يوللانغان ۋاقتى:2022-05-09| سەھىپە: ئۇيغۇر خەۋەرلىرى خەۋەرلەر شەرقىي تۈركىستان خەۋىرى يېڭىلىقلار
خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

رادىيومىزنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمى قەشقەر چوڭبازارنىڭ چېقىلغانلىقى ھەققىدە بىر يۈرۈش خەۋەرلەرنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مەزكۇر بازارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە داۋاملىق تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدى. يېقىندا رادىيومىز تېخنىك بۆلۈمى قەشقەر چوڭبازار ئۈستىدىن سۈنئىي ھەمراھ تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، مەزكۇر بازارنىڭ ئاساسەن چېقىلىپ بولغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم دەلىللىدى.
جەمئىيەتتە يېڭىبازار ۋە چوڭبازار دەپ ئىككى خىل ئاتىلىدىغان، رەسمىي نامى «قەشقەر ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا سودا مەركىزى» بولغان بۇ بازارنىڭ چېقىلغانلىقى ئەڭ ئاۋۋال ئىجتىمائىي تاراتقۇلارىن مەلۇم بولغان ئىدى. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدا ئونىۋېرسال ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بۇ بازارنىڭ چېقىلىشى ھەققىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى رەسمىي ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ۋە ياكى ھۆججەت-ماتېرىياللىرىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرەلمەي كەلگەن. بىز ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەزكۇر بازاردىكى دۇكاندارلارنىڭ شىكايەتلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلارغا تېلېفون قىلىپ، بۇ بازارنىڭ چېقىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى ئېنىقلىغان ئىدۇق. گەرچە ئەينى چاغدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا بازارنىڭ چېقىلىۋاتقانلىقى دەلىللىنىپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ يىل31 -مارت كۈنى، يەنى خەۋەرلىرىمىز بېرىلىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، مەزكۇر بازارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇلىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەردى.
تەپسىلاتى...