پرېزىدېنت بايدېن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» گە ئىمزا قويۇپ، رەسمىي قانۇنغا ئايلاندۇردى
خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا
«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن رەسمىي قانۇنغا ئايلاندى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بۈگۈن، يەنى 23-دېكابىر پەيشەنبە كۈنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نى ئىمزالاپ، ئۇنى رەسمىي قانۇنلاشتۇردى.
ئاقساراينىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن:
«2021-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى پرېزىدېنت خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن مەھسۇلات ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغان ۋە شۇنداقلا رايوندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتە مەسئۇلىيىتى بار چەتئەللىك ئەمەلدارلارنى جازالايدىغان 6256-نومۇرلۇق قانۇننى ئىمزالىدى.»
تەپسىلاتى...