دئۇق ئاخباراتى : ئابدۇۋەلى ئايۇپ ۋە ئىلھام توختى ۋەقەلىرى نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟

دئۇق تەشۋىقات – نەشرىيات كومىتېتى
2014-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى

كېيىنكى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ 2013 – يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان رايونىدا مىللىي توقۇنۇش، مىللىي زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلارنىڭ، شۇنداقلا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى تۈرلۈك شەكىللەردىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىپ بېرىشى، خەلقئارا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىغان، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك ئەللەر ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كېلىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىش سىياسىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزى چىقارغان قانۇنلارنىڭ روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقىگە قارىتا يۇمشاق ۋە مۆتىدىل سىياسەتنى يولغا قويۇپ، بۇ ئارقىلىق بۇ رايوننىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشكە دالالەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.

خەلقئارانىڭ كۈچلۈك بېسىمى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنى 1013 – يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا مەخسۇس شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە ئارقا – ئارقىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىنى چاقىرىشقا مەجبۇر قىلغان ئىدى.

ئەپسۇسكى، بۇ يىل كىرىشى بىلەن، خىتاينىڭ ئاساسى قانۇنىدا ۋە خىتاي تەرىپىدىن چىقىرىلغان مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى ھەققىدە بېكىتىلگەن قانۇنلارنى ھەقىقىي يوسۇندا ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلىشتىن باشقا گۇناھى بولمىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنىشى ۋە ئۇنۇڭ بېشىغا ” مىللىي بۆلگۈنچى ” دېگەن قالپاقنىڭ كىيدۈرۈلۈشى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇن تونۇمايدىغان مۇستەبىت بىر ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا تولۇق ئاشكارىلاپ بەردى.

2009 – يىلى يۈز بەرگەن 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىنلا خىتاي ھاكىمىيىتى، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور تەسىرى بولغان ” دىيارىم “، ” شەبنەم “، ” سەلكىن ” … قاتارلىق كۆپلىگەن تور بەتلىرىنى مەجبۇرى تاقاش بىلەن بىرگە، دىلشات پەرھات قاتارلىق 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىسىنى قولغا ئالغان، ئۇلارنىڭ بېشىغا، ” دۆلەتنى پارچىلاش ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلىش ” دېگەن قالپاقنى كىيدۈرۈپ، تۈرلۈك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

2013 –يىلى 8 – ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئانا تىل تەشەببۇسچىسى ۋە ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ، مۇھەممەت سىدىق، دىليار ئوبۇل قاتارلىقلارنى ” قانۇنسىز ئىئانە توپلاش جىنايىتى ” بىلەن قولغا ئېلىپ تۈرمىگە تاشلىدى.

يۇقىرىقى ھادىسىلەرنىڭ شەكلى، خاراكتېرى ۋە ماھىيىتى ئوخشاش بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھېچ بىرى قانداقتۇر خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئەيىبلىگىنىدەك ” مىللىي بۆلگۈنچىلىك ” بىلەن شۇغۇللانغان ئەمەس، ئۇيغۇر خەلقىنى ” بۆلگۈنچىلىك ” قىلىشقا قۇتراتقانمۇ ئەمەس، پەقەت پۈتۈن يازمىلىرىدا، تەشۋىقاتلىرىدا ۋە تەشەببۇسلىرىدا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا مۇۋاپىق ھەل قىلىشنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقىنى ھەقىقىي يوسۇندا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇنى ۋە خىتاي تەرىپىدىن 1982 – يىلى چىقىرىلغان ” مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ” نىڭ ماددىلىرىغا سادىقلىق بىلەن ئەمەل قىلىشنى تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى، يەنى، ئۇلارنىڭ تەلەپ ۋە ئارزۇلىرى بولسا خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن 1949 – يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا سىياسىي، ئىقتىسادى، مەمۇرى، دىنىي، مەدەنىي، مائارىپ … قاتارلىق جەھەتلەردە بېرىلگەن تۈرلۈك ۋەدىلەرنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئېشىشى ۋە بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان رايونىدىكى مىللىي توقۇنۇش ۋە يەرلىك ئىسيانلارنىڭ پەسىيىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىدى.

ئەگەر بىز، يۇقىرىقىلارنىڭ، بولۇپمۇ ئىلھام توختى ئەپەندىمنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقان پۈتۈن بايانلىرىنى ۋە ئىلھام توختى ئەپەندىم تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇۋاتقان ” ئۇيغۇر بىز ” تورىدا ئېلان قىلىنىپ كەلگەن بارلىق ئەسەرلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىدىغان بولساق، ئىلھام توختى ئەپەندىمنىڭ ھېچ بىر زامان ” مىللىي بۆلگۈنچىلىك ” قىلىپ باقمىغانلىقىنى، ئۇنۇڭ ئىش – ھەرىكەتلىرىنىڭ ھېچ بىر زامان خىتاينىڭ قانۇن دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمىگەنلىكىنى روشەن كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

مەسىلەن، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ” مىللىي بۆلگۈنچى ” دەپ ئەيىبلەنگەن ئىلھام توختى ئەپەندىمنىڭ سۆز – ھەرىكەتلىرى تۆۋەندىكى نوختىلارغا مەركەزلەشكەن :

شەرقىي تۈركىستانغا پىلانسىز ھالدا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەشنى توختىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئورنىدا ئازسانلىق ئورۇنغا چۈشۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلققە قارىتىلغان ” پىلانلىق تۇغۇت ” سىياسىتىنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى خاتالاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان ئاتالمىش ” قوش تىللىق ئوقۇتۇش ” سىياسىتىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مىللىي مائارىپىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ۋە مىللىي تىل – يېزىقىدا ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

ئىچكى ئۆلكىلەردە تەسىس قىلىنغان ” شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى ” نى دەرھال بىكار قىلىپ، ئۇنۇڭدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز يۇرت – ماكانلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتىلغان مەجبۇرى دىنسىزلاشتۇتۇش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ۋە نورمال دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مەسچىت قۇرۇلۇشى ۋە ھەج پائالىيىتىگە چەكلىمە قويماسلىقنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

” ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا يۈزلەندۈرۈش ” دېگەن نامدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئۆز يۇرت – ماكانلىرىدىن سۈرگۈن قىلىش ھەرىكىتىگە دەرھال خاتىمە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

ئۇيغۇرلارنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرى يۆتكەپ ئىشلىتىش سىياسىتىنى دەرھال توختىتىپ، ئىچكى ئۆلكىلەرگە مەجبۇرى ئەۋەتىلگەن ئۇيغۇرلارنى دەرھال قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۇلارنى ئۆز يۇرت – ماكانلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى بىۋاسىتە ئېچىش ۋە ئۇنۇڭدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق كارخانىلار بۇ رايوننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئاچقاندا، خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە يەرلىكلەرگە پايدا ۋە غەللە – پاراق تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارغا قارىتىلغان ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ سانىنى ۋە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان يېرىنى ئاشكارا ئېلان قىلىش، ئەركىن پىكىر قىلىش تۈپەيلىدىن قولغا ئېلىنغان سىياسىي مەھبۇسلارغا قارىتا ئومۇمى كەچۈرۈم ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاشنى توختىتىپ، ئۇيغۇر ياش – ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي تارىخىنى ئۆگىنىشكە يول قويۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

ئەمەلىيەتتە يۇقىرىقى تەلەپلەر بولسا خىتاينىڭ ئاساسى قانۇنىدا ۋە خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ” مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ” غا تامامەن ماس كېلىدىغان ئۇيغۇن تەلەپلەر بولۇپ، ئىلھام توختى، ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق زىيالىيلىرىمىزنىڭ بۇ ھەققانىي تەلەپلەر يۈزىسىدىن جازاغا تارتىلىشى، ماھىيەتتە بۇ قانۇنلارغا قىلىنغان ئوچۇق بىر خىيانەتتىن ئىبارەت ئىدى.

مەسىلەن، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن، ” قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش ” دېگەن نامدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئومۇمىي يۈزلۈك دىنسىزلاشتۇتۇش سىياسىتى بولسا، ” مىللىي تېررىتورىيە قانۇنى ” نىڭ 11 – ماددىسىغا تۈپتىن خىلاپ.

خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى خاتالاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش ” قوش تىللىق ئوقۇتۇش ” سىياسىتى بولسا ” مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ” نىڭ 37 – ماددىسىغا خىلاپ.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاتالمىش ” ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا يۈزلەندۈرۈش ” دېگەن نامدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر قىز – يىگىتلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرى ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىش سىياسىتى بولسا ” مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ” نىڭ 23 – ماددىسىغا تامامەن زىت.

خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن، ” شىنجاڭنى ئېچىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ” دېگەن نىقاب ئاستىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى سۈمۈرۈش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىشى ۋە نەپ ئېلىشىنى تامامەن چەكلەش سىياسىتى بولسا يەنە ” مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ” نىڭ 62 – ماددىسىغا خىلاپ.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىدارە – جەمئىيەتلەرگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا خىتايچىنى راۋان بىلىشنى شەرت قىلىشى ۋە ” خىتايچە بىلمىسەڭ ئىستىقبالىڭ يوق ” دېگەن سەپسەتىنى تەرغىب قىلىشى بولسا، ” مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ” نىڭ 10 – ماددىسىغا تۈپتىن خىلاپ.

قىسقىسى بىز، ” مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ” نىڭ 67 ماددىسىنىڭ ھەممىسىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى رىيال ۋەزىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىدىغان بولساق، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزى چىقارغان بۇ قانۇنىنى ئۆزىنىڭ دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.

قىسقىسى يۇقىرىقى ھادىسىلەر، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇن تونۇمايدىغان، ئۆزى چىقارغان قانۇننى ئۆزى دەپسەندە قىلىدىغان، ئەركىن پىكىر قىلغۇچىلارنى ۋە قانۇنغا ھۆرمەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرىدىغان ئۆزگەرمەس تەبىئىتىنى پۈتۈن دۇنيا ئالدىدا يەنە بىر قېتىم تولۇق نامايان قىلىپ تۇرماقتا !

دئۇق تەشۋىقات – نەشرىيات كومىتېتى
2014-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى