«تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دىكى ئۇيغۇرلار سانىنىڭ ئىككى مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە ئىكەنلىكى ئالغا سۈرۈلمەكتە

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  6-ئاۋغۇست

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زور كۆلەملىك تۇتقۇنغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋال تاكى يېقىنغىچە «بىر مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر سولانغان» دېگەن شەكىلدە مەلۇم بولۇپ كەلگەن ئىدى. نۆۋەتتە بۇ ساننىڭ ئاللىقاچان ئۈچ مىليونغا يېقىنلىشىپ قالغانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە.

تەپسىلاتى...

دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە مىنىستىرلار يىغىنى: خىتايغا ئالاقىدار بايانات

تۈركىستان ۋاقتى خەۋىرى
2018 – يىلى  31-ئىيۇل

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋەكىللىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىككە قويغان قاتتىق چەكلىمىلىرىگە چوڭقۇر ئەندىشىلىرىمىزنى بىلدۈرىمىز، ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى بارلىق شەخسلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز. خىتايدىكى نۇرغۇن دىنىي ئاز سانلىقلار – ئۇيغۇر، تۇڭگان ۋە قازاق مۇسۇلمانلىرى؛ تىبەت بۇددىستلىرى؛ كاتولىكلار، پروتېستانلار؛ فالۇنگۇڭچىلار – ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادى سەۋەبلىك ئېغىر باستۇرۇش ۋە كەمسىتىشكە ئۇچرىماقتا. بۇ توپلۇملار دوكلاتلىرىدا ئىزچىل تىزىمغا ئالدۇرغان ياكى ئالدۇرمىغان دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ مۇخلىسلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە تىنچ ئىبادەتلىرىگە ئالاقىدار پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن دائىرىلەرنىڭ تەن جازاسى، جىسمانى جەھەتتىن خورلاش، خالىغانچە قولغا ئېلىش، قاماپ قويۇش، جازاغا ھۆكۈم قىلىش ياكى پاراكەندە قىلىشغا ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. دائىرىلەر يەنە نۇرغۇنلىغان دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە ساياھەت چەكلىمىسى قويغان، ھەمدە ئۇلارنىڭ سايلام، مائارىپ ئىشلىرىغا ۋە ھۆرمەتكە ئېرىشىشىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە تىبەت بۇددىستلىرىغا ئېلىپ بارغان دىن، تىل ۋە مەدەنىيەت كىملىكى جەھەتتىكى قاتتىق باستۇرۇشلىرىغا قارىتا چوڭقۇر ئەندىشىمىزنى بىلدۈرىمىز.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا پايتەختىدە ئۇيغۇر نىداسىغا تويۇنغان بىر كۈن

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  25-ئىيۇل

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋە كونتروللۇقنىڭ ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپلەپ خەۋەر قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ھالنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ھەرقايسى ئورگانلارنىڭمۇ تېگىشلىك دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى مايك پومپىيونىڭ بىۋاسىتە ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان دىنىي ئەركىنلىك تېمىسىدىكى خەلقئارالىق يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭمۇ ئالاھىدە تېما قىلىپ بېكىتىلىشى بۇ نۇقتىنى يەنە بىر ياقتىن تەستىقلايدۇ. مەزكۇر يىغىن ئېچىلىشنىڭ ھارپىسىدا، يەنى 23-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكىگە قاراشلىق «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى» ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا مەخسۇس بۇ ھەقتە يىغىن چاقىردى.

تەپسىلاتى...

16-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئىستانبۇلدا ئاخىرلاشتى

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  19-ئىيۇل

16-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىلىملىرى بىلەن تەربىيەلەش كۇرسى ئىستانبۇلدا ئاخىرلاشتى.

13-ئىيۇلدىن 15-ئىيۇلغىچە ئىستانبۇل رامادا مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن كۇرستا گېرمانىيە، بېلگىيە ۋە تۈركىيەدىن تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر «شەرقىي تۈركىستان تارىخى»، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا نەزەر»، «شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر داۋاسىدىن مەلۇمات»، «خەلقئارالىق ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش تىرىشچانلىقىمىزغا ئومۇمىي نەزەر» دېگەندەك تېمىلاردا دوكلات بەرگەندىن كېيىن، كۇرسقا ئىشتىراك قىلغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن مەزكۇر تېمىلار توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. كۇرسنىڭ ئاخىرقى كۈنى گۇرۇپپىلار بويىچە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلۈپ، مۇزاكىرە نەتىجىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈلدى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق تەتقىقات كومىتېتى تەرىپىدىن يېڭىدىن تۈزۈلگەن پاناھلىق تىلەش قوللانمىسى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات كومىتېتى

2018-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نتەتقىقات كومىتېتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى ۋە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدىن ئىبارەت ئىككى خىل يېزىقتا ئىشلەنگەن، مەخسۇس پاناھلىق تىلەش ھەققىدە ساۋات ئۇمۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلگەن قوللانمىنى بۇ ئادرېسدىن چۈشۈرۈپ ئالالايسىز. قوللانما ھەققىدە ھەر قانداق تەلەپ – پىكىر بولسا بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق «ئىستىقلال مارشى مۇكاپاتى» نى يولغا قويىدۇ

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  10-ماي

د ئۇ ق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «ئىستىقلال مارشى مۇكاپاتى» نى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرى 8-ماي تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، د ئۇ ق مەركىزى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى مۇكاپاتى» پائالىيىتىنى يولغا قويىدىكەن.

بۇ پائالىيەت 5-ئاينىڭ 15-كۈنى باشلىنىپ، 9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن. تەرەپسىز خادىملارنىڭ باھالىشى بىلەن، بۇ مۇكاپاتنىڭ ئىقتىسادىي سوممىسى مۇشۇ يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنى، يەنى 1933-قەشقەردە قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» ۋە 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا تارقىتىلىدىكەن.

تەپسىلاتى...

«نامسىز مەھبۇسلار»غا جىددىي ياردەم قىلىڭ!

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018 – يىلى 25– فىۋرال

د ئۇ ق شەرقىي تۈركىستاندىكى <<يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى>>گە يىغىۋېلىنغانلار، تۇرمىلەرگە سولانغانلار (كېسىلگەن ياكى كېسىلمىگەن بولسۇن)، ئىز – دېرەكسىز غايىپ بولغانلار، ھەرخىل <<تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرى>>گە قامالغانلار ۋە تۈرلۈك ھەقسىزلىقلارغا ئۇچرىغانلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى توپلاپ، ئارخىپ ھالىتىدە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنى دەلىل – ئىسپاتلىق ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ھازىرلىق ئېلىپ بارماقتا.

ۋەتەن سىرتىدىكى بارلىق قېرىنداشلىرىمىزدىن پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەزمۇنلار ھەققىدە بىزنى قىسقىچە ئۇچۇر، سۈرەت ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىشىنى جىددىي ئىلتىماس قىلىمىز.

 

 

تەپسىلاتى...

ياۋرۇپا پارلامېنتى ئالدىدىكى 5000 كىشىلىك نامايىش ئۈچۈن ئالغا!

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018 – يىلى 13– فىۋرال

ئەزىز ۋەتەنداشلار، 4 – ئاينىڭ 27 – كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىرۇسسېلدىكى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان 5000 كىشىلىك نامايىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددىي داۋام قىلماقتا.

د ئۇ ق ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى (UNPO) بىلەن بىرلىكتە، ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىكى <<نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى>>، <<شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى>>، <<فىنلاندىيە شەرقىي تۈركىستان جەمىيىتى>>، <<بېلگىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى>>، گوللاندىيەدىكى <<ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى>>، <<شىۋېتسارىيە شەرقىي تۈركىستان جەمىيىتى>>، <<ئەنگىلىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى>>، <<فرانسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى>>، <<گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتى>> ۋە گېرمانىيەدىكى <<ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى>> قاتارلىق 10 ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ تەشكىللىشى ئاستىدا <<نامايىش تەييارلىق كومىتېتى>> نى قۇرۇپ چىقتى. مەزكۇر كومىتېتقا ئەزا تەشكىلاتلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە نامايىشقا سەپەرۋەرلىك قىلىش خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرماقتا.

بۇ قېتىمقى نامايىشقا ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇرلاردىن سىرت، شىمالىي ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق 20 گە يېقىن دۆلەتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ قاتنىشىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

بىز ياۋرۇپادىكى بارلىق ۋەتەنداشلارنىڭ مەسىلىگە جىددىي قاراپ، يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، 4 – ئاينىڭ 27 – كۈنىدىكى 5 مىڭ كىشىلىك نامايىشقا تەييارلىق قىلىشلىرىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

نامايىش تەييارلىق كومىتېتى

تەپسىلاتى...

ياۋرۇپا پارلامېنتى ئالدىدا 5 مىڭ كىشىلىك نامايىش چاقىرىقى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018 – يىلى 22– يانۋار

مۆھتىرەم ۋەتەنداشلار،

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى كۈنسىرى ئېغىر زۇلۇم ئاستىدا قىينىلىۋاتقان ئەزىز خەلقىمىزنىڭ يۈرەك ساداسىنى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىگە تەسىرلىك رەۋىشتە ئاڭلىتىش ۋە ياۋرۇپا پارلامېنتى، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىغا قارشى جىددىي قارارلار قوبۇل قىلىش ھەمدە ئەمەلىي بېسىم قىلىشقا چاقىرىش مەقسىدىدە، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى پارلامېنت ۋە ياۋرۇپا كومىسىيونۇ بىناسى ئالدىدا  4 – ئاينىڭ 27 – كۈنى 5 مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى.

تەپسىلاتى...

مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ ئاخىرەتلىكى خەيىرلىك بولسۇن!

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018 – يىلى 29– يانۋار

<<قۇرئان كەرىم>>نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ۋە <<مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ تەرجىمىھالى>>، <<سەھىھۇل بۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستەلانى شەرھى>>، <<ياخشىلارنىڭ باغچىسى>> قاتارلىق مەشھۇر تەرجىمە ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى بولغان يىتۈك ئالىم، ئۆلىما مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدا تارقالغان خەۋەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى قايغۇغا ئەسىر قىلدى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارىتا غەزەبلىرىنى ئۆرلەتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىن ۋە پەن ساھەسىدىكى يولباشچىلىرىنى، خەلقى تەرىپىدىن سۆيۈلگەن، ئېتىراپ قىلىنغان مۇنەۋۋەر زاتلىرىنى تۇتقۇن قىلىش، ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندا جاھالەت ھەم ئاسارەت ھۆكۈمرانلىقىنى ھاكىم قىلىش يولىدا پۈتۈن چارىلەرگە مۇراجىئەت قىلماقتا.

خىتاي تۈرمىلىرىدىكى مىڭلارچە تۇتقۇن ئارىسىدىن شېھىتلىك مۇقامىغا ئۇلاشقانلار قاتارىدىن يەر ئالغان مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ ھاياتى بويىچە ۋەتەن تۇپراقلىرىدا ئىسلامنى ياشىتىش، ئاللاھنىڭ نامىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن بەدەللەر تۆلەپ ئۆتكەنلىكى خەلقىمىزگە مەلۇمدۇر.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ داموللام يەنە ئىسلام دۇنياسىدىمۇ تونۇلغان ۋە ئىتىراپ قىلىنغان ئاتاقلىق زات ئىدى. ئۇ 1988 – يىللىرى ماراكەش پادىشاھى ھەسەن سانى تەرىپىدىن، 1990 – يىلى مىسىر رەئىسى مۇبارەك تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر ئۆلىما بولۇپ تەقدىرلەنگەن ھەمدە قازاقىستان پىرىزدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايىۋنىڭ ھۆرمىتىگە مۇشەررەپ بولغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مۇسىبەت ئىچىدىكى خەلقىمىزگە، مەرھۇمنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا سەبىرلەر تىلەش بىلەن بىرگە، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى يەنە مىڭلارچە مۇھەممەد سالىھلارنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە ئۈمىد بىلەن قاراشقا، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بارلىققا كەلگەنگە قەدەر ئۇلارنىڭ كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە چاقىرىمىز!

مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن.

ھۆرمەت بىلەن:

دولقۇن ئەيسا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى

تەپسىلاتى...