ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تېمىسىدىكى ئۈچ كۈنلۈك خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى رەسمىي باشلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

لوندون شەھرىدىكى «ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسى» نىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى زور كۆلەملىك سوت يىغىنىدىن كېيىنكى يەنە بىر نۆۋەتلىك زور كۆلەملىك خەلقئارالىق پائالىيەت 1-سېنتەبىر كۈنى لوندون شەھرىدە داغدۇغىلىق باشلاندى. «شىنجاڭ كىرىزىسى: قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ۋە ئادالەت» تېمىسىدىكى بۇ قېتىملىق يىغىن ئۈچ كۈنلۈك پائالىيەت بولۇپ، خەلقئارا ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدىكى داڭلىق ئالىملار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە سىياسىيونلار ئەڭ كۆپ يىغىلغان بىر قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولدى.

بۇ قېتىمقى يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇنلارنىڭ بىرى نيو-كەسۇل «يېڭى قەلئە» ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ، 1990-يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات بىلەن مەشغۇل بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇرشۇناس ئالىملاردىن جوئاننې سىمىس خانىم ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم كەسپداشلىرى بۇ قېتىمقى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشىغا زور كۈچ سەرپ قىلدى. خەلقئارا مۇنبەرلەردە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە ئوخشىمىغان ساھەلەردە كۈچ چىقىرىۋاتقان تەشكىلاتلاردىن «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى»، «يېڭى لىنىيە ئىنستىتۇتى»، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى»، «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر بىرلەشمىسى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن يەھۇدىيلار ھەركىتى» تەشكىلاتى، «رائۇل ۋاللېنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» قاتارلىق كۆپلىگەن تەشكىلاتلارمۇ بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېچىلىشىغا يېقىندىن ھەمكارلاشتى.

تەپسىلاتى...

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئىككىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىنىڭ تەييارلىق خەزمەتلىرى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جېففىرىي نايىس باشچىلىقىدا ئەنگلىيە پايتەختى لوندون شەھىرىدە قۇرۇلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تۇنجى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى بۇ يىل 4-ئىيۇن كۈنىدىن 7-ئىيۇن كۈنىگىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. تۆت كۈن داۋاملاشقان بۇ يىغىنىغا نەق مەيدان ۋە توردىن بولۇپ، جەمئىي 40 ئەتراپىدا گۇۋاھچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر قاتناشقان. ئۇلار مەزكۇر سوت كوللېگىيەسىنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرى ھەققىدە مۇھىم دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىگەن ئىدى.

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ مەزكۇر يىغىن ھەققىدىكى باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ مەقسىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە دائىر توپلانغان دەلىل-ئىسپاتلار ۋە بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىندىكى گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتى ئۈستىدىن قارار چىقىرىش ئىكەن.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق: «بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق خورىكىنى تېخىمۇ ئۆستۈرىۋېتىدۇ!»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

2022-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولۇۋاتقان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئىزچىل ھەرقايسى ساھەنىڭ بايقۇت قىلىش چۇقانلىرىغا دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتىكى مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارا ئىپادە قىلدى.

ئامېرىكادىكى ئوقۇرمەنلىرى ئەڭ كۆپ بولغان خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدىن «برېيبارت خەۋەرلىرى» (Breitbart News) يېقىندا مەخسۇس د ئۇ ق بىلەن سۆھبەتلىشىپ، بۇ ھەقتىكى تەھرىرات ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا سىياسىتىگە دائىر ئىشلارغا مەسئۇل دىرېكتورى كۇئېن ستۇپ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ: «خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىگە يول قويۇش ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ‹سەن خالىغان ئىشلىرىڭنى قىلىۋەر› دېگەنلىككە باراۋەر. ئەگەر بۇ مۇسابىقە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلسە ئېنىقكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان جىنايەتلىك قىلمىشلىرىنى تېخىمۇ يۇقۇرى پەللىگە چىقىرىش خورىكى يەنە بىر بالداق ئۆسىدۇ» دېگەن.

تەپسىلاتى...

ئادرىان زېنز: 2040-يىلغىچە 4.5 مىللىون ئۇيغۇر نوپۇسى يوقىلىدۇ

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان غايەت زور كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق سىياسىي باستۇرۇش ھەركىتىنىڭ ئەمىلىيەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا كۆپلىگەن پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ئىدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپلا بارلىققا كەلگەن قارشى پىكىرلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاستە ئىنكار پىكىرلىرى ئاساسىدا مەلۇم بولغان ھەمدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى ئەيىبلەشنىڭ ئەمىلىيەتتە «غەرپ دۇنياسىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ قارا سۈركەش ئويۇنى» ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن ئىدى. ۋاشىنگتون شەھرىدىكى «كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتۇر ئادريان زېنزنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئۈستۈنلۈكىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى: بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نوپۇسنى ئەلالاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە تەھلىل» تېمىسىدىكى دوكلاتى 24-ئاۋغۇست كۈنى غەرپ دۇنياسىدىكى ئىلمىي ئەسەرلەر نەشرىياتچىلىقىدا بايراقدارلىق ئورنىدا تۇرۇۋاتقان «تەيلور ۋە فرانسىس گۇرۇھى» باشقۇرىشىدىكى «ئوتتۇرا ئاسىيا تەكشۈرۈشى» ژۇرنىلىنىڭ 2021-يىللىق ئاۋغۇست سانىدا رەسمىي ئېلان قىلىندى.

مەزكۇر دوكلاتتىكى دەلىل-ئىسپات تەرىقىسىدە تەرتىپ بويىچە بېرىلگەن ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ غەرەزلىك ۋە مەقسەدلىك ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى تەبىئىي كۆپىيىشتىن چەكلەۋاتقانلىقىنى نامايەن قىلىدۇ. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي تۈس ئالغان تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرى، لاگىرلارغا قاماش ۋە باشقا مىللەتلەرگە تويلاشتۇرۇش چارىلىرىنى ئىجرا قىلماقتا ئىكەن. ناۋادا ئەھۋال مۇشۇ تەرىقىدە داۋام قىلسا 2040-يىلىغا بارغاندا پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىىتنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىدە تۆت يېرىم مىليون ئۇيغۇرنىڭ كېمىيىپ كېتىشى ئېھتىمالغا تولىمۇ يېقىن ئىكەن.

تەپسىلاتى...

7-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللەر سايلىمى خەلقارا مەتبۇئاتلاردىن ئورۇن ئالدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

22-ئاۋغۇست كۈنى 25 دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلگەن 7-نۆۋەتلىك د ئۇ ق نىڭ ۋەكىللەر سايلىمى خەلقارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلدى.

22-ئاۋغۇست كۈنى 25 دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلگەن 7-نۆۋەتلىك د ئۇ ق نىڭ ۋەكىللەر سايلىمى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگىلىزچە سەھىپىلىرىدە خەۋەر قىلىنغاندىن تاشقىرى، بىرقىسىم غەرب مەتبۇئاتلىرىدىنمۇ ئورۇن ئالدى.

گېرمانىيەنىڭ «نېخ 24» خەۋەرلەر سەھىپىسى 22-ئاۋغۇست كۈنى «ئۇيغۇرلار پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئۆزلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلىدى» ناملىق خەۋەر ئېلان قىلدى. خەۋەردە 25 دۆلەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ 200 نەپەر ۋەكىلىنى سايلاپ چىققانلىقى، بۇ سايلامنىڭ بۇ يىل 11-ئايدا پراگادا ئۆتكۈزۈلىدىغان 7-نۆۋەتلىك د ئۇ ق نىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكى، 2004-گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە قۇرۇلغان د ئۇ ق نىڭ خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ غوللۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. خەۋەردە يەنە نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئازاب تارتىۋاتقانلىقى، بىراق خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلار ئۈستىدە مەجبۇرىي ئەمگەك، پىلانلىق تۇغۇت ۋە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش قاتارلىق پاجىئەلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنىڭ مەتبۇئاتلار تەرىپىدىن كۆپلەپ تىلغا ئېلىنىۋاتقانلىقى، بىر قىسىم غەرب ئەللىرىنىڭ بۇنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 7-نۆۋەتلىك د ئۇ ق ۋەكىللەر سايلىمىنىڭ خەلقارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختالغاندا، بۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارادا تونۇلۇش سالمىقىنىڭ ئېشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

تەپسىلاتى...

7 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر سايلىمىنىڭ ئۇمومى نەتىجىسى

ئەسكەرتىش: ۋەكىللەرنىڭ ئىسىملىرى سايلامدا ئېرىشكەن ئاۋاز سانىغا ئاساسەن رەتكە تۇرغۇزۇلدى.

گېرمانىيىدىكى سايلامنىڭ نەتىجىسى

(25 نەپەر ۋەكىل)

1. دولقۇن ئىيسا

2. ئابدۇجېلىل ئەمەت 

3. تۇرغۇنجان ئالاۋدۇن 

4. پەرھات مۇھەممەت 

5. ماھىرە ئىيسا 

6. سۈرىيە ئىلھام 

7. ئەكرەم ھېزىم 

8. زۇمرەتئاي ئەركىن 

9. ئۈمىت تۇرسۇن 

10.ئەركىن زۇنۇن 

11.ھەلىمە ئابدۇكېرىم 

12.ئىليار سىدىق 

13.ھەبىبۇللاھ ئەخەت 

14.نۇرئەخمەت تۇرسۇن 

15.زىننۇرە تۇرسۇن 

16. ئۆمەر ئىمىن 

17.غەييۇر قۇربان

18.گۈلنار ئوسمان

19.سالاھىدىن سەيدەخمەت

20.ئەنۋەر ئەخمەت

21.ئەكبەر قاسىم

22.نۇرمەمەت ئابدۇللا 

23.ئامانگۈل ئەزىز 

24.ئابدۇشۈكۈر تاشئ‍وغلى

25.مىرادىل مۇتەللىپ

تۈركىيدىكى سايلامنىڭ نەتىجىسى

(25 نەپەر ۋەكىل)

1. دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم

2. دوكتۇر ئەركىن ئەمەت

3. ئابدۇرېشىت ئابدۇلھېمىت

4. ئابدۇجېلىل تۇران

5. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت

6. ئابدۇلھېمىت قاراخان

7. ئابدۇللا سابىتئوغلى

8. ئەزىز ئۇيغۇر

9. دوكتۇر بۇرھان ئۇلۇغيول

10. جەۋلان شىرمەمەت

11. دىلشات بارىشچى

12. ئەركىن بەرداش

13. دوكتۇر گۈلمىرە بەرداش

14. ھىدايەت مۇساجان

15. مەغپىرەت ئىمىن

16. مەمەتئېلى ھاپىز

17. مۇھىددىن جانئۇيغۇر

18. نىمەت قەشقەرلى

19. تاھىر مۇسا

20. ئابدۇقادىر ئۇيغۇر

21. قۇربان توقسۇ

22. خەيرۇللا ئەفەندىگىل

23. سەردار زاگوگلۇ

24. يۇنۇس ئابدۇزاھىر ئۇيغۇر

25. زىكرۇللاھ ئالىم

ئامېرىكىدىكى سايلامنىڭ نەتىجىسى

(15 نەپەر ۋەكىل)

1. ئەلفىدار ئىلتەبىر

2. ئۆمەر قانات

3. مۇستافا ئاقسۇ

4. زۇبەيرە شەمسىدىن

5. دوكتۇر ئەركىن سىدىق

6. رۇشەن ئابباس

7. ئىلشات ھەسەن

8. قۇززات ئالتاي

9. مۇرات ئاتامان

10. دىلمۇرات سۇلايمان

11. كامالتۈرك يالقۇن

12. دوكتۇر رىشات ئابباس

13. ئابلىز ئابدۇقادىر

14. ئابدۇلھېكىم ئىدرىس

15. مۇتەللىپ قۇربان

16. مۇزەپپەر دولان

17. ئەلى سابىت

كانادادىكى سايلامنىڭ نەتىجىسى

(15 نەپەر ۋەكىل)

1. مەمەت توختى

2. تۇيغۇن ئابدۇۋېلى

3. تۇرنىسا مەتسىدىق

4. بىلال مالىك

5. شاۋكەت ئىمام

6. غەيرەت ئاتۇش

7. مۇكەررەم قۇربان

8. مەمەتجان قۇربان

9. رۇقىيە تۇردۇش

10. رازىيە مەخمۇت

11. ئوبۇل ھەسەن

12. بابۇر ئىلچى

13. كەۋسەر كامىل

14. تاھىر نۇرى

15. مەتتۇرسۇن ئۇدۇن

ئاۋىسترالىيىدىكى سايلامنىڭ نەتىجىسى

(17 نەپەر ۋەكىل)

1. جۈرئەت ئابدۇكېرىم

2. بەختىيار بۆرە

3. پولات سايىم

4. دىلزات داميان

5. گۈلمىرە زۇنۇن

6. سۈبھى بۆرە

7. ئالىم ئوسمان

8. مەھمەت چەلەپچى

9. سۇلتان ھىۋىللا

10. شەپقەت جۈرئەت

11. تاش يارى

12. ئابدۇجېلىل مۇھەممەد

13. ئادىلە يارمۇھەممەد

14. ئەرەفات قۇتلان

15. ئىليار شۈكۈر

16. ئىنتىزار ئىلھام

17. رامىلە جانىشىف

ياپونىيىدىكى سايلامنىڭ نەتىجىسى

(5 نەپەر ۋەكىل)

1. دوكتۇر ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان

2. ئىسمائىل ئەمەت

3. خالمەت روزاخۇن

4. غالىپ مىجىت

5. دوكتۇر مۇختەر ئابدۇراخمان

قازاقىستاندىكى سايلامنىڭ نەتىجىسى

(30 نەپەر ۋەكىل)

1. قەھرىمان غوجامبەردىيىۋ

2. ئەركىن ئەخمەتوف

3. سادىرجان ئايۇپوف

4. دىلنارە قاسىموۋا

5. پولات باتالوف

6. گۈلىستان ھەمرايېۋا

7. رەھىمجان مەنسۇروف

8. نائىلە ھەمرايېۋا

9. زەينەپ ئىسلاموۋا

10. مۇھەممەت سابىروف

11. سەيدالىم ئامۇتوف

12. بەختىيار ئاۋتوف

13. ھۈسەن ئىبراھىموف

14. ئابدۇخېلىل يۇنۇسوف

15. ئابدۇكېرىم ئىمىروف

16. رابىيەم ئابدۇرىھىموۋا

17. بەختىشات مەمەتباكىيېۋ

18. سەينۇللا سۇلايمانوف

19. ئەزىز ئەخمەتوف

20. جامالىدىن ناسىروف

21. ئەلىشىر خېلىلوف

22. بەختىيار سۇيۇزوف

23. گۈلمىرە ئەكبەروۋا

24. روزىگۈل تايىپوۋا

25. ئابدىرېھىم قۇربانوف

26. روبېرت ئۆمەرباقىيىف

27. گۈلبانۇم باقىيېۋا

28. ئابدۇلمالىك ئۆمەروف

29. تۇرسۇنجان سايىتوف

30. تاھىرجان ھوشۇروف

قىرغىزىستاندىكى سايلامنىڭ نەتىجىسى

(12 نەپەر ۋەكىل)

1. ئەسقەرجان قاسىموف

2. روزىمەمەت ئابدۇلباقىيىف

3. زۇمرەت روزىيېۋا

4. تۇرسۇنئاي قاسىموۋا

5. دىلمۇرات ئەكبەروف

6. مەۋلان ھوشۇروف

7. مەلىكە ئابدۇلباقىيېۋا

8. ئابدىرېھىم ھاپىز

9. مەدىنە نىيازوۋا

10. نەرگىز باۋدىنوۋا

11. ئەكبەرجان باۋدىنوۋ

12. فىروزە مەتمۇسايېۋا

ئۆزبېكىستاندىكى سايلامنىڭ نەتىجىسى

(6 نەپەر ۋەكىل)

1. ھۈسەن ھاجى ئىسكەندىروف

2. ئالىمجان زائىتوف

3. گۈلباھار قۇربانوۋا

4. ئابدۇلجان بارىيېف

5. مۇنەجىدىن خەۋەيدۇللايېف

6. زەيتۇنەم تايىروۋا

بېلگىيىدىكى سايلامنىڭ نەتىجىسى

(5 نەپەر ۋەكىل)

1. ئابدۇللا ئىمىروف

2. ئەكبەر تۇرسۇن

3. ئىبراھىم ئىسمائىل

4. ئىپتىخار ئابدۇرېشىت

5. گۈلجەننەت تاھىر

نورۋېگىيىدىكى سايلامنىڭ نەتىجىسى

(11 نەپەر ۋەكىل)

1. بەختىيار ئۆمەر

2. سەمەت ئابلا

3. رەناگۈل تۇرسۇن

4. پەرھات ياقۇپ

5. ئايگۈل يۈسۈپ

6. قەدىرىيە غوپۇر

7. خەلچەم مەمتىمىن

8. مۇئەتتەر ئىلىقۇت

9. ياشار ھەمدۇللا

10. مۇھەممەتئىمىن مەھمەت

11. ئابدۇۋېلى ئايۇپ

گوللاندىيىدىكى سايلامنىڭ نەتىجىسى

(6 نەپەر ۋەكىل)

1. زەينىدىن تۇرسۇن

2. بەختىيار ناسىر

3. ئۆمەر بېكالى

4. قەلبىنۇر سىدىق

5. ئادىلجان ئابدۇكېرىم

6. ئابدۇرېھىم غېنى

فىرانسىيىدىكى سايلامنىڭ نەتىجىسى

(4 نەپەر ۋەكىل)

1. ئەكبەر يۈسۈپ

2. گۈلباھار جېلىلوۋا

3. گۈلباھار خاتىۋاجى

4. ئاسال ھەمۋايېۋا

شىۋېتسارىيىدىكى سايلامنىڭ نەتىجىسى

(4 نەپەر ۋەكىل)

1. ئەندىلى مەمەتكېرىم

2. كېرىم شىرىپ

3. رىزۋانە ئىلھام

4. ھەبىبۇللا خالىق

ئەنگلىيىدىكى سايلامنىڭ نەتىجىسى

(4 نەپەر ۋەكىل)

1. كېرىم زاھىر

2. ماھىرە ئىيسايېۋا

3. ئەنۋەر توختى

4. رەھىمە مەخمۇت

شىۋېتسىيىدىكى سايلامنىڭ نەتىجىسى

(5 نەپەر ۋەكىل)

1. نىجات تۇرغۇن

2. دىلشات رىشىت

3. نەبىجان ئابلا

4. بەختىنىسا ئابدۇرېھىم

5. قەيسەر ئۆزھون

پاكىستاندىكى سايلامنىڭ نەتىجىسى

(1 نەپەر ۋەكىل)

1. مۇھەممەت ئۆمەرخان

ئافغانىستاندىكى سايلامنىڭ نەتىجىسى

(1 نەپەر ۋەكىل)

1. ئابدۇللا ئامانى

ئاۋىستىرىيىدىكى سايلامنىڭ نەتىجىسى

(1 نەپەر ۋەكىل)

1. ئالىم غوپۇرجان

دانىيىدىكى سايلامنىڭ نەتىجىسى

(1 نەپەر ۋەكىل)

1. ئابدۇخېلىل ئاۋدۇن

فىنلاندىيىدىكى سايلامنىڭ نەتىجىسى

(2 نەپەر ۋەكىل)

1. مۇھەممەت ئابدۇللا ئابدۇلھاپىز

2. ئوبۇلقاسىم ئەخمەت سەئىد

ئېرلاندىيىدىكى سايلامنىڭ نەتىجىسى

(1 نەپەر ۋەكىل)

1. ئەزىز تالى

يېڭى زىللاندىيىدىكى سايلامنىڭ نەتىجىسى

(1 نەپەر ۋەكىل)

1. دانىيار دوگانوف

سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى سايلامنىڭ نەتىجىسى

(1 نەپەر ۋەكىل)

1. ئابدۇللا ئالىم تۈركىستانى

ھىندىستاندىكى سايلامنىڭ نەتىجىسى

(1 نەپەر ۋەكىل)

1. ۋاسىم ئابدۇللاھ

سېرالىيوندىكى سايلامنىڭ نەتىجىسى

(1 نەپەر ۋەكىل)

1. ئېرشات ئىيسا

بۇلغارىيىدىكى سايلامنىڭ نەتىجىسى

(1 نەپەر ۋەكىل)

1. ئابدۇغىنى سىدىق

مىسىردىكى سايلامنىڭ نەتىجىسى

(1 نەپەر ۋەكىل)

1. ئائىشە تۇرسۇن

روسىيىدىكى سايلامنىڭ نەتىجىسى

(2 نەپەر ۋەكىل)

1. ياسىنجان روزىيېف

2. ئەلىشىر نىيازوف

ئالبانىيىدىكى سايلامنىڭ نەتىجىسى

(1 نەپەر ۋەكىل)

1. ئابابەكرى قاسىم

سايلانغان ئومومى ۋەكىللەر سانى جەمئى 205 كىشى

د ئۇ ق نىڭ دۇنيادىكى كاندىدات ۋەكىللىرى

گېرمانىيە كاندىدات ۋەكىللىرى

1.راھىلە ئوسمان
2.تاش مەمەت
3.راھىلە ئەزىز
4.ئوسمان مەمەت
5.ئابدۇجېلىل ھاجى
6.ئابدۇسۇپۇر ئابدۇغوپۇر
7.شاھىدە ئاتاۋۇللا
8.نۇرگۈل ئابلىز
9.ئەسقەر جان
10.نۇرگۈل روزى
11.نۇرمەمەت تۇرسۇن
12.زۇبەيدە ھۇشۇرمەمەت
13.يۈسۈپ مۇھەممەد
14.تۇرسۇن تىلىۋالدى
15.تۇرنىسا توختى
16.ئىسا ئەمىن
17.ئابدۇرېھىم ئېزىز
18.ئارمان ئۆمەر

تۈركىيە كاندىدات ۋەكىللىرى

1.ئابدۇلخەبىر ئابباس
2.ئابدۇراخمان قۇربان
3.ئابدۇللاھ ئۇيغۇر
4.مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا
5.ئەزىمەت مۇھەممەدجان
6.فىلىز ئۇيغۇرئوغلى
7.گۈل قۇل
8.ھەمىد قۇدرەت
9.ئىلھان تۇرانلى
10.ئىپارخان ئۇيغۇر
11.قادىر ئاخان
12.مەھمەت قەشقەرلى
13.رەنا شاھيار
14.شەمسىيە ئالى
15.تاشمەمەت يارمەمەت
16.تەلەت تاشمەمەت
17.سۈبھىنۇر ئۆمەرجان

كانادا كاندىدات ۋەكىللىرى

1. خەبىر قۇربان
2. مالىك تۇرسۇن
3. سەرۋىناز نۇرلى

ئاۋسىترالىيە كاندىدات ۋەكىللىرى

1.مەمەت ئوبۇل
2.زۇلفىيە زىۋىللا
3.ھەلىمە ۋەلىيىف
4.رەيھانا رۇزىھاجى
5.تۇرسۇنئاي ئىلھام
6.غەيرەت ياسىن

ياپونىيە كاندىدات ۋەكىللىرى

1.گۈلىستان ئېزىز
2.ئىلھام مەھمۇت
3.ساۋۇت مەمەت

قازاقىستان كاندىدات ۋەكىللىرى

1. ھۈسەن گايتوف
2.ساسيكوۋ دانىيار
3. ئىلشات ئىمىنوۋ
4. نىگارا ئەكبەروۋا
5.خالىدە ئازىمبەكوۋا
6.زاھىدە زۇلپىقاروۋا
7. تۇرسۇنئاي تايىپوۋا
8. ئەكبەرجان باشىروۋ
9. نازىم مىسانوۋ

قىرغىزىستان كاندىدات ۋەكىللىرى

1.مۇزەپپەرخان قۇربانوۋ
2.گۈلبەھرەم نىيازوۋا
3.كامىلجان نىيازوۋ
4.سىدىقجان يۈسۈپھاجىيىف
5.پەرھات ئىبراگىموۋ

ئۆزبېكىستان كاندىدات ۋەكىللىرى

1.فەرھاد غافۇروۋ
2.ئەركىن مەخسۇدۇف
3.تۇغلۇق باراتوۋ
4.ئىمارجان كاسىموۋ

بېلگىيە كاندىدات ۋەكىللىرى

1.نۇرئەھمەت تۇردىيېۋ

نورۋېگىيە كاندىدات ۋەكىللىرى

1.ئەلى ئامۇت
2.ئابدۇرېشت ئىلىقۇت
3.خالمۇرات ئەلى
4.قۇربان ئارىف

گوللاندىيە كاندىدات ۋەكىللىرى

1.تۇرسۇن ئەمەت
2. تۇرسۇنتايھاجى
3.مەمتىمىن ئۆمەر
4.مېھرىبان ياسىن

فىرانسىيە كاندىدات ۋەكىللىرى

1.تاشمەمەت نۇرمەمەت

شۋېتسارىيە كاندىدات ۋەكىللىرى

1. خالىق ئابدۇراھمان

ئەنگىلىيە كاندىدات ۋەكىللىرى

1. نىغمەت ۋەلىي
2. ئەزىز ئىسا
3. شۆھرەت ئىسسابايېف

پاكىستان كاندىدات ۋەكىللىرى

1. ئابدۇل ئازىز ناسەرى
2. مۇھەممەت ئەكبەر خان

ئافغانىستان كاندىدات ۋەكىللىرى

1. تۆرەجان ئامانى
2. قەمىردىن ئابدۇرەھمان

يېڭى زىنلاندىيە كاندىدات ۋەكىللىرى

1.بەختىيار دوگانوۋ

جەمئىي كاندىدات ۋەكىللىرىمىز 87

 

7 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي تەييارلىق كومېتىتى

2021 – يىلى 8 – ئاينىڭ 24 – كۈنى

تەپسىلاتى...

7 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىل سايلىمى ئاخىرلاشتى

خەۋەر مەنبەسى: ئۆز خەۋىرىمىز

 

 

تەپسىلاتى...

د ۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 200 ۋەكىلى سايلام ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 14-ئىيۇل كۈنى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە چېخىيە پايتەختى پىراگادا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى جىددىي تۈردە باشلانغان ئىدى. ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا د ئۇ ق نىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىمۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسىي جايلىرىدا سايلام ئارقىلىق بېكىتىلىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن يىغىن چاقىرىپ مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تەييارلىق كومىتېتلىرىنى قۇرۇپ چىققان. ئۇلار نۇقتىلىق ھالدا قۇرۇلتايغا ۋەكىل بولىدىغان نامزاتلارنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان. قۇرۇلتاي ۋەكىللىكىگە 370 نامزات ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، 22-ئاۋغۇست كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا سايلام ئۆتكۈزۈپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىن 200 كىشىنى ۋەكىل قىلىپ سايلاپ چىقىدىكەن.

بىز بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

تەپسىلاتى...

خىتاينىڭ دۇبەيدە مەخپى قاماقخانا قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى قامىغانلىقى مەلۇم بولدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاينىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي شەھىرىدە مەخپىي قاماقخانا قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى قامىغانلىقى ئاشكارلانغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ دۇبەيدىكى كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى بۇ مەخپىي قاماقخانا ئەسلى بىر داچا بولۇپ، قاماقخانىغا ئۆزگەرتىلگەن ئىكەن. نۆۋەتتە بۇ قاماقخانىدا ئاز دېگەندە ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئايالنىڭ تۇتۇپ تۇرۇقلۇق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان  «قارا تۈرمە» قۇرۇپ، مەشغۇلات ئېلىپ بارغانلىقىغا ئائىت تۇنجى دەلىل ئىكەن. خىتاينىڭ دۇبەيدە مەخپىي قاماقخانا قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى سولىغانلىقىغا ئائىت بۇ ئۇچۇرنى بۇ يىل 5-ئ‍ايدا دۇبەي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، مەزكۇر مەخپىي قاماقخانىغا سولانغان بىر خىتاي ئۆكتىچى قىز ئاشكارلىغان.

تەپسىلاتى...

«جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» دىكى «رەئىس ۋە شاھزادە» ناملىق ماقالىدە دولقۇن ئەيسا بىلەن شۆھرەت زاكىر توغرىسىدا توختالغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

«جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» دىكى «رەئىس ۋە شاھزادە» ناملىق ماقالىدە دولقۇن ئەيسا بىلەن شۆھرەت زاكىر توغرىسىدا توختالغان

مەزكۇر گېزىتتە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، دولقۇن ئەيسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۆرەش قىلغۇچى، شۆھرەت زاكىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكىنى دەپنە قىلغۇچى سۈپىتىدە تەسۋىرلەندى.

گېرمانىيەدىكى مەشھۇر گېزىتلەردىن بىرى بولغان «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» 8 – ئاينىڭ 14 – 15 – كۈنلىرىگە تەۋە سانىدا «رەئىس ۋە شاھزادە» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنى سېلىشتۇرۇپ چىققان. مەزكۇر ماقالىدە بىرىنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۆرەش قىلغۇچى قەھرىمان ئىكەنلىكىنى، يەنە بىرىنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكىنى دەپنە قىلغۇچى ئاسىي ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

قوشۇمچە «ئۇيغۇرلار: ئەركىنلىك ۋە جازا لاگېرى» دەپ نام بېرىلگەن، گېزىت يۈزىدە تولۇق بىر بەتنى ئىگىلىگەن بۇ زور ھەجىملىك بۇ ماقالىنى «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» نىڭ ئۈرۈمچىدىكى مۇخبىرى كىرىستوف گىزېن بىلەن مەزكۇر گېزىتنىڭ ئوبزورچىلىرىدىن گېئورگى ماسكولو ۋە يوسېف ۋىرنىشوفېر قاتارلىقلار بىرلىكتە يازغان. ماقالىدە«د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ئەتىۋارلىق شاھزادىسى شۆھرەت زاكىر» نىڭ كىملىكى، ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىتىگە تۇتقان مۇئامىلىسى، ئۆز مىللىتىنىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى پاجىئەلىك ھاياتىغا نىسبەتەن پوزىتسىيەسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ھاياتى تەسۋىرلەنگەن.

تەپسىلاتى...