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى قايىل قىلىدۇ، ئەلىخان تۆرىمۇ لايىھەنى قوبۇل قىلىدۇ.

لايىھەدە قۇرۇلغۇسى ئارمىيەنى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئارمىيەسى» دەپ ئاتاش، ھەربىي فورما، قوشۇن تۈزۈلۈشى، ئۇنۋان، ۋە باشقا تەرەپتە شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنى قوللاۋاتقان، مەلۇم دەرىجىدە ياردەم كۆرسىتىۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىنىڭ مودېلىنى ئېلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ لايىھەنىڭ تۈزۈلۈشىدە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ رولى ئىنتايىن زور بولغان.

ئارمىيەنىڭ ھەربىي فورمىلىرى، ئۇنۋان ۋە قوشۇن تەركىب سىستېمىسى، چاررۇسىيە ۋە سوۋېت ئارمىيەسى مودېلىنى ئۈلگە قىلغان بولسىمۇ ئەمما پاگون، كاكارلىرى، ۋە ئوردېنلىرى شۇنىڭدەك كىيىم ۋە بىر قىسىم ھەربىي قائىدىلىرى يەنىلا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكى، غايىسى بويىچە بېكىتىلگەن.

كاكارلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بەلگىسى بولغان كۆكۈش رەڭلىك ئاينىڭ ئىچىگە ئېلىنغان يۇلتۇز بولۇپ، يۇمىلاق شەكىلدە ياشالغان. ھەربىي بايراق يېشىل رەڭلىك بولۇپ، بايراققا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بەلگىسى بولغان ئاي-يۇلتۇز ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مېدال-ئوردېنلارغىمۇ ئاي-يۇلتۇز ئورۇنلاشتۇرۇپ لايىھەلەنگەن.

ھەربىي ئۇنۋانلار تۆۋەن، ئوتتۇرا، يۇقىرى ۋە ئالى دەرىجىلىك ئۇنۋان تۈزۈمى بويىچە تەسىس قىلىنغان. ئالى دەرىجە مارشال، گېنېرال لېتنانت بولۇپ، مارشال ئۇنۋانى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئېلىخان تۆرىگە بېرىلگەن. ھەربىي ئۇنۋان، ئاتالغۇلىرى، كۆپىنچە سوۋېت ئارمىيەسى ئاتالغۇسى بويىچە رۇسچە ئېلىنغان بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە بۇ ئاتالغۇلار خەلقئارادا ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ئاتالغۇلار ئىدى. يەنى ئارمىيە، كورپۇس، دىۋىزىيە، پولك، باتالىيون، روتا، مارشال، گېنېرال، پولكوۋنىك، مايور، كاپىتان قاتارلىقلار.

1945-يىلى 3-ئاينىڭ باشلىرىدا، ئەخمەتجان قاسىمى، رەھىمجان سابىر ھاجىنىڭ ئورنىغا ھەربىي ئىشلار نازىرى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئارمىيەنىڭ باش قوماندانلىق ئىشتابى ۋە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى بۆلۈملەرنىڭ تەسىس قىلىنىشى، قۇرۇلۇشى ئەخمەتجان قاسىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مۇنتىزىم قوشۇنلىرى، شۇنىڭدىن باشلاپ رەسمىي تۈردە شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى دەپ ئاتالدى.

جىددىي تەييارلىق قىلىش، پارتىزان ئەترەتلىرىنى تەرتىپكە سېلىش جەريانىدا، غۇلجا، سۈيدۈڭ ۋە باشقا جايلاردا قۇرۇلغان پولك، باتالىيونلار رەسمىي تۈردە شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ مۇنتىزىم ئاتلىق، پىيادە پولك، باتالىيونلىرىغا ئۆزگەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا نۇرغۇن ياشلار يېڭىدىن قوبۇل قىلىنىپ، مۇنتىزىم ھەربىي مەشقكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

1945-يىلى-4-ئاينىڭ 3-كۈنى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەت ھەيئىتى يىغىن چاقىرىپ، «43-نومۇرلۇق قارار»نى ماقۇللىدى. «43-نومۇرلۇق قارار»دا، ئارمىيەنىڭ بىرلىككە كەلگەن ھەربىي فورمىلىرى، ھەربىي ئۇنۋانلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇپ، 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى غۇلجا شەھىرىدە، مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاش بېكىتىلدى.

غۇلجا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قىسىم پولك، باتالىيونلار ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى جاكارلاش ۋە پاراتتىن ئۆتۈشكە جىددىي تەييارلىق قىلدى. كوماندىر-جەڭچىلەرگە يېڭىدىن تەييارلانغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي فورمۇلىلىرى تارقىتىپ بېرىلدى .

1945-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى، غۇلجا شەھىرىدىكى تۇغ مەيدانىدا داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنى، جۇمھۇر رەئىسى ئېلىخان تۆرە تەنتەنە بىلەن رەسمىي جاكارلىدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇر رەئىسى ئېلىخان تۆرە، مۇئاۋىن رەئىس ھاكىمبەگ خوجا ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق ئەزالىرى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانلىرىدىن ئىسھاقبەگ مۇنۇنوف، زۇنۇن تېيىپوف، ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوف، ھەربىي ئىشلار نازىرى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي، ھەربىي رەھبەرلەر ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاش مۇراسىمىدا سەھنىدىن ئورۇن ئالدى.

ئېلىخان تۆرە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنىڭ كاپالىتى بولغان مۇنتىزىم ئارمىيە-شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ رەسمىي دۇنياغا كەلگەنلىكىنى جاكارلىغاندا، غۇلجىدا ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئېلىۋاتقان ئەسكەرلەردىن باشقا غۇلجا خەلقى، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئىدارە-جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرىدىن بولۇپ 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان مەيدان گۈلدۈراس ئالقىش ساداسىغا تولدى. ئارقىدىن مىللىي ئارمىيەنىڭ باش، مۇئاۋىن قوماندانلىرى، ئىشتاب باشلىقلىرى ۋە ھەرقايسى قوشۇنلار كوماندىرلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرقايسى پولك، مۇستەقىل باتالىيونلارغا «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئالغا» دېگەن خەتلەر چۈشۈرۈلگەن ئاي-يۇلتۇزلۇق يېشىل، ھەربىي بايراقلارنى تاپشۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ ئالى رەھبىرى ئېلىخان تۆرە ئۆز قولى بىلەن بايراقنى ھەرقايسى قىسىم كوماندىرلىرىغا تاپشۇرىدۇ. كوماندىرلار بايراقنى ئوڭ قولى بىلەن يۈزىگە بېسىپ تۇرۇپ تاپشۇرۇپ ئېلىشتى .

بايراق تاپشۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىللىي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى گېنېرال ئىۋان پالىنوف قوماندانلىقىدا، ئېلىخان تۆرەنىڭ ئىجازىتى بىلەن ھەرقايسى پولك، مۇستەقىل باتالىيونلار ئۆز رېتى بويىچە پاراتتىن ئۆتۈشكە باشلىدى.

ھەيۋەتلىك مىللىي ئارمىيە قىسىملىرى رەت-رېتى بويىچە، مارش دەسسەپ پاراتتىن ئۆتكەندە ھاياجانغا چۆمگەن غۇلجا خەلقى چاۋاك چېلىپ ئالقىش ياڭراتتى، ئۆزىنىڭ مۇنتىزىم ئارمىيەسىدىن پەخىرلىنىپ كۆز-ياشلىرىنى توختىتالمىدى. ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، لوزۇنكىلار ھەممە ياقنى قاپلىدى.

بۇ كۈن پەقەت غۇلجا خەلقىنىلا ئەمەس بەلكى بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھاياجانغا سالدى. «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئارمىيەسى»نىڭ قۇرۇلۇشى، بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازادلىققا، ھۆرلۈككە، مۇستەقىللىققا تەشنا ئارزۇسىنى نامايان قىلغان بولسا يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ زۇلۇمغا قارشى، تاجاۋۇزچىلارغا باش ئەگمەس قەتئىي ئىرادىسى ۋە كۈرەشچان جاسارىتىنى نامايان قىلىپ، تارىختا ئۇنتۇلغۇسىز ئىزلارنى قالدۇردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

2022-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى

تەپسىلاتى...

شاھادىتىنىڭ 24- يىلىدا ئۇستاز نىزامىددىن ھۈسىيىننى ئەسلەيمىز!

نىزامىدىن ھۈسەيىن 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۆجىزىلىك سەرگۈزەشتلەرگە ئىگە بىر شەخس. ئۇ 1940-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى مەزگىلىدە 16 يېشىدا تاشقورغان پارتىزانلىرىغا قاتناشقان، ئالدىنقى سەپتە جەڭلەردە كۆپ قېتىم يارىلىنىپ، «ئۆلمەس توختىمەت» دېگەن نامنى ئالغان ئۇستاز نىزامىددىن ھۈسىيىن، «11 بىتىم » دىن كېيىن گومىنداڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، يەكەندە تۈرمىسىگە قامالغان. 1946-يىلىنىڭ ئاخىرى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1951-يىلىدىن 1957-يىلىغىچە «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسدە مۇخبىر ۋە تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1958-يىلى خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى مىللى ئارمىيىنىڭ ئوفېتسېر -ئەسكەرلىرى ۋە زىيالىلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكىدە، «ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى»، «پانتۈركىست» دېگەن قالپاق كىيدۈرۈلۈپ، تاكى 1978-يىلىغىچە 20 يىللىق ھاياتى تۈرمىدە ئۆتكەن. بۇ جەرياندا ، تەجرىبىلىك ئىنقىلاپچى، پېشقەدەم ئەسكەر، ئۇستاز نىزامىدىن ھۈسىيىن نۇرغۇن قېتىم تۈرمىدىن قېچىپ قارشىلىق كۆرسىتىدۇ ۋە قايتا تۇتۇلۇپ يەنە تۈرمىگە قامىلىدۇ.ئۇستاز نىزامىدىن ھۈسىيىن ئەپەندىم 1980-يىللاردا ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى ۋە ئەقىدە تارىخى بويىچە كۆپلىگەن يىرىك ماقالىلەرنى يېزىپ، كۈچلۈك تەسىر قوزغايدۇ. 1997-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى 71 يېشىدا يەنە تۇتقۇن قىلىنىپ، ئاخىرقى ئۆمرىنى خىتاي تۈرمىسىدە ئۆتكۈزىدۇ. 1998-يىلى 3-ئايدا ئاخىرقى تىنىقى قالغاندا داۋالىنىشقا قويۇپ بېرىلىپ، بىر ئايدىن كېيىن، يەنى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ئالەمدىن ئۆتىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ئىسىم-شەرىپى، ئەسەرلىرى ۋە ئۇ ھەققىدىكى بارلىق ئەل ئارىسىدىكى گەپ-سۆزلەر قاتتىق چەكلىنىدۇ.
نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى ياشىنىپ قالغانلىقى ۋە سالامەتلىكىنىڭ ناچارلاپ كېتىۋاتقانلىقىغا قارىماي پۈتۈن زېھنى بىلەن يېزىقچىلىق قىلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ،يەنى 1997-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچ سائەت 10 دىن ئاشقاندا قولغا ئېلىنغان. بۇ ۋاقىت شەرقى تۈركىستاندا ئومۇميۈزلۈك «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» ۋە «25-فېۋرال ئۈرۈمچى ئاپتوبۇس پارتلىتىش ۋەقەسى» دىن كېيىنكى ۋەھىمىلىك كەيپىياتقا چۆمگەن ئىدى.
بۇ قېتىمقى تۇتقۇن قىلىشتا ئاتالمىش ئاپتونۇم رايونلۇق ھۈكۈمەتنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن،ۋە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىدىن لاۋ گەن ،بىۋاستە قوماندانلىق قىلغان بولۇپ ،تۇتقۇننىڭ پۈتۈن جەريانىنى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باشلىقى قادىر،ۋە ئاتالمىش ئاپتونۇم رايۇنلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى سىياسى باشقارمىسىدىن ئالىم قاتارلىق ئىجرا قىلغان.
ئۇستاز نىزامىدىن ھۈسىيىن ئەپەندى ياشىنىپ قالغان ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تۈرمە ھاياتى،يىللارنىڭ بوران -چاپقۇنلىرى سەۋەبىدىن كېسەلچان بولۇپ قالغان ئىدى.
بۇنىڭغا قوشۇلۇپ خىتاي تۈرمىسىدە ياشانغاندىكى قىيىن -قىستاق ۋە تەن جازاسى ئۇستازنى خىېلىلا تۈگەشتۈرۈۋەتكەن بولۇپ، خىتاي ھۈكۈمىتى ئاخىرقى كۈنلىرىدە ئۈچىنجى تۈرمىنىڭ تۈرمە دوختۇرخانىسىدا تۇرۇاۋقان نىزامىدىن ھۈسىيىن ئەپەندىنى تۈرمە دوختۇرخانىسىدا ، سوراق قىلىش جەريانىدا ھەددىدىن زىيادە ئىشلىتىلگەن ھورمۇن ئوكۇللار ۋە قالايمىقان بېرىلگەن دورىلار بىلەن زەھەرلىگەن بولۇپ ،خىتاي ھۈكۈمىتى ئۇستازنىڭ تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتسە خەلقارا جەمىيەتتە ۋە ئۇيغۇر زىيالىلار ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلىشىدىن قورقۇپ ئۆيىگە كېپىلگە بەرگەن ئىدى.
ئەمما ئاللىبۇرۇن زەھەرلەنگەن ئۇستاز نەق بىر يىل كېيىن ئۆيىگە بېرىلگەندىن كېيىن 1998-يىلى 4-ئاينىڭ 8 -كۈنى ئۆيىدە شاھادەت شەربىتىنى ئىچتى.
ئۇستاز نىزامىدىن ھۈسىيىن ئەپەندى پۈتۈن ھاياتىنى شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرلىكىگە بېغىشلىغان بولۇپ،ئۇ ھاياتىنىڭ ياشلىق ۋاقىتلىرىنى مىللى ئارمىيە ئالدىنقى سېپىدە ئۇرۇشتا ،رازۋېتچىك،ئانتى رازۋېتچىك،مىللى ئارمىيە ئىستىخبارات قىسىمى،ۋە تاشقورغان پارتىزانلىرى ئالدىنقى سېپىدە ئۆتكۈزگەن. كېيىنكى ئۆمرىنى يېزىقچىلىق ىبلەن ۋە خەلقنى ئويغىتىش ، ياشلارنى تەربىيەلەپ مىللەت ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان جەڭگىۋارلارنى يېتىشتۈرۈش بىلەن ئۆتكۈزگەن. ئۇستاز نىزامىدىن ھۈسىيىن ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قوشقان ئەڭ مۇھىم تۆھپىلىرىدىن بىرى شەرقى تۈركىستاننىڭ خىتاي ئىشغالىدىن كېيىنكى قارشىلىق ھەركەتلىرى ۋە كۈرەش تارىخىنى رەتلەپ ،خاتىرىلەپ توپلىغان بولۇپ بۇ يولدىمۇ نۇرغۇن پىداكار ياشلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن بولۇپ،بۇلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قارا قۇتىسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلماقتا !
ھازىر ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدىكى ئالدىنقى سەپتە خىزمەت قىلىۋاتقان ئاۋانگارتلارنىڭ كۆپى مەرھۇم ئۇستازنىڭ تەلىم- تەربىيىسىنى ئالغان بۇلۇپ ،ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللى ئىنقىلاپ تارىخىدىكى شانلىق ئىزلىرى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2022-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى
تەپسىلاتى...

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمنىڭ 2022 – يىللىق رامىزانلىق نۇتقى

ئەسسالام ئەلەيكۇم شەرقىي تۈركىستانلىق ئەزىز قېرىنداشلىرىم!
مانا بۈگۈن پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى چەكسىز ھاياجان ۋە تەشنالىق ئىچىدە 11 ئاينىڭ سۇلتانى مۇبارەك رامىزان ئېيىغا شەرەپ بىلەن قەدەم باستۇق . مۇشۇنداق خاسىيەتلىك بىر ئاينىڭ يېتىپ كېلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتۈن خەلقىمىزنىڭ بۇ رامىزان ئېيىنى يۈرەكتىن قۇتلۇقلايمەن. ئاللاھ ئىبادەتلىرىمىزنى، دۇالىرىمىزنى قوبۇل قىلغاي! ئۇلۇغ رامىزاننىڭ خاسىيىتى بىلەن ھەممىمىزگە ھىدايەت ئاتا قىلغاي!
ئەزىز قەرىنداشلىرىم! ھەر قېتىم پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى شادلىققا چۆمدۈرگەن مۇشۇنداق خاسىيەتلىك كۈنلەر يېتىپ كەلگەندە، ۋەتىنىمىزدە خىتاي زۇلمى ئاستىدا ئازاب چېكىۋاتقان خەلقىمىز، خىتاينىڭ ۋەھشىي زىندانلىرىدا، جازا لاگىرلىرىدا، مەجبۇرى ئەمگەك مەيدانلىرىدا جان تالىشىۋاتقان مىليونلىغان بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىز ، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە قۇل ئورنىدا مەجبۇرى ئىشلىتىلىۋاتقان قىز-يىگىتلىرىمىز، يەنە شۇنداقلا ۋەتەنسىزلىك دەستىدىن كۆرۈش ئىمكانىيىتىمىز بولمىغان ۋەتەندىكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارەنلىرىمىز كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ ۋە بۇنىڭدىن چەكسىز ئازابلىنىمىز .
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان كوممۇنىست خىتاينىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغاندىن بۇيان ۋەتەن ئىچىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىرەر كۈنىمۇ خاتىرجەملىك ۋە شادلىق ئىچىدە ئۆتۈپ باققىنى يوق. خەلقىمىزنىڭ ھەر بىر كۈنى قانلىق ياش تۆكۈش بىلەن ۋە مۇسىبەت ئىچىدە ھەسرەتلىنىش بىلەن ئۆتتى. مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلىرىمىزمۇ ۋەتەندىكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارەنلىرى ۋە سۆيۈملۈك خەلقىنىڭ دەرد-پىغانلىرىدا قايغۇرۇش، ھەسرەتلىنىش ۋە ئازابلىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە بۈگۈنكىدەك كۈنلەرنى كۈتۈۋېلىشقا مەجبۇر بولۇپ كەلدى. قىسقىسى زالىم خىتاي ھاكىمىيىتى خەلقىمىزنىڭ ھەر قېتىملىق مۇبارەك رامىزان ئېيىنى ئازاب- ئوقۇبەت ۋە زۇلۇمغا تولغان جەھەننەم ئېيىغا ئايلاندۇردى.
ھەقىقەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى- ئەگەر بىز جاسارەت ۋە كۈرەش بىلەن ئۆز ئەركىنلىكىمىزنى، مىللىي مۇستەقىللىقىمىزنى قولغا ئالمايدىكەنمىز بىزگە ئەبەدىي تىنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە بەخت-سائادەت يوق. يەنە شۇنداقلا ئاللاھ ئالدىدىكى مۇسۇلمانلىق مەجبۇرىيىتىمىزنى ئەركىن ئازادىلىك ئىچىدە ئادا قىلىشتىنمۇ مەڭگۈ سۆز ئاچالمايمىز .
ئەزىز قېرىنداشلىرىم ! بۈگۈن 21 – ئەسىردە دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۇچراۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق پۈتۈن خەلقئارا جامائەتچىلىكنى ئويغاتتى. كۆپلىگەن دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى قوبۇل قىلدى. ھەممىمىزنىڭ بىرلىكتە ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن كۈچ چىقىرىشىمىز بىلەن لوندوندا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر سوت مەھكىمىسى» خىتاينىڭ خەلقىمىزگە قارشى ئىرقى قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى. خەلقئارا جامائەتچىلىك بۇ ئېرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ ھېسابىنى سوراشقا ئۆتتى. مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى چوقۇم قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ خىتايغا قارشى بىرلىكسەپ قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق داۋاسىنى كۈچلەندۈرۈش يولىدا يۈكسەك شىجائەت ۋە پىداكارلىق روھى بىلەن مىللەت سۈپىتىدە جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز ھەر ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ زۆرۈر بولماقتا.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئەزىز قېرىنداشلىرىم ! مانا بۇ ئۇلۇغ ئاي، ئۇلۇغ كۈنلەردە ھەربىر ئىبادىتىمىزدە جانابى ئاللاھتىن ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستانغا ئازادلىق، خەلقىمىزگە ھۆرلۈك تىلەيلى. ئۆز خەلقىمىزنىڭ ھۆرلۈكى ۋە ئەركىنلىكى يولىدا شېھىت بولغان ئەزىز شېھىتلىرىمىزنىڭ روھىغا فاتىھە ئوقۇيلى، ئۇلارنىڭ سۆيۈملۈك ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا سەبىر-تاقەت تىلەيلى. ھەر قېتىملىق ئىفتارلىرىمىزدا، دۇۋا -تىلاۋەتلىرىمىزدە جانابى ئاللاھتىن خىتاينىڭ زىندانلىرىدا ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتقان سانسىزلىغان باتۇر ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى تىلەيلى. كۆز ياشلىرىمىز ھەر زامان ۋەتەن ئىچىدىكى مېھرىبان خەلقىمىزنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەن بىرگە بولسۇن! مانا بۇ مۇبارەك ئاينى جانابى ئاللاھنىڭ بۇيرىغىنىدەك خەير-ساخاۋەت، ئېھسان ، شەپقەت ، بىرلىك ئىتتىپاقلىق ، دوستلۇق، ھەمكارلىق ۋە سۆيگۈ-مۇھەببەت ئېيىغا ئايلاندۇرايلى. ئۇشبۇ مۇبارەك ئايدا خىتاينىڭ ۋە ھەرقايسى ئەللەرنىڭ تۈرمىلىرىدە ۋە لاگىرلىرىدا ئازاب چېكىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھتىن كۈچ-قۇۋۋەت، نۇسرەت ۋە ھۆرلۈك تىلەيلى. ئۇلارغا ياردەم قولىمىزنى سۇنۇشنى بىر ئىنسانىي، مىللىي، دىنى ۋە قېرىنداشلىق بۇرچىمىز دەپ بىلەيلى. ھەممىمىز ئۆز ئارا ئىختىلاپ ۋە ئاداۋەتلەرنى كاللىمىزدىن چىقىرىۋېتىپ ، ۋەتەندە زۇلۇم ئاستىدا جان تالىشىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ھۆرلۈكى ۋە ئازادلىقى ئۈچۈن مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەش يولىمىزدا بىرلىكتە ئىلگىرىلەيلى .
ئەزىز قېرىنداشلىرىم ، ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغىنىدەك، ئىسلامىيەتنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى ھېسابلانغان مۇستەبىت كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان 1949 – يىلىدىن تاكى ھازىرغىچە مۇسۇلمان خەلقىمىزنى مەجبۇرى دىنسىزلاشتۇرۇش ۋە مۇقەددەس ئىسلام دىنىمىزنىڭ گۈزەل ۋەتىنىمىزدىكى شانلىق ئىزىنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈش ئۈچۈن قىلمىغان ۋەھشىيلىكلەر قالمىدى، بولۇپمۇ ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنى بۆلۈش ۋە پارچىلاش ئۈچۈن دىننىي زاتلىرىمىز بىلەن زىيالىيلىرىمىز ئوتتۇرىسىدا سۈنئىي زىددىيەت پەيدا قىلىپ ۋە پىتنە ئۇرۇقى چېچىپ ، مىللىتىمىزنىڭ جەۋھىرى ۋە يېتەكچىلىرى ھېسابلانغان دىننىي زاتلىرىمىز بىلەن زىيالىيلىرىمىز ئوتتۇرىسىدا دۈشمەنلىك پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن مەيلى دىننىي زاتلىرىمىز بولسۇن ياكى زىيالىيلىرىمىز بولسۇن، بىر – بىرى بولغان سۆيگۈ، ھەمكارلىق ۋە ئىتتىپاقلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق خىتاينىڭ بۇخىل سۈيقەستىنى گۇمران قىلىشى لازىم، پەقەت دەۋا قىلىۋاتقانلارنىڭلا ئەمەس، مۇھاجىرەتتىكى پۈتۈن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەم دىننىي ئالاھىدىلىكىمىزنى ، ھەم مىللىي ئالاھىدىلىكىمىزنى بىرگە قوغداش ۋە ئىگە چىقىش مەجبۇرىيىتىمىز بار، خەلقىمىز مىڭ يىللاردىن بۇيان ئېتىقات قىلىپ كەلگەن ۋە بۇ مۇقەددەس يولدا سانسىزلىغان شېھىدلەرنى بەرگەن ئىسلام ئەقىدىلىرىمىزنى، ئىسلامغا بولغان سۆيگۈمىزنى، مۇسۇلمانلىق غۇرۇرىمىزنى قوغداپ قېلىش پەرقەت دىننىي زاتلىرىمىزنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن زىيالىلىرىمىزنىڭ، جۈملىدىن كەڭ ئاۋام خەلقىمىزنىڭ بۇرچى ۋە مەجبۇرىيىتىدىن ئىبارەت، بۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەۋرەنمەس پىرىنسىپىدۇر !
شۇنىڭ ئۈچۈن، مەيلى زىيالىلىرىمىز بولسۇن ياكى باشقا ساھەلەرگە مەنسۇپ ھەرقانداق شەخسلىرىمىز بولسۇن،مۇسۇلمان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىننىي ئەتىقات تۇيغۇلىرىغا ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىشى،مۇقەددەس ئىسلامنىڭ شان – شەرىپىنى قوغدىشى ، خەلقىمىزنىڭ دىننىي ھېسسىياتىنى رەنجىتىدىغان سۆز – ھەرىكەتلەردىن قەتئىي ساقلىنىشى ۋە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ئىمانىنى، دىننىي ئالاھىدىلىكلىرىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى لازىم، بىزنى بىز قىلغان دىنىي ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىمىزدىن ۋاز كېچىش ياكى ئۇنى رەت قىلىش ماھىيەتتە ئۆزىمىزنى، ئۇيغۇرلىقىمىزنى، كىملىكىمىزنى رەت قىلغانلىقتۇر. شۇنى قايتا – قايتا تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەنكى، خەلقىمىزنىڭ دىننىي ۋە مىللىي ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلمىغانلار ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە كەڭ خەلقىمىزنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ، خالاس!
جانابى ئاللاھ يار ۋە ياردەمچىمىز بولسۇن! ھەممىمىزنىڭ رامىزان ئېيىمىزغا تەكرار مۇبارەك بولسۇن!
تەپسىلاتى...

ئىككىنجى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىگە دوكلات قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ۋە ھەرقايسى ئەللەردىكى قېرىنداش تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ ئىقتىسادى ياردىمىدە بۇيىل 5 – ئاينىڭ 26 – كۈنىدىن 28 – كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ مىيونخىن شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان 2 – نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىنىڭ كۈنتەرتىپى ۋە كېڭەشتە مۇزاكىرە قىلىنىدىغان نۇقتۇلۇق تېمىلار ئاساسى جەھەتتىن مۇقىملاشتى.
بۇ نۆۋەتلىك مىللىي كېڭەش يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان تېمىلار تۆۋەندىكىچە :
بىرىنچى بۆلۈم: شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىنسانىيەت مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇش
1) ئىسلام-مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇش
2) تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇش
3) دۇنيا مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇش
ئىككىنچى بۆلۈم: ھازىرقى ئۇتۇقلارنى كۈچكە ئايلاندۇرۇش: تېخىمۇ سەۋىيەلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك دەۋا سىياسىتى
1) 2020- يىلدىكى ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى سىياسىتى قانۇنى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىدىن قانداق پايدىلىنىش ۋە ئۇلارنى پائالىيەتلەرگە ئايلاندۇرۇش
2) ئۇيغۇر سوتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئېلان قىلغان ھۆكۈمىدىن قانداق پايدىلىنىش ۋە ئۇلارنى پائالىيەتكە ئايلاندۇرۇش
3) مۇستەملىكە دۆلەت ۋە خەلقلەرگە مۇستەقىللىق بېرىش خىتابنامىسىدىن قانداق پايدىلىنىش ۋە ئۇنى پائالىيەتكە ئايلاندۇرۇش
ئۈچىنچى بۆلۈم: خەلقئارا قانۇن ۋە قائىدىلەرگە ئاساسەن ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى
1) خەلقئارا قانۇن ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش بىلەن مۇستەقىللىق مەسىلىسى
2) ھىمايە ئاستىغا ئېلىش مەسئۇلىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئىنسان ھەقلىرى كۈرىشى
3) ماگنىتسكىي ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش قانۇنلاردىن پايدىلىنىش
تۆتىنچى بۆلۈم: شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خەلقئارا كۈنتەرتىپىدىكى ئىزچىللىق ۋە ھەمكارلىق مەسىلىسى
بەشىنچى بۆلۈم: خىتاي سىياسىتى ۋە دەۋا مەسىلىسىنىڭ چارىلىرى
ئالتىنچى بۆلۈم: ئۆزگىرىۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە دەۋا مەسىلىسىنىڭ چارىلىرى
يەتتىنچى بۆلۈم: شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق ۋە ۋەزىپە تەقسىماتى مەسىلىسى
يۇقىرىقى تېمىلارنى چۆرىدىگەن ئاساستا يەنە تۆۋەندىكى مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ :
1) ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىدىن نەپ ئېلىۋاتقان خەلقئارالىق شىركەتلەرگە قارشى يۈرگۈزۈلىدىغان كونكرېتنى سىياسەتلەر؛
2) خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ داۋايىمىزغا كۆرسۈتۈۋاتقان تەسىرى؛
3) خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرى تۈزۈمىگە قارشى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى قوغداپ قېلىشنىڭ كونكرېتنى چارىلىرى؛
4) مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى قوغداپ قېلىش مەسىلىسى؛
5) مۇھاجىرلار مەسىلىسى؛
6) خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ۋە داۋايىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بىخەتەرلىك مېخانىزىمىنى قۇرۇپ چىقىش مەسىلىسى؛
7) داۋايىمىزغا زۆرۈر كېرەكلىك بولغان ئىقتىسادنى قانداق ھەل قىلىش مەسىلىسى؛
8) داۋايىمىزدا ياشلارنىڭ رولىدىن قانداق پايدىلىنىش مەسىلىسى؛
9) داۋايىمىزدا ئاياللارنىڭ رولىدىن قانداق پايدىلىنىش مەسىلىسى؛
10) ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈش مەسىلىسى؛
11) مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا پىسخىكىلىق ساغلاملىق ۋە ئۇنىڭ داۋايىمىزغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى؛
ئۈچ كۈن داۋام قىلىدىغان مىللىي كېڭەش يىغىنىدا يۇقىرىقى تېمىلار بويىچە مەخسۇس سوئال – جاۋاب بۆلۈملىرى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
2- نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىگە تەكلىپ قىلىنغان ئەزىز مېھمانلىرىمىز ئىچىدە يۇقىرىقى خالىغان بىر تېما ئۈستىدە دوكلات بېرىشنى ئارزۇ قىلغانلار دوكلاتىنىڭ تېمىسىنى ۋە دوكلاتىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىنى يېرىم بەتتىن ئېشىپ كەتمىگەن ھالدا يازما شەكىلدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيە خىزمەتلىرىگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمگە 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن بۇرۇن ئالدىن يوللاپ بېرىشى لازىم.
ئەگەر ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن 2 – نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىگە قاتنىشالمايدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرىقى تېمىلار ئاساسىدىكى يازما دوكلاتىنى ۋە تەكلىپ – پىكىرلىرىنى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمگە 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن بۇرۇن يوللاپ بېرىشى كېرەك؛
ھۆرمەت بىلەن :
2-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى تەييارلىق كومىتېتى

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر ياش پائالىيەتچىلىرىدە ماھارەت يىتىلدۈرۈش ۋە تەربىيلەش كۇرسى

ئۇيغۇر ياش پائالىيەتچىلىرىدە ماھارەت يىتىلدۈرۈش ۋە تەربىيلەش كۇرسى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇر ياشلىرىنى 25 – 27 مارت كۈنلىرى  تۈركىيىنىڭ بۇرسا شەھرىدە ئېلىپ بېرىش پىلانلانغان ماھارەت يىتىلدۈرۈش ۋە تەربىيلەش كۇرسىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنۇشقا چاقىرىدۇ

ئىلتىماس قىلىشنى خالايدىغان ئۇيغۇر ياشلىرى تۆۋەندىكى جەدۋەلنى تولدۇرۇپ يوللىشى كېرەك. ئىقتىساد ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۈزتۇرانە كۇرسقا قاتنىشىش ئىمكانىيىتى بولمىغان كۇرسانتلار تور ئارقىلىقمۇ قاتنىشالايدۇ

داۋانى ئىستىراتېگيەلىك ۋە ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش، ھەمكارلىق تورى شەكىللەندۈرۈش ۋە مېدىئا ۋاستىلىرىنىڭ رولىدىن ياخشى پايدىلىنىش ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا تونۇلىشىدا مۇھىم رول ئوينىماقتا

مەزكۇر تەربىيلەش كۇرسى ئۇيغۇر ياشلىرىغا د ئۇ ق نىڭ تارىخى ۋە تەرەققىياتلىرىنى تونۇشتۇرۇش ۋە شۇنداقلا ئۇلارنى خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى كۆرىشى، ئاممىنى قوزغاش ھەركەتلىرى ھەمدە مېدىئا ۋە خەۋەر- نەشىرىياتنىڭ كۈچىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ماھارەتلىرى بىلەن تەربىيلەشنى مەقسەت قىلغان

بۇ تەربىيلەشتە، ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىگە قارشى كۆرەشتە ھاسىل بولغان ئۇتۇقلارنى ئۈلگە قىلىش ئارقىلىق، كۇرسانتلارغا ئىستىراتېگيەلىك ھەمكارلىق تورى شەكىللەندۈرۈش ماھارەتلىرى ئۆگىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، پائالىيەتچان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ داۋاغا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھەر كۈنى ئۆزگۈرۈپ تۇرۇۋاتقان مۇرەككەپ خەلقئارالىق ۋەزىيەت ۋە ئۇنىڭ داۋايىمىزغا ئېلىپ كىلىۋاتقان تەسىرىنى چۈشىنىش، ھەمدە ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى پائالىيەتلەر جەريانىدا ھاسىل بولغان تەجرىبىلەرنى ئالماشتۇرۇش سورۇنى بىلەن تەمىنلەيدۇ

تىزىملىتىش مۇددىتى: 12 – مارىت 2022

جەدۋەلدە تەلەپ قىلىنغان بارلىق سۇئ‍اللارنى تولۇق ئوقۇپ چىقىڭ ۋە ئەستايىدىل جاۋاپ يېزىڭ. جەدۋەلدىكى ئەڭ ئاخىرقى سۇئال (ئىجتىمائى تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىش ۋە داۋا خىزمەتلىرىدىكى تەجرىبىڭىز، ھەمدە نىمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى مۇشۇ كۇرسقا قاتنىشىشىم كېرەك دەپ قارايدىغانلىقىڭىز) غا بىرىلگەن جاۋاپ ئىلتىماسىڭىزنىڭ قوبۇل قىلىنىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ

ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىنىڭ ئۇلانمىسى بۇ يەردە
—————————————————————————————————————-

Uyghur yash pa’aliyetchiliride maharet yitildürüsh we terbiylesh kursi

Dunya Uyghur Qurultiyi Uyghur yashlirini 25 – 27 mart künliri  Türkiyining Bursa shehride élip bérish pilanlanghan maharet yitildürüsh we terbiylesh kursigha qatnishish üchün iltimas sunushqa chaqiridu.

Iltimas qilishni xalaydighan uyghur yashliri töwendiki jedwelni toldurup yollishi kérek. Iqtisad we bashqa sewebler tüpeylidin yüzturane kursqa qatnishish imkaniyiti bolmighan kursantlar tor arqiliqmu qatnishalaydu.

Dawani istiratégyelik we ünümlük élip bérish, hemkarliq tori shekillendürüsh we médi’a wastilirining rolidin yaxshi paydilinish uyghur mesilisining dunya miqyasida tonulishida muhim rol oynimaqta.

Mezkur terbiylesh kursi Uyghur yashlirigha DUQ ning tarixi we tereqqiyatlirini tonushturush we shundaqla ularni xelqaraliq insan heqliri kürishi, ammini qozghash herketliri hemde médi’a we xewer-neshiriyatning küchidin ünümlük paydilinish maharetliri bilen terbiyleshni meqset qilghan.

Bu terbiyleshte, Uyghur mejburi emgikige qarshi küreshte hasil bolghan utuqlarni ülge qilish arqiliq, kursantlargha istiratégyelik hemkarliq tori shekillendürüsh maharetliri ügitilidu. Uningdin sirt, pa’aliyetchan Uyghur yashlirining dawagha bolghan tonushini chongqurlashturush, her küni özgürüp turuwatqan murekkep xelqaraliq weziyet we uning dawayimizgha élip kiliwatqan tesirini chüshinish, hemde her qaysi döletlerdiki pa’aliyetler jeryanida hasil bolghan tejribilerni almashturush soruni bilen temin itilidu.

Tizimlitish mudditi: 12 – Mart 2022

Jedwelde telep qilinghan barliq su‍allarni toluq oqup chiqing we estayidil jawap yézing. Jedweldiki eng axirqi su’al (ijtima’i taratqulardin paydilinish we dawa xizmetliridiki tejribingiz, hemde nime üchün özingizni mushu kursqa qatnishishim kérek dep qaraydighanliqingiz) gha birilgen jawap iltimasingizning qobul qilinishida hel qilghuch rol oynaydu.

Iltimas qilish jedwilining ulanmisi bu yerde.

 

تەپسىلاتى...

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بەزى تالاش-تارتىشلارغا ئىزاھاتى

يېقىنقى ۋاقىتتىن بېرى، ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا «ئىندىجىنىس پىپۇل» تېمىسىدا داۋام قىلىۋاتقان تالاش-تارتىشلار خەلقىمىز ئىچىدە بىر قىسىم كىشلىرىمىزنىڭ قايمۇقۇشىغا سەۋەپ بولىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەپتىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتە ئىزاھات بېرىشنى، ھەمدە قۇرۇلتىيىمىزنىڭ مەيدانى  ۋە پىرىنسىپلىرىنى خەلقىمىز بىلەن يەنە قېتىم ئورتاقلىشىشنى زۆرۈر دەپ قارىدۇق.

  1. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ھىچ قاچان ۋە ھېچ يەردە، ئۇيغۇرلارنى «ئىندىجىنىس پىپۇل» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ قويغان بىر ئىش مەۋجۇت ئەمەس. بۇ تېما ئەزەلدىن قۇرۇلتىيىمىزنىڭ كۇن-تەرتىپىدە بولۇپ باقمىغان بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر بۇ مەسىلە ئۈستىدە بىرەر رەسمى مۇزاكىرىمۇ ئېلىپ بېرىلغىنىمۇ يوق.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇرلارنى شەرقىي تۈركىستاندا ئەلمىساقتىن تارتىپ ياشاپ كەلگەن، بۇ تۇپراقنىڭ ئەسلى يەرلىك ئاھالىسى ۋە قانۇنى ئىگىسى دەپ قارايدۇ. ئەمما بەزىلەر تەسۋىرلىگەندەك ئۇيغۇرلارنى «ئىندىجىنىس پىپۇل» دەپ قارىمايدۇ ۋە بۇ قاراشنى خاتا دەپ قارايدۇ.

  1. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئەجداتلىرىمىزنىڭ كۈرەش ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈزۈل – كېسىل مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئاخىرقى بۈيۈك نىشان قىلغان بىر تەشكىلاتتۇر. بۇ بىزنىڭ تەۋرەنمەس مەيدانىمىز ۋە ۋاز كېچىلمەس پىرىنسىپىمىز!
  2. نۆۋەتتە،خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا خەلقىمىزگە يۈرگۈزىۋاتقان ئېرقى قىرغىنچىلىقى داۋام قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەرقى تۈركىستان داۋاسىمۇ يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويدى. بۈگۈنكىدەك كۈندە، مۇھاجىرەتتىكى بارچە شەرقىي تۈركىستانلار ۋە تەشكىلاتلار ئۆز- ئارا ئىختىلاپ قىلىش ۋە بىر- بىرىگە قارشى تۇرۇش ئەمەس، بەلكىم، خىتايغا قارشى بىرلىشىشكە ھەرقانداق ۋاقىتتىلاردىكىنمۇ بەكراق ئېھتىياجلىق!

كۆز ئالدىمىزدا، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكقا قارشى ھەركەتلەرنى داۋام قىلدۇرۇش، لوندون ئۇيغۇر سوتىنىڭ «ئىرقى قىرغىنچىلىق» قارارىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەردە ئوخشاش قارارنىڭ ئېلىنىشى قولغا كەلتۈرۈش، ئامېرىكىدا چىقىرىلغان «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەكنى چەكلەش قانۇنى»نىنىڭ ئەمىلى ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈش ۋە باشقا دۆلەتلەردىمۇ شۇ خىلدىكى قارارنىڭ ئېلىنىشى ئۈچۈن يول مېڭىش، ئەنگلىيە، كانادا، گېرمانىيە، فرانسىيە ۋە ئارگېنتىنا سوتلىرىدىكى داۋارىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش … قاتارلىق بىر- بىرىدىن مۇھىم، تەخىرسىز ئىشلار  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا بارلىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىمىزنىڭ جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. بۇنداق ئىكەن بىزنىڭ ئىچكى تالاش- تارتىشلارغا سەرپ قىلىدىغان ۋاقتىمىز بولماسلىقى كېرەك.

قۇرۇلتىيىمىز، بارچە تەشكىلاتلىرىمىزنى ۋە ۋەتەنپەرۋەر پائالىيەتچىلىرىمىزنى بۇ بۈيۈك، شەرەپلىك ئەمما جاپالىق كۈرەشتە بىر سەپ بولۇپ ئۇيۇشۇشقا، ئەمەلىي ئىش-خىزمەتلىرىمىز ئارقىلىق بىر-بىرىمىزنىڭ كەم يەرلىرىنى تولۇقلاشقا، ۋەتەن- مىللەت ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىۋاتقان تەشكىلات ۋە شەخسلىرىمىزگە زەربە بېرىش ئەمەس، بەلكىم قوللاش ۋە مەدەت بېرىشكە، مۇھاجىرەتتىكى ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ ئۆز ئىمكانىيەتلىرى دائىرىسىدە ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈپ داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچلىقىنى توختۇتۇش جېڭىدە پىدائىيلاردىن بولۇشقا چاقىرىمىز.

شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى پۇختا تەييارلانغان پىلان-پروگرام ۋە مۇشۇ ئاساستا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەمەلىي ئىش- ھەرىكەت بىلەن قولغا كېلىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

2022- يىل، 17- يانۋار

تەپسىلاتى...

قۇرۇلتىيىمىزنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك يىغىنى باشلىنىدىغان 4-فېۋرال پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا بىر تۇتاش ھالدا نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى چاقىرىقى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئەزىز قېرىنداشلار، كۆپلىگەن دېموكراتىك ئەللەرنىڭ ئوخشىمىغان شەكىلدە بايقۇت قىلىشىغا، شۇنداقلا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا ئۇچراپ كەلگەن 2022-يىللىق بېيجىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى 4-فېۋرال كۈنى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنىڭ 2-كۈنى بولسا 1997-يىلى يۈزبەرگەن 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 25-يىللىق خاتىرە كۈنىدىن ئىبارەت !

شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەرقايسى ئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان پۈتۈن تەشكىلاتلىرىمىزنى،سىياسىي پائالىيەتچىلىرىمىزنى ۋە ئاۋام خەلقىمىزنى بېيجىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى باشلىنىدىغان 4-فېۋرال كۈنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە ھەم بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىش، ھەم غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 25-يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بىر تۇتاش ھالدا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا چاقىرىدۇ !

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق رەھبەرلىك ھەيئىتىگە ئۆزىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش جەدۋىلى

مۆھتەرەم ۋەكىللەر،

«د ئۇ ق رەھبەرلىك ھەيئىتىگە ئۆزىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش جەدۋىلى»نى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ:

ئۇيغۇر كونا يېزىقى + ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى نۇسخىسى ئۈچۈن بۇ يەرنى چېكىڭ

ئۇيغۇر كونا يېزىقى + ئۇيغۇر كرېل يېزىقى نۇسخىسى ئۈچۈن بۇ يەرنى چېكىڭ

جەدۋەلنى ئەستايىدىل تولدۇرغاندىن كېيىن، بىزنىڭ خادىملىرىمىزغا يەتكۈزۈپ بەرسىڭىز بولىدۇ، تولدۇرۇشتىن بۇرۇن تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان «7- نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىك ئورگانلىرى، سايلىنىدىغان ئورۇن-ۋەزىپىلەر ۋە نامزاتلىق شەرتلىرى» ناملىق بايانىتىمىزنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. بارلىق رەھبەرلىك ھەيئىتى كاندىداتلارغا ھازىردىن باشلاپ ئامەت تىلەيمىز.

 

Mezkur uqturushni Uyghur Latin Yeziqida oqush uchun bu yerni cheking

мәзкур уқтурушни уйғур латин йәзиқида оқуш учун бу йәрни чәкиң

تەپسىلاتى...