ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇچرىشىش پائالىيىتى ۋېنگىرىيەدە ئېغىر توسالغۇلارغا دۇچ كەلدى

دئۇق تەشۋىقات – نەشرىيات كومىتېتى
2013-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى

دئۇق رەھبەرلىك ھەيئىتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، دئۇق ياشلار كومىتېتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ۋەكىللىرىنىڭ 3 – قېتىملىق ئۇچۇرۇشۇش پائالىيىتى، 5 – ئاينىڭ 31 – كۈنىدىن 6 – ئاينىڭ 2 – كۈنىگىچە ۋېنگىرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈش بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇ قارارغا ئاساسەن، دئۇق نىڭ ياۋروپا ۋە ياشلار خىزمىتىگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ۋە دئۇق ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىلەرنىڭ بىۋاسىتە يېتەكلىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرى 5 – ئاينىڭ 30 – كۈنىدىن ئېتىبارەن بۇداپېشت شەھىرىگە كېلىپ توپلىنىشقا باشلىغان ئىدى. دۇنيا ھونلار قۇرۇلتىيى بىلەن دئۇق نىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ قېتىمقى ئۇچۇرۇشۇش پائالىيىتىگە يەنە، ئۇيغۇرلار بىلەن قان قېرىنداش ھېسابلانغان ماجار، ساك، ۋە ياۋروپادىكى تۈرك ياشلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ تەكلىپ قىلىنغان ئىدى.

ئەپسۇسكى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى بوھتان، تۆھمەت ۋە قارىلاشلىرى، شۇنداقلا كۈچلۈك نارازىلىقلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچۇرۇشۇش پائالىيىتى ۋېنگىرىيەدە قاتمۇ – قات توسالغۇلارغا دۇچ كەلدى. بۇ سەۋەبتىن، نۆۋەتتە ۋېنگىرىيەدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە قايتىدىن جىددىي تالاش – تارتىش ۋە سىياسىي كرىزىس يۈز بەردى.

بەزى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋېنگىرىيەگە توپلىنىشقا باشلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىگە، ” ھەممىسى ئەل – قائىدە بىلەن چېتىشلىقى بار تېررور گۇماندارلىرى، دۆلىتىڭلارنىڭ ئامانلىقىغا ئېغىر خەۋپ كەلتۈرۈش ئېھتىمالى بار رادىكال ئۇنسۇرلار ” دەپ شىكايەت قىلغان. شۇنداقلا، دئۇق رەھبەرلىك ھەيئىتىگە ۋاكالىتەن بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشقا باشلامچىلىق قىلغان ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىمنى، ” “ئەڭ ئاساسلىق تېررور گۇماندارلىرىنىڭ بىرى ” دەپ رەسمىي شىكايەت قىلغان.

نەتىجىدە، ئۇيغۇر ياشلىرى بۇداپېشت شەھىرىگە توپلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، ۋېنگىرىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ۋە ساقچى دائىرىلىرى ئومۇمى يۈزلۈك سەپەرۋەرلىككە كېلىپ،  ھېچ بىر دەلىل – ئىسپاتقا تايانماي، پەقەتلا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قۇرۇق تۆھمەتلىرىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئالدى بىلەن ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىمنى 5 – ئاينىڭ 30 – كۈنى تۇيۇقسىزلا تۇتقۇن قىلىپ، ” تېررور گۇماندارى ” دېگەن سەۋەب بىلەن سوراققا ئالدى.ئارقىدىنلا كۆپ ساندىكى ساقچىلار ئۇيغۇر ياشلىرى چۈشكەن مېھمانخانىغا باستۇرۇپ كېلىپ، ئەتراپنى قورشاپ قامال قىلىپ، ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزدى. ئۇلار بۇنىڭ بەلەن قانائەتلىنىپ قالماي، ئۇيغۇر ياشلىرى چۈشكەن مېھمانخانىنى پېچەتلەپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ باشقا مېھمانخانىلارغا ئورۇنلىشىشنىمۇ توسۇپ، ئۇلارنى شۇ كۈنىلا ئۆزلىرى كەلگەن دۆلەتلەرگە قايتىشقا قىستىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ساقچى دائىرىلىرى، بۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ، ئايروپىلان ئىستانسىسى، پويىز ئىستانسىسى قاتارلىق نۇقتىلاردىكى ۋە بۇداپېشت شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى ساياھەت نوختىلىرىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ، ھەممە جاينى ساقچى ماشىنىلىرى بىلەن توشتۇرىۋەتكەن.

ئەمەلىيەتتە بولسا، ئەسلىدە بېكىتىلگەن پروگرامما بويىچە، 5 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۆزى بىۋاسىتە دئۇق رەھبەرلىرى ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلماقچى بولغان. 5 – ئاينىڭ 31 – كۈنى دۇنيا ھونلار قۇرۇلتىيى بىلەن دئۇق نىڭ ئورتاق تەشكىللىشىدە دۇنيا ھونلار قۇرۇلتىيى يىغىن زالىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ھەتتا خىتاي ئەلچىخانىسىمۇ بۇ ئاخبارات ئېلان يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن مۇراجىئەت سۇنغان. 5 – ئاينىڭ 31 – كۈنى ۋېنگىرىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى پارلامېنت زالىدا ئۆزى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 6 – ئاينىڭ 1 – كۈنى كەچتە  ئۇيغۇر، ماجار، ساك، ۋە تۈرك ياشلىرى بىرلەشمە دوستلۇق كېچىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن ھەتتا گوللاندىيەدىن تۈك فېدىراتسىيەسى ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ئىككى نەپەر مەسئۇلىمۇ ئالاھىدە بۇداپېشتقا يېتىپ كەلگەن ئىدى.

بىخەتەرلىك ۋە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ پەقەتلا بىر تەرەپنىڭ تۆھمەتلىرىگە تايىنىپ ئېلىپ بارغان يۇقىرىقى قىلمىشلىرى، ۋېنگىرىيەدىكى يەرلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ، بەزى پارتىيىلەرنىڭ، ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي قان قېرىندىشى دەپ ھېسابلىغان ھون خەلقىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى.

5– ئاينىڭ 30 – كۈنى ئەتىگەن سائەت 9:00 دا ۋېنگىرىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ” تېررور گۇماندارى” دېگەن نام بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ سوراققا ئېلىنغان ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىم، كەچ سائەت 18:00 گە قەدەر قويۇپ بېرىلمىگىنى ئۈچۈن، دۇنيا ھونلار قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى بىر تەرەپتىن ھۆكۈمەتنىڭ ئەدلىيە ۋە قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچۇرۇشۇش پائالىيىتى ھەققىدە ئىزاھات بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، شۇ كۈنى ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتىشقا قىستالغان پۈتۈن ئۇيغۇر ياشلىرىنى دۇنيا ھونلار قۇرۇلتىيىنىڭ مەركىزىگە تەكلىپ قىلىپ، بۇ يەردە ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى بولدى. ساقچى دائىرىلىرى بۇنىمۇ توسۇش ئۈچۈن، ” مەزكۇر بىناغا بومبا يەرلەشتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ئاخبارات ئالدۇق ” دېگەننى باھانە قىلىپ، پۈتۈن بىنانىڭ كىرىش – چىقىش ئېغىزلىرىنى قامال قىلىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنى بىنانىڭ ئالدىدا توسۇۋالدى.

ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە قانۇن ئورگانلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىك پرىنسىپلارغا، شۇنداقلا ياۋروپا بىرلىكىنىڭ قانۇن – نىزاملىرىغا تۈپتىن خىلاپ ھالدا ئېلىپ بارغان بۇ بىرتەرەپلىمىلىك قىلمىشى، بىنانىڭ ئالدىغا توپلانغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ، يەرلىك خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى. بۇ ھادىسە ۋېنگىرىيە مەتبۇئات ئورگانلىرىنىڭمۇ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقىنى ئۈچۈن، كۆپ ساندا مۇخبىر نەقمەيدانغا كېلىپ ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ قېتىم مەيدانغا كەلگەن كرىزىس ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتى. دئۇق ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى غەيۇر قۇربان ۋە دئۇق تەشۋىقات – نەشرىيات كومىتېتىنىڭ رەئىسى پەرھات يورۇڭقاشلار مۇخبىرلارغا ۋە ئەتراپقا توپلانغان ئاممىغا بۇ ھەقتە ئىزاھات بېرىشكە تىرىشتى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۆكتەملەرچە تۆھمەتلىرىنى تۈپتىن رەت قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتە بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەر ۋە شەرقىي تۈركىستاندا يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان يۈز بەرگەن ھادىسىلەر ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بەردى. مەيداندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى، مىللىيچە دوپپىلىرىنى كىيىشىپ، ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىمنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئېنىق بىر جاۋاب بېرىلمىگۈچە نەقمەيداندىن ئۇزاقلاشمايدىغانلىقىنى  ۋە ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىمنى ئېلىپ بىرگە قايتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دۇنيا ھونلار قۇرۇلتىيى بىناسىنىڭ ئالدىدا 3 سائەتكە يېقىن تۇرۇپ نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

دئۇق رەھبەرلىك ئورگىنىنىڭ نارازىلىقى، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئېتىرازى ۋە ۋېنگىرىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە بەزى پارتىيىلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى نەتىجىسىدە، شۇ كۈنى كەچ 8 – 9 لار ئەتراپىدا ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىم بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلدى، ئەپسۇسكى ئۇنۇڭ ۋېنگىرىيەدىن ئىككى سائەت ئىچىدە ئايرىلىشى، ئىككى يىلغىچە ۋېنگىرىيەگە كىرمەسلىكى شەرت قىلىنىپ، ساقچىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا دۇنيا ھونلار قۇرۇلتىيىنىڭ بىناسى ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى.

ئۈمىد ئاگاھى، غەيۇر قۇربان ئەپەندىلەر بۇ يەردە مۇخبىرلارغا ۋە ئەتراپتىكى ئاممىغا قىلغان سۆزىدە، مىللىي رەھبىرىمىز رابىيە خانىم باشچىلىقىدىكى دئۇق بولسا گېرمانىيەدە رەسمىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېلىنغان ئېلىنغان قانۇنلۇق بىر تەشكىلات ئىكەنلىكىنى، دئۇق نىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ب د ت نىڭ ۋە خەلقئارالىق بارلىق قانۇن – پرىنسىپلارنىڭ روھىغا قاتتىق ئەمەل قىلغان ۋە ئۆزلىرى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلىرىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى پاش قىلىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەسلى تېررورىستنىڭ بولسا دەل خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى، چۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا ئىزچىل تۈردە دۆلەت تېررور سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ۋېنگىرىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ پەقەتلا بىر تەرەپنىڭ تۆھمەتلىرىگە تايىنىپلا ئېلىپ بارغان بۇ قېتىمقى ھەرىكەتلىرىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقنى ۋە بۇ قىلمىشلارنىڭ ياۋروپا بىرلىكىنىڭ قانۇن – پرىنسىپلىرىغا تامامەن خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشتى.

دئۇق رەھبەرلىرى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دىپلوماتىك بېسىملىرىغا ۋە توسالغۇلىرىغا ئەسلا تەز پۈكمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئېلىپ شۇ كۈنى پويىز بىلەن كېچىچە يول يۈرۈپ گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ، ياشلار ئۇچۇشۇشى پائالىيىتىنى گېرمانىيەدە داۋاملاشتۇرۇشقا باشلىدى. بېلەتلىرىنى ئۆزگەرتىش ئىمكانىيىتى بولمىغىنى ئۈچۈن قېلىشقا مەجبۇر بولغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى، دۇنيا ھونلار قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھون قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆيلىرىگە يەرلەشتۈرۈلدى. بۇ ياشلىرىمىز ئەتىسى كۆپلىگەن ھون قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ۋە مېھماندوستلۇقى بىلەن ئۆزلىرى كەلگەن دۆلەتلەرگە ئۇزىتىپ قويۇلدى.

دۇنيا ھونلار قۇرۇلتىيى تەمىنلىگەن بەزى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ياشلىرى ۋەكىللىرى قايتۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ ۋەقە ۋېنگىرىيەدە جىددىي سىياسىي كرىزىس پەيدا قىلغان، بۈگۈن ( 5 – ئاينىڭ 31 – كۈنى ) ۋېنگىرىيە پارلامېنتىدا بۇ ۋەقە ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە قاتتىق تالاش – تارتىش يۈز بەرگەن. ھۆكۈمەت ۋە ساقچى ئورگانلىرى بەزى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە تەنقىدلىشىگە ئۇچرىغان، ھەتتا ۋېنگىرىيە پارلامېنتىنىڭ بىر نەپەر مۇئاۋىن رەئىسى مەخسۇس ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىمگە بىۋاسىتە تېلېفون قىلىپ ھال سوراش بىلەن بىرگە، ئۆزنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەقەدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى، ۋېنگىرىيە خەلقىنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى كۈتۈۋېلىشقا ھەر زامان تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە ھۆكۈمەتتىكى بەزى خىتايپەرەسلەرنىڭ بۇ قېتىمقى بىرتەرەپلىمىلىك قىلمىشىدىن ھېساب سورايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

بۇ قېتىمقى ھادىسە، ۋېنگىرىيە مەتبۇئاتلىرىدىمۇ جىددىي تۈردە تالاش – تارتىش قىلىنماقتا. رابىيە خانىم باشچىلىقىدىكى دئۇق رەھبەرلىك ھەيئىتى ۋە دئۇق نىڭ گېرمانىيەدىكى مەركىزى ئورگىنىمۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان سىياسىي تۆھمەتلىرىنى چىرىتىش ۋە ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ  بەزى غەيرىي دېموكراتىك ۋە غەيرىي ئىنسانى ھەرىكەتلىرىگە بولغان نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن جىددىي سەپەرۋەرلىك ئېلىپ بارماقتا.

دئۇق تەشۋىقات – نەشرىيات كومىتېتى