5 – فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابىنىڭ ئومۇمى جەريانى، خاراكتېرى ۋە ئىچكى – تاشقى ئىنكاسلىرى

دئۇق تەشۋىقات – نەشرىيات كومىتېتى
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى

1997 – يىلى 2 – ئاينىڭ 5 – كۈنى يۈز بەرگەن ۋە ئەينى چاغدا خەلقئارادا خېلى زور تەسىر قوزغىغان غۇلجا ئىنقىلابىنىڭ 18 – يىللىقى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان شۇ كۈنلەردە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائەتلىرى، خۇددى 18 يىل بۇرۇنقىدەك زور ھاياجان ۋە قىزغىنلىق كەيپىياتى ئىچىدە غۇلجا ئىنقىلابىنىڭ 18 – يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە غۇلجا شېھىتلىرىنى ياد ئېتىش ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرىنى ۋە تۈرلۈك شەكىلدىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە جىددىي ھازىرلانماقتا.

بۇ، 5 – فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدىكى تارىخىي ئەھمىيىتىنى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدىكى چوڭقۇر تەسىرىنى ۋە ئۆچمەس ئىزىنى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھالدا ئوشۇقچە شەرھلەپ تۇرماقتا !

5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدىن كېيىن، مەيلى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسۇن، ياكى دئۇق باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى بولسۇن، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كېلىۋاتقان بېسىم، زۇلۇم ۋە قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشكە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي، دىنىي ۋە ئىقتىسادى ھەق – ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا دالالەت قىلىپ كەلگەن، ئەگەر خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ خىل دۆلەت تېررور تۈسىنى ئالغان غەيرىي ئىنسانى قىلمىشىنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە، شەرقىي تۈركىستان رايونىدىكى مىللىي توقۇنۇش ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ شىددەت بىلەن كۈچىيىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە ئىزچىل تۈردە ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ سەمىمىي تەكلىپلەرگە پىسەنت قىلماي، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشنى تۈپ مەقسەت قىلغان تىپىك مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىدىن ۋاز كەچكىنى يوق.

خىتاينىڭ 5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىزچىل تۈردە يۈرگۈزۈپ كەلگەن قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى، كۆلىمى غۇلجا ۋەقەسىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ چۈشىدىغان ۋە پۈتۈن دۇنيادا زور تەسىر قوزغىغان 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا بىۋاسىتە سەۋەبچى بولدى !

ئەپسۇسكى، خىتاي ھاكىمىيىتى 5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا قارىتا قانداق سىياسەت يۈرگۈزگەن بولسا، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىنمۇ يەنە ئوخشاشلا ئىلگىرىكى رەھىمسىزلەرچە قاتتىق باستۇرۇش، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە قىرغىن قىلىش سىياسىتىدىن ئەسلا ۋاز كەچمىدى.

5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، خىتاي ھاكىمىيىتى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ نارازىلىقىغا پەرۋا قىلماي، شەرقىي تۈركىستان رايونىغا خىتاي كۆچمىنى يۆتكەش، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى خاتالاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۇتۇش، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرى ئىشلەمچىلىككە يۆتكەش، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى تالان – تاراج قىلىش، بىڭتۇەننى كېڭەيتىش، خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارىتا قانۇن جەھەتتىن قوش ئۆلچەم قوللىنىش … قاتارلىق بىر يۈرۈش سىياسەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شەرقىي تۈركىستان رايونىدا بىر قاتار مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنىڭ ۋە مىللىي توقۇنۇشلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە بىۋاسىتە سەۋەبچى بولدى، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستان رايونىدىكى مىللىي توقۇنۇش ۋە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلگىنى يوق، ئەپسۇسكى، خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ ھادىسىلەردىن ھېچ بىر زامان ساۋاق ئالغىنى يوق، ئەكسىچە پۈتۈن مىللىي ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇشلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ گەدىنىگە ئارتىپ، ئۇلارغا ” تېررورىست ” دېگەن قالپاقنى كىيدۈرۈپ، قاتتىق باستۇرۇشقا تايانغان دۆلەت تېررور سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.

باشقىسىنى قويۇپ تۇرايلى، پەقەت 2013 – يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننىڭ پىچان، مارالبېشى ، خوتەن، ئاقسۇ، ئۈرۈمچى … قاتارلىق كۆپلىگەن رايونلىرىدا ئارقا – ئارقىدىن نارازىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەردى، بۇ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى جەريانىدا نەچچە يۈزلىگەن بىگۇناھ ئۇيغۇر ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلدى، مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر تۈرمىگە تاشلاندى، ئەمما بۇ خىل نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلگىنى يوق، ئاخىرى نارازىلىق ئۇچقۇنلىرى بېيجىڭغا چاچراپ باردى.

ئەمەلىيەتتە بۇ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان زەنجىرسىمان زەربە بېرىشنىڭ زەنجىرسىمان ئىنكاسلىرى ئىدى.

ماۋزىدۇڭنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن شەكىللەنگەن خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن، ” خەلقىمىزگە بالاسى – قازا ئېلىپ كەلگەن زۇلمەتلىك 10 يىل ” دەپ باھا بېرىلگەن ” مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ” مەزگىلىدە، خىتاينىڭ قانۇن سىستېمىسى شۇ دەرىجىدە زاۋاللىققا يۈز تۇتقان ئىدىكى، ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىنقىلابى كومىتېتلىرى، خوڭۋېيبىڭ دەپ ئاتالغان قىزىل قوغدىغۇچىلار ئەترەتلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى، پارتىيە ۋە ئىتتىپاق ئەزالىرى … ئومۇمەن مۇستەبىت دىكتاتور ماۋزىدۇڭ ۋە ئۇنۇڭ ھاكىمىيىتىگە سادىق بولغانلىقى گۇرۇپپا ۋە شەخسلەرنىڭ خالىغانچە ئادەم تۇتۇش، سوراق قىلىش، قىيناش، ئاختۇرۇش ۋە ئۆلتۈرۈش ھوقۇقى بار ئىدى، شۇ سەۋەبتىن، 10 يىللىق مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدىلا نەچچە مىليونلىغان بىگۇناھ ئىنسان ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

بۈگۈن قارايدىغان بولساق، شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ ئەينى چاغدىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدىكىدىن ھېچ بىر پەرقىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.

ھازىر ئەسكەر، ساقچى ۋە باشقا قانۇن تارماقلىرى ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئادەتتىكى يېزا – كەنت ۋە مەھەللە دەرىجىلىك جېسەكچى، ئامانلىق خادىمى ۋە كادىرنىڭمۇ گۇمانلىق دەپلا قارىغان ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تەقىب قىلىش، تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈش ھوقۇقى بار !

شەرقىي تۈركىستاندا ھەر يىلى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ 90 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي جەھەتتىكى ھەق – ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان ۋە خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ” 3 خىل كۈچلەر ” دەپ ئاتالغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، خىتاي سوتلىرى تەرىپىدىن ھېچ بىر قانۇنى تەرتىپ ياكى قانۇنى ئاساسقا تايانمىغان ھالدا پۈتۈنلەي سىياسىي بۇيرۇق ۋە سىياسىي قارار بىلەن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغان بۇ ئۇيغۇرلار ھەتتا سوتتا ئۆزىنى ئاقلاش ۋە مۇداپىئە قىلىش ھوقۇقىدىنمۇ تامامەن مەھرۇم قالدۇرۇلماقتا.

خىتاي ھاكىمىيىتى بۈگۈنگە قەدەر شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كەلگەن ھەرقانداق شەكىلدىكى چوڭ – كىچىك نارازىلىق ياكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئومۇمى يۈزلۈك تۇتقۇن قىلىش دولقۇنى قوزغاش سىياسىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.

مەسىلەن، 1990 – يىلى كىچىككىنە بارىن يېزىسىدا يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكىتىنى باھانە قىلىپ، ” بارىن ئەكسىلئىنقىلابچىلىرىنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى تازىلاش ” دېگەن نامدا، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسى بويىچە چوڭ تۇتقۇن ھەرىكىتى قوزغاپ، 10 مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى قولغا ئېلىپ تۈرمىلەرگە تاشلىدى.

خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق چوڭ تازىلاش ھەرىكىتى بىرقانچە يىل داۋام قىلدى ۋە بۇ جەرياندا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئومۇمى سانى ھەتتا بارىن يېزىسىنىڭ ئومۇمى نوپۇسىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى.

1997 – يىلى 2 – ئاينىڭ 5 – كۈنى غۇلجىدا يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكىتىدىن كېيىنمۇ خىتاي ھاكىمىيىتى يەنە بۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئاتالمىش ” غۇلجا ۋەقەسى گۇماندارلىرىنى قوغلاپ تۇتۇش ” دېگەن نامدا چوڭ تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى، بىر – ئىككى يىل داۋام قىلغان بۇ ھەرىكەت جەريانىدا، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەخمىنىگە كۆرە 5000 دىن، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەخمىنىگە كۆرە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر قولغا ئېلىندى، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ رەسمىي باياناتلىرىدا، 5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىگە قاتناشقانلارنىڭ ئومۇمى سانى 1000 ئەتراپىدا ئىدى.

غۇلجا ۋەقەسىدىن كېيىن، بەزى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تەخمىنەن 5000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۈرلۈك يوللار بىلەن چەتئەلگە ھىجرەت قىلىپ چىقتى، پەقەت غۇلجا ۋەقەسى سەۋەبى بىلەن يىللارچە داۋام قىلغان تۇتقۇن قىلىش، قىيناش ۋە سوتلاش ھەرىكىتى جەريانىدا مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئابدۇخېلىل ئابدۇلمىجىت باشچىلىقىدىكى كۆپلىگەن نامايىش ئىشتىراكچىلىرى تۈرمىلەردە ۋەھشىيلەرچە قىيناپ ئۆلتۈرۈلدى.

ھازىرغا قەدەر شەرقىي تۈركىستان رايونى ھەم خەلقئارادا كۆپلىگەن سىياسىي ھادىسىلەر ۋە چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما 1997 – يىلى 2 – ئاينىڭ 5 – كۈنى يۈز بەرگەن غۇلجا ۋەقەسى تاكى بۈگۈنگىچە ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئۆزىنىڭ تەسىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە، بۇلا ئەمەس، ” 5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى ” ھەتتا كوممۇنىست خىتاي مەتبۇئاتلىرى ۋە ھۆججەت – ئاخباراتلىرىدىمۇ ئىزچىل تۈردە تەكىتلىنىپ كېلىنمەكتە.

دېمەك بۇ، ” 5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى ” نىڭ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك مۇھىم ھادىسىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئوشۇقچە كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نەزىرىدە بۇ ۋەقە ھەرگىزمۇ دائىرىسى مەلۇم بىر رايون بىلەن چەكلەنگەن ۋە قارىغۇلارچە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت ئەمەس، بەلكى ئۇ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يەرلىك خەلققە قاراتقان مىللىي زۇلۇمىغا، مىللىي كەمسىتىشىگە، سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردىكى ئادالەتسىزلىكىگە قارشى كۆرسەتكەن ئورتاق ئىنكاسى ۋە نارازىلىقىدىن ئىبارەت.

” 5 – فېۋرال ” ھەرىكىتىنىڭ ئىشتىراكچىلىرى پەقەت نوقۇل ھالدا غۇلجا خەلقىنىڭ ئارزۇ – ئىستەك ۋە تەلەپلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۈرىكىدىكى ئورتاق دەردىنى مەيدانلارغا ئىدى، بۇ ھادىسىدىن بۇيان ھەر يىلى ” 5 – فېۋرال ” كۈنىنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىنتايىن مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك كۈن تەرىقىسىدە خاتىرىلىنىپ كېلىنىۋاتقانلىقىمۇ، ” 5 – فېۋرال غۇلجا ھەرىكىتى ” نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي روھىنىڭ ۋە زۇلۇمغا ئەسلا تىز پۈكمەيدىغان قەيسەر ھەم كۈرەشچان ئىرادىسىنىڭ سىمۋولىغا ۋە شەرقىي تۈركىستان ئومۇمىي مىللىي ھەرىكىتىنىڭ مەشئىلىگە ئايلانغانلىقىنى ئېنىق شەرھلەپ تۇرماقتا.

خىتاينىڭ زۇۋانى ھېسابلانغان ” شىنخۇا ئاخبارات تورى ” تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ” شەرقىي تۈركىستانچى ئۇنسۇرلارنىڭ تېررورىست نىقابىنى ئېچىپ تاشلايلى ” سەرلەۋھىلىك باش ماقالىسىدە، ” 5 – فېۋرال ۋەقەسى ” نىڭ ئىشتىراكچىلىرى قارىلانغان تۆۋەندىكى ئىبارىلەر يەر ئالغان ئىدى: ” توپىلاڭچى ئۇنسۇرلار، ” خىتايلارنى قوغلاپ چىقىرايلى ! “، ” تۇتۇپ كېتىلگەنلەر قويۇپ بېرىلسۇن ! ” دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ، ھۆكۈمىتىمىز تەرىپىدىن ئۇلارغا تارقىتىپ بېرىلگەن سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى، نوپۇس دەپتىرى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى … قاتارلىقلارنى بىر – بىرلەپ كۆيدۈرۈشكە باشلىدى، ئەڭ رادىكال ئىپادىسى شۇكى، ھېلى كۆپلىرى يۈرۈپ كېتىۋېتىپ ” خىتايلارنىڭ كىيىمىنى كىيمەيمىز ” دەپ چاقىرىشىپ ئۈستىدىكى كىيىم – كېچىكلىرىنى سېلىپ تاشلاشقا باشلىدى، بۇ، 2 – ئاينىڭ 5 – كۈنى بولۇپ، چاغانغا ئىككى كۈن، روزى ھېيتقا بولسا بەش كۈن قالغان قەھرىتان سوغۇق كۈنى ئىدى، بەزىلىرى ھەتتا پۈتۈن كىيىملىرىنى سېلىپ تاشلاپ قىپ-يالىڭاچ ھالدا ئالغا قاراپ يۈرۈشكە باشلىدى … “.

يۇقىرىقى سۆزلەر ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن توقۇپ چىقىلغىنى يوق، ئەكسىچە خىتاينىڭ ھۆججەتلىرىدە ئەينەن يەر ئالغان ئىبارىلەر، شۇنداقلا كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ” 5 – فېۋرال ۋەقەسى ” نى پەيدا قىلغان ئاتالمىش ” شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى ” ھەققىدە توپلىغان ” دەلىل – ئىسپاتلىرى ” دىن ئىبارەت، خالاس. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇلار، ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاينىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاشنى ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇقلىرىنى يوقىتىپ قويۇشنى خالىمايدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى، ئۇلارنىڭ قەھرىتان سوغۇقتا كىيىم – كېچىكلىرىنى سېلىپ تاشلىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بايانلىرىدا يەر ئالغىنىدەك قانداقتۇر ” رادىكاللىقنىڭ ئىپادىسى ” ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئىرادىسىنىڭ كۈچلۈك ھەم قەتئىيلىكىنىڭ ئىپادىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.

” 5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى ” نىڭ ئەينى چاغدا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىشىغا ۋە ئۇنىڭ تەسىرىنىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىنىشىگە سەۋەبچى بولغان ئاساسلىق ئامىللار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت ئىدى:

بىرىنچىدىن، بۇ ۋەقەنىڭ قازاقىستانغا يېقىن بىر چېگرا شەھىرىدە يۈز بەرگەنلىكى؛

ئىككىنچىدىن، بۇ ھەرىكەتنىڭ مەلۇم گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئادەتتىكى ئىسيان ئەمەس، بەلكى ھېلى كەڭ ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئىشتىراكچىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ياشلاردىن تەركىب تاپقان ۋە تىنچلىق شەكلىنى ئالغان سىياسىي ھەرىكەتتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى؛

ئۈچىنچىدىن، بۇ ھەرىكەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغانلىقى ۋە باستۇرۇش جەريانىدا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان فاشىست ئۇسۇللارنىڭ قوللىنىلغانلىقى؛

تۆتىنچىدىن، ۋەقەدىن كېيىنمۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكەتنى باھانە قىلىپ تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ ئەتىپ ئولتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى، قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارغا قارىتا قاتتىق قىيناش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر سىياسىي قاچقۇنلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ھەم غەرب ئەللىرىگە قېچىش دولقۇنى قوزغالغانلىقى ۋە بۇنىڭغا پاراللېل ھالدا، ئۇيغۇر سىياسىي قاچقۇنلار مەسىلىسىنىڭ ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كېڭىشىنىڭ كۈنتەرتىپىدە ئورۇن ئېلىشقا باشلىغانلىقى؛

تۆتىنچىدىن، بۇ ۋەقەنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت رەھبىرى دىڭ شياۋپىڭ ئۆلگەن ئوخشاش ئاينىڭ ئىچىدە يۈز بەرگەنلىكى ۋە غۇلجا ۋەقەسىدىن بىرقانچە ھەپتىلا كېيىن، يەنى ” 25 – فېۋرال ” دىڭ شياۋپىڭنىڭ ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان كۈنى ئۈرۈمچىدە چوڭ پارتلاش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پارتلاش ۋەقەسىنى ” 5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى ” نى پەيدا قىلغۇچىلارغا باغلاشقا تىرىشقانلىقى؛

ئەلۋەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائەتلىرىنىڭ ” 5 – فېۋرال ” ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە ئېلىپ بارغان تۈرلۈك شەكىلدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ، ” 5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى ” نىڭ ئەينى چاغدا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىشىغا ۋە ئۇنىڭ تەسىرىنىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىنىشىگە سەۋەبچى بولغان ئامىللارنىڭ بىرىدىن ئىبارەت.

ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ ۋەقە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ نەزىرىدە، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان قىرغىنچىلىق ۋە تۈرلۈك زۇلۇم سىياسەتلىرىنىڭ جانلىق ئىسپاتىغا ئايلاندى، ۋەقە يۈز بەرگەندىن بۇيان، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە تۈرلۈك خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە ھەتتا بېزى غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلات ۋە ئاخباراتلاردا، غۇلجا ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن مىڭلارچە بىگۇناھ ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، يۈزلەرچە ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ ئەتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىلەردە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىي ئۇسۇللار بىلەن قاتتىق قىيىن – قىستاقلارغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى دەلىل – ئىسپاتلارنىڭ ئىزچىل تۈردە يەر ئېلىپ كەلگەنلىكى ۋە بۇلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئومۇمىي سىياسىتىنىڭ ئىچكى يۈزى تەرىقىسىدە ئىپادە قىلىنىپ كېلىنىۋاتقانلىقى، ” 5 – فېۋرال ” غۇلجا ۋەقەسىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى ئوشۇقچە شەرھلەپ تۇرماقتا.

خىتايلار ئارىسىدا، ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان ئاتا – بوۋىلىرىدىن قالغان مەشھۇر بىر ئەقلىيە سۆزى بار، ئۇ بولسىمۇ، ” شىنجاڭدا ھەر 3 يىلدا بىر كىچىك ئىسيان، ھەر 30 يىلدا بىر چوڭ ئىسيان چىقىدۇ ” دېگەن سۆزدىن ئىبارەت. ھەرقايسى دەۋرلەردە شەرقىي تۈركىستاننى ئىدارە قىلغان خىتاي ھۆكۈمرانلىرى بۇ ئەقلىيە سۆزىنى خۇددى قىممەتلىك بىر ئەڭگۈشتەر ھەم ۋەسىيەتنامە سۈپىتىدە سادىقلىق بىلەن ئېسىدە مەھكەم ساقلاپ، مەيلى دوستى ياكى دۈشمىنى بولسۇن، ئۆزىدىن كېيىنكى ھۆكۈمرانلارغا بۇ ئىسيانلارنى ” مۇۋەپپەقىيەتلىك ” باستۇرۇشنىڭ چارىلىرى ھەققىدە رېتسېپ قالدۇرۇشنى ئەۋلادمۇ – ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.

ئارىدىن ئەسىرلەر ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما ھەر ئىككىلا تەرەپ ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىسىنىڭ مەرىدىن كېچەلمىدى، بىرىنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنى، زۇلۇم ۋە بېسىمدىن مۇستەسنا ھالدا ھۆرلۈك ۋە ئەركىنلىك ئىچىدە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەپ ياشاش، يەنە بىرىنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنى، پۈتمەس – تۈگىمەس بايلىقلار كۆمۈلۈپ ياتقان بىپايان شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدىن ئىبارەت ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرى، بۇ مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن قىرىلىپ تۈگەشكە رازى، يەنە بىرى قىرىپ تۈگىتىشكە ھازىر ئىدى. ئىسيان ۋە ئۇنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ خىل مۇناسىۋەت ئەنە شۇ تەرىقىدە تاكى بۈگۈنگىچە توختىماي داۋاملىشىپ كەلدى، يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئىسيانلارنىڭ سانى ئىلگىرىكىدىن كۆپىيىشكە، يىلىمۇ قىسقىرىشقا باشلىدى، بولۇپمۇ كوممۇنىست خىتاي دەۋرى ئىسياندىن ” مول ھوسۇل ” ئېلىنغان دەۋر بولدى، باشقىسىنى قويۇپ كېيىنكى 20 يىلغا قاراپ باقايلى، 80 – يىلى 10 – ئاينىڭ 30 – كۈنى يۈز بەرگەن ” قەشقەر ۋەقەسى “، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە بىر قېتىملىق چوڭ ئىسيان ئىدى، ئارىدىن 30 يىل ئەمەس، بەلكى 10 يىل ئۆتۈپ، يەنى 90 – يىلى ” بارىن دېھقانلار قوزغىلىڭى ” يۈز بەردى، غۇلجا خەلقى بولسا يەنە 30 يىل ياكى 10 يىلنى كۈتۈپ ئولتۇرماستىنلا ” بارىن ئىسيانى ” يۈز بېرىپ 7 يىلدىن كېيىن، يەنى 97 – يىلى 5 فېۋرال كۈنى ئىسيان قىلىپ چىقتى، 2009 – يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى بولسا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتىپ كېلىۋاتقان رەھىمسىزلەرچە قىرغىن قىلىش ۋە قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ئىدى. كېيىنكى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئۈزۈلمەي داۋام قىلىۋاتقان ئىسيانلار ۋە نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ھەممىمىزگە ئايان، پەقەت 2013 – يىلى شەرقىي تۈركىستان رايونىدا خىتاينىڭ رەسمىي سانلىق مەلۇماتلىرى بويىچە ھېسابلىغاندا 30 قېتىمدىن ئارتۇق چوڭ – كىچىك قانلىق ھادىسە يۈز بەردى، بۇ ھادىسىلەر جەريانىدا پەقەت كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشتىن باشقا گۇناھى بولمىغان ۋە كۆپىنچىسىنىڭ قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ بولمىغان 500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر رەھىمسىزلەرچە ئەتىپ ئۆلتۈرۈلدى.

قىسقىسى، خىتايلارنىڭ ئەقلىيە سۆزىدە تىلغا ئېلىنغان كىچىك ئىسيانلار بولسا 3 يىلدا بىر ئەمەس، بەلكى ئايدا، ھەتتا كۈندە بىرقانچە قېتىم يۈز بېرىشكە باشلىغان ئىدى، يەنى، سەۋرى – تاقىتى تۈگىگەن ئۇيغۇرلار ھازىرقى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئىلگىرىكى ئاتا – بوۋىلىرىدىن مىراس قالغان خەلقى ئەقلىيە سۆزىدىكى سان – شىفىرلارنى قىسقارتىشقا مەجبۇر قىلغان ئىدى. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ئۇيغۇر خەلقى ئىسيانلىرىنىڭ شەكلىنى زامان ۋە دەۋرگە ماس ھالدا ئىسلاھ قىلىپ ماڭغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئۇنى باستۇرۇش شەكلىدە ھېچبىر ئۆزگىرىش يۈز بەرگىنى يوق، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ” 5 – فېۋرال ” غۇلجا ھەرىكىتىنى باستۇرۇشتا قوللانغان ئۇسۇلىمۇ، ئىلگىرىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ئىسيانلارنى باستۇرۇشتا قوللىنىدىغان چارە – تەدبىرلەر ھەققىدە كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا قالدۇرۇپ كەتكەن كونا رېتسېپتىكى تاكتىكىلاردىنلا ئىبارەت ئىدى.

غۇلجا خەلقى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ” 5 – فېۋرال ” ھەرىكىتىنىڭ شەكلىنىڭ، ئەركىن دۇنيا دۆلەتلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشلىرىدىن ھېچبىر پەرقى يوق ئىدى، ھەتتا شىددەت دەرىجىسىنى غەرب دۆلەتلىرىدە يەرلىكلەر تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ھېلى نامايىشلاردىن توۋەن دېيىشكىمۇ بولاتتى.

ئەلۋەتتە ئەركىن دۇنيا دۆلەتلىرىدىكى نامايىشچىلارنىڭ غايە – مەقسەتلىرىنى، ياشاۋاتقان مۇھىتىنى ۋە نامايىش قىلىشىغا سەۋەبچى بولغان ئامىللارنى غۇلجادىكى ” 5 – فېۋرال ” ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ۋەزىيىتى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئەركىن دۇنيا ئەللىرىدىكى يەرلىك نامايىشچىلارنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈۋاتقىنى ھەرگىزمۇ غۇلجا خەلقىنىڭكىدەك مىللىي زۇلۇم، مىللىي كەمسىتىش ۋە رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇش ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ كۈندىلىك ئىجراسىدىكى ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەردىن ئىبارەت، خالاس ! ئەگەر، غەرب ئەللىرىدىكى خەلقلەرنىڭ بېشىغا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن سىياسىي كۈلپەتلەرنىڭ مىڭدىن بىرى كەلگەن بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ياۋروپادا قىيامەت قوپقان بولاتتى، ناۋادا ياۋروپا ئەللىرىدىكى ساقچىلار نامايىشلىرىغا نۆلدىن توۋەن 20 نەچچە گرادۇسلۇق قەھرىتان قىشتا سوغۇق سۇ چاچقان ۋە قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى بولمىغان نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ قىرغىن قىلغان، نامايىشتا قولغا ئېلىنغانلارنى تۈرمىلەردە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئۇسۇللار بىلەن قاتتىق قىينىغان، تۈركۈملەپ – تۈركۈملەپ ئۆلۈم جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىپ ئەتىپ ئۆلتۈرگەن ۋە تۈرلۈك ئېغىر قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغان بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلەش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

خىتاينىڭ غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدە ئېلان قىلغان رەسمىي ستاتىستىكىلىرىدا، نامايىشچىلار ھۆكۈمەتنىڭ 21 ماشىنىسىنى پاچاقلاپ تاشلىغان، بېزى ئىسكىلاتلارنى كۆيدۈرگەن ۋە 7 نەپەر خىتاينى پىچاقلاپ ۋە ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەنمىش، بۇ سانلىق مەلۇماتلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتىنى قارىلاپ ئېلان قىلغان پۈتۈن بايانات ۋە دوكلاتلىرىدا يەر ئېلىپ كەلمەكتە، ئەمما بۇ دوكلات ۋە ئاخباراتلاردا نەق مەيداندا ۋەھشىيلەرچە ئەتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، سۇ چېچىش تۈپەيلىدىن ئېچىنىشلىق ھالدا توڭلاپ ئۆلگەن، ۋەقەدىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ ئەتىپ ئۆلتۈرۈلگەن يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئەۋلادىغا ۋە ھازىرغىچە مۇشۇ ۋەقە تۈپەيلىدىن تۈرمىلەردە ئازاب چېكىۋاتقان يەنە مىڭلارچە ئۇيغۇر يىگىتىگە ئەسلا يەر بېرىلمىگەن، بۇ سانلار، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ جىنايى پاكىتى سۈپىتىدە پەقەت خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا يەر ئېلىپ كەلمەكتە. خۇددى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تېلېۋىزىيىلەردىمۇ كۆرسىتىلگىنىدەك، ” 5 – فېۋرال ” ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قورالى نەيزە – قىلىچ ياكى بومبا، مىلتىق – زەمبىرەك ئەمەس، بەلكى زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىككە قارشى توۋلانغان جاراڭلىق شوئار ۋە بۇ شوئارلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن لوزۇنكىلاردىنلا ئىبارەت ئىدى، پاچاقلانغان 21 ماشىنا ۋە ئۆلگەن 7 نەپەر خىتايمۇ، نامايىش مەيدانى ئۇيغۇرلارنىڭ قېنى بىلەن بويالغان، سوغۇقتا ئۈششۈگەن پۇت – قوللار يەرگە تۆكۈلگەن ۋە يۈزلىگەن بىگۇناھ ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ تىنىقى توختىغاندىن كېيىن شەكىللەنگەن غەزەپ دولقۇنىدا جەريان قىلغان ھادىسىلەرنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، غەزەپ – نەپرەت پەللىگە چىققان بۇنداق پەۋقۇلئاددە بىر شارائىت ئاستىدا يەنە ئۆلگەن خىتاي پۇقراسىنىڭ سانىنىڭ 10 غا بارمىغانلىقىنىڭ ئۆزىلا بۈگۈنكى دۇنيادا بىر مۆجىزە ئىدى، بۇ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نەقەدەر سەۋرچان ۋە تىنچلىقپەرۋەر ئىكەنلىكىنى روشەن كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە تارىخىغا قارايدىغان بولساق، ئەسىرلەردىن بۇيان بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقلەر تەرىپىدىن مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتلەرگە قارشى ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرۇلۇپ كېلىنىۋاتقان تۈرلۈك شەكىلدىكى ئىسيان ۋە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىڭ ھەرگىزمۇ تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىققان ئىستىخىيىسىز ھەرىكەتلەر ئەمەس، بەلكى غايە، مەقسەت ۋە نىشانلىرى ئېنىق بولغان، يەرلىك خەلقنىڭ ئورتاق ھېسسىياتى ۋە ساداسى تولۇق ئەكس‘ئەتتۈرۈلگەن ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ھادىسىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. بولۇپمۇ 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى، يەنى 1911 – يىلىدىكى تومۇر خەلىپە ئىسيانىدىن تارتىپ تاكى 97 – يىلىدىكى ” 5 – فېۋرال ” غۇلجا ئىسيانىغىچە بولغان ئۇزاق تارىخىي بىر جەريان ئىچىدە يۈز بەرگەن چوڭ – كىچىك ئىسيان ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل قىلغىنىمىزدا، ئۇنىڭ خاراكتېرى، مەقسىتى ۋە بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىر – بىرىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغانلىقى كۆرۈلمەكتە. بۇ ئامىللار، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ يەرلىك خەلققە سالغان چېكىدىن ئاشقان مىللىي زۇلۇمى ۋە بېسىمى، سىياسىي، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي،دىن، مەدەنىي – مائارىپ … قاتارلىق جەھەتلەردە يەرلىك خەلقلەر ئۇچراۋاتقان ئادالەتسىزلىك ۋە ئېغىر كەمسىتىشلەر ۋە ئۇلارنىڭ بۇ خىل زۇلۇم، بېسىم ۋە ئادالەتسىزلىكلەردىن مۇستەسنا ھالدا ئەركىن، ھور ياشاش مۇھىتىغا ئېرىشىش مەقسىتى بىلەن كوللېكتىپ ھالدا ئېلىپ بارغان نارازىلىق ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىدىن ئىبارەت ئىدى. ئەمما، بۇ ئۇزاق تارىخىي جەرياندا شەرقىي تۈركىستاننى ئىدارە قىلىپ كەلگەن ھېچبىر مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەت، يەرلىك خەلقنىڭ ئىسيان قىلىشىغا سەۋەبچى بولغان ھەقىقىي ئامىللارنى ئەسلا ئېتىراپ قىلغىنى يوق، ھەممىسىلا دېگۈدەك بۇ ئىسيانلارنىڭ پەيدا بولۇش مەنبەسىنى تاشقى ئامىللارغا، يەنى ئاتالمىش ” جاھانگىرلار ” نىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ” غالچىسى ” دەپ قارالغان قانداقتۇر ” ئىنتايىن ئاز ساندىكى يەرلىك بۆلگۈنچىلەرنىڭ قۇترىتىشى ” غا باغلاشقا ۋە بۇ ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك خەلققە سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنىڭ ئۈستىنى يېپىشقا تىرىشىپ كەلدى. بولۇپمۇ بۇ مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىكى، يەرلىك خەلقنىڭ ئومۇمىي ئىرادىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ خاراكتېرىنى بۇرمىلاش ۋە مۇمكىن بار ئۇنى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئەمەس، بەلكى قانداقتۇر بىرقانچىلا ئاتالمىش ” ئوغرى، قاتىل، بۇلاڭچى ۋە لۈكچەكلەر ” نىڭ ئىرادىسى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت ئىدى.

” 5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى ” ئېلىپ ئېيتساق، بۇ ھەرىكەتنىڭ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مىللىي زۇلۇمىغا قارشى ئېلىپ بارغان تىنچلىق شەكلىدىكى نارازىلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكى ۋە بۇ ھەرىكەتنىڭ، يەرلىك خەلقنىڭ ئومۇمىي ئىرادىسى نامايان قىلىنغان ۋەكىل خاراكتېرلىك ھادىسە ئىكەنلىكى، پەقەت شەرقىي تۈركىستان خەلقى تەرىپىدىنلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارا جامائەتچىلىك تەرىپىدىنمۇ ئېتىراپ قىلىنىپ كېلىنمەكتە، ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتى بولسا بۇ ھەرىكەتكە بەرگەن باھاسىنى ئۆزىنىڭ سىياسىي ئېھتىياجىغا ماس كەلتۈرۈپ ئۆزگەرتىپ بارماقتا ۋە ئۇلارمۇ ئىلگىرىكى ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ يولىنى تۇتۇپ، بۇ ھەرىكەتنى قانداقتۇر يەرلىك خەلقنىڭ ئىرادىسى ۋە ئارزۇسىغا زىت كېلىدىغان يەككە خاراكتېرلىك ھەرىكەت قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىپ كەلمەكتە.

مەسىلەن، ئەينى چاغدا خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، ” ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ” نىڭ سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن 97 – يىلى 3 – ئاينىڭ 17 – كۈنى بېيجىڭدا ” 5 – فېۋرال ” غۇلجا ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن 3 – قېتىملىق چەتئەل مۇخبىرلىرىنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، بۇ ۋەقەگە باھا بېرىپ، ” بۇ يىل 2 – ئاينىڭ 5 – كۈنى شىنجاڭنىڭ غۇلجا شەھىرىدە ئاز ساندىكى كىشىلەر مىللىي بۆلگۈنچىلىك قىلىش غەرىزىدە، ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش ۋەقەسىنى پەيدا قىلدى، ئامما بۇ، ناھايىتى ئاز ساندىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ قىلغان ئىشى، ئەمما ئۇلار كۆپ ساندىكى ئاممىنى قۇترىتىپ، بىر – ئىككى كۈن توپىلاڭ پەيدا قىلغان بولسىمۇ، ناھايىتى تېزلىك بىلەن باستۇرۇلۇپ جىمىقتۇرۇلدى ” دەپ ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، تامامەن سىياسىي ۋە ئاممىۋى تۈسنى ئالغان بۇ ھەرىكەتنى، ئۇرۇش، چېقىش ۋە بۇلاش تۈسىنى ئالغان ئادەتتىكى جىنايى ئىشلار دېلوسى قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشقان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تاكى ئامېرىكادا ” 11 – سېنتەبىر ۋەقەسى ” يۈز بەرگەنگە قەدەر مۇشۇ تەلەپپۇزنى قوللىنىپ كەلگەن ئىدى. ” 11 – سېنتەبىر ۋەقەسى ” دىن كېيىن، دۇنيادا ” خەلقئارا تېررورىزم ” غا قارشى ھەرىكەت باشلىنىۋېدى، خىتاي ھۆكۈمىتى غۇلجا ۋەقەسىنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە قوللىنىپ كەلگەن يۇقىرىقى تەلەپپۇزىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى قانداقتۇر زور ھەم مۇرەككەپ خەلقئارالىق ئارقا كۆرۈنۈشلەرگە ئىگە قىلىپ، بۇ ھەرىكەتنى ” خەلقئارا تېررورىزم ” نىڭ بىر پارچىسى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇندى ۋە شۇندىن بۇيان خەلقئارادا ئېلان قىلغان بارلىق ئاخبارات ۋە باياناتلىرىدا ” 5 – فېۋرال ” ھەرىكىتىنى، ئاتالمىش ” شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى ” نىڭ ” تېررورلۇق قىلمىشلىرى ” نىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە بازارغا سېلىپ كەلدى.

مەسىلەن، يەنە ۋاڭ لېچۈەن ئۈرۈمچىدە فىرانسىيە مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ” 5 – فېۋرال ” غۇلجا ھەرىكىتىگە باھا بېرىپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ خەلقئارادىكى رادىكال ئىسلامچى كۈچلەرنىڭ ۋە تېررورىست گۇرۇپپىلارنىڭ قۇترىتىشى ۋە يېتەكلىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاساسى مەقسىتىنىڭ ” شىنجاڭدا كاپىرلارنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، يېرىگە ئىسلامى ھاكىمىيەت تۇرغۇزۇش ” تىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە بۇ ئارقىلىق ” 5 – فېۋرال ” ھەرىكىتىگە نوقۇل ھالدىكى رادىكال ئىسلامى ھەرىكەت تۈسىنى بېرىشقا تىرىشقان ئىدى. ئۇندىن باشقا يەنە خىتاينىڭ زۇۋانى ھېسابلانغان ” شىنخۇا ئاخبارات تورى ” تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ” شەرقىي تۈركىستانچى ئۇنسۇرلارنىڭ تېررورىست نىقابىنى ئېچىپ تاشلايلى ” سەرلەۋھىلىك باش ماقالىسىدە، ” 97 – يىلىدىكى 5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى، تېررورىست ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى نۇقتىسىدىن ئىبارەت ” دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دۆلەت تېررور سىياسىتىنىڭ قۇربانى ھېسابلانغان بىچارە غۇلجا خەلقىنىڭ بېشىغا قىلچە ئار – نومۇس قىلىنماستىن، ” تېررورىست ” دېگەن قالپاق كىيدۈرۈلگەن ئىدى. ئەلۋەتتە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ خىل تۆھمەتلىرى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭمۇ ” 5 – فېۋرال ” غۇلجا ھەرىكىتىنىڭ خاراكتېرى ھەققىدىكى تۈپ قاراشلىرىغا تەسىر كۆرسىتەلىگىنى يوق، خۇددى ئىستانسىمىزنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق ئاڭلىتىشىدا بايان قىلىنغىنىدەك، 4 – فېۋرال كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ” 5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى ” نىڭ 6 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەپ مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلغانلىقىمۇ، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ غۇلجا ۋەقەسىنىڭ خاراكتېرىنى بۇرمىلاشتا خەلقئارا سەھنىلەردە ھېچبىر مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئوشۇقچە كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

گەرچە ” 5 – فېۋرال ” غۇلجا ۋەقەسىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان ئامىللار كۆپ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالسىمۇ، ئەمما، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتە يۈرگۈزگەن ئادالەتسىز سىياسىتى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان ھەددىدىن تاشقىرى ئىشسىزلىقنىڭ ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دىنىي ساھەگە قاراتقان قاتتىق باستۇرۇش ۋە تازىلاش ھەرىكەتلىرىنىڭ، بۇ ۋەقەنىڭ شەكىللىنىشىدە بىۋاسىتە ۋە ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقى كۆرۈلمەكتە.

” 5 – فېۋرال ” ھەرىكىتى يۈز بەرگەن غۇلجا شەھىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 1992 – يىلى ” ئىقتىسادى ئالاھىدە رايون ” دەپ ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستاندىكى 5 ئوچۇق شەھەرنىڭ بىرى بولۇپ، 92 – يىلى ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان چېگرا سودىسى يىغىنىدىن كېيىن، ئۈرۈمچى، غۇلجا، بورتالا، چۆچەك، شىخەنزە قاتارلىق بەش شەھەرگە ئىقتىسادى سىياسەت جەھەتتە باشقا شەھەر ۋە رايونلارغا قارىغاندا كۆپلىگەن ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى تۈزۈپ چىقىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە غۇلجانى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىدە خىتايلارنىڭ نوپۇسى مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلىگەن بولۇپ، 300 مىڭ نوپۇسلۇق غۇلجا شەھىرىنىڭ ئاھالىسىنىڭ 50 پىرسەنتىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلاتتى.

ئەينى چاغدا غۇلجا شەھىرىنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادى شەھەر قىلىپ بېكىتىلگەنلىكى، يەرلىك خەلقنى سۆيۈندۈرگەن ۋە ئۇلار كەلگۈسى ھاياتلىرى ھەققىدە گۈزەل خىياللارنى قۇرغان ئىدى. چۈنكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى، شۇ زامانلار غۇلجانىڭ ئەڭ جىددىي ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىناتتى.

ھەقىقەتەن 92 – يىلىدىكى ئۈرۈمچى چېگرا سودىسى يىغىنىدىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ جىددىي تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشى نەتىجىسىدە، غۇلجا شەھىرىنىڭ سودا – سانائەت، ئىنشائات ۋە ساياھەت ئىشلىرىغا كەڭ كۆلەمدە مەبلەغ سېلىنىشقا باشلىدى،بۇنىڭغا ئەگىشىپ شەھەر ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق رايونلاردا چوڭ تىپتىكى سودا سارايلىرى، يەرمەنكە زاللىرى، سانائەت كارخانىلىرى كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپىيىشكە، چېگرا سودىسى جانلىنىپ، ئېكسپورت – ئىمپورت مىقدارىمۇ ئالاھىدە ئېشىشقا باشلىدى.

مەسىلەن، ” شىنجاڭ يىلنامىسى ” دىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، غۇلجا ۋەقەسى يۈز بېرىشتىن بىر يىل بۇرۇن، يەنى 96 – يىلى غۇلجا شەھىرىگە مەبلەغ سالغۇچى سودىگەرلەر بىلەن ئىمزالانغان قۇرۇلۇش كېلىشىمى 40 تىن كۆرەككە، سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 600 مىليون يۈەنگە يەتكەن، 27 سودىگەر بىلەن يەردىن ھەقلىق پايدىلىنىش توختامى ئىمزالىنىپ، 723 كۋادرات مېتىر يەر ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن، شۇ يىلى يەنە بۇ شەھەردە يېڭى رويخەتكە ئېلىنغان شىركەت 99 غا، تىزىمغا ئالدۇرۇلغان مەبلىغى 210 مىليون يۈەنگە يەتكەن. ئۇندىن باشقا يەنە شۇ يىلى غۇلجانىڭ چېگرا سودىسىدىكى ئىمپورت – ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 7 مىليون 380 نەچچە مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. غۇلجا شەھىرىنىڭ ئۆزىنىڭ سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 343 مىليون 520 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئۇنىڭ ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 23 پىرسەنتتىن كۆپرەك ئاشقان.

خىتاينىڭ ستاتىستىكىلىرىدا يەنە، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى يىللاردىمۇ يۇقىرىقى تۈرلەردە ئۈزلۈكسىز ئېشىش يۈز بەرگەنلىكى كۆرۈلمەكتە. ئىقتىسادى جەھەتتە كۆرۈلگەن بۇ خىل پەۋقۇلئاددە جانلىنىشنى كۆزدە تۇتقاندا، ئەسلىدە غۇلجىدا ھېچكىم ئىشسىز قالماسلىقى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىدىمۇ ھەسسىلەپ ئېشىش كۆرۈلۈشى كېرەك ئىدى، ئەمما بۇ خىل تەرەققىيات غۇلجادىكى ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا ھېچبىر ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلمىگەن، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىمۇ ھەسسىلەپ ئېشىشقا باشلىغان. بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى شۇكى، ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غۇلجاغا قاراتقان يۇقىرىقىدەك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ تېشىدا قالدۇرۇلغان بولۇپ، بۇ سىياسەتتىن تامامەن خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى سودىگەر ۋە شىركەتلەر، ” بىڭتۇەن ” نىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق 4 – دېۋىزىيىسىنىڭ خىتايلىرى، شۇنداقلا چەتئەل كارخانىلىرى پايدىلانغان، يېڭىدىن قۇرۇلغان سودا ۋە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىغا قوبۇل قىلىنغان ئىشچى – خىزمەتچىلەرمۇ ئاساسەن خىتايلاردىن تەشكىل تاپقان، يەرلىككە تەۋە كۆپلىگەن يەرلەرمۇ ” ئىجارىگە بېرىش “، ” يەردىن ھەقلىق پايدىلىنىش ” دېگەندەك ناملار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن تارتىپ ئېلىنىپ خىتاي سودىگەرلىرىگە بولۇپ بېرىلگەن. ئانچە – مۇنچە دەسمايىسى بار ئۇيغۇرلارنىڭ غۇلجا ئىقتىسادى رايونىغا قارىتىلغان ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن پايدىلىنىش يوللىرى تۈرلۈك مەمۇرى توسۇقلار بىلەن توسۇپ قويۇلغان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن سودىگەر ۋە كارخانىلار بىلەن رىقابەتلىشىدىغان كۈچى بولمىغاچقا، نائىلاج يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە ئىنتايىن قىيىن شارائىتلار ئاستىدا سومكا كۆتۈرۈپ تىجارەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

بېزى غەيرىي رەسمىي ستاتىستىكىلاردا، 90 – يىللارنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن غۇلجا شەھىرىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىشسىزلىقنىڭ شىددەت بىلەن باش كۆتۈرۈپ چىققانلىقى، شەھەرنىڭ كوچا – كويلىرىنىڭ ئىشسىز ۋە دەسمايىسىز ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن تولۇپ تاشقانلىقى قەيت قىلىنماقتا. خۇددى ئىستانسىمىزنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق ئاڭلىتىشلىرىدا بېزى شاھىتلارنىڭ تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىدەك، ئىشسىزلىقنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا ھاراق ۋە زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە بېرىلىپ كېتىشتەك ناچار ئىجتىمائىي ئەھۋاللار باش كۆتۈرۈپ چىققان، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، بىر تۈركۈم ئىلغار ئۇيغۇر ياشلىرى غۇلجىدا مەشرەپ پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كېلەچىكىدىن ئۈمىدىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ، چۈشكۈنلۈك ئىچىدە يۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى مەزمۇنى مول مەشرەپ پائالىيىتىگە جەلپ قىلىش ئارقىلىق، ئۇلاردا باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان ناچار ئىجتىمائىي كەيپىياتلارنى پەسەيتىشكە ۋە يوقىتىشقا تىرىشقان. خىتاي ھۆكۈمىتى غۇلجا ياشلىرىنىڭ بىردىن – بىر روھى ئوزۇقىغا ئايلانغان مەشرەپ پائالىيىتىنىمۇ تۈرلۈك سىياسىي بەتناملار بىلەن قارىلاپ، مەشرەپلەرنى چەكلەش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ سوئال – سوراقلارغا تارتقان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قىلمىشى، تەبىئىي ھالدا غۇلجا رايونىدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى كەڭ – كۆلەملىك بىر نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن سىياسىي مۇھىت ھازىرلاپ بەرگەن.

يەنە بىر جەھەتتىن، ” 5 – فېۋرال ” ھەرىكىتىنىڭ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن ” 7 – نومۇرلۇق مەخپىي ھۆججەت ” دېگەن نامدا تۈزۈپ چىققان سىياسىتىنىڭ كەڭ – كۆلەمدە ئىجراغا قويۇلغان، بولۇپمۇ بۇ سىياسەتنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا دىنىي ساھەگە قاراتقان بېسىم ۋە باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئالاھىدە ئېغىرلاشقان پەيتىگە توغرا كەلگەنلىكىمۇ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قاراتقان دەپسەندىچىلىك سىياسىتىنىڭ ” 5 – فېۋرال ” ۋەقەسىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك، 1996 – يىلى 3 – ئاينىڭ 19 – كۈنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلغان ۋە 10 ماددىدىن تەركىب تاپقان ” 7 – نومۇرلۇق ” ھۆججەتتە، دىپلوماتىيە جەھەتتە ئاكتىپ ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەش دىن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ساھەسىگە قاراتقان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، دىنىي ۋە مىللىي تۇيغۇنىڭ كۈچىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئاساسىي فۇنكسىيىسىنى مىللىي ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇشقا قارىتىش، بىڭتۇەننى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ مىللىي ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، شەرقىي تۈركىستاندا ھەر زامان يۈز بېرىش ئېھتىمال بولغان مىللىي ۋەقەلەرنى ئۆز ۋاقتىدا باستۇرۇش ئۈچۈن خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى بىلەن ژاندارما قىسىملىرىنى ئىدىيە ۋە ھەرىكەت جەھەتتىن ھازىر ھالغا ئەكېلىش، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ خىزمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، يەنى خىتاي كۆچمىنى يۆتكەش … قاتارلىق ناھايىتى كەڭ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە بۇ ھەقتە كونكرېتنى تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. ئۇندىن بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتى، ” شىنجاڭغا ئاساسىي خەۋپ مىللىي بۆلگۈنچىلەردىن كېلىدۇ ” دېگەن تەلەپپۇزنى قوللىنىپ كەلگەن بولسا، ” 7 – نومۇرلۇق ” ھۆججىتىدە تۇنجى قېتىم، ” شىنجاڭغا ئاساسىي خەۋپ مىللىي بۆلگۈنچىلەردىن ۋە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەردىن كېلىدۇ ” دېگەن شوئار ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي ساھەگە قارىتا كەڭ – كۆلەمدە چەكلەش ۋە باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىدى. 97 – يىلىنىڭ باشلىرى بولسا دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ” قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇش ” دېگەن نامدا، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا قاراتقان دەپسەندىچىلىكىنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقارغان مەزگىل ئىدى. مەسىلەن، ” 5 – فېۋرال ” غۇلجا ھەرىكىتىنىڭمۇ، رامزان ئېيىنىڭ قەدىر كېچىسى ئۆيلىرىدە نورمال دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر توپ ياشنىڭ سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنىشى تۈپەيلىدىن پارتلاپ چىققانلىقىمۇ، بۇ نۇقتىنى ئوشۇقچە ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.

ئەگەر بىز مۇھاجىرەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئۆتمۈشىنى ۋە تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىدىغان بولساق، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ، شەرقىي تۈركىستان رايونىدىكى مىللىي ھەرىكەتلەرنىڭ تاشقى دۇنيادىكى ئىنكاسى ۋە مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى مىللىي ھەرىكەتلەرنىڭ تەرەققىيات ۋە تۇرغۇنلۇق باسقۇچلىرىنىڭ بىر – بىرىگە ناھايىتى زىچ ھالدا پاراللېل كەلگەنلىكىنى، يېتەكچى ئىدىيە، غايە – مەقسەت جەھەتتىمۇ بىر – بىرىدىن پەرقلىنىپ كەتمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

خۇددى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخباراتلىرىدا كۆرسىتىلگىنىدەك، 90 – يىللاردىن ئېتىبارەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە جانلىنىش كۆرۈلمەكتە ۋە ھازىر 20 گە يېقىن دۆلەتتە 50 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتى ۋە ئاممىۋى گۇرۇپپىسى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى پائالىيەت قىلىپ كەلمەكتە. خۇددى يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمدەك، ھېچ شۈبھىسىزكى، كېيىنكى 10 يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان رايونىدا يۈز بەرگەن زور سىياسىي ھادىسىلەر ۋە ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشكە باشلىغان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ جانلىنىشى ۋە زورىيىشىدا بىۋاسىتە مۇھىم روي ئويناپ كەلمەكتە. بۇلارنىڭ ئىچىدە 97 – يىلى يۈز بەرگەن ” 5 – فېۋرال ” غۇلجا ھەرىكىتى، بۇ جەھەتتىكى رولى ۋە تەسىرى جەھەتتە بىۋاسىتە تۈرلۈك رول ئوينىغان ئەڭ ئاساسلىق ھادىسىلەرنىڭ بىرى ھېسابلانماقتا.

” 5 – فېۋرال ” غۇلجا ھەرىكىتى، ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ دۇنياغا تونۇلۇشىدا ھەم خەلقئارا سىياسىي سەھنىلەردە يەر ئېلىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئويناپلا قالماستىن، بەلكى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسىغا ۋە پائالىيەتلىرىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. دىققەت قىلىدىغان بولساق، ” 5 – فېۋرال ” غۇلجا ھەرىكىتىدىن كېيىن، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدا بىرلىك ۋە ھەمكارلىقنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۈچەيگەنلىكى، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنىڭمۇ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئالاھىدە جانلانغانلىقى كۆرۈلمەكتە.

مەسىلەن، تۈركىيەنى ئېلىپ ئېيتساق، ” 5 – فېۋرال ” ھەرىكىتى يۈز بەرگەن ھامان، بۇ دۆلەتتە ئىلگىرى ئۆز ئالدىغان پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ” شەرقىي تۈركىستان فوندا جەمئىيىتى “، ” شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق جەمئىيىتى “، ” شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى ” ۋە ” قەيسىرى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ” قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى دەرھال ” شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەركىزى ” دېگەن نامدا ۋاقىتلىق بىرلىكسەپ قۇرۇپ چىقىپ، بۇ بىرلىكسەپنىڭ نامىدا تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، 2 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى، بۇ، چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ” 5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى ” مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى ئۆتكۈزگەن تۇنجى قېتىملىق، شۇنداقلا كۆلىمى ئەڭ زور، ئەڭ شىددەتلىك نامايىشى ئىدى، نامايىش جەريانىدا خىتاي كونسۇلخانىسى تۇخۇم يامغۇرىغا تۇتۇلدى، غەزەپ – نەپرىتى تولۇپ – تاشقان بېزى نامايىشچىلار كونسۇلخانىنىڭ قورۇسى ئىچىدىكى ئېگىز ھادىغا يامىشىپ چىقىپ، خادىدىكى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى سۆكۈپ ئېلىپ كۆيدۈرۈپ تاشلىغان ئىدى. بۇ ھادىسە ئەينى چاغدا خىتاي ۋە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىغان بولۇپ، ھەتتا تەيۋەن ” مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى ” بىلەن شياڭگاڭدىكى ” شىڭداۋ ” گېزىتى ” 5 – فېۋرال ” ۋەقەسىنىڭ ئىچكى ئەھۋالى ھەققىدە مىللىي مەركەزدىن ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيەدە مەخسۇس پونكىت قۇرغان ئىدى. ” 5 – فېۋرال ھەرىكىتى ” نىڭ ئىلھامى ئاستىدا قۇرۇلغان ” شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەركىزى “، خىتاينىڭ غۇلجادىكى قىرغىنچىلىقىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللەش بىلەن بىرگە، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىلەن جىددىي ئالاقە تورى قۇرۇپ، ۋەتەن ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەر ھەققىدە بىۋاسىتە دەلىل – ئىسپاتلىق ماتېرىياللارنى توپلاپ چىقىپ، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىش، بايانات ئېلان قىلىش، خەۋەرنامە بېسىپ تارقىتىش قاتارلىق ئۇسۇل ۋە شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنى ۋە خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ، بولۇپمۇ غۇلجا رايونىنىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتى ھەققىدە خەۋەر – ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشقان ئىدى.

يەنى، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ” 5 – فېۋرال ” ۋەقەسى، تۈركىيەدە بىرقانچە يىلدۇر تۇرغۇنلۇق ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا جانلىنىش ئېلىپ كېلىش بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا، ۋاقىتلىق بولسىمۇ بىر مىللىي مەركەزنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا بىۋاسىتە سەۋەبچى بولغان ئىدى، بۇ ۋاقىتلىق مىللىي مەركەز، 98 – يىلى 12 – ئاينىڭ 19 – كۈنى 10 نەچچە دۆلەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قوشۇلۇش بىلەن رەسمىي ھالدا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان رەسمىي ئالىي ئورگانغا ئايلانغان ئىدى. ئەينى چاغدا بۇ مىللىي مەركەز تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ، ئۇنىڭ ” 5 – فېۋرال ” غۇلجا ھەرىكىتىنىڭ تۈرتكىسىدە قۇرۇلغانلىقى ئېنىق قەيت قىلىنغان ئىدى.
” 5 – فېۋرال ” غۇلجا ھەرىكىتى پەقەت تۈركىيەدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان پۈتۈن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ئۇلارغا جانلىنىش ئېلىپ كەلگەن ئىدى.

مەسىلەن، ” 5 – فېۋرال ” يۈز بېرىپ 3 كۈندىن كېيىن، يەنى 2 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئاساسلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھېسابلانغان ” ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتى “، ” ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقى “، ” شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىي مىللىي بىرلىكسىپى ” قاتارلىق تەشكىلاتلارمۇ بىرلەشكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، مەخسۇس بىرلىكسەپ قۇرۇپ چىقىپ، شۇ ئاساستا ئورتاق ھەرىكەت ئېلىپ بارغان، شۇنداقلا 98 – يىلى تۈركىيەدە شەكىللەنگەن بىرلىكسەپ بىلەن ئورتاقلىشىپ ” شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەركىزى ” نى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ئىدى.
ئەينى چاغدىكى رەسمىي ستاتىستىكىلاردا، ” 5 – فېۋرال ھەرىكىتى ” يۈز بېرىپ بىر ئاي ئىچىدە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار تۈركىيە، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە،قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە خىتايغا قارشى 15 قېتىم نامايىش ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالدىنقى 5 يىل ئىچىدە ئېلىپ بارغان ئومۇمىي نامايىشلىرىنىڭ سانىغا تەڭ ئىدى. بۇ خىل نامايىشلار تاكى بۈگۈنگە قەدەر ھەر يىلى ” 5 – فېۋرال ” كۈنى ئىزچىل تۈردە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

ئۇندىن باشقا يەنە ” 5 – فېۋرال ” ھەرىكىتىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا تارىختا ھېچ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۆپلەپ تىلغا ئېلىنىشقا باشلىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىدە ئالاھىدە يەر ئېلىشقا باشلىغانلىقىمۇ بىر ئەمەلىيەت ئىدى. مەسىلەن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەرىپىدىن 99 – يىلى مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالى ھەققىدە ئېلان چوڭ ھەجىملىك دوكلاتىدا، ” 5 – فېۋرال ” قىرغىنچىلىقىغا دائىر دەلىل – ئىسپاتلارنىڭ ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلىگەنلىكىمۇ، بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.

دېمەك، خۇددى بەزى ئۇيغۇر سىياسىيونلىرىنىڭ باھا بەرگىنىدەك، غۇلجا خەلقىنىڭ قېنى بىكارغا ئاققىنى يوق، غۇلجا خەلقى ئۆزىنىڭ ئىسسىق قېنى ئارقىلىق پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يۈرەك ساداسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە كۈچلۈك شەكىلدە ئاڭلىتىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ كۈچىيىشى ۋە زورىيىشى ئۈچۈنمۇ بىۋاسىتە مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى.

دئۇق تەشۋىقات – نەشرىيات كومىتېتى
2014-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى