ئۇيغۇر رايونىدىكى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش قارارى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى
ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 31– ئاۋغۇسىت
ئۇيغۇر رايونىدىكى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەر 29-ئاۋغۇست كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي دەرس باشلىدى.
بۇ يىللىق ئوقۇش مەۋسۇمى ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا رادىكال خاراكتېرلىك زور ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىدۇر.
بۇ يىللىق ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىدىكى بارلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 1-يىللىقلىرىغا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپتىكى يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئومۇميۈزلۈك خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدۇ. دەرسلىك ماتېرىيالى بىردەك خىتاي تىلىدا تارقىتىلىپ، ئانا تىلدا دەرس ئاڭلاشقا، دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى ئانا تىلدا ئوقۇشقا خاتىمە بېرىلىدۇ.
تەپسىلاتى...