ئاتۇشتا پوچتىخانا پېنسىيونېرى غىياسىدىن ئابلا 69 يېشىدا لاگېردىن چىقىپ جان ئۈزگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئاتۇشلۇق بىر مۇھاجىرنىڭ رادىيومىزغا يوللىغان ئەڭ يېقىنقى بىر ئىنكاسىدا بايان قىلىنىشىچە، ئاتۇشتا پوچتىخانا ساھەسىدىن پېنسىيەگە چىققان غىياسىدىن ئىسىملىك بىر كىشى 2018-يىلىنىڭ ئاخىرى دىنىي ئەسەبىيلىك گۇمانى بىلەن لاگېرغا ئەكېتىلگەن ۋە ئۈچ ئاينىڭ ئالدىدا لاگېردىن قويۇپ بېرىلىپ، ئۆتكەن ئايدا جان ئۈزگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقى دەلىللىنىش بىلەن بىرلىكتە مەرھۇمنىڭ فامىلىسىنىڭ ئابلا ئىكەنلىكى ۋە ھاياتىدىن ئايرىلغاندا يېشىنىڭ 69 ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

ئاڭلىغۇچىلىرىمىز 2017 ۋە 2018-يىللىرى تۇتقۇنلار ۋە غايىبلار ھەققىدە كۆپلەپ ئىنكاس يوللىغان بولسا، 2020- ۋە 2021-يىللىرى لاگېردىن چىققان جەسەتلەر ۋە ئېغىر كېسەللەر ھەققىدە ئىنكاسلار يوللىماقتا. ئاتۇشلۇق بىر مۇھاجىرنىڭ ئىنكاسىدا بايان قىلىنىشىچە، بۇ يىل 69 ياشقا كىرگەن غىياىسىدىن دېگەن كىشى، ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن. قاتنىشىۋاتقان بىر جامائەت سورۇنىدىن تۇتۇپ ئەكېتىلىپ، ماڭالمىغۇدەك ھالەتتە ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغان بۇ كىشى، ئائىلىسىدە بىر ئايچە كۈتۈنگەندىن كېيىن، ھاياتىدىن ئايرىلغان. دېيىلىشىچە، مەرھۇم پوچتىخانا ساھەسىدىن پېنسىيەگە چىققان بولۇپ، ئاتۇشنىڭ سۈنتاغ يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئىكەن.

تەپسىلاتى...

«بەختلىك ئۇيغۇرلار» نىڭ بەختسىزلىكىگە دائىر دەلىل-ئىسپاتلار

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاينىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر رايونىدا 1 مىليون 549 مىڭ ئادەمنىڭ تۆۋەن كاپالەتلىك ياردەم پۇلىغا تايىنىپ ھايات كۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

4-يانۋار خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە «2021-يىلىغا نەزەر. شىنجاڭدا خەلق ئۈچۈن ئىشلەش، خەلقنى سۆيۈشنىڭ ئەمەلىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى بەختنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى» ناملىق بىر ماتېرىيال ئېلان قىلىندى. ماتېرىيالدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى تەييارلىغانىدى. ئۇيغۇر رايونىنىڭ 2021-يىللىق ھاياتلىق كارتىنىسىنى يورۇتۇپ بېرىشكە بېغىشلانغان بۇ ھۆكۈمەت ماتېرىيالىدا دىققەتنى چېكىدىغان بەزى سانلىق مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، رايوندىكى خەلقنىڭ نەقەدەر ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن.

تەپسىلاتى...

ياۋروپا ئەللىرىدە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە دەل بىر ئاي قالغان بۈگۈنكى كۈندە، يەنى 2022-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى 40 دۆلەتتە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ھەم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىشتىراكىدا بىرلەشمە نامايىشى ئېلىپ بېرىلغان. مەزكۇر نامايىشنى د ئۇ ق نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 200 گە يېقىن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن قۇرۇپ چىقىلغان «ئولىمپىككە قارشى كومىتېت» تەشكىللىگەن.

«ئولىمپىككە قارشى كومىتېت» نىڭ ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئېلان قىلغان چاقىرىقىغا بىنائەن، گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر ۋە خوڭكوڭلۇقلار كېچىلەپ يول يۈرۈپ، پايتەخت بېرلىنغا يېتىپ كېلىپ 4-يانۋار سەھەر مەشھۇر براندېنبۇرگ دەرۋازىسى ئالدىغا توپلانغان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەست´ئۇللىرى بۇ يەردە نۇتۇقلار سۆزلەپ، خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ۋە 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكەن.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق تۈرك ھۆكۈمىتىنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

1-ئاينىڭ 4-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەتنىڭ پايتەختىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىكنى دىپلوماتىيەلىك بايقۇت قىلىشقا چاقىردى. باياناتتا يەنە مۇنۇلار بايان قىلىنغان: «بىز تۈركىيە ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بېيجىڭغا ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ھەيئەت ئەۋەتىشىنى، تەنتەربىيەچىلەرنىڭ ئۆز ئارزۇسى بىلەن بايقۇت قىلىشىنى، تۈركىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خىتاينىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىسىگە ئايلىنىپ قالماسلىقىنى، تۈركىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى تارقاتماسلىقىنى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلىمىز».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقى بىلەن ئەنقەرەدە چوڭ نامايىش ئۆتكۈزۈشنى پىلان قىلغان بولسىمۇ بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى، ئاخبارات باياناتى ئېلان قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئورتاق بايانات ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى د ئۇ ق نىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، بۈگۈن بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى دىپلوماتىيەلىك بايقۇت ئېلان قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تەپسىلاتى...

ئۆتكەن بىر يىلدىكى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ۋە 2022-يىلىدىكى پىلان ۋە تەسەۋۋۇرلار

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

2021-يىلى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىگە كەلگەن بىر يىل بولدى. پۈتۈن دۇنيا 21-ئەسىردە يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شاھىت بولدى. دېموكراتىك ئەللەر خەلقئارالىق قانۇنلاردىن پايدىللىنىپ، خىتاينىڭ قاراتمىلىق ھالدا ئېغىر باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىرلىكسەپ قۇردى.

2022-يىلى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا رادىيومىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن 2021-يىلىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ۋەقەلەر ۋە ئۇلارنىڭ 2022-يىللىق خىزمەت پىلانلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئىلىپ باردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق مۇخبىرىمىزنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

تەپسىلاتى...

قىرغىنچىلىقنىڭ باسقۇچلىرى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىجتىمائىي ئۆلۈم (2)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي نىشان قىلغانلىقى ھەمدە بۇنىڭ بىر پۈتۈن مىللەتنى «ئېرىتىپ تۈگىتىش» شەكلىدە يوقىتىشقا مەركەزلىشىۋاتقانلىقى ئوخشىمىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايانلىرىدا ئوخشىمىغان شەكىلدە يەر ئ‍ېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەنگلىيەدىكى شەففىيلد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دېيۋىد تابىن بولسا بۇنىڭ قەدەم-باسقۇچلۇق ئورۇنلىنىۋاتقان قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى باشقا نۇقتىلاردىن سېلىشتۇرما تەتقىقات شەكلىدە بايان قىلىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، «قىرغىنچىلىق» ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بەكمۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەدىمىي جىنايەت بولسىمۇ، «قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزى تېخى يېقىندا پەيدا بولغان يېڭى سۆز ھېسابلىنىدىكەن. 13-ئەسىردە چىڭگىز خان ئۆزىگە قوشنا تاڭغۇتلار (غەربىي شيا) دۆلىتىنى موڭغۇل ئىمپېرىيەسىگە قوشۇۋېلىش جەريانىدا تاڭغۇتلارنى مىللەت بويىچە قىرىپ تاشلىغانلىقى، 18-ئەسىردىكى مانجۇ ئىمپېرىيەسى غەربكە كېڭىيىش جەريانىدا جۇڭغارىيە ۋادىسىدىكى جۇڭغارلارنى قۇچاقتىكى بوۋاقلارغىچە قىرىپ تاشلىغانلىقى دېگەنلەر كىشىلەرگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان «قىرغىنچىلىقنىڭ مىساللىرى» بولۇپ كەلگەنلىكتىن، كىشىلەر ھەرقاچان «قىرغىنچىلىق» دېگەندە ئاشۇ خىلدىكى زور كۆلەملىك ئۆلۈمنى تەسەۋۋۇر قىلىپ ئادەتلىنىپ قالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يەھۇدىيلارنىڭ زور كۆلەمدە ئۆلتۈرۈلۈشى بولسا بۇنىڭ ئەڭ يېڭى مىسالى بولۇپ قالغان.

تەپسىلاتى...

رابىيخان مەمەتنىڭ ھېكايىسى ۋە غايىب بولغان 1 مىليون ئۇيغۇر نوپۇسى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

27-دېكابىر «شىخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ گېرمانچە تور سەھىپىسىدە «شىنجاڭدىن كەلگەن سادا: بىر ئۇيغۇر ئائىلىسى، تۆت ئەۋلادنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى» ناملىق بىر زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلىندى. بۇ زىيارەت خاتىرىسىدا ئۈرۈمچىدە ياشايدىغان 100 ياشلىق رابىيخان مەمەتنىڭ كېسەل بولۇپ قېلىپ، «پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى» بىلەن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالانغانلىقى، 65 ئائىلە ئەزاسى بولغان بۇ جەمەتنىڭ «گۈلدەك ياشاۋاتقان» لىقى باش تېما قىلىنغان بولسىمۇ، ئاساسىي ئالغا سۈرۈلگەن ئىدىيە «ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ تەرەققىياتى» بىلەن 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى بۇ تۇپراقنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن بارلىققا كەلگەن «ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر» بولغان ئىدى.

زىيارەت خاتىرىسىدا 1949-يىلىدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدا جەمئىي 696 كارۋاتلىق 54 داۋالاش ئورگىنى بارلىقى، يېڭى تۇغۇلغان ھەر 1000 بوۋاقتىن 400 نەپىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقى، 1949-يىلىدىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتى 30 ياشقىمۇ يەتمەيدىغانلىقى، لېكىن 2019-يىلىغا كەلگەندە ئوتتۇرىچە ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتىنىڭ يۈكسېلىپ 74.7 ياشقا يەتكەنلىكى، 1953-يىلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 3 مىليون 607 مىڭ 600 بولغان بولسا، 2020-يىلىغا كەلگەندە كۆپىيىپ 11 مىليون 624 مىڭ 300 گە ئۆرلىگەنلىكى رابىيخان مەمەتنىڭ ھېكايىسىگە ماسلاستۇرۇلۇپ بايان قىلىنغان.

تەپسىلاتى...

دوكتور ئادرىيان زېنىز: «ما شىڭرۈي ئاستا خاراكتېرلىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىدۇ، دېسەكمۇ بولىدۇ»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى 25-دېكابىر كۈنى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى بىلەن ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ باشقا ۋەزىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ۋە ئۆلكە باشلىقى بولغان ما شىڭرۈينىڭ يۆتكەپ كېلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

چېن چۈەنگو خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى ئىجرا قىلىشتا باش رول ئوينىغان ۋە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ جازا تەدبىرلىرىگە ئۇچرىغانىدى.

چېن چۈەنگونىڭ دەل ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» نى ئىمزالاپ، ئۇنى قانۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن يەنى خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا جىددىي بىر زەربە ئۇرۇلغاندىن كېيىن يۆتكەپ كېتىلىشى خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى ۋە بۇنىڭ بىر سىياسەت ئۆزگىرىشىدىن دېرەك بېرىدىغان-بەرمەيدىغانلىقى مۇلاھىزە پەيدا قىلدى.

تەپسىلاتى...

قىرغىنچىلىقنىڭ باسقۇچلىرى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىجتىمائىي ئۆلۈم

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان تەكىتلەپ كېلىۋاتقان «خىتايچىلاشتۇرۇش» شوئارى ئەڭ دەسلەپ «سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشى» نىڭ «خىتايچە» شەكىل ئېلىشىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ھەمدە «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم» نىڭ بەلگىلىك «مۇۋەپپەقىيەت» لىرىنى قولغا كەلتۈرگەنىدى. شى جىنپىڭ دەۋرىگە كەلگەندە بولسا بۇ خىل «خىتايچىلاشتۇرۇش» ئۇرۇنۇشلىرى كۆپلىگەن ساھەگە تەدبىقلاندى. شۇ قاتاردا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن «باش ئاغرىقى» بولۇۋاتقان «مىللىي مەسىلىلەر» نى ھەل قىلىشتىمۇ مۇشۇ ئۇسۇل ئۇنىۋېرسال چارە سۈپىتىدە تەدبىقلاندى. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە «خىتايچىلاشتۇرۇش» قا ماس كەلمىگەن ئامىللارنى «ئۆزگەرتىش» ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قاتار چارىلار مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنىدىغان سىياسىي باستۇرۇشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. مانا بۇلارنىڭ قەدەم-باسقۇچلۇق ئىجرا قىلىنىۋاتقان قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى يېقىندا مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دېيۋىد توبىننىڭ قەلىمىدە تەپسىلىي شەرھىلەندى.

تەپسىلاتى...

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» رەسمى قانۇنغا ئايلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئاقساراينىڭ 23-دېكابىر ئېلان قىلغان باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىن 23-دېكابىر كۈنى «ئ‍ۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» گە ئىمزا قويغان. شۇنىڭ بىلەن 16-دېكابىر پرېزىدېنت بايدېننىڭ ئىمزا قويۇشى ئ‍ۈچۈن ئاقسارايغا يوللانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەزكۇر قانۇن لايىھەسى 23-دىكابىر كۈنى رەسمىي قانۇنغا ئايلانغان.

ئاقساراينىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «2021-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى پرېزىدېنت خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن مەھسۇلات ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغان ۋە شۇنداقلا رايوندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتە مەسئۇلىيىتى بار چەتئەللىك ئەمەلدارلارنى جازالايدىغان 6256-نومۇرلۇق قانۇننى ئىمزالىدى.»

باياناتتا يەنە مەزكۇر قانۇننىڭ روياپقا چىقىشىدا رول ئوينىغان ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم، كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى شۇمىر، ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن مەكگاۋرن ۋە كىرىستوفېر سىمىس، كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن جېف مېركلېي ۋە ماركو رۇبىيونىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلىرىگە رەھمەت ئېيتىلغان.

تەپسىلاتى...