د ئۇ ق باياناتى: د ئۇ ق نىڭ دائىمىي كومىتېت كېڭەيتىلگەن يىغىنى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى

2010-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى

 2 – ئاينىڭ 26 – كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە باشلانغان  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئۆزىنىڭ بارلىق كۈنتەرتىپلىرىنى تولۇق ئورۇنلاپ، 3 – ئاينىڭ 2– كۈنى كەچتە غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.

 بۇ نۆۋەتلىك يىغىنغا،   د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدا ئامېرىكا، كانادا، بېلگىيە، ئەنگلىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، شۋېتسىيە، شۋېتسارىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ياپونىيە، تۈركىيە، ئاۋسترىيە، فرانسىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق 15 دۆلەتتىن كەلگەن 60 قا يېقىن ۋەكىل قاتناشقان ئىدى.

 4 كۈن داۋام قىلغان بۇ قېتىمقى يىغىندا، د ئۇ ق رەئىسى،  مۇئاۋىن رەئىسلىرىنىڭ ۋە باش كاتىپنىڭ خىزمەت دوكلاتى، شۇنداقلا د ئۇ ق فوندىنىڭ مالىيە دوكلاتى، ھەرقايسى كومىتېت، مەركەزلەرنىڭ تولۇقلىما دوكلاتلىرى ۋە تەپتىش ھەيئىتىنىڭ دوكلاتى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، نەتىجىلەر مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، تەجرىبە – ساۋاقلار يەكۈنلەندى.

يىغىندا، د ئۇ ق نىڭ تەشكىلى مەسىلىلىرى، رەھبەرلىرىنىڭ كونكرېت ۋەزىپە تەقسىماتى، دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە نۆۋەتتە مىللىي ھەرىكىتىمىزدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان جىددىي مەسىلىلەر، د ئۇ ق نىڭ 2010 – يىللىق خىزمەت پىلانى،  د ئۇ ق نىڭ بۇندىن كېيىنكى سىياسىي مەيدانى، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 1 – يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ھەققىدىكى پىلانلار، د ئۇ ق فوندىنى يەنىمۇ كۈچلەندۈرۈش مەسىلىسى، د ئۇ ق تەركىبىدىكى تەشكىلاتلاردا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ كونكرېتنى چارىلىرى، شۇنداقلا ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە د ئۇ ق گە بىۋاسىتە ئاممىدىن كەلگەن ئىنكاسلار… قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى. 

د ئۇ ق نىڭ سىياسىي مەيدانى ۋە بۇندىن كېيىنكى ھەرىكەت ئىستراتېگىيىسى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى. “ميۇنخېن خىتابنامىسى”نىڭ روھى بويىچە،  شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازادلىقى، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش  ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش، دېموكراتىيىنى جارى قىلدۇرۇش كۆرىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش قارار قىلىندى. مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھەرىكەت ئىستراتېگىيىسى ۋە د ئۇ ق نىڭ 2010 – يىللىق پىلان – پروگراممىلىرى بېكىتىپ چىقىلدى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ خىزمەت تەقسىماتى يەنىمۇ كونكرېتلاشتۇرۇلۇپ، مەسئۇلىيەت ۋە جاۋابكارلىق دائىرىسى ئېنىق بېكىتىپ چىقىلدى.

يىغىندا يەنە دېموكراتىيە تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن ۋەكىللەر ئۆزلىرىنىڭ پىكىر – تەلەپ ۋە تەنقىدلىرىنى ئوچۇق يورۇقلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن د ئۇ ق غا كەلگەن ئىنكاسلار بىر – بىرلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۇلارنىڭ تەكلىپ – پىكىر ۋە تەنقىدلىرى ھەققىدە ئەستايىدىل مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى.

 د ئۇ ق رەھبەرلىرى، بۇندىن كېيىن تەشكىلات ئىچى دېموكراتىيىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، د ئۇ ق ۋەكىللىرىنىڭ ۋە ئاممىنىڭ تۈرلۈك ئىنكاسلىرىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈشتى.

 بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 1 – يىللىقىنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كەڭ كۆلەمدە خاتىرىلەش پائالىيىتىنى د ئۇ ق نىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىدىن بىرى قىلىش ھەققىدە ئورتاق قارار ئېلىندى.

 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى