ب د ت تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى تاپشۇرۇش ئالدىدا تۇرماقتا

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەركەتلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغان قىسمەن شەخسلەرگە ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتىلغان «ئاخىرقى ھەل قىلىش چارىسى» ئىكەنلىكى ھەققىدىكى پىكىرلەر ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىن كۆپلەپ ئورۇن ئالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇنىڭغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ بايانلارنىڭ خەلقئارادىكى خىتايغا قارشى «دۈشمەن كۈچلەر» نىڭ تۆھمىتى ئىكەنلىكى، ئۆزلىرىنىڭ قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن ئالىقاچان ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا بېقىندى بولۇپ قالغان بىر قىسىم نامرات ۋە ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرىنى «نەق مەيداندا ئېكىسكۇرسىيە قىلىش» قا تەشكىللەپ، شۇلارنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئۆزلىرىگە «مەدھىيە» ئوقۇتقان ئىدى. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ئورۇنلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئالدىن تەييارلانغان سورۇن ئىكەنلىكى، بۇ ئېكىسكۇرسىيەلەرنىڭ پۈتۈنلەي بىر مەيدان «ئويۇن» ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. بۇ جەرياندا ئۇلار كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن بىر نۇقتا «بىزنىڭ سۆزلىرىمىزگە ئىشەنمىگەنلەر كېلىپ كۆرۈپ باقسۇن» دېيىش بولدى.

ئەمما بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن بىر تەلەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى تەشكىللىگەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا نەق مەيدان تەكشۈرۈشى ھەققىدىكى ئىلتىماسى بولدى. كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل باچېلېتنىڭ بۇ ھەقتىكى بىرنەچچە قېتىملىق تىرىشچانلىقى «قىزغىن قارشى ئېلىنىدۇ» دېيىلگەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ جەزمەن ئۆزلىرى بېكىتكەن شەرتلەر بويىچە بولۇشى لازىملىقىنى، بۇنىڭدا «چەكلىمىسىز زىيارەت» دېگەن تەلەپنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ تۇرىۋالغان. ئەنە شۇ تەرىقىدە بۇ تەلەپ ئاخىرقى ھېساپتا يوققا چىققاندىن كېيىن، مىچېل باچېلېت يېقىندا ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا «بىز تولىمۇ ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ش ئۇ ئا ر تەۋەسىدىكى تەكشۈرۈش ھەققىدە دوكلات يېزىپ چىقىش تىرىشچانلىقىمىزنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. ئەنە شۇنداق ئەھۋالدا ئىشخانىمىز نۆۋەتتە بۇ رايوندا بەكمۇ ئېغىر ھالغا يەتكەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچلىكى ھەققىدىكى مەۋجۇت ئۇچۇرلار ئاساسىدا ئاخىرقى خۇلاسىنى چىقىرىشقا مەجبۇر بولماقتا» دېگەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ بۇنداق بىر ئاخىرقى خۇلاسىنى ئېلىشى ئەمەلىيەتتە ب د ت نىڭ مۇشۇنداق بىر ئومۇمىي قارارنى ئالغانلىقى ھېساپلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇنى بەكمۇ چوڭ بولغان بىر ئۆزگىرىش، دېيىشكە بولىدىكەن. «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفى رىچاردسوننىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزور ماقالىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇنداق بىر خۇلاسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى تاشقى دۇنياغا «ھېچقانداق دۆلەت خەلقئارالىق قانۇندىن ئۈستۈن ئەمەس» دېگەن بىر كۈچلۈك ئۇچۇرنى يوللايدىكەن. چۈنكى ئۆتكەن ئۈچ يىل مابەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ب د ت نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەكشۈرۈش تەلىۋىنى يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن ئارقىغا سۈرۈپ كەلگەن، شۇنداقلا بۇ جەرياندا بۇ جايدىكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ قارىلىۋاتقان زور تۇتقۇن، جىسمانىي قىيناق، ئومۇمىيۈزلۈك نازارەت، مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقى، ئائىلىلەرنىڭ جۇدالىقى دېگەندەك زىيانكەشلىكلەرنىڭ ئ‍ۇيغۇرلارغا قانچىلىك بالايى-ئاپەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن ئىدى. سوفى رىچاردسون بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا بۇ ھەقتىكى غايەت زور دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ مۇتەخەسسىسلەر، ئاخباراتچىلار، شاھىدلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تۈرلۈك تىرىشچانلىقلىرى ئارقىسىدا كۆپلەپ مەلۇم بولغانلىقىنى، بۇنداق ئەھۋالدا بۇنى قايتا ئىسپاتلاپ ئولتۇرۇشنىڭ ئەمىلىيەتتە ئۇنچىۋالا زۆرۈرمۇ ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

سوفى رىچاردسوننىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ زۇلۇملار باشلانغىلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، خەلقئارادىكى كۆپلىگەن «قۇدرەتلىك ئ‍ارتىستلار» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل زۇلۇملارنى بەخۇدۈك داۋام قىلدۇرۇشىغا داغدام يوللارنى ئېچىپ بېرىپ كەلگەن ئىكەن. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوخشىمىغان سورۇنلاردا، جۈملىدىن ب د ت زالىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى «كىشىلىك ھوقۇق» تېمىسىدىكى يىغىنلارغا ساھىبخانلىق قىلىشى، چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ «سودا» ئامىلىدىن باشقا ھېچقانداق ئامىللارنى، جۈملىدىن «مەجبۇرىي ئەمگەك» ياكى شۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ھادىسىلەرنى ئويلىشىپ كەتمىگەن ھالدا خىتاي بىلەن كەڭ-كۇشادە سودا قىلىشى، ھەتتا خىتاينىڭ ئ‍ولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانلىق قىلىشى دېگەنلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بۇ ھالنى بەكمۇ تىپىك ھالدا ئەكس ئەتتۈرىدىكەن. ئەمدىلىكتە بولسا كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى «بىز بۇ ھەقتىكى دەپسەندىچىلىكنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە قارار ئالىمىز» دېگەنلىكنىڭ ئۆزى بۇ رېئاللىققا قارىتا بىر زور چەكلىمىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدىكەن.