تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر بايلىرىنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنىڭ خىتايدا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلغانلىقى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

يېقىندا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئاتالمىش «تېرورلۇق»، «ئاشقۇنلۇق» دېگەندەك سىياسىي قالپاقلار بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر بايلىرىغا ئائىت مىليونلارچە دوللار قىممىتىدىكى مال-مۈلۈكلەرنىڭ ئېلېكترونلۇق سودا تور بېكىتى بولغان «Taobao» تورىدا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلغانلىقىنى بايقىغان.

كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، «تاۋباۋ» تور بېتىنىڭ ئەدلىيە كىم ئارتۇق سودىسى بۆلىكىدە ئادەتتە جىنايى دېلولاردا ياكى قەرزى ۋاقتىدا قايتۇرۇلمىغانلىقتىن مۇسادىرە قىلىنغان مال-مۈلۈكلەر سېتىلىدىغان بولۇپ، بۇ دوكلاتتا تۈرمىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرى سېتىلغان ئون ئىككى دېلو كۆرسىتىلگەن.

ئۇلارنىڭ ئېنىقلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سوت دائىرىلىرى 2019-يىلدىن باشلاپ كەم دېگەندە 21 نەپەر ئۇيغۇر بايغا ئائىت ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى، ئۆي-مۈلۈك ۋە شىركەت پايچەكلىرى قاتارلىق ئاز دېگەندە 150 مۈلۈكنى «تاۋباۋ» دا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشقا چىقارغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تور بەتتە قويۇلغان ئومۇمىي قىممىتى 84 مىليون 800 مىڭ دوللار ئىكەن. بۇ مۈلۈكلەر ئاساسەن خوتەن لوپ ناھىيەلىك سوت ۋە قەشقەر سوتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ئىكەن. دوكلاتتا يەر ئالغان مىساللارنىڭ پەقەت بىرىدە، خوتەندىكى ئابدۇنەبى بەكرى ئىسىملىك بىر كىشىگە تەۋە بولغان ۋە 2019-يىلى 40 مىليون يۈەن، يەنى 6 مىليون دوللاردىن ئارتۇق پۇلغا يارايدىغان بىر بىنانىڭ بىر نەچچە قېتىملىق كىم ئارتۇق سودىسىدىن كېيىن، 2020-يىلى 2-ئايدا جاڭ يۈنجى ئىسىملىك بىر خىتايغا 4 مىليون دوللاردىن ئارتۇق پۇلغا سېتىپ بېرىلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

تەپسىلاتى...

خىتايغا تاقابىل تۇرۇش تەكىتلەنگەن 2022-يىللىق «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق قانۇنى لايىھەسى» ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 2022-مالىيە يىلىغا ئائىت «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىغان. 23-سېنتەبىر كۈنى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللانغان بۇ قانۇن لايىھەسىدە ئۇيغۇرلارغا يېقىندىن مۇناسىۋەتلىك ماددىلار مەۋجۇت.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دۇنياۋى تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېـتەرلىك مەبلەغ ئاجرىتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدىكى ئىككى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ماددىسى بولسا بىۋاسىتە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقى رەسمىي ئېتىراپ قىلىنغان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىلىرىگە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىشى بەلگىلەنگەن.

تەپسىلاتى...

«بەخت باغچىسى» دىكى ئۇيغۇر بالىلىرى نېمە ئۈچۈن يىغلايدۇ؟

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا قامىغان بىر ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلىرى تۇتقۇن قىلىنغانلىقتىن يېتىم قالغان بالىلارنىمۇ «پەرىشتىلەر باغچىسى»، «ياتاقلىق مەكتەپ» دېگەندەك بالىلار لاگېرلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ۋە ئۇلارغا مېڭە يۇيۇش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى سىر ئەمەس. دوكتۇر ئادرىيان زېنىز قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتلىرىدا مانا بۇ خىلدىكى ئورۇنلاردا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۆزىلا 800 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا، بۇ جايلارنى «بالىلارنىڭ بەخت باغچىسى» دەپ تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتكەن.

تەپسىلاتى...

ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 7 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ كۈرەش ھاياتى ئەسلەپ ئۆتۈلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى دوتسېنتى ئىلھام توختى، چەت ئەل تاراتقۇلىرى ۋە ئۆزى قۇرغان «ئۇيغۇر بىز» تورىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى قانۇنىي ھەقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، 2014-يىلى 23-سېنتەبىر كۈنى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ئىلھام توختىنى «بۆلگۈنچىلىك ۋە مىللى قۇتراتقۇلۇق» بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنى ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىلھام توختى خەلقئارادا «ئۆز خەلقى ئۈچۈن باراۋەرلىك ۋە ئادالەت تەلەپ قىلغان قەھرىمان» دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.

ئۇ تۈرمىگە قامالغان7 يىلدىن بۇيان، «مارتىن ئاننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى»، «ۋېيمار ئەركىنلىك مۇكاپاتى»، «رۇسلاف خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى»، «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» قاتارلىق 10 خىلدىن ئارتۇق خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. ئۇ يەنە 2019-يىلى ۋە 2020-يىللىرى ئۇدا ئىككى قېتىم «نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى. بۇ 7 يىلدىن بۇيان، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش ۋە ئۇنى خاتىرلەش پائالىيەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلماقتا.

تەپسىلاتى...

«شىنجاڭدىكى مۇقىملىقنىڭ سىرى» غا خاتا تەبىر بېرىلگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ئاخباراتچىلىرى «شىنجاڭدىكى مۇقىملىقنىڭ سىرى» ھەققىدە توختالغاندا «جازا لاگىرلىرى» نىڭ رولىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويغان.

تەتقىقاتچى ئادىيان زېنىزقا ئوخشاش خەلقئارادىكى كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇۋاتقان نوپۇسنى چەكلەش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، ئاھالىلەرنى يۇرت-ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈش، «قوشماق تۇغقان سىياسىتى» قاتارلىق بىر يۈرۈش تەدبىرلىرىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆپلەپ كۆچۈرۈپ كېلىپ ئۇيغۇر رايونىدا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىش، خىتايلارنى نوپۇس جەھەتتىن مۇتلەق ئۈستۈنلىككە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت بىر مۇددىئا ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلمەكتە ئىدى. خىتاينىڭ مەركىزى ئاخبارات ۋاستىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مۇددىئاسىغا زىچ ماسلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ يەرلىشىشى ئۈچۈن تەشۋىقات ئاپپاراتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئىشقا سالماقتا.

تەپسىلاتى...

جون كەررى بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن كېلىمات مەسىلىسىدە «قىيىن تاللاش» قا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ كېلىمات مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى جون كەررى 22-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ كېلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئاقلىغان.

جون كەررى «بىلۇمبېرگ» گېزىتى مۇخبىرىنىڭ «بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قايرىپ قويۇپ، كېلىمات ئۆزگىرىشىنى تاللىغانلىقى» ھەققىدە سورىغان سۇئالىغا جاۋابەن مۇنداق دېگەن: «ھايات دائىم قىيىن تاللاشلارغا تولغان بولىدۇ، بولۇپمۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە دائىم مۇشۇنداق تاللاشلار بولىدۇ.»

جون كەررى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ئۆز ئاغزى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭ رايونىدا راستىنلا بىر مەسىلە بار. خىتاي پەقەتلا قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى تەمىنات زەنجىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكنى ئىشلىتىپلا قالماستىن، بەلكى بىلىشىمىزچە قۇياش ئىنىرگىيەسى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان باشقا بىر قانچە مېنېرال ماددىلار ئۈچۈنمۇ مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلىتىدۇ.»

تەپسىلاتى...

تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئەركىن ئالپتېكىننى دوختۇرخانىدا يوقلىدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

تۈركىيە كېلەچەك پارتىيەسى رەئىسى، سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ دۈنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق قۇرغۇچى رەئىسى ئەركىن ئاپتېكىن ئەپەندىنى دوختۇرخانىدا يوقلىدى.

كېلەچەك پارتىيەسى رەئىسى، سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ، مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ، سېلىم تىمۇرچى ۋە مۇستافا گۈزەل قاتارلىق رەھبەرلەردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت 23-سېنتەبىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي فاكۇلتېتى دوختۇرخانىسىدا يېتىۋاتقان د ئۇ ق نىڭ سابىق قۇرغۇچى رەئىسى ئەركىن ئالپتېكىننى دوختۇرخانىدا يوقلاپ ھال سورىدى. مەزكۇر ھال سوراشتا دوختۇرخانىنىڭ مۇدىرى، ئەركىن ئالپتېكىننى داۋالاۋاتقان دوختۇرلارمۇ كەلدى.

ئالدى بىلەن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ دوختۇرى ۋولقان قوزلۇجا ئەپەندى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەتكە ئەركىن ئالپتېكىننىڭ كېسەللىك ئەھۋالى تورغىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلدى. گېرمانىيەگە بېرىپ داۋالىنىشنى داۋام قىلماقچى، يېقىندا بالنىستىن چىقسا بولىدۇ».

تەپسىلاتى...

ب د ت تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى تاپشۇرۇش ئالدىدا تۇرماقتا

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەركەتلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغان قىسمەن شەخسلەرگە ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتىلغان «ئاخىرقى ھەل قىلىش چارىسى» ئىكەنلىكى ھەققىدىكى پىكىرلەر ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىن كۆپلەپ ئورۇن ئالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇنىڭغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ بايانلارنىڭ خەلقئارادىكى خىتايغا قارشى «دۈشمەن كۈچلەر» نىڭ تۆھمىتى ئىكەنلىكى، ئۆزلىرىنىڭ قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن ئالىقاچان ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا بېقىندى بولۇپ قالغان بىر قىسىم نامرات ۋە ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرىنى «نەق مەيداندا ئېكىسكۇرسىيە قىلىش» قا تەشكىللەپ، شۇلارنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئۆزلىرىگە «مەدھىيە» ئوقۇتقان ئىدى. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ئورۇنلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئالدىن تەييارلانغان سورۇن ئىكەنلىكى، بۇ ئېكىسكۇرسىيەلەرنىڭ پۈتۈنلەي بىر مەيدان «ئويۇن» ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. بۇ جەرياندا ئۇلار كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن بىر نۇقتا «بىزنىڭ سۆزلىرىمىزگە ئىشەنمىگەنلەر كېلىپ كۆرۈپ باقسۇن» دېيىش بولدى.

تەپسىلاتى...

مۇتەخەسسىسلەر ئەردوغاننىڭ ب د ت دىكى نۇتۇقىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى شەرتلىك تىلغا ئېلىشىغا قارىتا ئىنكاس قايتۇردى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

21-سېنتەبىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇ-يوركتىكى باش شىتابىدا ئېچىلغان 76-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلغان تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا، مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئەقەللىي ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز.»

پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەدوغان 20 يىلدىن بۇيان تۈركىيەنى ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتەپ كەلمەكتە. ھازىرغىچە پرېزىدېنت ئەردوغان 3 قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلغان. ئۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېزىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر مەسىلىنى تىلغا ئالمىغان ئىدى. بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ ئۇنىڭ بۇ باياناتنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ بىز بۇ ھەقتە تۈرك ۋە ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر ھەمدە تۈركىيەدىكى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتى...

ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە جوۋ بايدېن ۋە ئەردوغانلار ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 76-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى 21-سېنتەبىر سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە باشلاندى.

كېڭەشتە بىۋاسىتە ياكى تور ئارقىلىق قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى نۇتۇق سۆزلەيدىغان بولۇپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بۈگۈن يەنى يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنى نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ كورونا ۋىرۇسى، كىلىمات مەسىلىسى، كىشىلىك ھوقۇق، تور بىخەتەرلىكى، دېموكراتىيەنى قوغداش قاتارلىق تېمىلارغا مەركەزلەشكەن نۇتقىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئالدى. جوۋ بايدېن مۇنداق دېدى:

«مەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ باشلىنىش سۆزىنى نەقىل كەلتۈرمەكچىمەن، ئۇنىڭدا ‹ئىنسانىيەت ئائىلىسىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ باراۋەر ۋە ۋاز كېچىلمەس ھوقۇقلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشى دۇنيادىكى ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە تىنچلىقنىڭ ئاساسى› دەپ كۆرسىتىلگەن. ئېتنىك ۋە دىنىي ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نىشانلاش ۋە ئۇلارغا زۇلۇم قىلىش مەيلى شىنجاڭ، مەيلى شىمالىي ئېفىيوپىيە ۋە مەيلى دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە يۈز بېرىشىدىن قەتئىي نەزەر، بىز بۇنىڭغا قارشى چاقىرىق ئېلان قىلىش ۋە ئەيىبلەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز.»

تەپسىلاتى...