ئىككى تىرىليون توننا كۆمۈر زاپىسى بولغان ئۇيغۇر رايونىدا ئاھالىلەر كۆمۈر قىيىنچىلىقىدىن قاقشىماقتا

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ماتېرىياللىرىدا بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر رايونى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قاتارلىق بىر قاتار تەبىئىي بايلىقلىرى ئارىسىدا، كۆمۈر زاپاس مىقدارى جەھەتتىنمۇ خىتاينى بېقىپ كېلىۋاتقان رايون ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى ئىجتىمائىي ئاخبارات خەۋەرلىرى ۋە مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەنە شۇ گۆھەر زېمىننىڭ ساھىبلىرى نۆۋەتتىكى قىش بوسۇغىسىدا كۆمۈر قىيىنچىلىقى يەنى جىددىي ھالدىكى ئىسسىنىش مەسىلىگە دۇچ كەلمەكتە. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

خىتاينىڭ رەسمىي ئالاقىدار ماتېرىياللىرىدا بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ كۆمۈر زاپىسى 2. 2 تىرىليون توننا بولۇپ، بۇ خىتايدىكى ئومۇمى كۆمۈر زاپىسىنىڭ 40%نى تەشكىل قىلىدۇ؛ بۇ زاپاسنىڭ 15 %ئى ئىشلىتىلگەن تەقدىردىمۇ خىتاينىڭ 100 يىللىق ئىسسىنما ئېھتىياجىنى قامدىيالايدۇ. مانا بۇ زېمىننىڭ ئىگىلىرى بۈگۈن كۆمۈر باھاسىنىڭ يۈكسەكلىكى ۋە قىش ھارپىسىدا كۆمۈرگە ئېرىشەلمىگەنلىكى ھەققىدە قاقشىماقتا. ئىجتىمائىي ئاخباراتلاردىكى بۇ قاقشاش بەزىدە يۇقىرىقىدەك ناخشا شەكلىدە، بەزىدە تۆۋەندىكىدەك چاقچاق شەكلىدە ئىپادىلەنمەكتە.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا لوگانو شەھەر باشلىقىدىن بېيجىڭ بىلەن بولغان «دوستلۇق مۇناسىۋىتى» نى ئۈزۈشنى تەلەپ قىلغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ لوگانو شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى فىلىپپو لومباردى ئەپەندى(ئوتتۇرىدا) بىلەن كۆرۈشتى. 2021-يىلى 3-نويابىر، لوگانو، شىۋېتسارىيە.

3-نويابىر كۈنى شىۋېتسارىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «RSI» خەۋەرلەر قانىلى «ئۇيغۇر ۋەكىللەر ئۆمىكى لوگانودا» ناملىق بىر خەۋەر ئېلان قىلدى. خەۋەردە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ لوگانو شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى فىلىپپو لومباردى ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، لوگانو بىلەن بېيجىڭنىڭ «دوستلۇق مۇناسىۋىتى» نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى سۆز بېشى قىلىنغان ئىدى.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «3-نويابىر (چارشەنبە) كۈنى، ئۇيغۇر ۋەكىللىرى لوگانو شەھەرلىك ھۆكۈمەتنى زىيارەت قىلدى. بىر سائەت ئەتراپىدا داۋام قىلغان غەيرى رەسمىي سۆھبەتتە، ئۇيغۇر ۋەكىللىرى لوگانو شەھرىنىڭ بېيجىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆھبەت ئەسناسىدا ‹لوگانونىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كىشىلەرگە يامان تەسىر بېرىدۇ. چۈنكى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىزنىڭ مىللىتىمىز ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقتا. بىز بۈگۈن سىلەرگە خەلقىمىز ئۇچراۋاتقان زوراۋانلىقلار توغرىسىدا مەلۇمات بەردۇق. بېيجىڭنىڭ جىنايەتلىرىگە دائىر دەلىللەر، خىتاينىڭ ھۆرمەت كۆزى بىلەن قاراشقا لايىق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ› دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى.»

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق رەئىسى «جەنۋە مۇنبىرى 2021» يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

1-نويابىر شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى خەلقئارا مۇھاكىمە مەركىزى زالىدا 4-نۆۋەتلىك «جەنۋە مۇنبىرى» يىغىنى باشلانغان. بۇ خەلقئارالىق يىغىننى سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇنىڭ جەنۋەدىكى ئىشخانىسى بىرلىكتە تەشكىللىگەن. «جەنۋە مۇنبىرى 2021» دەپ ئاتالغان بۇ يىغىنغا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بىرقىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، غەرب ئەللىرىنىڭ ب د ت دىكى بەزى دېپلوماتلىرى ۋە سابىق دۆلەت رەھبەرلىرى، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار بولۇپ 100 گە يېقىن كىشى قاتناشقان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بىر بۆلۈك ئۇيغۇر ۋەكىللىرىمۇ تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات تەقدىم قىلغان.

«خىتاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ يىغىن سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى رەئىسى پېنپاسېرىڭ ئەپەندىنىڭ ئېچىلىش نۇتۇقى بىلەن باشلانغان. يىغىندا خىتاينىڭ ئۆز مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى تىبەت، شەرقىي تۈركىستان، جەنۇبىي موڭغۇلىيە خەلقلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈپ كەلگەن ھەمدە داۋاملىق ئىجرا قىلىۋاتقان ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئاساسلىق تېما بولغان.

تەپسىلاتى...

مۇتەخەسسىسلەر: «ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقانلىرى قىرغىنچىلىقنىڭ پۈتۈن ماددىلىرىنى نامايەن قىلماقتا!»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كىلىمات سۆھبىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئەگىشىپ يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى تېمىلار سەل پسكويغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. 30-ئۆكتەبىر كۈنى ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقات فاكۇلتېتى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئامېرىكا شۆبىسى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تىلى ۋە مىللىي كىملىكىگە قارىتا داۋاملىشىۋاتقان تەھدىتلەر» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمىيە يىغىنى بۇ مەسىلىنى يەنە بىر قېتىم ھەر ساھەنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ رىياسەتچىسى، ئ‍ىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتتى، دوكتۇر گاردنېر بوۋىڭدون سۆز ئېلىپ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك تەھدىتلەر ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى. ئۇ يەنە نۆۋەتتىكى رېئاللىققا قارىتا سۆز قىلىشتا پائالىيەتچىلەردىن باشقا ئىلمىي ساھەنىڭمۇ بۇنىڭغا ئىشتىراك قىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى سۆزلەپ ئۆتۈشنى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى گۈلنىسا نەزەروۋاغا ھاۋالە قىلدى.

ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇچسى گۈلنىسا نەزەروۋا بۇ ھەقتىكى مەۋجۇت رېئاللىقنىڭ ھازىر كۆپلىگەن ساھەلەرگە يېيىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدە ئاللىقاچان يۇقۇرى پەللىگە چىقىۋاتقان نۆۋەتتىكى غايەت زور كىرىزىسنىڭ ھازىر ئاددىيلا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى، شۇڭا بۇ مەسىلە ھەققىدە ھەممىلا ساھەنىڭ ۋىجدانىنى ئويغىتىش لازىملىقىنى، شۇڭا بۇنىڭدا پائالىيەتچىلەردىن باشقا يەنە ئىلمىي ساھەنىڭمۇ تېگىشلىك رول ئوينىشى لازىملىقىنى سۆزلەپ ئ‍ۆتتى.

تەپسىلاتى...

ئەنەس كەنتەر: «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك تىلەيمەن!»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلەش چۇقانلىرىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ پۇقراۋى تەشكىلاتلارنىڭ بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇتۇش تىرىشچانلىقلىرى يېقىندىن بۇيان كۆپلىگەن خۇشاللىنارلىق ئۇتۇقلارغا ئېرىشمەكتە. 30-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئالدىدىكى ئاممىۋى مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە يىغىلىشنى ئەنە شۇ خىل ئۇتۇقلارنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى شۇ كۈنى بىر مەيدان زور كۆلەملىك بىرلەشمە يىغىلىش ۋە نۇتۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتنىڭ مەركىزىي تېمىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدە مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھىسى» نى ماقۇللاش خىزمىتىنى تېزلىتىش بولۇپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئاددىيلا «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» بولماستىن پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ۋىجدانىغا ۋە مەسئۇلىيىتىگە چېتىشلىق زور مەسىلە ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى. پائالىيەت مەيدانى ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتىن بالدۇرلا ئاي-يۇلتۇزلۇق «شەرقىي تۈركىستان بايرىقى»، شۇنىڭدەك تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ بايراقلىرىنى كۆتۈرگەن نەچچە يۈز كىشى بىلەن كۆتۈرەڭگۈ روھقا تولغان ئىدى. يەنە كېلىپ پائالىيەت ئورنىنىڭ يىل بويى توپ-توپ ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئالدىدا بولۇشى ئاشۇ يوچۇن كىشىلەرگىمۇ بۇ جايدىكى پائالىيەتتىن ئۇچۇر بەرمەكتە ئىدى.

پائالىيەتكە ئۆتكەن بىرنەچچە ھەپتىدىن بۇيان ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۆزىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئەيىبلەش بىلەن ھەرقايسى ساھەنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلىنىپ قالغان داڭلىق ۋاسكېتبول چولپىنى ئەنەس كەنتەرنىڭمۇ قاتناشقانلىقى بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقاردى.

تەپسىلاتى...

IPAC ئەزالىرى خىتايغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

29-ئۆكتەبىر كۈنى دۇنيا رەھبەرلىرى 30-31-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىغان «20 دۆلەت گۇرۇھى» ( G-20) يىغىنى ئۈچۈن ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمغا يىغىلىشتى. ئۇلارنىڭ مۇھىم نۇقتىسى كورونا ۋاباسى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا «خىتايغا قارشى پارلامېنتلار كومىتېتى» يەنى IPAC نىڭ ئەزالىرىمۇ رىمغا توپلانغان. ئۇلار دۇنيا رەھبەرلىرىنى كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىگە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك مەسىلىسىنى تېگىشىۋەتمەسلىككە چاقىرىق قىلغان.

«خىتايغا قارشى پارلامېنتلار كومىتېتى»، يەنى قىسقىچە «ئايپەك» (IPAC) دەپ ئاتالغان بۇ كومىتېت ئۆتكەن يىلى 4-ئىيۇن كۈنى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. مەزكۇر كومىتېت ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە روبېرت مېنېندېز، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى رېينخارد بۇتىكوفېر ۋە پارلامېنت ئەزاسى، ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ سابىق رەھبىرى ئىئىن دانكان سىمىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز دۆلەتنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان 18 داڭلىق پارلامېنت ئەزاسىدىن تەركىب تاپقان.

تەپسىلاتى...

«ھەدەم نەدە؟» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ياۋروپادىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرىدا قويۇلماقتا

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

گېرمانىيەنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان لايىپزىگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ھەدەم نەدە؟» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ قويۇلۇش مۇراسىمىدىن كېيىن روشەن ئابباس خانىم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2021-يىلى 26-ئۆكتەبىر.

ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى پاجىئەلىك ھاياتى «ھەدەم نەدە؟» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئارقىلىق ياۋروپا دېپلوماتلىرىغا تونۇشتۇرۇلماقتا.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ قوللىشى بىلەن «ھەدەم نەدە؟» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم 14-ئۆكتەبىردىن ئېتىبارەن ئامېرىكانىڭ گېرمانىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرىدا قويۇلۇشقا باشلىغان ئىدى. 26-ئۆكتەبىر بۇ فىلىمنىڭ قويۇلۇش مۇراسىم گېرمانىيەنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان لايىپزىگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. مۇراسىمغا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ لايىپزىگدىكى دېپلوماتلىرى ھەمدە گېرمانىيەدىكى كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئۇيغۇرشۇناسلار، مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار قاتناشقان.

تەپسىلاتى...

قەشقەردىن نەنجىڭغا يۆتكەلگەن 3000 دىن ئارتۇق مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچىنىڭ 30 پىرسەنتى ئۆسمۈرلەر ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

سىچۈەندىكى بىر ئەمگەك كۈچى يۆتكەش شىركىتى بۇ يىل6-ئايدا قەشقەردىن نەنجىڭغا يۆتكىگەن 3000 دىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنىڭ 30 پىرسەنتىنىڭ 16 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان ئۆسمۈرلەر ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. ئىچكىي خىتايغا يۆتكەلگەن ئىشچىلارنىڭ تەركىبى ھەققىدە بۇ قېتىم تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن مەزكۇر شىركەت خادىمى، يۆتكەلگەنلەر ئىچىدە «تەربىيەلەش مەركىزى» دىن چىققانلارنىڭمۇ بارلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئالدىنقى كۈنى تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان سىچۈەندىكى بىر ئەمگەك كۈچى يۆتكەش مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ خادىمى، بۇ يىل6-ئايدا قەشقەردىن 3000 دىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى نەنجىڭدىكى ئىككى فابرىكاغا يۆتكىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. بۈگۈن تېلېفونىمىزنى قايتا قوبۇل قىلغان بۇ خادىم، مەزكۇر 3000 دىن ئارتۇق ئىشچىنىڭ تەركىبى ھەققىدە بەزى مەلۇماتلارنى بەردى. ئۇ بەرگەن مەلۇماتىدا نەنجىڭغا يۆتكەلگەن مەزكۇر 3000 دىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنىڭ 30 پىرسەنتىنىڭ 16-18 ياش ئارىسىدىكىلەر، يەنى ئۆسمۈرلەر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىىدى. لاگېرلار قۇرۇلغان 4 يىلدىن بۇيان مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە كۆپلىگەن خەۋەرلەر بېرىلگەن ۋە بۇ ھەقتە ئامېرىكادا «قانۇن» لار تەستىقلانغان بولسىمۇ، ئەمما مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرى ئارىسىدا ئۆسمۈرلەرنىڭمۇ بارلىقى تەكىتلەنمىگەن ئىدى. مەزكۇر شىركەتنىڭ توردا تارقالغان ئېلانىدا 2000 دىن ئارتۇق ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئەمگەك كۈچى بارلىقى بايان قىلىنغان.

تەپسىلاتى...

43 دۆلەت ب د ت دا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى تەكرار ئەيىبلىدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ب د ت يىغىنىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى شەرتسىز ۋە توسالغۇسىز تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىندى.

«گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىيوسى» نىڭ 22-ئۆكتەبىردىكى «ياۋروپا-ئامېرىكا شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى يەنە تەنقىد قىلدى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، 21-ئۆكتەبىر كۈنى سىن ئېكرانى ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالاھىدە يىغىنىدا ئامېرىكا باشلىق 43 دۆلەت بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئەيىبلىگەن ۋە خىتايدىن ب د ت نىڭ مەخسۇس خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاھىدە بىر زىيارەت گورۇپپىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا چەكلىمىسىز، توسالغۇسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا دەرھال يول قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.

تەپسىلاتى...

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى 10-نۆۋەتلىك پارتىيە ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىدا مۇقىملىق ۋە داۋاملىق زەربە بېرىش تەكىتلەنگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

21-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ 10-نۆۋەتلىك پارتىيە ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى ئېچىلغان. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بۇ قېتىملىق قۇرۇلتاينى مەدھىيەلىگەن خەۋەر ۋە ماقالىلەر يەر ئالغان.

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» 21-ئۆكتەبىر كۈنى بۇ قۇرۇلتاي ھەققىدە مەخسۇس ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدا «خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇمىييۈزلۈك بېيىش يولىغا يۈزلەندى. بۇ قۇرۇلتاي كومپارتىيەنىڭ ئىككىنچى يۈز يىللىق تەرەقىيات كۈرەش نىشانىدىكى مۇھىم يىغىن،» دەپ كۆرسىتىلگەن.

ۋاھالەنكى، مەزكۇر قۇرۇلتاي ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، قۇرۇلتايدا ئاساسلىق تېما يەنىلا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشنى بارلىق سىياسىي ۋەزىپىلەردىن مۇھىم دەپ بىلىش تەكىتلەنگەن.

تەپسىلاتى...