بېرلىندا ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

بېرلىندا «ئۇيغۇر ئاۋازى» رەسىم كۆرگەزمىسى، «مېنىڭ ھەدەم نەدە؟» ناملىق فىلىمنىڭ قويۇلۇش مۇراسىمى ۋە «ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىنى تەربىيەلەش» كۇرسى ئۆتكۈزۈلدى.

14-ئۆكتەبىر گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندىكى ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىدا «ئۇيغۇر ئاۋازى» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتنى ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسى ماددىي جەھەتتىن قوللىغان، د ئۇ ق ئورۇنلاشتۇرغانىدى. كۆرگەزمىگە ئامېرىكا ئەلچىخانا خادىملىرى، بىرقىسىم دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىن كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق پالىيەتچىلىرى، د ئۇ ق خادىملىرى ۋە باشقا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى بولۇپ 100 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

14-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن بۇ پائالىيەتكە ئۇلاپلا، ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىدا يەنە «مېنىڭ ھەدەم نەدە؟» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ قويۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىم مۇقەددىمىسىدە ئامېرىكانىڭ بېرلىندىكى ۋاقىتلىق باش ئەلچىسى كلارىك پىرس، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىملار ئېچىلىش نۇتۇقلىرى سۆزلىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن 75 مىنۇتلۇق بۇ فىلىم كىشىلەرنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى.

تەپسىلاتى...

خىتاي «ئانار گۈلى پىلانى» نى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر گۆدەكلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكىلەر بىلەن «تۇغقانلىشىش» قا مەجبۇرلىغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي دائىرىلىرى مەجبۇرىي يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان «قوشماق تۇغقانچىلىق» سىياسىتى خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا «ئۇيغۇر ئائىلە ھاياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش» ھەمدە ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن «تەشكىللىك باسقۇنچىلىق»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ پارچىسى» دەپ ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىغا قارىماي، ئەمدىلىكتە بۇ سىياسەتنىڭ ھەتتا ئۇيغۇر گۆدەكلىرىنى نىشانغا ئالغانلىقى ئاشكارىلاندى.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 9-ئاينىڭ 11-كۈنى «ئانار گۈلى پىلانى»، يەنى «قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش ئوبيېكتى تېپىش» يازما ھۆججىتى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە كەڭ تارقىلىشقا باشلىغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە قەشقەر ۋىلايىتىدە «قوشماق تۇغقان ئوبيېكتى تېپىش» يازما ھۆججىتى چىقىرىلىشى بىلەن، يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ياندۇرما يېزىسى ئاياغ چىگەتۇغ كەنتىدىكى يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرى پۈتۈن خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن «قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش ئوبيېكتى تېپىش» قا ئاۋاز قوشقان. بىر ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدىلا ئەمدىلا بىر ياشقا كىرگەن مەھلىيا مەخمۇتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 قا يېقىن بالا پۈتۈن خىتاي بويىچە 13 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ 30 نەچچە شەھىرىدىكى بىر قىسىم شەخس، ئائىلە ۋە كوللېكتىپ بىلەن 36 جۈپ «ئانار گۈلى» تۇغقان بولۇپ قوشماقلاشقان ئىكەن.

تەپسىلاتى...

توققۇزاق بۇلاقسۇنىڭ يېزا باشلىقى ئابلەت تۇرغۇن «قانات ئاستىغا ئېلىش جىنايىتى» بىلەن 14 يىللىق كېسىلگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر رايونىدا 2017‏-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا نىسبەتەن كۆپ تەكرارلانغان ئاتالمىش جىنايەت ناملىرىدىن بىرى «قانات ئاستىغا ئېلىش جىنايىتى» بولۇپ، بۇ «جىنايەت گۇماندارى» بولۇپ قالغان كىشىلەرگە بىلىپ ياكى بىلمەي ئىنساندارچىلىق نۇقتىسىدىن ياردەم قىلىپ قالغانلار مانا مۇشۇ قالپاق بىلەن تۇتۇلغان ۋە ئېغىر كېسىۋېتىلگەن. مانا بۇلاردىن بىرى توققۇزاق بۇلاقسۇنىڭ يېزا باشلىقى ئابلەت تۇرغۇن بولۇپ، ئۇ 82 ياشلىق بىر سابىق مەھبۇسنى «تەربىيەلەش» كە ئاپىرىلىدىغانلار تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن مەزكۇر قالپاق بىلەن 14 يىللىق كېسىلگەن.

ئىنكاس قىلىنىشىچە، 82 ياشلىق كىشىنى «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ بېرىش توققۇزاق بۇلاقسۇ يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى ئابلەت تۇرغۇننىڭ ئىدىيەسىدىن ئۆتمىگەن، ئۇ بۇنداق قىلىشنى بۇ تۇتقۇن نامزاتىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن تەھدىت دەپلا قارىماستىن، بەلكى يەنە ئۆزى خىزمەت قىلىۋاتقان پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتى ئۈچۈنمۇ زىيانلىق دەپ قارىغان. ئەمما2017 ‏-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، ئۇ مەزكۇر قارارى سەۋەپلىك «جىنايەتچىنى قانات ئاستىغا ئېلىش» گۇمانى بىلەن دۆلەت بىختەرلىك ساقچىلىرى تەرىپىدىن چاقىرتىلغان ۋە ئىز-دېرىكى غايىپ بولغان.

تەپسىلاتى...

«13-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» نىڭ خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسېرى ئۆزگىرىشى، چوڭ كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا رىقابەتلەرنىڭ كەسكىنلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا سىياسىي سەھنىدىكى ئورنىمۇ يۈكسىلىپ بارماقتا. مۇشۇنداق بىر پەيىتتە 13-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 4-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى يىغىنى 2021-يىلى 8-ئۆكتەبىردىن 11-ئۆكتەبىرگىچە بوسنىيەنىڭ سارايېۋو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر يىغىندا دۇنيا ۋەزىيىتەگە ماس ھالدا ھەرىكەت قىلىش، تۇغۇلىۋاتقان پۇرسەتلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا ئالدىمىزدىكى بىر يىلدا ئىلىپ بېرىلىشى زۆرۆر دەپ قارالغان ئىش-ھەرىكەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق رەئىسى چېخىيە پايتەختى پراگا شەھرىدە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

د ئۇ ق رەئىسى چېخىيە پايتەختى پراگا شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. 2021-يىلى 12-ئۆكتەبىر.

«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلغان چېخىيە ھۆكۈمىتى د ئۇ ق خادىملىرىنى «مۇنبەر 2000» يىغىنىغا تەكلىپ قىلغان.

12-ئۆكتەبىر كۈنى چېخىيە پايتەختى پراگا شەھرىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا قارىغاندا، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلغان چېخىيە پارلامېنتى 11-ئۆكتەبىر پايتەخت پراگا شەھرىدە باشلانغان «مۇنبەر 2000» يىغىنىغا دولقۇن ئەيسا باشلىق د ئۇ ق خادىملىرىنىمۇ تەكلىپ قىلغان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، «مۇنبەر 2000» نى چېخىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى رەئىسى، مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق رەھبىرى ۋاسلاۋ خاۋېل قۇرغان بولۇپ، دۇنيا مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بۇ يىغىن 25 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.

تەپسىلاتى...

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان: «دۇنيا جامائىتىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەۋجۇتلۇق كۈرىشىنى قوللاشقا چاقىرىمىز»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

9-ئۆكتەبىر بوسنىيەنىڭ پايتەختى سارايېۋو شەھىرىدە ئېچىلغان 13-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 4-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى يىغىنىدا دۇنيا جامائىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇق كۈرىشىنى قوللاشقا ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرىلدى.

بۇ يىغىننى باش شتابى تۈركىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىن 11-ئۆكتەبىرگىچە 3 كۈن داۋام قىلىدۇ.

يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 40 تىن ئارتۇق تەشكىلات رەھبەرلىرى، دىنىي ئالىملار، زىيالىيلار، تەتقىقاتچىلار ۋە پائالىيەتچىلەر بولۇپ 120 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

تەپسىلاتى...

لاگېر زەربىسىدىن ھالسىرىغان غۇلجا ئاھالىلىرى، ئەمدى كارانتىننىڭ زىيان-زەخمەتلىرىگە ئۇچرىماقتا

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ئاخباراتىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، غۇلجىدا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرى يېڭىدىن بايقىلىپ، ‏بۇ يىل 3 ‏-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئاھالىلەرگە قارىتا قايتىدىن ئومۇميۈزلۈك كارانتىن يولغا قويۇلغان. ئىجتىمائىي ئاخباراتلاردا ئىنكاس قىلىنىشىچە غۇلجا ئاھالىلىرى، بۇ كارانتىننىڭ ھاياتىغا ئېلىپ كېلىدىغان ئوڭۇشسىزلىقلاردىن ئەندىشە قىلماقتا. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرىدىن مەلۇم بولىشىچىمۇ، لاگېر زەربىسىدىن ھالسىرىغان غۇلجا خەلقى، بۇ قېتىمقى كارانتىن يولغا قويۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىر قىسىم-زىيان-زەخمەتلەرگە ئۇچرىغان. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان سەھىيە خادىملىرىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر، غۇلجىدىكى يۇقۇمدارلارنىڭ سانى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىنى خۇددى بۇلتۇر يىل بېشىدىكىگە ئوخشاشلا، دۆلەت مەخپىيەتلىكى قاتارىدا كونترول قىلماقتا؛ خىتاي ئاخباراتى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى سەھىيە ساھەسىنىڭ مەلۇماتلىرىغا تايىنىپ ئەمەس، بەلكى پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بېكىىتمىلىرى بويىچە خەۋەر قىلماقتا.

ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ھەرقانداق سىياسىي ۋە تەبىئىي ئاپەت، دۆلەتنىڭ ئالاھىدە ھىمايىسى ئاستىدا ياشاۋاتقان خىتاي ئاھالىلەرگە قىلچە تەسىر كۆرسەتمەيۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما لاگېرلار سەۋەبلىك ئائىلىسىنىڭ تۈۋرۈكلىرىدىن مەھرۇم قالغان ئۇيغۇرلارنى تۇرمۇش يولىنىڭ ھەربىر دوقمۇشىدا ئاۋارىچىلىك ۋە پېشكەلچىلىككە يولۇقتۇرماقتا. بولۇپمۇ مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەمگەك كۈچىنىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلەردە بولۇشى بىلەن، كۈندىلىك تۇرمۇشىنى كۈندىلىك قامداشقا موھتاج بولۇپ قالغان ئاھالىلەر، مۇددىتى ئېنىق بولمىغان بۇ كارانتىننىڭ ھاياتلىرىغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيان زەخمەتلەردىن ئەندىشە قىلماقتا. بۇ ئەندىشە ئىجتىمائىي ئاخباراتتىكى بىر ئىنكاستا مۇنداق ئىپادىلىنىدۇ: ‏ «3-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئۇشتۇمتۇت ئۆيلىرىگە سولىنىپ قالغان غۇلجا خەلقىم، غەيرەت قىلىڭلار. . . بولۇپمۇ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى كۈندىلىك قامداۋاتقان تىجارەتچىلەر، سەۋر قىلىڭلار، ھەر ئىشتا بىر ھېكمەت بار. . . .»

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا شىركىتىنىڭ خىتايدىكى زاۋۇتلىرىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكچىلىرى بارلىقىنىڭ ئاشكارىلىنىشى زور ئىنكاس قوزغىدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

رويتېرس ئاگېنتلىقى 7-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان مەخسۇس خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكادىكى تېزگىنەك ياساپ ساتىدىغان «ئۇنىۋېرسال ئىلىكتورون مەھسۇلاتلىرى» (Universal Electronics) شىركىتى يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئىشچىسىنى خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى گۇاڭشىنىڭ چىنجوۋ شەھىرىگە جايلاشقان زاۋۇتىدا ئىشلەشكە يۆتكەش ھەققىدە ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى بىلەن كېلىشىم تۈزگەن. مەزكۇر شىركەتنىڭ ئۆزى بۇنى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا دەلىللىگەن بولۇپ، بۇ ئامېرىكا شىركىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغانلىقى ھەققىدە تۇنجى دەلىللەنگەن ۋەقە ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تېزگىنەك شېركىتى سونىي، سامسۇڭ ۋە مىكروسوفت، LG قاتارلىق خەلقئارالىق تېلېۋىزور ۋە تېخنىكا شىركەتلىرىنى تېزگىنەك بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەت بولۇپ، ئۇلار ئاز دېگەندە 400 نەپەر ئۇيغۇر ئىشچىنى ياللىغان ۋە بۇ ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى خوتەندىن كەلگەن ئىكەن.

چىنجۇۋ ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ سۆزلىرى ھەمدە ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇشى ۋە يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ ئۇيغۇر ئىشچىلار خوتەن شەھىرىدىن چېنجۇۋدىكى زاۋۇتقا ساقچىلارنىڭ باشقۇرۇشىدا ئايروپىلان ئارقىلىق يۆتكەلگەن ۋە يۆتكەش ھەققىنى ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تۆلىگەن. 2020-يىلى 2-ئايدا چىنجوۋ ساقچىسىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىغا يوللانغان ئۇقتۇرۇش ۋە رەسىملەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىشچىلار ئايروپىلان ئارقىلىق چېنجۇۋغا كەلگەندىن كېيىن، ئاپتوبوسلارغا ئولتۇرغۇزۇلۇپ ساقچى ماشىنىلىرىنىڭ قورشاۋىدا زاۇۋتقا ئاپىرىلغان ئىكەن.

تەپسىلاتى...

بوسنىيەنىڭ سارايېۋا شەھىرىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

8-ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن بوسنىيەنىڭ سارايېۋا شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى» نىڭ 13 – قېتىملىقى بۇ ئاي، بوسنىيەنىڭ سارايېۋا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، مەزكۇر فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى يىغىننىڭ باشلىنىش مۇقەددىمىسى سۈپىتىدە ئېچىلغان. بۇ كۆرگەزمە سارايېۋانىڭ شەھەر مەركىزىدىكى چوڭ مەيداندا ئېچىلغان بولۇپ، كۆرگەزمىنى كۆپلىگەن بوسنىيەلىكلەر زىيارەت قىلدى. زىيارەت جەريانىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئاڭلىتىلغان تەشۋىقات ۋاراقلىرى ۋە دوكلاتلار كوچىدىن ئۆتۈۋاتقان خەلق ئاممىسىغا تارقىتىلدى.

كۆرگەزمىگە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تارىخى تونۇشتۇرۇلغان سۈرەتلەردىن سىرت يەنە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ۋە لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلار، چېقىۋېتىلگەن مەسچىتلەر، كىچىك بالىلارنىڭ خىتاي يەسلىلىرىدە خىتايلاشتۇرۇلۇۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى، ئاياللارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەر قويۇلغان.

تەپسىلاتى...

«13-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» بوسنىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» نىڭ 13-نۆۋەتلىكى 10-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە بوسنىيەنىڭ سارايېۋا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرماقتا.

يىغىنغا ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، فرانسىيە، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە، فىنلاندىيە، گوللاندىيە، رۇسىيە، ئاۋسترالىيە، قازاقىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، تەتقىقاتچىلار، دىنى ئۆلىمالار ۋە زىيالىيلار بولۇپ، جەمئىي 120 كىشى قاتنىشىدىكەن. مەزكۇر يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ بۇرۇنقى 12 قېتىملىق يىغىنغا ئوخشىمايدىغان تەرىپى، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىشلارنىڭ كونكىرېت پىلانى تۈزۈپ چىقىلىدىكەن.

مەزكۇر ئۇچرىشىشقا يەنە «4-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى» دەپ ئىسىم بېرىلگەنلىكى مەلۇم. مەزكۇر يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خەلقئارالاشقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدامۇھاكىمە ۋە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

تەپسىلاتى...