دئۇق ئاخباراتى : ” پىچان ۋە مارالبېشىدىكى ۋەقەلەرنىڭ باش جاۋابكارى خىتاي ھاكىمىيىتىدىن ئىبارەت ! “

دئۇق تەشۋىقات – نەشرىيات كومىتېتى
2013-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مەيلى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسۇن، ياكى دئۇق باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى بولسۇن، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كېلىۋاتقان بېسىم، زۇلۇم ۋە قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشكە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي، دىنىي ۋە ئىقتىسادى ھەق – ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا دالالەت قىلىپ كەلگەن، ئەگەر خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ خىل دۆلەت تېررورى تۈسىنى ئالغان غەيرىي ئىنسانى قىلمىشىنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە، شەرقىي تۈركىستان رايونىدىكى مىللىي توقۇنۇش ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ شىددەت بىلەن كۈچىيىپ  بارىدىغانلىقى ھەققىدە ئىزچىل تۈردە ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ سەمىمىي تەكلىپلەرگە پىسەنت قىلماي، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشنى تۈپ مەقسەت قىلغان تىپىك مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىدىن ۋاز كەچكىنى يوق.

بولۇپمۇ 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، خىتاي ھاكىمىيىتى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ نارازىلىقىغا پەرۋا قىلماي، شەرقىي تۈركىستان رايونىغا خىتاي كۆچمىنى يۆتكەش، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرى ئىشلەمچىلىككە يۆتكەش، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى تالان – تاراج قىلىش، بىڭتۇەننى كېڭەيتىش، خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارىتا قانۇن جەھەتتىن قوش ئۆلچەم قوللىنىش … قاتارلىق بىر يۈرۈش سىياسەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شەرقىي تۈركىستان رايونىدا بىر قاتار مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنىڭ ۋە مىللىي توقۇنۇشلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە بىۋاسىتە سەۋەبچى بولدى، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستان رايونىدىكى مىللىي توقۇنۇش ۋە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلگىنى يوق، ئەپسۇسكى، خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ ھادىسىلەردىن ھېچ بىر زامان ساۋاق ئالغىنى يوق، ئەكسىچە پۈتۈن مىللىي ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇشلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ گەدىنىگە ئارتىپ، ئۇلارغا ” تېررورىست ” دېگەن قالپاقنى كىيدۈرۈپ، قاتتىق باستۇرۇشقا تايانغان دۆلەت تېررور سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، بۇ يىل 3 – ئاينىڭ 21 – كۈنى تۇرپاننىڭ پىچان ناھىيىسىدە 7 ياشلىق بىر ئۇيغۇر ئۆسمۈر 52 ياشلىق بىر خىتاي كۆچمىنى تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلدى، ئەپسۇسكى خىتاي ھاكىمىيىتى قاتىل خىتاينى جازالاش ئۈچۈن قىلىنى تەۋرىتىپ قويغىنى يوق، ئەكسىچە خىتاي كۆچمىنىنى ئاقلاپ، ئۇنى ساراڭغا چىقىرىپ، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان بۇ ئېچىنىشلىق ھادىسىنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇندى.

ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ ھادىسە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارىتا قانۇن جەھەتتە قوش ئۆلچەم سىياسىتى قوللىنىپ كەلگەنلىكىنىڭ بىۋاسىتە مەھسۇلى ئىدى.

خىتاينىڭ قانۇن تارماقلىرى كېيىنكى 10 يىلدىن بۇيان پۈتۈن كۈچىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشقا قاراتقىنى ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ئارىسىدا قاتىللىق، بۇلاڭچىلىق، ئالدامچىلىق، ئوغرىلىق، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى، خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇققا ئوخشاش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشكە باشلىغانلىقى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇقىملىقىغا ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىغا تەھدىت سېلىۋاتقان ئەڭ ئاساسلىق ئامىلغا ئايلانغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەت، پەقەت ئۇيغۇرلار تەرىپىدىنلا ئەمەس، ھەتتا چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى تەرىپىدىنمۇ ئىزچىل تۈردە تەكىتلىنىپ كېلىنمەكتە.

خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا قانۇن تارماقلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچىنى ئاتالمىش “مىللىي بۆلگۈنچىلەر” گە قاراتقىنى ئۈچۈن، بۇنى پۇرسەت بىلگەن ۋە بۇ سىياسەتتىن ئىلھام ئالغان خىتاي كۆچمەنلىرى ئىچىدە جىنايى ئىشلار دېلولىرىنىڭ سادىر بولۇش نىسبىتى ئېشىشقا باشلىغان.
پىچاندا يۈز بەرگەن قاتىللىق ۋەقەسى دەل مۇشۇ سىياسەتنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى ئىدى.

يەنە 4 – ئاينىڭ 23 – كۈنى مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرىدا كەڭ كۆلەملىك مىللىي توقۇنۇش يۈز بېرىپ، دەسلەپكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا 21 كىشى ئۆلگەن.

بەزى تەرەپسىز ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندىمۇ، بۇ ھادىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە پۈتۈنلەي خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق بېسىم ۋە قامال قىلىش سىياسىتى سەۋەبچى بولغان بولۇپ، ھەر يەردە تىمىسقىلاپ يۈرۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىك – دېرىزىلىرىنى مارىلاپ يۈرگەن ھۆكۈمەت پايلاقچىلىرى، مەلۇم ئۆيگە گۇمانلىق كىشىلەرنىڭ توپلانغانلىقىنى ساقچى ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلغان، نەتىجىدە خىتاي ساقچىلىرى ھېچ بىر سەۋەبسىزلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغان ۋە ئۆيدىكى خانىم – قىزلارغا ئەدەپسىزلەرچە قوپاللىق قىلغان، بۇنىڭغا ۋىجدانى چىداپ تۇرالمىغان ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش چىققان، ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ ھادىسە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ غەيرىي ئىنسانى قىلمىشىغا قارشى كۆرسەتكەن بىر قېتىملىق نارازىلىق ھەرىكىتىدىنلا ئىبارەت ئىدى، ئۇيغۇرلارنىڭ توقۇنۇشتا قوللانغىنىمۇ ئۆيىدىكى نان توغرايدىغان پىچاق ئىدى، ئەمما بىرقانچە كۈندىن بۇيان پۈتۈن خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ ھادىسىنى قانداقتۇر ” تېررور ۋەقەسى ” دەپ تەشۋىق قىلىپ، بۇنى باھانە قىلىپ پۈتۈن قەشقەر رايونىدا قاتتىق باستۇرۇش ۋە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى جىددىيلەشتۈرۈپ كەلمەكتە.

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان رايونىدا جەريان قىلىۋاتقان ۋە كۈندىن – كۈنگە كۈچىيىۋاتقان مىللىي توقۇنۇشلار ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس، بەلكى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 64 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتىپ كېلىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش سىياسىتىنىڭ بىۋاسىتە مەھسۇلىدىن ئىبارەت، بۇنىڭ باش جاۋابكارى دەل خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزىدۇر، خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ جىنايى جاۋابكارلىقتىن ئەسلا قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ !

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىگە قىسقىچە بىر كۆز يۈگۈرتۈپ باقايلى :

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 64 يىلدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە يولغا قويۇپ كەلگەن كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى تۈپەيلىدىن بۈگۈن ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە ئازسانلىق ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى؛

خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا 50 قېتىمغا يېقىن ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈشىگە ۋە تۈرلۈك غەيرىي كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا بولۇشىغا سەۋەبچى بولدى.

كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئۈزلۈكسىز سۈمۈرۈش ۋە تالان – تاراج قىلىش ئارقىلىق، بۇ گۆھەر زېمىننىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى ھېسابلانغان ئۇيغۇرلارنى خىتاي بويىچە ئەڭ نامرات مىللەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.

خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا نەسلىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان مەجبۇرى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويۇش ۋە بۇ سىياسەتنى قاتتىققوللۇق بىلەن رەھىمسىزلەرچە ئىجرا قىلىش ئارقىلىق، مىليونلىغان ئانا – بالىلارنىڭ بىئەجەل ئۆلۈپ كېتىشىگە بىۋاسىتە سەۋەبچى بولدى.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مىللىي مائارىپنى مەجبۇرى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى تۈپەيلىدىن ھازىر ئۇيغۇر مىللىي مائارىپ سىستېمىسى پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ، ئۇيغۇر ياش – ئۆسمۈرلىرى ئۆزىنىڭ ئانا تىل – يېزىقىنى، ئۆرپ – ئادەت ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىپ قويۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 1949 – يىلىدىن بۇيان ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئاتالمىش ” مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە زەربە بېرىش ” دېگەن نامدا ئېلىپ بېرىلغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە ۋە تۈرلۈك سىياسىي ھەرىكەتلەر جەريانىدا يۈزمىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر ھاياتىدىن ئايرىلدى، يەنە يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرلار قاراڭغۇ زىندانلارغا مەھكۇم بولدى.

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ يۇرت – ماكانلىرىدىن باشقا يۇرتلارغا ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرى ھەيدىلىپ، خانىۋەيرانچىلىق ۋە مۇساپىرلىق ئىچىدە ياشىماقتا، يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر قىزلىرى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە خىتاي خوجايىنلارنىڭ قولىدا قۇل – دېدەك ئورنىدا ياللىنىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولماقتا.

يەنە ئۇيغۇرلار دىنىي ئېتىقادىدىن ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىدىن تامامەن ۋاز كېچىشكە قىستالماقتا ….
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 64 يىلدىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتىدىن تارتىۋاتقان يۇقىرىقىدەك كۈلپەتلىرىنى ساناپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس !

كوممۇنىست خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلمەتلىك 64 يىلى پۈتۈن خەلقىمىزگە بەش قولدەك ئايان، خەلقىمىز بۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ئەپتى – بەشىرىسىنى ئاللىبۇرۇن تولۇق كۆرۈپ يەتتى.

خىتاي ھاكىمىيىتى ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى 64 يىللىق جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ !

خىتاي ھاكىمىيىتى تارىختىن ساۋاق ئېلىشى لازىم، چۈنكى زۇلۇم، بېسىم، تەھدىت ۋە جازا بىلەن بىر مىللەتنى سىڭدۈرۈش، يوقىتىش ياكى بويۇن ئەگدۈرۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، 64 يىللىق نەپرەت ۋە قىساس تۇيغۇلىرى بىلەن تاۋلىنىپ چىققان كۈرەش ئۇچقۇنلىرىنى ئۆچۈرۈش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس !

خۇددى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقىنىدەك، شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي توقۇنۇش، ئىختىلاپ، زىددىيەت ۋە ئىسيانلارنى پەسەيتىش ئۈچۈن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئالدىدا پەقەت بىرلا يول بار، ئۇ بولسىمۇ، ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتىپ كېلىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىدىن ۋاز كېچىش، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانى ھەق – ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قىلىش، ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىياسىي، ئىقتىسادى جەھەتلەردە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئادالەتسىز سىياسىتىدىن ۋاز كېچىش، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆر، ئەركىن ۋە مۇستەقىل ياشاش ئىستەكلىرىگە ھۆرمەت قىلىش !

دئۇق تەشۋىقات – نەشرىيات كومىتېتى