2-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى پۇتبول مۇسابىقىسى بۇ يىل 6-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتى
2014-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى

Logo

ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىنىڭ رەھبىرى، دئۇق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ۋە دئۇق رەھبەرلىرىنىڭ كۈچلۈك ياردىمى، قەيسىرىدىكى تەشكىلات ۋە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ قوللىشى بىلەن، 2-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى “ئۇيغۇر ئەركىنلىك لوڭقىسى“ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 13-18 كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ قەيسىرى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

2013-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ۋە 12-ئاينىڭ 18-كۈنلىرى، ۋاشىنگتون ۋە بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان دئۇق رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنىدا، ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، 2-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ياشلىرى پۇتبول مۇسابىقىسىنى تۈركىيەنىڭ قەيسىرى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈش قارارى ئىلىنىپ، دئۇق مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ئەسقەرجان، سېيىت تۈمتۈرك ۋە ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىلەرنىڭ بۇ قېتىملىق مۇسابىقە تەييارلىق خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقى بېكىتىلگەن ئىدى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقە، دئۇق 2011-يىلى گوللاندىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇيۇشتۇرغان ياشلار پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ داۋامى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

دئۇق ياش-ئىزباسارلارنى تەربىيىلەش ئىشىغا ئىزچىل كۆڭۈل بولۇپ كەلدى ۋە قولىدا بار ئىمكانىيەتلەر بىلەن ياشلىرىمىزنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ياشلار خىزمىتىنى جانلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردى. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن تۈرلۈك ئۇسۇل-چارىلەرنى تۈزۈش، ياشلارنىڭ قىزىقىشى ۋە ئالاھىدىلىكىدىن يېتەرلىك پايدىلىنىش، تۈرلۈك مەدەنىي ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئوز-ئارا ئۇچۇرۇشۇش، تونۇشۇش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش مەيدانى ھازىرلاپ بېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى.

دئۇق نىڭ ياشلار خىزمىتىنى كۈچەيتىش تىرىشچانلىقىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى ھېسابلانغان، 2011-يىلىدىكى بۇ پۇتبول پائالىيىتى ئامېرىكا، بېلگىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق 7 دۆلەتتىن كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۇتۇقلۇق ئىلىپ بېرىلغىنىدىن كىيىن، ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر ۋە قىزىقىش پەيدا قىلغان ئىدى.

ياشلار ئوتتۇرىسىدا دەسلەپكى قەدەمگە شەكىللەنگەن دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق بېغىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، مۇھاجىرەتتە ھەرقايسى ئەللەردە تارقىلىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا تونۇش، ئۇيۇشۇش ۋە چوڭ بىرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ھالدا، د ئۇ ق بۇ مۇسابىقىنى ھەر يىلى ئىلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ماددىي ئىمكان ۋە ئادەم كۈچىنىڭ چەكلىك بۆلىشى، شۇنداقلا ۋەتەن ۋە خەلقىمىز ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسېرى جىددىيلىشىشى تۈپەيلىدىن، بۇ ئۈمىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي، ياشلىرىمىزغا قىلماقچى بولغان باشقا خىزمەتلەرنىمۇ دېگەندەك قىلالماي كەلگەن ئىدى.

بۇ قېتىملىق پۇتبول مۇسابىقىسى ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلەرنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ئالاقىدار تەييارگەرلىك خىزمەتلىرى نۆۋەتتە جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا. بارلىق پۇتبول كوماندىلىرىمىزنىڭ بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. مۇسابىقە ھەققىدە كۆپچىلىك ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ تەكلىپ-تەنقىد پىكىرلىرى ۋە سوئاللىرى بولسا تۆۋەندىكى ئالاقىلىشىش ئادرېسلىرى بويىچە خەت-چەك ياكى تېلېفون ئالاقىسى قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.

ھۆرمەت ئېھتىرام بىلەن

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتى
2014-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى

 

:ئالاقىلاشقۇچىلار

ئەسقەرجان

ئېلخەت: [email protected]
تېلېفون: a +49-176-70864325

سېيىت تۈمتۈرك

ئېلخەت: [email protected]
تېلېفون: a+90-532-402-6492

ئۈمىد ئاگاھى

ئېلخەت: [email protected]
تېلېفون: a+49-152-107-47098

غەيۇر قۇربان

ئېلخەت: [email protected]
تېلېفون: a +49-176-62303995