يوللانغان ۋاقتى:2017-06-07| سەھىپە: خەۋەرلەر د ئۇ ق غا ئالاقىدار خەۋەرلەر يېڭىلىقلار
ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 7– ئىيۇن

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى 6-ئىيۇن كۈنى رادىيومىز ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىلىككە قارشى ئىپادە بىلدۈرۈش» دولقۇنىنى ئەيىبلىدى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئېغىر دەپسەندىچىككە ئۇچراۋاتقان بۇ ئەھۋالغا جىددىي قاراۋاتقانلىقىنى، بۇ ھەقتە يەنە يازما باياناتمۇ ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دىلشات رىشىت باياناتىدا: «نۆۋەتتە، ئۇيغۇرلار پۈتۈن جەمئىيەت، پۈتۈن خەلق بويىچە ئاتالمىش ئىككى يۈزلىمىلىككە قارشى ئىپادە بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ. 2017-يىلى يىل ئەتىيازدىن باشلاپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن ئاۋام پۇقراغىچە، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كادىرلاردىن، 80 ياشتىن ئاشقان مويسىپىتلارغىچە، ئوقۇتقۇچىلاردىن ئوقۇغۇچىلارغىچە پۈتكۈل ئۇيغۇرلار سەپەرۋەر قىلىنغان بۇ خىل «ئۆزىنى-ئۆزى تىللاش ھەرىكىتى» سەۋەبلىك، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ئېغىر روھى زەربىگە ئۇچراۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسى ئىززەت، ئابرۇيى، كىشىلىك ھوقۇقى ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بۇ ھەرىكەت بىزنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇردى ۋە ئەنسىرەتتى. بىز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنى ئاتالمىش ‹ئىككى يۈزلىمىلىككە قارشى ئىپادە بىلدۈرۈش› ھەرىكىتىنى توختىتىشقا چاقىرىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئەھۋالغا جىددىي دىققەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك ھۆكۈمەتلىرىدىن بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى.
مەزكۇر ھەرىكەت باش سېكرېتار چېن چۈەنگونىڭ تەشەببۇسى بىلەن يولغا قويۇلغان «ئۈچ خىل بۆلگۈنچى كۈچلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى»نىڭ بىر قىسمى بولۇپ، تۇنجى ئوچۇق خەت بۇ يىل 4-ئايدا خوتەندىكى يېزا كادىرى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان. ئىككى ئايدىن بۇيان پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارى بويىچە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ ئىپادە بىلدۈرۈش ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا.
تەپسىلاتى...