فىرانسىيەدە خىتايغا قارشى زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

2-ئۆكتەبىر فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتايغا قارشى زور كۆلەملىك نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 2-ئۆكتەبىر. پارىژ، فىرانسىيە.

2-ئۆكتەبىر فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش، جۈملىدىن فىرانسىيە قاتارلىق ئەللەرنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە بۇنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىش قاتارلىق مەقسەتلەر بىلەن زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نارازىلىق نامايىشنى 1-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى نامايىشقا ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچى ياۋروپا ۋە فىرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرى، كۆپ ساندىكى يەرلىك فىرانسۇزلار، گوللاندىيە ۋە بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن تەشكىللىنىپ ئېلىپ كېلىنگەن ئۇيغۇر جامائىتى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەر قاتنىشىپ پارىژ كوچىلىرىنى زىلزىلىگە سالدى.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى دىلنۇر خانىم بۇ قېتىمقى چوڭ نامايىشنى تەشكىللىگەن ۋە ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرغان شەخستۇر. ئۇ، رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان فىرانسىيە ۋە ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ بۇ نامايىشقا كۈچ چىقارغانلىقى ۋە يېقىندىن ياردەمدە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەپسىلاتى...

ۋاشىنگتوندا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىش: «ئۇيغۇرلار ھېچقاچان يالغۇز ئەمەس!»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار قايغۇ ۋە غەزەپ ئىچىدە تۈرلۈك نارازىلىق پائالىيەتلىرى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان كۈنلەرنىڭ بىرى خىتاينىڭ 1-ئۆكتەبىردىكى «دۆلەت بايرىمى» بولۇپ، بۇ يىلقى نارازىلىق پائالىيىتى ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىنىڭ زور كۆلەملىك ۋە داغدۇغىلىق نامايىشى شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ قېتىملىق زور كۆلەملىك نامايىشنى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى بىرلىكتە پىلانلاپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، نامايىشنىڭ ئورنى ئۈچۈن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئەڭ داڭلىق ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولغان «لىنكولىن خاتىرە سارىيى» نىڭ ئالدىدىكى مەيدان تاللانغانىدى.

1-ئۆكتەبىر كۈنى چۈش ۋاقتىدىن باشلاپلا كەڭ مەيدان ئامېرىكانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتى ھەمدە ئاي-يۇلتۇزلۇق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» بايرىقى بىلەن تولۇشقا باشلىدى. نامايىش ئۈچۈن يىغىلغان جامائەت ئارىسىدا ياشلارمۇ، مويسىپىتلارمۇ، سەبىي ئۆسمۈرلەرمۇ كۆزگە چېلىقاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە باشقا مىللەت ۋە ئىرقتىكى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ «ئۇيغۇرلارغا ئازادلىق» دېگەندەك خەتلەر بېسىلغان مايكىلارنى كىيگەن ھالدا نامايىشچىلار سېپىگە قوشۇلۇشى ئۆزگىچە مەنزىرە ھاسىل قىلغانىدى. «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئۆتكەن مەزگىللەردىكى نامايىشلارغا ئوخشىمايدىغان بەزى مەزمۇنلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىنمۇ نۆۋەتتىكى پەۋقۇلئاددە ۋەزىيەتتە بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئۆزگىچە شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. .

تەپسىلاتى...

«ماتەم كۈنى» دە ياۋروپا ئەللىرىدە خىتايغا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

1-ئۆكتەبىر كۈنى گېرمانىيە، بېلگىيە، نورۋېگىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە «ماتەم كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى.

د ئۇ ق بۇندىن 10 يىللار ئىلگىرى 1949-يىلى ئۇيغۇر دىيارى خىتاي كوممۇنىست ئارمىيەسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان ۋە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 10-ئاينىڭ 1-كۈنىنى «ماتەم كۈنى» دەپ جاكارلىغان ھەمدە ھەر يىلى 1-ئۆكتەبىردە «ماتەم كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا مىقياسىدا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەنىدى. بۇ تەشەببۇسنىڭ روھىغا بىنائەن بۈگۈن 1-ئۆكتەبىر كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە خىتايغا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى. جۈملىدىن ياۋروپادىكى گېرمانىيە، بېلگىيە، نورۋېگىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ ھەرخىل كۆلەمدە نامايىشلار ئېلىپ بېرىلدى.

تەپسىلاتى...

ئانالىزچىلار: «ئۇيغۇر سوتى» كىشىلىك ھوقۇق تۈزۈلمىسى ۋە ئىنسانلىق ۋىجدانىنى ئۆلچەيدىغان تارازىدۇر

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئىشەنچلىك خەلقئارا سوت بولمىغان ئەھۋالدا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى نېمىگە ھېساب؟ مانا بۇ «ئۇيغۇر سوتى» دۇنياغا قويغان سوئالدۇر.

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ 2-قېتىملىق، شۇنداقلا ئاخىرقى قېتىملىق يىغىنى 13-سىنتەبىر ئاخىرلاشتى. بۇ سوت خىتاينىڭ قورقۇنچلۇق جىنايەتلىرىنى ئېچىپ كۆرسەتتى. «دۆلەت مەجلىسى ئارامگاھى» (The Hill) گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، خەلقئارا سوت بۇ جىنايەتنى سۈرۈشتۈرەلمىگەن ۋە دېلونى قوبۇل قىلالمىغان ئەھۋالدا ئۇيغۇر سوتى كىشىلىك ھوقۇق تۈزۈلمىسىنىڭ راست-يالغانلىقىنى سىنايدىغان ئۆلچەم بولۇپ قالغان.

بۇ ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ باش تەپتىشى جېففېرى نايىس بىرلىشىپ ئاچقان بۇ سوت، قانۇن مۇتەخەسىسلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بىر يەرگە كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئېلىپ بارغان جىنايەتلىرىنىڭ ئىسپاتلىرىنى رەسمىي توپلىغان ۋە ئۇنى باھالاش باسقۇچىغا ئۆتكەن.

تەپسىلاتى...

تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر بايلىرىنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنىڭ خىتايدا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلغانلىقى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

يېقىندا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئاتالمىش «تېرورلۇق»، «ئاشقۇنلۇق» دېگەندەك سىياسىي قالپاقلار بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر بايلىرىغا ئائىت مىليونلارچە دوللار قىممىتىدىكى مال-مۈلۈكلەرنىڭ ئېلېكترونلۇق سودا تور بېكىتى بولغان «Taobao» تورىدا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلغانلىقىنى بايقىغان.

كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، «تاۋباۋ» تور بېتىنىڭ ئەدلىيە كىم ئارتۇق سودىسى بۆلىكىدە ئادەتتە جىنايى دېلولاردا ياكى قەرزى ۋاقتىدا قايتۇرۇلمىغانلىقتىن مۇسادىرە قىلىنغان مال-مۈلۈكلەر سېتىلىدىغان بولۇپ، بۇ دوكلاتتا تۈرمىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرى سېتىلغان ئون ئىككى دېلو كۆرسىتىلگەن.

ئۇلارنىڭ ئېنىقلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سوت دائىرىلىرى 2019-يىلدىن باشلاپ كەم دېگەندە 21 نەپەر ئۇيغۇر بايغا ئائىت ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى، ئۆي-مۈلۈك ۋە شىركەت پايچەكلىرى قاتارلىق ئاز دېگەندە 150 مۈلۈكنى «تاۋباۋ» دا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشقا چىقارغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تور بەتتە قويۇلغان ئومۇمىي قىممىتى 84 مىليون 800 مىڭ دوللار ئىكەن. بۇ مۈلۈكلەر ئاساسەن خوتەن لوپ ناھىيەلىك سوت ۋە قەشقەر سوتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ئىكەن. دوكلاتتا يەر ئالغان مىساللارنىڭ پەقەت بىرىدە، خوتەندىكى ئابدۇنەبى بەكرى ئىسىملىك بىر كىشىگە تەۋە بولغان ۋە 2019-يىلى 40 مىليون يۈەن، يەنى 6 مىليون دوللاردىن ئارتۇق پۇلغا يارايدىغان بىر بىنانىڭ بىر نەچچە قېتىملىق كىم ئارتۇق سودىسىدىن كېيىن، 2020-يىلى 2-ئايدا جاڭ يۈنجى ئىسىملىك بىر خىتايغا 4 مىليون دوللاردىن ئارتۇق پۇلغا سېتىپ بېرىلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

تەپسىلاتى...

خىتايغا تاقابىل تۇرۇش تەكىتلەنگەن 2022-يىللىق «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق قانۇنى لايىھەسى» ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 2022-مالىيە يىلىغا ئائىت «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىغان. 23-سېنتەبىر كۈنى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللانغان بۇ قانۇن لايىھەسىدە ئۇيغۇرلارغا يېقىندىن مۇناسىۋەتلىك ماددىلار مەۋجۇت.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دۇنياۋى تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېـتەرلىك مەبلەغ ئاجرىتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدىكى ئىككى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ماددىسى بولسا بىۋاسىتە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقى رەسمىي ئېتىراپ قىلىنغان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىلىرىگە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىشى بەلگىلەنگەن.

تەپسىلاتى...

«بەخت باغچىسى» دىكى ئۇيغۇر بالىلىرى نېمە ئۈچۈن يىغلايدۇ؟

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا قامىغان بىر ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلىرى تۇتقۇن قىلىنغانلىقتىن يېتىم قالغان بالىلارنىمۇ «پەرىشتىلەر باغچىسى»، «ياتاقلىق مەكتەپ» دېگەندەك بالىلار لاگېرلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ۋە ئۇلارغا مېڭە يۇيۇش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى سىر ئەمەس. دوكتۇر ئادرىيان زېنىز قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتلىرىدا مانا بۇ خىلدىكى ئورۇنلاردا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۆزىلا 800 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا، بۇ جايلارنى «بالىلارنىڭ بەخت باغچىسى» دەپ تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتكەن.

تەپسىلاتى...

ب د ت تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى تاپشۇرۇش ئالدىدا تۇرماقتا

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەركەتلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغان قىسمەن شەخسلەرگە ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتىلغان «ئاخىرقى ھەل قىلىش چارىسى» ئىكەنلىكى ھەققىدىكى پىكىرلەر ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىن كۆپلەپ ئورۇن ئالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇنىڭغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ بايانلارنىڭ خەلقئارادىكى خىتايغا قارشى «دۈشمەن كۈچلەر» نىڭ تۆھمىتى ئىكەنلىكى، ئۆزلىرىنىڭ قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن ئالىقاچان ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا بېقىندى بولۇپ قالغان بىر قىسىم نامرات ۋە ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرىنى «نەق مەيداندا ئېكىسكۇرسىيە قىلىش» قا تەشكىللەپ، شۇلارنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئۆزلىرىگە «مەدھىيە» ئوقۇتقان ئىدى. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ئورۇنلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئالدىن تەييارلانغان سورۇن ئىكەنلىكى، بۇ ئېكىسكۇرسىيەلەرنىڭ پۈتۈنلەي بىر مەيدان «ئويۇن» ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. بۇ جەرياندا ئۇلار كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن بىر نۇقتا «بىزنىڭ سۆزلىرىمىزگە ئىشەنمىگەنلەر كېلىپ كۆرۈپ باقسۇن» دېيىش بولدى.

تەپسىلاتى...

ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە جوۋ بايدېن ۋە ئەردوغانلار ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 76-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى 21-سېنتەبىر سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە باشلاندى.

كېڭەشتە بىۋاسىتە ياكى تور ئارقىلىق قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى نۇتۇق سۆزلەيدىغان بولۇپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بۈگۈن يەنى يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنى نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ كورونا ۋىرۇسى، كىلىمات مەسىلىسى، كىشىلىك ھوقۇق، تور بىخەتەرلىكى، دېموكراتىيەنى قوغداش قاتارلىق تېمىلارغا مەركەزلەشكەن نۇتقىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئالدى. جوۋ بايدېن مۇنداق دېدى:

«مەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ باشلىنىش سۆزىنى نەقىل كەلتۈرمەكچىمەن، ئۇنىڭدا ‹ئىنسانىيەت ئائىلىسىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ باراۋەر ۋە ۋاز كېچىلمەس ھوقۇقلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشى دۇنيادىكى ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە تىنچلىقنىڭ ئاساسى› دەپ كۆرسىتىلگەن. ئېتنىك ۋە دىنىي ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نىشانلاش ۋە ئۇلارغا زۇلۇم قىلىش مەيلى شىنجاڭ، مەيلى شىمالىي ئېفىيوپىيە ۋە مەيلى دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە يۈز بېرىشىدىن قەتئىي نەزەر، بىز بۇنىڭغا قارشى چاقىرىق ئېلان قىلىش ۋە ئەيىبلەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز.»

تەپسىلاتى...

ئىيى پارتىيەسى رەھبىرى، دولقۇن ئەيسا مەسىلىسىدە «تۈركىيەنىڭ بۇ قىلمىشى خىتايغا تەسلىم بولغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ھېسابلىنىدۇ» دەپ ئەيىبلىدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

18-سېنتەبىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 3-قېتىم «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەن باھانە بىلەن تۈركىيەگە كىرگۈزمەي قايتۇرۇۋېتىشىنى تۈركىيەدىكى كۆپ ساندا ئۆكتىچى پارتىيەلەر قاتتىق ئەيىبلىدى.

تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم تۋىتتېر ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ يازغان: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى تۈركىيەگە كىرگۈزمەسلىكىڭلارنىڭ سەۋەبىنى ئاشكارىلاڭلار، بىزمۇ بىلەيلى. راستىنىلا ھەققانىي بىر سەۋەبى بارمۇ؟ ياكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىغا سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشىڭلارنى ئاز دەپ، خىتايدىن يول يورۇق ئېلىشقا باشلىدىڭلارمۇ؟ بۇلارنى ھەممىمىز بىلىپ قالايلى».

ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئارقا-ئارقىدىن بايان ئېلان قىلىپ، دولقۇن ئەيسانى قايتۇرۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ھۆكۈمەتنى ئەيىبلەشتى. ئارقىدىن 20-سېنتەبىر كۈنى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى ئوقۇتان ئەپەندى بۇ ھەقتە مەخسۇس مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «دولقۇن ئەيسا ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى پۈتۈن دۇنيادا ئاڭلىتىۋاتقان، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى، ھەق ۋە ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسىدۇر. ئۇ، تىنچلىق كۆرەشچىسىدۇر. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە قويۇلغان تۈركىيەگە كىرىش چەكلىمىسى تۈركىيە سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بىكار قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەت قولىدا تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى-ئىنتېرۋال دولقۇن ئەيسا ئۈستىدىن 1997-يىلى خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن چىقارغان قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى 2018-يىلى بىكار قىلىنغان تۇرسا، مەزكۇر ئەھۋالنى دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەر نەزەردە تۇتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دولقۇن ئەيسانى تۈركىيەگە كىرگۈزمەسلىكى تۈركىيەگە پەقەتلا ياراشمىدى. تۈركىيەنىڭ بۇ قىلمىشى خىتايغا تەسلىم بولغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ھېسابلىنىدۇ. قىسقىسى تۈركىيەنىڭ بۇ قىلغانلىرى تۈرك ۋە مۇسۇلمانلىق ئۈچۈن نومۇس ئىشتۇر. بىز ئىيى پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دولقۇن ئەيساغا قويۇلغان چەكلىمىنىڭ دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىمىز».

تەپسىلاتى...