بوسنىيەنىڭ سارايېۋا شەھىرىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

8-ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن بوسنىيەنىڭ سارايېۋا شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى» نىڭ 13 – قېتىملىقى بۇ ئاي، بوسنىيەنىڭ سارايېۋا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، مەزكۇر فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى يىغىننىڭ باشلىنىش مۇقەددىمىسى سۈپىتىدە ئېچىلغان. بۇ كۆرگەزمە سارايېۋانىڭ شەھەر مەركىزىدىكى چوڭ مەيداندا ئېچىلغان بولۇپ، كۆرگەزمىنى كۆپلىگەن بوسنىيەلىكلەر زىيارەت قىلدى. زىيارەت جەريانىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئاڭلىتىلغان تەشۋىقات ۋاراقلىرى ۋە دوكلاتلار كوچىدىن ئۆتۈۋاتقان خەلق ئاممىسىغا تارقىتىلدى.

كۆرگەزمىگە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تارىخى تونۇشتۇرۇلغان سۈرەتلەردىن سىرت يەنە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ۋە لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلار، چېقىۋېتىلگەن مەسچىتلەر، كىچىك بالىلارنىڭ خىتاي يەسلىلىرىدە خىتايلاشتۇرۇلۇۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى، ئاياللارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەر قويۇلغان.

رەسىم كۆرگەزمىسىنى كۆپلەپ كىشى زىيارەت قىلغان بولۇپ، بىز بىر قىسىم زىيارەتچىلەردىن، ئۇيغۇرلارنى بىلەمسىز؟ ئۇلار قەيەردە ياشايدۇ؟ دېگەندەك سوئاللارنى سورىدۇق. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلارنى بىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى ۋە «ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا قالغان خەلق» دېگەندەك جاۋابلارنى بەردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دولقۇن ئەيسا قاتارلىق رەھبەرلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرى، دىنى ئالىملار ۋە زىيالىيلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېچىلماقچى بولغان دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن سارايېۋاغا كەلگەن 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرمۇ بۇ كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى شۇنداقلا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى بوسنىيە خەلقىگە ئاڭلىتىش ۋە ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، رەسىم كۆرگەزمىسىنى مەيلى ساياھەتچىلەر بولسۇن مەيلى يەرلىك خەلق بولسۇن ناھايىتى قىزىقىپ كۆرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى ۋە بوسنىيە خەلقى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ئوخشاشلىقى بارلىقىنى، بۇ خەلقنىڭمۇ ئېغىر دەرىجىدە زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشاشلا زۇلۇمغا ئۇچرۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئۇيغۇرلارغا ئائىت بۇ سۈرەتلەرنى كۆرگەن بوسنىيەلىك ئالما تاباكوۋىك خانىم سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «مەن بىلىمەن، ئۇيغۇرلار نەچچە يىلدىن بۇيان نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىۋاتقان خەلق. بىز بوسنىيە خەلقى ئۇلارنىڭ قانداق ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىۋاتقانلىقىنى ياخشى ھېس قىلىمىز. چۈنكى بىز مۇسۇلمان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان. 1990‏-يىللاردا بىزدە ئىنتايىن قەبىھ بىر ئۇرۇش بولدى. سىرىبرانكا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى يۈز بەردى. سېربىيە مىللىي ئارمىيەسى تەرىپىدىن 8762 كىشى پەقەت مۇسۇلمان بولغانلىقى سەۋەبىدىن قىرغىن قىلىندى. بوسنىيە خەلقى ئۇيغۇرلارنى ئويلاپ ئازاب ھېس قىلىدۇ. بىز دۇنيادىكى باشقا مۇسۇلمانلارغا غەمخورلۇق قىلغانغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارغىمۇ ئوخشاش غەمخورلۇق قىلىمىز ۋە ئۇلارنى قوللايمىز. بىز ئۇيغۇرلارنى ئويلىغاندا بوسنىيەدە ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرگە ئىچ ئاغرىتقانغا ئوخشاش ئازابلىنىمىز. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت تارتىۋاتقانلىقىنى ياخشى بىلىمىز. ئۇلارنىڭ ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتىدۇ. ئۇ يەردە نۇرغۇن ناچار ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىۋاتىمىز. ھېچ قانداق مۇداپىئە ياكى قوغدىغۇچىسى يوق ئاجىز خەلقنىڭ ئاياللىرى ۋە باللىرى ئازابلىنىۋاتىدۇ. مەن خەۋەرلەر ۋە تاراتقۇلاردىن ئوقۇۋاتىمەن. ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرىنى ئاتا – ئانىسىدىن ئايرىپ مېڭە يۇيۇش ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئاياللارنى زاۋۇت-فابرىكىلاردا 12 سائەتتىن ئارتۇق مەجبۇرىي ئىشلىتىۋېتىدۇ. مەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى تۇرۇپ باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، قوشماق تۇغقان نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە خىتايلارنى مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى بۇ خىل قىلمىشلىرى ئەلۋەتتە ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرز قىلغانلىق».

«دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى» 8-ئۆكتەبىردىن 11 – ئۆكتەبىرگىچە بوسنىيەنىڭ سارايېۋا شەھىرىدە ئېچىلىدىغان بولۇپ، بۇ يىغىن 9 – ئۆكتەبىر ئەتىگەندە رەسمىي باشلىنىدىكەن.