«بەختلىك ئۇيغۇرلار» نىڭ بەختسىزلىكىگە دائىر دەلىل-ئىسپاتلار

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاينىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر رايونىدا 1 مىليون 549 مىڭ ئادەمنىڭ تۆۋەن كاپالەتلىك ياردەم پۇلىغا تايىنىپ ھايات كۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

4-يانۋار خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە «2021-يىلىغا نەزەر. شىنجاڭدا خەلق ئۈچۈن ئىشلەش، خەلقنى سۆيۈشنىڭ ئەمەلىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى بەختنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى» ناملىق بىر ماتېرىيال ئېلان قىلىندى. ماتېرىيالدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى تەييارلىغانىدى. ئۇيغۇر رايونىنىڭ 2021-يىللىق ھاياتلىق كارتىنىسىنى يورۇتۇپ بېرىشكە بېغىشلانغان بۇ ھۆكۈمەت ماتېرىيالىدا دىققەتنى چېكىدىغان بەزى سانلىق مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، رايوندىكى خەلقنىڭ نەقەدەر ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن.

زادى قانچە مىليون ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى، يەنە قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ تۈرمىلەرگە ياكى تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىگە سولانغانلىقى تېخىچە ئېنىق بولمىغان، دۇنيا جامائىتى تەرىپىدىن «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئۇيغۇر رايونىنىڭ خەلق ئىشلىرى نازارىتى مەزكۇر ماتېرىيالنى ئۆزلىرىنىڭ ئالدىنقى بىر يىلدا رايوندىكى خەلقنىڭ تۇرمۇش پاراۋانلىقى ئۈچۈن قوشقان ھەسسىلىرىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ھازىرلىغان. بىراق ئۇنىڭدا تىلغا ئېلىنغان بەزى نۇقتىلار كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ ئويغا سالىدۇ.

ماتېرىيالدا بايان قىلىنىشىچە، 2021-يىلى ئۇيغۇر رايونى ئۈچۈن تۈرلۈك قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك توپلانغان تۆۋەن كاپالەتلىك ياردەم مەبلىغى 9 مىليارد 458 مىليون يۈەن بولغان. بۇنىڭ 9 مىليارد 158 مىڭ يۈەنىنى مەركىزى ھۆكۈمەت بەرگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تۆۋەن كاپالەتلىك ياردەم نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان ئىنسانلارنىڭ سانى بولسا 1 مىليون 549 مىڭ كىشىگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەرلەردىن تۆۋەن كاپالەتلىك ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ سانى 222 مىڭ كىشى، يېزىلاردىن تۆۋەن كاپالەتلىك ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ سانى 1 مىليون 327 مىڭ كىشى بولغان. ھۆكۈمەت شەھەردىكى نامراتلارنى ئايدا 560 يۈەن ياردەم پۇلى بىلەن، يېزىدىكى نامراتلارنى ئايدا 383 يۈەن بىلەن تەمىنلىگەن.

ماتېرىيالدا تىلغا ئېلىنىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا «3 خىل نوپۇس» دەپ ئاتالغانلارنىڭ سانى 770 مىڭ كىشىگە يېتىدىكەن. بۇلارنىڭ 340 مىڭ نەپىرى، يەنى دەل يېرىمى ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلىگەن. بۇ يەردىكى «3 خىل نوپۇس» دېگەنلىك «تۇراقسىز نوپۇس، چەت-ياقا رايونلاردىكى نوپۇس ۋە تۇيۇقسىز ئېغىر ۋەزىيەتتە قالغان نوپۇس» تىن ئىبارەت قۇتقۇزۇشقا جىددىي موھتاج بولغان ئاھالىلەرنى كۆرسىتىدىكەن. بۇلاردىن سىرت، ئۇيغۇر رايونىدا يەنە «پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىيىنچىلىقتا قالغان 22 مىڭ ئاھالە» بار ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 17 مىڭ ئاھالە تەمىنات بىلەن تەمىنلەنگەن. ئۇيغۇر رايونىدا جەم´ئىي 22 ناھىيە «نامرات ناھىيە» ھېسابلىنىدىكەن.

بۇلار خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ 2021-يىللىق ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدىن چىقارغان خۇلاسىسىدۇر. بۇ خۇلاسىدا 1 مىليون 549 مىڭ كىشىنىڭ يەنىلا تۆۋەن كاپالەتلىك ياردەم پۇلىغا تايىنىپ ياشاۋاتقانلىقى دەلىللەنگەن. د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ بۇ ماتېرىيالىدا بايان قىلىنغانلار، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق يۈرۈشلۈك تەشۋىقاتلىرىدا تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى خۇشال-خورام، بەختىيارلىق ئىچىدە خاتىرجەم ھايات كۆچۈرمەكتە» دېگەن بايانلىرىغا زادىلا ماس كەلمەي قالغان. «شىنجاڭ خەلقىنى تارىخىي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ياراتتۇق» دېگەن كۆرەڭلەشلىرىنى ئىنكار قىلىپ قويغان.

پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئەزەلدىنلا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارغا قوش ئۆلچەم قوللىنىپ، پەرقلىق مۇئامىلە قىلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان نامراتلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت، لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدە تەكشۈرۈش ۋە ئانالىز يۈرگۈزۈۋاتقان مۇتەخەسىسلەردىن نورۋېگىيەدە تۇرۇۇشلۇق د ئۇ ق ئۇچۇر-تەشۋىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ خۇسۇستا قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ بۇ ماتېرىيالىدا يەنە، رايوندىكى ياشانغانلار مەسىلىسى، بالىلار مەسىلىسى، مېيىپلار مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىنغان ۋە ئۇلارنىڭ «كۆرسەتكەن غەمخورلۇقى» كۆرەك قىلىنغان.