د ئۇ ق نىڭ دائىمىي كومىتېت يىغىنى ميۇنخېندا چاقىرىلىدۇ

2010-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى

5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان، ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنىڭ ۋەزىيىتى كۈندىن – كۈنگە ئېغىرلاشماقتا، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ زەنجىرسىمان ئىنكاسى ھازىرمۇ پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسى بويىچە ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا 10 مىڭلىغان بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىز يولسىزلارچە تۇتقۇن قىلىنىپ قاراڭغۇ زىندانلارغا مەھكۇم بولدى، قىسقىغىنە بىرقانچە ئاي ئىچىدە پەقەت ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن 30 دىن ئارتۇق قېرىندىشىمىز ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى، يۈزلىگەن قېرىندىشىمىز تۈرمىلەردە ۋەھشىيلەرچە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلدى.


ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ۋەتەن سىرتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مىللىي ھەرىكىتىمىزمۇ زور تارىخىي سىناققا دۇچ كەلدى، ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىز بىزدىن ئۆزلىرى چېكىۋاتقان بۇ كۈلپەتلەرنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تېخىمۇ جانلىق ۋە ئۈنۈملۈك شەكىلدە تۇيغۇزۇپ، خەلقئارا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈچى بىلەن خىتايغا جىددىي بېسىم پەيدا قىلىشىمىزنى، بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرى چېكىۋاتقان چىدىغۇسىز زۇلۇملارنى بىرئاز بولسىمۇ يەڭگىللىتىشىمىزنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈشمەكتە.

بىز، خەلقىمىز ۋە مىللىي ھەرىكىتىمىز نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان بۇ جىددىي ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى 2010 – يىلى 2 – ئاينىڭ 26 – كۈنىدىن، 3 – ئاينىڭ 2 – كۈنىگىچە گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئېچىش قارار قىلىندى.

2010 – يىلى 2 – ئاينىڭ 26 – كۈنىدىن، 3 – ئاينىڭ 2 – كۈنىگە قەدەر چاقىرىلىدىغان بۇ نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنى، قۇرۇلتىيىمىزنىڭ دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى، قۇرۇلتىيىمىز تەركىبىدىكى ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مىللىي ھەرىكىتىمىز بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر قىسىم سىياسىي ئەربابلىرىمىز، كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىم ۋە زىيالىيلىرىمىزنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېچىلىدۇ.

 
بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنى جەريانىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتى ھەققىدە ۋە 5-ئىيۇل ۋەقەسى ھەققىدە ئەتراپلىق مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 1 – يىللىقىنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا داغدۇغا بىلەن خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى قايتىدىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يۈزلەندۈرۈشنى قولغا كەلتۈرۈش؛

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش ۋە دەلىل – ئىسپاتسىز ھالدا ئۆلۈم جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىش قىلمىشىنى خەلقئارا جامائەتچىلىككە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە تەسىرچانلىق بىلەن ئاڭلىتىش ئۈچۈن بىر يۈرۈش ئۈنۈملۈك پىلان – پروگراممىلارنى بېكىتىپ چىقىپ ئىجراغا قويۇش؛

خەلقىمىز دۇچ كېلىۋاتقان جىددىي ۋەزىيەتنى ۋە مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، بۇندىن كېيىنكى يېڭى ئىستراتېگىيىلىك ھەرىكەت پىلانىنى بېكىتىپ چىقىپ ئىجراغا قويۇش؛

ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان جىددىي قىيىنچىلىق ۋە خەۋپلەرنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، مۇھاجىرلار خىزمىتىنى يەنىمۇ سىستېمىلاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر سىياسىي قاچقۇنلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتلەردە رىيال ۋە ئۈنۈملۈك سىياسەت بەلگىلەپ چىقىپ جىددىي ئىجراغا قويۇش؛

مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ جىددىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن د ئۇ ق نىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەشكىلى نىزام ۋە پرىنسىپلىرىنى يەنىمۇ جانلىق ھالغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن رەھبەرلىك ئاپپاراتىدا زۆرۈر بولغان تولۇقلاش ۋە تۈزىتىش ئېلىپ بېرىش؛

ئاممىدىن د ئۇ ق غا ۋە ئۇنۇڭ رەھبەرلىرىگە كەلگەن تەنقىد – پىكىر، تەكلىپ ۋە تەۋسىيىلەرنى ئەستايىدىللىق ۋە سەمىمىيلىك بىلەن مۇھاكىمە قىلىپ، ساقلانغان  مەسىلىلەر، كەمچىلىك ۋە خاتالىقلارنى جىددىي ھالدا بېكىتىپ چىقىش ۋە د ئۇ ق نىڭ ئامما بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ۋە ئۇلاردىن كەلگەن ئىنكاسلارغا ئۆز ۋاقتىدا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن جانلىق سىستېما قۇرۇپ چىقىپ ئىجرا قىلىش؛

قۇرۇلتاي فوندىنى كۈچەيتىش ۋە < Uyghurluq bedili > تۈزۈمىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن رىيال ۋە جانلىق سىستېما قۇرۇپ ئىجرا قىلىش؛

د ئۇ ق نىڭ بىۋاسىتە يېتەكچىلىكىدە، ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان ھەرقايسى ئەللەردە ئاياللار ۋە ياشلار ھەرىكىتىنى كۈچەيتىش ۋە ئۇلارنىڭ تەشكىلاتلىنىشىنى تېزلىتىش؛

بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا يەنە د ئۇ ق نىڭ ھازىرغىچە ئىشلىگەن خىزمەتلىرى ئومۇمى يۈزلۈك كۆزدىن كەچۈرۈلۈپ، تەجرىبە – ساۋاقلار ئەستايىدىل يەكۈنلەش…قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى