دئۇق: 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق قىرغىنچىلىقىنىڭ 4 – يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ھەققىدە چاقىرىق

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2013-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى

Logo

شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ قانلىق قىرغىنچىلىقلارنىڭ بىرى بولغان ۋە خەلقئارادا زور تەسىر قوزغىغان 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 4 – يىللىقى يېقىنلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا.

ئۈرۈمچى قانلىق قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەن ئۆتكەن 4 يىلدىن بۇيان، دئۇق نىڭ سەپەرۋەر قىلىش، كونكرېت پىلان پروگراممىلار تۈزۈپ چىقىشى ۋە بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ھەر خىل شەكىلدىكى نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ پائالىيەتلەر خەلقئارا جامائەتنىڭ ۋە مەتبۇئاتنىڭ زور دەرىجىدە دىققەت ئېتىبارنى قوزغاپ كەلدى.

ئوتكەن 4 يىلدىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈزلۈكسىز ھالدا “ 3 خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش”، „مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش“ ھەرىكەتلىرى قوزغاپ، بىگۇناھ ئىنسانلىرىمىزنى تۇتقۇن قىلىش،  ئۆلۈم جازاسى بېرىشتەك قانۇنسىز ھەرىكەتلەرنى شىددەت بىلەن يۈرگۈزۈپ كەلدى.

قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش، ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك نورمال ئائىلە ھاياتىدىن سىياسىي، ئىقتىسادى، دىنىي ، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھاياتىغا تەھدىت سېلىش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دائىملىق سىياسىتى بولۇپ كەلدى.

5-ئىيۇل ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە  ئىز-دېرەكسىز يوقىلىپ كېتىلگەن مىڭلارچە ئىنسانىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى 4 يىلدىن بۇيان، پەرزەنتلىرىنىڭ ئىز دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز پەرياد قىلىپ، ماڭمىغان يولى، چەكمىگەن ئىشىك، تارتمىغان ئەرزىيىتى قالمىغان بولسىمۇ ئەمما يەنىلا ھېچ نەتىجە ئالالىغىنى يوق، مىڭلارچە ئىنسان ھازىرغىچە ئىز دېرەكسىز يوقىلىپ كېتىشتەك پاجىئەلىك تەقدىرگە مۇپتىلا بولماقتا.

2010-يىلىدىن باشلاپ، ئاتالمىش شىنجاڭ يىغىنى چاقىرىپ، كورنىشچە شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئامما ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستانى خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسىگە بۆلۈپ بېرىپ، شەرقىي تۈركىستانى ئىقتىسادى جەھەتتىن تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە تالان-تاراج قىلىش بىلەن بىرگە زور مىقداردا خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئاسسىمىلياتسىيە پىلانى تېخىمۇ تېزلەشتۈرۈشكە باشلىدى.

بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، 5-ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقىنىڭ 4-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كەڭ كۆلەمدە خاتىرىلەش ئېلىپ بېرىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، مىللىي مەۋجۇتلۇقى تارىختىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە جىددىي يوقىلىش تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى خەلقئارا جامائەتچىلىككە بىلدۈرۈش چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلىرىمىز، ۋەتەنپەرۋەرلىرىمىز يەنى ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن جىددىي بىر ۋىجدانى، مىللىي ۋەزىپە بولماقتا.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دئۇق، بارلىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنى ۋە بارلىق ۋەتەنپەرۋەرلەرنى ھەرىكەتكە كېلىپ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 4-يىللىقىنى، بۇندىن بۇرۇنقى يىللاردىكىگە ئوخشاش خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىدۇ.

دئۇق، ھەرقايسى تەشكىلاتلارنى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلار يول قويغان دائىرىدە تۆۋەندىكى شەكىللەردىكى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا تەشەببۇس قىلىدۇ

ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ياكى كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈش،

تەشكىلاتلىرىمىز ئوز ئالدىغا ياكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ مەتبۇئات يىغىنى ئۆتكۈزۈش ۋە مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇش،

رەسىم كۆرگەزمىسى ۋە باشقا شەكىللەردىكى تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈش،

ھەر قايسى تەشكىلاتلار ئوز ئالدىغا ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تىلىدا بايانات ئېلان قىلىش ۋە ياكى دئۇق ئېلان قىلغان باياناتنى شۇ دۆلەتنىڭ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىش،

ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تەشكىلاتلار شۇ دۆلەتلەردىكى مۇخبىرلار، يازغۇچىلار  بىلەن مۇددەتتىن بۇرۇن ئالاقە قىلىپ، 5-ئىيۇل ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس ماقالە ۋە ئوبزور ئېلان قىلدۇرۇش،

ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقە قىلىپ ۋە  ئۇلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئوز ئالدىغا خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش ۋە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش،

ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى پارلامېنت ئەزالىرى، سىياسىي پارتىيىلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ ئۇلارنىڭ پارلامېنتلاردا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئۇتتۇرغا قويۇشى ياكى مەتبۇئاتلارغا ئىپادە بىلدۈرۈشى، بايانات ئېلان قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش،

نامايىش قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان دۆلەت ۋە رايونلاردا شېھىتلىرىمىزنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىر-چىراغ قاتارلىق خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش،

7 – ئاينىڭ 7 – كۈنى، ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرى نامايىش ئېلىپ بارغان ۋە دۇنيادا زور تەسىر قوزغىغان ، خىتاينىڭ ئەپتى – بەشىرىسى ئېچىپ تاشلانغان بىر كۈن. شۇڭا، 7 – ئاينىڭ 7 –ھەرقايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتى، ھەر قايسى تەشكىلاتلار تەركىبىدىكى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ھەر قايسى دۆلەتلەردە پەقەتلا ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن نامايىشى ئۆتكۈزۈش،

5 – ئىيۇل كۈنى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆيىنىڭ بالكونلىرىغا ۋە ماشىنىلىرىغا بىردەك ھالدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى ئېسىشى،

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز، 7 – ئاينىڭ 5 –كۈنى توي – تۆكۈن ئۆتكۈزمەسلىك، ئولتۇرۇش ۋە تۈرلۈك شەكىلدىكى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماسلىق ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ 5 – ئىيۇل شېھىتلىرىگە بولغان تەزىيىسى ۋە ھۆرمىتىنى ئىزھار قىلىش،

يۇقىرىقى پائالىيەت پىلانى بويىچە، بارلىق تەشكىلاتلار 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 4-يىللىقى مۇناسىۋىتى، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەت پىلانلىرىنى ئەڭ كەچ 6-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە دئۇق غا  بىلدۈرۈشۈڭلارنى جىددىي تەلەپ قىلىمىز.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

2011-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى