مۇھاجىر مەمەتتوختى ئىمىن: «توققۇزاقتىكى ئۇيغۇرلار ئۆز زېمىنىنىڭ سۈيىنى خىتاي كۈچمەنلىرىدىن پۇلغا سېتىۋالىدۇ»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

چىرا ناھىيەسىنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇلۇغ ئاتا سۇ ئامبىرى. 2015-ياز، خوتەن.

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىر مەمەتتوختى ئىمىن ئاكا 2017-يىلدىن ئىلگىرى توققۇزاقتا 150 مو بوز يەر ئاچقان. ئۇ مەزكۇر ناھىيەدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ دۆلەت مەبلىغىندىن كەڭ-كۇشادە پايدىلىنىدىغانلىقى، يەرلىك ئاھالىلەرنى قاقتى-سوقتى قىلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ بۇ «ئالاھىدە ئىمتىيازى» ھەققىدە سوئال سورىغان يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ جازالنىدىغانلىقىغا شاھىت بولغان.

يۇرتى توققۇزاقتا 2006-يىلدىن 2011-يىلىغىچە، 150 مو بوز يەر ئېچىپ ئانا زېمىنىنى كۆكەرتىش ئۈچۈن ھەپىلەشكەن تۈركىيەلىك مۇھاجىر مەمەتتوختى ئاكا، كۆپلىگەن زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىك قاتارىدا ناھىيەدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانى ئاز بولۇشىغا قارىماي، توققۇزاقنىڭ سۈيى مول، تۇپرىقى مۇنبەت جايلىرىنى ئىلكىگە ئېلىۋالغانلىقى، بىر قىسمىنىڭ قۇزغۇن دەپ ئاتلىدىغان تاغ باغرىدىكى كەڭرى كەتكەن بوز يەرنى دۆلەت مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ ئېچىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولغان. مەمەتتوختى ئاكا ئۆزى ئىككى دېھقان بىلەن ھەمكارلىشىپ ئاچقان 150 مو يەرنى سۇغۇرۇش ئۈچۈن سۇنى ئەتراپنى ئىگىلىۋالغان خىتاي كۈچمەنلىرىدىن پۇلغا سېتىۋالغان.

تەپسىلاتى...

«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلغان لىتۋا جۇمھۇرىيىتى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلماقتا

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

3 مىليونلۇق نوپۇسقا ئىگە لىتۋا جۇمھۇرىيىتى 1 مىليارد 400 مىليونلۇق نوپۇسقا ئىگە خىتاي بىلەن تېركىشىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا.

بالتىق دېڭىزى بويىدىكى 3 مىليونلۇق نوپۇسقا ئىگە لىتۋا جۇمھۇرىيىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، لىتۋا 1 مىليارد 400 مىليونلۇق نوپۇسقا ئىگە خىتاي بىلەن داۋاملىق تېركىشىپ، ھەم خىتاينى ھەم ياۋروپانى ھەيران قالدۇرماقتا.

لىتۋا 2021-يىلىنىڭ مارت ئايلىرىدا خىتاي تەرىپىدىن ياۋروپانى پارچىلاش مەقسىتىدە قۇرۇپ چىقىلغان 1+17 ئىتتىپاقىدىن تۇنجى بولۇپ چېكىنىپ چىققان ئىدى. بۇ دۆلەت يەنە خىتاينىڭ تۈرلۈك تەھدىتلىرىگە پەرۋا قىلماي، بۇ يىل 19-ماي خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېتىراپ قىلىپ، خىتاينىڭ قاتتىق جېنىغا تەگكەن. لىتۋا يەنە 9-ئايدا تۇنجى بولۇپ تەيۋەننىڭ لىتۋادا «تەيۋەن» دېگەن نام بىلەن ۋاكالەتخانا قۇرۇشىغا ئىجازەت بەرگەن ھەمدە 11-ئايدا تەيۋەنگە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، بىر يۈرۈش كېلىشىملەر تۈزگەن. نەتىجىدە خىتاي بىلەن بولغان دېپلوماتىك مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇپ، ئىككى تەرەپ ئۆز ئەلچىلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىققان. ئالدىنقى ھەپتە خىتاي لىتۋادىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئورنىنى «ۋاكالەتخانا» دەرىجىسىگە تۆۋەنلەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ھەمدە لىتۋانى «ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان. مانا مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، لىتۋا پارلامېنتىدا خىتاي ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

تەپسىلاتى...

ھاكىمىيەت ئىچىدىكى ھاكىمىيەت: بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىكى رولى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى ھۆكۈمنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن بۇنىڭغا مۇناسىپ ئىجرا قىلغان تەدبىرلەرنىڭ بىرى بۇ قىرغىنچىلىققا بىۋاستا جاۋابكار بولغان بىر قىسىم يۇقۇرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا ئېلان قىلىش بولدى. ئەنە شۇ قاتاردا جازالانغان كىشىلەر تىزىملىكىدە «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» دەپ تونۇلغان، يىللاردىن بۇيان بىر قىسىم چەت ئەل مۇتەخەسىسلىرى «دۆلەتنىڭ ئىچىدىكى دۆلەت» ياكى «ھاكىمىيەت ئىچىدە قۇرۇلغان ھاكىمىيەت» دەپ ئاتاۋاتقان غايەت زور سىياسىي گەۋدىنىڭ مەسئۇللىرىدىن چېن چۇەنگو ۋە ۋاڭ جۈنجېڭنىڭ بولۇشى، بۇ تېمىنى يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ دىققەت دائىرىسىگە قويدى.

تەپسىلاتى...

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلەمچىلەرگە ئايلاندۇرۇشنى «يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش» ۋە «دېھقانلارنى بېيىتىش» دەپ ئاقلىغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

21-نويابىر خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە ئاخبارات يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇب-شىمالىدا ئەۋج ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ئولتۇراق مەھەللىلىرىدىن يېڭى ئولتۇراق رايونلارغا كۆچۈرۈلۈشىنى، «يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش» ۋە «دېھقانلارنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى» دەپ ئاقلىغان.

يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى شۈ تاۋ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يېڭى ئولتۇراق رايونلارغا كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشىنى «شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق ۋە يېزا تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇشى» دەپ ماختىغان. ئۇ سۆزىدە يەنە «يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت ناھىيەلەردە كەڭ كۆلەملىك ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى»، بۇنىڭ «يېزا-كەنتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، ئىختىساس ئىگىلىرى، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە ۋە تەشكىلىي جانلىنىشىنى ئالغا سۈرۈشتىكى زور تەرەققىيات» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

تەپسىلاتى...

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى يېڭى خىزمەت پىلانلىرىنى تۈزدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

مەلۇمكى، بۇ يىل 12-14-نويابىر كۈنلىرى چېخىيە پايتەختى پىراگادا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى بولۇپ ئۆتكەنىدى. ئۇنىڭغا 25 مەملىكەتتىن 200 دىن ئوشۇق ۋەكىل بىۋاسىتە قاتناشقان بولۇپ، قالغانلىرى، شۇ جۈملىدىن قازاقىستانلىق ۋەكىللەردىن 39 ئادەم تور ئارقىلىق ئىشتىراك قىلغان. 14-نويابىردا دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلام ئېلىپ بېرىلىپ، د ئۇ ق نىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى سايلاپ چىقىلغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەركىبىدە قازاقىستانلىقلارمۇ بولغان. جۈملىدىن ئەركىن ئەخمەتوف دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجراىيە كومىتېتى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى، ئابدۇرەھىم قۇربانوف باش تەپتىشى ئورۇنباسارى، دىلنارا قاسىموۋا مائارىپ كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ سايلانغان. شۇنىڭدەك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىككىنچى مەرتەم سايلانغان رەئىسى دولقۇن ئەيسا قەھرىمان غوجامبەردىنى ئالىي مەسلىھەتچى قىلىپ تەيىنلىگەن.

تەپسىلاتى...

لاگېر شاھىدلىرىنىڭ گېرمانىيەدىكى گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيەتلىرى نەتىجىلىك ئاخىرلاشتى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

لاگېر شاھىدلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق ۋە گۇلباھار خاتىۋاجىنىڭ گېرمانىيەدىكى ئىككى ھەپتىگە سوزۇلغان گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيەتلىرى نەتىجىلىك ئاخىرلاشقان.

لاگېر شاھىدلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق ۋە گۇلباھار خاتىۋاجىنىڭ گېرمانىيەدىكى ئاخىرقى گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى 20-نويابىر گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇخې شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. كارلسرۇخې شەھىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ پائالىيەتكە كورونا ۋىرۇسى چەكلىمىسىگە قارىماستىن، كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان ۋە ناھايىتى تەسىرلىك بىر پائالىيەت بولغان.

قەلبىنۇر سىدىق ۋە گۇلباھار خاتىۋاجىنىڭ گېرمانىيەدىكى گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى 7-نويابىر باشلانغان بولۇپ، ئىككى ھەپتىگە سوزۇلغان بۇ پائالىيەت گېرمانىيەدىكى 10 شەھەردە ئېلىپ بېرىلغان. مەزكۇر پائالىيەت «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ۋە «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتى»، «خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» قاتارلىقلارنىڭ ھەمكارلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان. «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر جان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، بۇ گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىنىڭ گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشقان بەزى كىشىلەر شاھىدلارنىڭ سۆزلىرىدىن تەسىرلىنىپ يىغلاپ كەتكەن.

تەپسىلاتى...

خېلېنا كېننىدى مەركىزى: «شىنجاڭ پاختىسى خەلقئارا تەمىنات زەنجىرىدە قانداق يوشۇرۇندى»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «شىنجاڭ پاختىسى» نىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى دەلىللەنگەندىن كېيىنكى خەلقئارالىق بېسىم ۋە ئامېرىكانىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» نى چەكلىشى ئارقىسىدا بەزى داڭلىق ماركىلار ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار «شىنجاڭ پاختىسى» نى بايقۇت قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. بىراق يېقىندا ئېلان قىلىنغان يېڭى بىر دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي شىركەتلىرى ئاتالمىش «شىنجاڭ پاختىسى» ۋە پاختا مەھسۇلاتلىرىنى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە پىششىقلاپ ئىشلەپ، خەلقئارا تەمىنات زەنجىرىنى داۋاملىق بۇ مەھسۇلات بىلەن تەمىنلىمەكتىكەن.

دوكلاتتا، ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا ۋە پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقئارا بازارغا قانداق كىرىۋاتقانلىقى خەلقئارا سودا ۋە تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن تەپسىلىي يورۇتۇپ بېرىلگەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلار «خەلقئارا سودا ۋە تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن شىنجاڭ پاختىسى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە باغلىنىشلىق شۇنداقلا خەلقئارا داڭلىق ماركىلارغا نىسبەتەن قاتتىق خەۋپلىك، دەپ قارالغان بىر ۋاقىتتا، خىتاي پاختىچىلىق سانائىتى پاختىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئۇيغۇر رايونىدا ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق نەپكە ئېرىشىۋاتقانلىق خۇلاسىسىنى چىقارغان».

«پاختا ئەتكەسچىلىكى: شىنجاڭ پاختىسى خەلقئارا تەمىنات زەنجىرىدە قانداق يوشۇرۇندى» ناملىق بۇ دوكلاتنى ئەنگلىيەدىكى شېفېلت خاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خېلېنا كېننىدى خەلقئارا ئادالەت مەركىزى تەييارلىغان. بۇ دوكلاتنى تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى، شېفېلت خاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى لاۋرا مۇرفېي خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى 53 خەلقئارالىق پاختا كىيىم ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان «شىنجاڭ پاختىسى» بىلەن تەمىنلەيدىغان بەش خىتاي شىركىتىنى بايقىغان.

تەپسىلاتى...

ھىندىستاندىن كەلگەن ۋەكىل: «بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىپ، كىملىكىمىزنى قوغداپ قېلىش»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

چېخىيە پايتەختى پىراگادا ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا ھىندىستاندىنمۇ ۋەكىل قاتناشتى. ھىندىستان كەشمىردىن كەلگەن ۋاسىم ئابدۇللاھ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بوۋىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، كەشمىر ۋە لاداختىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىنى، ئەمدى ئۇيغۇر تىلى مەكتەپلىرى ئېچىپ ياشلارغا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋاسىم ئابدۇللاھ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئالدى بىلەن ئائىلە كېلىپ چىقىشى ۋە نەسەبى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن ھىندىستاندىن كەلدىم، ئىسىم فامىلەم ۋاسىم ئابدۇللاھ. مېنىڭ چوڭ دادام ۋەتەندىن چىققان ئىكەن. بىزنىڭ تېگىمىز قەشقەرنىڭ قاغىلىق دېگەن جايىدىن. مېنىڭ داداممۇ ئەسلىدە ۋەتەندە تۇغۇلغانىكەن. دادام خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا تىجارەت قىلىپ، كېيىن ھىندىستاندىن ۋەتىنىگە قايتالماي، ھىندىستاندا توي قىلىپ بالا-چاقىلىق بولۇپ قېلىپ قالغانىكەن.

مېنىڭ دادامنىڭ بىردىن بىر ئارزۇسى ۋەتىنىگە قايتىپ كېتىش ئىدى، ئەپسۇسكى 2018-يىلى ئالەمدىن ئۆتتى. مېنىڭ دادامنىڭ ئارزۇسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ يىغىنىغا قاتناشتىم».

ۋاسىم ئابدۇللاھ لاداخ ۋە كەشمىر دېگەن جايدا ئۆزى بىلىدىغان 30 ئۇيغۇر ئائىلە بارلىقى، ئەمما 70-80 ئەتراپىدا ئۇيغۇر بارلىقىنى پەرەز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى:

«لاداخ بىلەن كەشمىردە 30 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئائىلە بار. بۇ ئائىلىلەرنىڭ ئۈچ-تۆتتىن بالىسى بار دېگىنىمىزدە 70-80 نەپەر ئۇيغۇر بار دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئۇيغۇرلار پەقەتلا ئۇيغۇرلارنىڭ تاماق مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قالغان، مەسىلەن بىز ھازىرمۇ لەڭمەن، پولۇ ۋە سامسىلارنى يەيمىز. لېكىن تىلىمىزنى ئۇنتۇپ كەتتۇق. چۈنكى ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاز، بىر يەردە جەم بولۇپ ئولتۇراقلاشمىغان بولغاچقا لاداخنىڭ يەرلىك تىلى، كەشمىر ۋە ھىندىچە ئۆگىنىپ، يەرلىكلەر بىلەن توي قىلىپ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتكەن».

تەپسىلاتى...

ماررىيوت (Marriott) مېھمانخانىسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا يىغىن زالى بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

دۇنيادا 130 دىن ئارتۇق دۆلەتتە شۆبىسى بولغان ۋە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مېھمانسارايلار زەنجىرى ھېسابلىنىدىغان ماررىيوت (Marriott) مېھمانخانىسىنىڭ چېخىيە پايتەختى پىراگادىكى شۆبىسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىغا زال بېرىشنى رەت قىلغان. ۋەقە بۈگۈن ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئاخباراتلاردا ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا زور ئىنكاس قوزغىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئەركىننىڭ بىزگە ئېيتىشىچە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە پىراگادا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن بۇ شەھەرگە جايلاشقان بىر قانچە مېھمانخانىلار بىلەن كۆرۈشۈپ، قۇرۇلتاينى ئېچىش ئۈچۈن مۇۋاپىق مېھمانخانا ئىزدىگەن ۋە ماررىيوت مېھمانخانىسىنى كۆرۈپ كېلىشى ئۈچۈن بىر مەسئۇل كىشىنى ئەۋەتكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ بارغان كىشى دەسلەپتە بۇ يىغىننىڭ كىم تەرىپىدىن ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان. ئۇ مېھمانخانىنىڭ يىغىن زاللىرىنى ئايلىنىپ كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن مېھمانخانا مەسئۇلىغا ئۆزىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ كەلگەنلىكىنى، بۇ يىغىننىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. نەتىجىدە ئۇزۇن ئۆتمەيلا ماررىيوتنىڭ پىراگادىكى مېھمانخانىسىدىن بۇ يىغىنغا زال بېرەلمەيدىغانلىقى ھەققىدە خەت تاپشۇرۇۋالغان. 1-ئۆكتەبىر كۈنى يېزىلغان بۇ ئېلخەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «بۈگۈن مېھمانخانىمىزنى زىيارەت قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت. بەختكە قارشى، مەن سىزگە بىزنىڭ سىلەرگە زال تەمىنلىيەلمەيدىغانلىقىمىزنى ئۇقتۇرماقچىمەن. بىز شىركەت باشقۇرۇش ئورگىنى بىلەن بۇ ھەقتە مەسلىھەتلەشتۇق. سىياسىي بىتەرەپلىكىمىز سەۋەبىدىن، بىز بۇ خىلدىكى سىياسىي تېمىلىق پائالىيەتلەرگە سورۇن بېرەلمەيمىز. ۋاقتىڭىز ۋە چۈشىنىشىڭىزگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت».

تەپسىلاتى...

خىتاي سەيياھ گۇەن گۇەن: «بىر قىسىم يېزا-قىشلاقلاردىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرى زادى نەگە كەتتى؟»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي سەيياھ گۇەن گۇەن تەرىپىدىن 2020-يىلى سىنغا ئېلىنغان 8 قىسىملىق سىن فىلىمىنىڭ 5-قىسمىدا ئەكس ئەتكەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارغا ئائىت مەزمۇنلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغاندىن كېيىن، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ئىدى. خىتاي سەيياھ گۇەن گۇەن ئىشلىگەن 8 قىسىملىق سىن فىلىمىنىڭ 6-قىسمىمۇ ئۇيغۇر دىيارىغا بېغىشلانغان.

گۇەن گۇەن سىن فىلىمىنىڭ بۇ قىسمىدا ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ بۇ سىن فىلىمىنى ئىشلەشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختالغان. ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىزىل تەشۋىقاتى، ئاتالمىش «مۇقىملىق» نى ساقلاش ئۈچۈن يولغا تەدبىرلىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇر رايونىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ھەققىدە ئەمەلىي ئەھۋالنى بىلمەكچى بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

ئۇنىڭ مەزكۇر سىن فىلىمىدا بايان قىلىشىچە، ئۇ ئارايۇلتۇز (شىڭشىڭشيا) چېگرا پونكىتىدىن ئۆتۈپ، قومۇل ۋىلايىتى تەۋەسىگە كىرگەندىن كېيىن، يول بويى نۇرغۇنلىغان تاشلاندۇق يېزا-كەنتلەرنى، چېقىۋېتىلگەن ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى كۆرگەن. يول بويى ئۇچراتقان يېزا-كەنتلەردە بىرمۇ ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ بولماسلىقى ئۇنى ھەيران قالدۇرغان ۋە كاللىسىدا سوئال پەيدا قىلغان.

شۇ سەۋەبتىن ئۇ يۈرۈشلۈك سىن فىلىملىرىنىڭ 6-قىسمىدا، ئادەمسىز قالغان يېزا-كەنتلەر، يول بويى ئۇچرىغان مەھەللە-بازارلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ بولماسلىقى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قەيەرگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى تېمىغا ئېغىرلىق بەرگەن. ئۇ بۇ فىلىمدا يەنە خىتايلار ھۆددىگە ئالغان كۆكتاتلىقلاردا مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى قوشۇپ بايان قىلغان.

تەپسىلاتى...