د ئۇ ق نىڭ «شەرقىي تۈركىستاننىڭ 2016- يىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى» ناملىق دوكلاتىنىڭ ئاساسلىق تېمىلىرى

تۈركىستان ۋاقتى
2017 – يىلى 21– ماي

 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 17- ماي ئۆزىنىڭ رەسمىي تورىدا «2016– يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى» ناملىق يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. 33 بەتلىك بۇ دوكلات، كىرىش سۆز ۋە سەككىز بابتىن تەشكىل تاپقان. كىرىش سۆزنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ۋە ھەر قايسى باب، پاراگرافلارنىڭ ماۋزۇسى تۆۋەندىكىچە.

كىرىش سۆز

بۇ قسىىمدا بۇ دوكلاتنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2016- يىلى يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئاساسىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. بۇ دوكلاتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان ھەمدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ھالقىلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئانالىز ئېلىپ بېرىلغان.»

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ ب د ت بىناسىدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئورتاق بايانات

ۋاكالەتسىز خەلقلەر ۋە مىللەتلەر تەشكىلاتى
2017 – يىلى 9– ماي

2017- يىلى 26- ئاپرېل، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى(UNPO)نىڭ ئەزاسى دولقۇن ئەيسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەرلىك خەلقلەر مەسىلىلىرى دائىمىي مۇنبىرى(UNPFII)گە قاتنىشىۋاتقاندا مەجبۇرىي ھالدا ب د ت بىناسىدىن چىقىرىۋېتىلگەن. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرى تەشكىلاتى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدە تولۇق چۈشەنچە بېرىلىشىنى ۋە يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئىپادىلەش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

تەپسىلاتى...

خەۋەرنامە | 2017-يىلى ماي 5-سانى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نەشرىيات-تەشۋىقات كومىتېتى، 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نەشرىيات-تەشۋىقات كومىتېتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىۋاتقان «خەۋەرنامە»نىڭ بۇ قېتىملىق بەشىنچى سانىدا، قۇرۇلتىيىمىزنىڭ يېقىندا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى، ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستانغا ئائىت مۇھىم خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولالايسىلەر.

خەۋەر نامىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ:

https://drive.google.com/file/d/0B_6RLY3pt-jSeFZDZnpVVEZsanM/view?usp=sharing

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى: خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى چەتئەللەردىكى مۇستەقىل ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئېچىۋېتىشى لازىم

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى
2017 – يىلى 6– ماي

2017- يىللىق دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنىدە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاخبارات چەكلىمىلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى

2017- يىللىق دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنىدە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى (UHRP) خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندا دۇچ كەلگەن ئاتالمىش مىسلىسىز بىخەتەرلىك تەھدىتىنى ئىسپاتلاشقا چاقىرىدۇ. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭ دائىرىلىرىدىن چەتئەللەردىكى مۇستەقىل ئاخبارات خادىملىرىنىڭ توسالغۇسىز ھالدا شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى دەۋا قىلىۋاتقان ئاتالمىش مۇقىمسىزلىقنى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويۇلۇۋاتقان تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى باھالىشىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

تەپسىلاتى...

ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪﺩﻩ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ  ” ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ  ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ”  ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺶ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ مۇراجىئەت

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى
2017-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى

ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻪﺯﯨﺰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ،

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺭﻩﮪﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ 2017 – ﻳﯩﻠﻰ 5 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 3 – ﻛﯜﻧﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ” ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ  ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ”    ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻨﻰ 2017 – ﻳﯩﻠﻰ 7 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 21 – ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ 23 – ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﺴﺘﯧﺮﺩﺍﻡ ﺷﻪﮪﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯧﭽﯩﺶ  ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ.

ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﻨﯩﯔ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺭﻩﮪﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺩﯗﻕ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ  ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ   ” ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ  ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ”  ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﻠﯩﺪﯗ.

تەپسىلاتى...

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى: خىتاي سەمىمىي بولسا زۇلۇم سىياسەتلىرىنى توختاتسۇن

ئىنسان ھەقلىرىنى كۈزىتىش تەشكىلاتى
2017 – يىلى 27– ئاپرىل

خىتاي ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ نۇرغۇن مۇسۇلمانچە ئىسىملىرىنى چەكلىدى

سوفى رىچاردسون(Sophie Richardson)

ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئىسىم تاللىغان ۋاقتلىرىدا، ئەلۋەتتە بۇ شەخسلەر ئۆزى قارار قىلىدىغان بىر خۇشاللىق ئىش، ئۇلار پەرزەنتلىرىدىن كۈتكەن ئۈمىدلىرىگە قارىتا ياكى باشقا ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەتلەرگە ئاساسەن قارار چىقىرىدۇ. چەكلەنگەن ئىسىملار تىزىملىكى قوللىنىشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىشنى نۇرغۇن كىشى تەسەۋۋرۇمۇ قىلىپ باقمىغان، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان – ت) رايونىدا يېڭىدىن مۇشۇنداق بىر بىمەنە چەكلىمىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ دائىرىلىرى يېقىندا دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا كەڭ قوللىنىلىدىغان سادام، مەدىنە قاتارلىق دىنىي تۈسى قويۇق بولغان نەچچە ئون ئىسىمنى «دىنىي قىزغىنلىقنى ئاشۇرىۋېتىدۇ» دېگەنگە ئاساسەن چەكلىگەن. چەكلەنگەن ئىسىملار قويۇلغان بالىلار نوپۇسقا ئېلىنمايدىغان بولۇپ، نوپۇس ئۇلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش ۋە باشقا ئاممىۋى مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسىنىڭ باياناتى: خىتاي باستۇرۇشلىرىنى «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرى» نامىدا داۋاملاشتۇرماقتا

 ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى

2017 – يىلى 18 – ئاپرىل

img_thumb

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى خىتاينىڭ يېڭىدىن يولغا قويغان «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامنامىسى»نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئىبادەتلىرىگە چەكلىمە قويۇش ئارقىلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇققا ئوچۇق ئاشكارا دەخلى تەرۇز قىلىشىغا قارىتا ئەندىشىسىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەتلەر، كۆپ تەرەپلىك ئورگانلار ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىدىكى، بولۇپمۇ دىنىي ئەركىنلىك جەھەتتىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا ئەسكەرتىشكە چاقىرىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 29- مارت ماقۇللىغان «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامنامىسى» 1- ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ يېڭى تەدبىرلەر بۇندىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان ئىجرا قىلىنغان قانۇن – نىزاملار، يەنى 2015- يىلى ماقۇللانغان «ش ئۇ ئا ر دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نىزامنامىسى» ۋە 2016- يىلى ماقۇللانغان «ش ئۇ ئا ر نىڭ خىتاينىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامنامىسى» ئاساسىدا ماقۇللانغان.

ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون بولغان شەرقىي تۈركىستاندا بۇنداق قاتتىق قانۇن – بەلگىلىمىلەرنىڭ ماقۇللىنىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى باستۇرۇشىنىڭ قاراتمىلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. بۇ سەۋەبتىن، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى خىتاي باستۇرۇشلىرىنى قانۇن – تۈزۈملەر شەكلىدە قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ دەپ قارايدۇ.

تەپسىلاتى...

پراگادا چاقىرىلغان «رادىكاللىقتىن ساقلىنىش» تېمىسىدىكى يىغىنغا د ئۇق ۋەكىلى قاتناشتى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 12 – ئاپرىل

8876945d-5fa9-4187-87a1-5d95dac014e4

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «رادىكاللىقتىن ساقلىنىش، ئاشقۇنلۇققا قارشى ئىستراتېگىيە تۈزۈپ چىقىش» ناملىق خەلقئارالىق يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى.

چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى پراگا شەھىرىدە 7-ئاپرېلدىن 11-ئاپرېلغىچە داۋاملاشقان «رادىكاللىقتىن ساقلىنىش، ئاشقۇنلۇققا قارشى ئىستراتېگىيە تۈزۈپ چىقىش» يىغىنىغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭ بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر خەلقئارالىق يىغىننى كۆپلىگەن ھۆكۈمەتكە تەۋە ئەمەس تەشكىلاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئالدى بىلەن بۇ يىغىننى تەشكىللىگەن ئاساسلىق ئورگانلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، يىلدا ئىككى قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ يىغىننىڭ خەلقئارالىق تەسىرىنىڭ زورلۇقىنى تىلغا ئالدى.

تەپسىلاتى...

خەۋەرنامە | 2017-يىلى ئاپرىل 4-سانى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نەشرىيات-تەشۋىقات كومىتېتى، 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى

xewername4_copy

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نەشرىيات-تەشۋىقات كومىتېتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىۋاتقان «خەۋەرنامە»نىڭ بۇ قېتىملىق تۆتىنچى سانىدا، قۇرۇلتىيىمىزنىڭ يېقىندا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى، ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستانغا ئائىت مۇھىم خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولالايسىلەر.

خەۋەر نامىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ:

https://drive.google.com/open?id=0B_6RLY3pt-jSdnQ5RlF4bHZNNWc

 

 

تەپسىلاتى...

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان يىڭى دىنىي سىياسەت – بەلگىلىمىلىرىگە قارشى ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باياناتى

شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى
2017 – يىلى 4– ئاپرى

thu-bayanat-l0wtrq1ksrz3qojdfhqt

    ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ھەر تۈرلۈك زۇلۇم – سېتەملەر يېقىندىن بىرى تېخىمۇ كۈچىيىپ، چەكتىن ئاشتى. ئىسلام دىنىنىڭ نۇقتىلىق بەلگىلىمىلىرى بولغان ھىجاپ ۋە ساقالغا ئوخشاش مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئادەتتىكى ئىبادەت تۈرلىرىگىمۇ چەكلىمە قويۇشتەك زۇلۇملارنىڭ رەسمىي قانۇنلاشتۇرۇلغانلىقى خەلقئارالىق تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا كەڭ ئورۇن ئالدى.

   2017 – يىلى 30- مارت كۈنى خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 50 ماددىلىق يىڭى چەكلىمىلەرنى يولغا قويغانلىقى ئېلان قىلىندى. بۇ ماددىلار ئاساسىي جەھەتتىن ئىسلامنى سوتسيالىزىمغا ماسلاشتۇرۇش دېگەنگە ئوخشاش سەپسەتەلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، خەلقىمىزنى دىنى ئەركىنلىكتىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىشتەك بىر شۇملۇقنى قانۇنلاشتۇرۇشنى تۈپ مەقسەت قىلغان ۋە 2017- يىلى 4- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن ئىتىبارەن رەسمى ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغان.

تەپسىلاتى...