د ئۇ ق 6 ‏-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن ئالىي رەھبەرلىك ھەققىدىكى قارار

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، 2017-يىل 22-نۇيابېر


ئىزاھات :   بۇ نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدا 5 ‏-قۇرۇلتاي دائىمىي كومېتىتى بۇ يىل 6 -ئاۋغۇست كۈنى ئالغان تۆۋەندىكى قارار ،  ۋەكىللەرنىڭ سەمىگە سېلىندى ۋە قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىشى بىلەن مۇتلەق كۈپ سانلىقنىڭ ئاۋازىدا ماقۇللاندى. قاراردىكى رابىيە قادىر خانىمنىڭ قۇرۇلتاي ئىچىدىكى ئورنى ۋە ۋەزىپىسىگە ئالاقىدار  قىسىملار تۆۋەندىكىچە:

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق نىڭ Facebook ئادرېسى ھەققىدە ئەسكەرتمە

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، 2017-يىل 20-نۇيابىر


ئەزىز ۋەتەنداشلار،

نامەلۇم شەخسلەر تەرىپىدىن Facebookتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدا ئېچىلغان بىرقانچە سەھىپە تەڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرماقتا. بۇ سەھىپىلەرنىڭ بەزىلىرىدە د ئۇ ق رەھبەرلىرىگە ياكى ئاۋامغا قارشى پىتنە – پاساتلارنىڭ تارقىلىۋاتقانلىقىمۇ كۆزگە چېلىقماقتا. بۇ سەھىپىلەرنىڭ د ئۇ ق بىلەن ئەسلى ھېچ مۇناسىۋېتى يوق.

د ئۇ ق نىڭ Facebookتا ئۆزى قۇرغان ئىنگىلىزچە   World Uyghur  Congress نامىدىكى رەسمىي سەھىپىمىز ۋە ۋە ئۇيغۇرچە «د ئۇ ق ئۇچۇر – تەشۋىقات مەركىزى» نامىدىكى رەسمىي سەھىپىمىزدىن ئىبارەت ئىككىلا سەھىپىمىز بار.

تەپسىلاتى...

ۋايمېر شەھرىدىكى تېپىشماق

تۈركىستان ۋاقتى خەۋىرى
2017 – يىلى 20– نۇيابىر

خىتاي ۋايمېر (Weimar)   شەھرىدىن ئۇلارنىڭ  ئىلھام توختىغا بەرگەن ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتىنى قايتۇرىۋېلىشىنى تەلەپ قىلغان، ۋايمېر شەھرى بۇنى ئەلۋەتتە رەت قىلغان. ئەمما، شۇندىن بېرى غەلىتە ئىشلار يۇز بەرگەن.

ئاپتور: Kai Strittmatter

تەپسىلاتى...

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 6 – نۆۋەتلىك پەۋقۇلاددە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئاخباراتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، 2017-يىل 13-نۇيابىر

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 6 – نۆۋەتلىك پەۋقۇلاددە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئاخباراتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى(تۆۋەندە قىسقارتىپ د ئۇ ق دەپ ئاتىلىدۇ) 6 – نۆۋەتلىك پەۋقۇلاددە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 19 دۆلەتتىن كەلگەن 120دىن ئارتۇق رەسمىي ۋەكىل، مېھمان ۋە كۈزەتكۈچىلەرنىڭ ئىشتىراكىدا گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە 11-ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلدى.

دەۋىر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي شەرقىي تۈركىستاندا كۈنسىرى يامانلىشىۋاتقان ئۇمۇمىي ۋەزىيەت ۋە تەشكىلاتنىڭ ئىچكىي كىرىزىسلىرىنى ھەل قىلىش ئىھتىياجىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن چاقىرىلغان بولۇپ، قۇرۇلتايدا مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىللىك ئورگىنى بولغان د ئۇ ق نىڭ تەشكىلىي تۈزۈلمىسى ئىسلاھ قىلىندى ۋە كېلەچەكتىكى مىللىي مۇجادىلىنىڭ يول خەرىتىسى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلدى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق نىڭ 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئاخىرلاشتى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 14– نۇيابىر

12-نويابىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئاخىرلاشتى.

د ئۇ ق نىڭ 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتىيى 11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە 3 كۈن داۋاملاشتى. پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاينىڭ يېپىلىش مۇراسىمى سائەت 14:00 تە ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. يېپىلىش مۇراسىمىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا يېڭى سايلانغان ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر ۋە 20 دۆلەتتىن كەلگەن 120 ئەتراپىدا ۋەكىل قاتناشتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يېپىلىش نۇتقىدا، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى، بىرلىك-ئىتتىپاقلىقنىڭ ئېغىزدىكى قۇرۇق شوئار بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى، ئەمىلى خىزمەتلەر بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تەپسىلاتى...

6 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىك ھەيئىتىنىڭ تىزىملىكى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، 2017-يىل 13-نۇيابىر

6 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىك ھەيئتىنىڭ تىزىملىكى

2017 – يىلى 11 – ئاينىڭ 10 – كۈنىدىن 12 – كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىلغان 6 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلاپ چىقىلغان يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتىدىكىلەر تۆۋەندىكىچە :

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق نىڭ 6-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ميۇنخېندا باشلاندى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 12– نۇيابىر

10-ئۆكتەبىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە باشلاندى.

د ئۇ ق نىڭ 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتىيى 11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە 3 كۈن داۋاملىشىدىكەن. پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بۈگۈن سائەت 10:00 دا ميۇنخېن شەھىرىدىكى كرىستال مېھمانخانىسىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، مىللىي مارشقا ھۆرمەت بىلدۈرۈشتى. ئارقىدىن گېرمانىيەنىڭ دۆلەت مارشى ئورۇنلاندى. ئېچىلىش مۇراسىمىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا رىياسەتچىلىك قىلدى. 

تەپسىلاتى...

ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرۇلۇش خاتىرە كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن!

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 12– نۇيابىر

1933- يىلى 12- نويابېر قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 84 يىللىقى ۋە 1944- يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 73 يىللىق خاتىرە كۈنىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز! بىزگە بۇ قىممەتلىك مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئەجدادلىرىمىزنى مىننەت بىلەن ياد ئېتىمىز ۋە يەنە بىر قېتىملىق جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ ئەڭ تېز ۋاقتتا دۇنياغا كېلىشىگە تىلەكداشمىز!

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق 6-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاخىرلاشتى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 8– نۇيابىر

6-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تەييارلىق كومىتېتى تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ نەتىجىلىك ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

5-نويابىر كۈنى 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاي تەييارلىق كومىتېتىنىڭ ئاخىرقى تېلېفون يىغىنى چاقىرىلىپ، تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تولۇق خۇلاسىلىگەن. 20 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن 130 دىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشماقچى بولغان 6-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى.

تەپسىلاتى...

سۈنئىي ئاپتونومىيە: ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەل سورۇنىدىن سىقىپ چىقىرىلىشى

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى
2017 – يىلى 5– نۇيابىر

بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 19- نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك سياسىي يىغىن بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا ئاز سانلىقلار ۋە ئاياللار ۋەكىللىرىنىڭ يېتەرسىزلىكى دىققەت تارتتى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ تارقىلىشى ھەققىدىكى يېڭى بىر دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ۋەكىللەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل ئىكەنلىكى بايقالدى. گەرچە ھۆكۈمەت «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتىسىمۇ، لېكىن  يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىغا خىتايلار قويۇلغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى(تۆۋەندە قىسقىچە ئۇ ك ھ ق دەپ ئېلىندى – تەرجىماندىن)نىڭ قارىشىچە، چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر ۋاقتتا سىياسىي بيۇرو ئەزاسى بولۇپ سايلىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرىنى تېخىمۇ تارايتىۋېتىدۇ. ئۇ ك ھ ق شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، چېن چۈەنگونىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئىشلاردىكى ۋەكىللىك ئورنىنى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

تەپسىلاتى...