دئۇق ئاخباراتى : 5- فېۋرال غۇلجا ھەرىكىتى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمىنىڭ مەھسۇلىدىن ئىبارەت !

دئۇق تەشۋىقات – نەشرىيات كومىتېتى
2013 – يىلى 2 – ئاينىڭ 2 – كۈنى

ئەزىز يۇرتداشلار

بۇندىن 16 – يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن 5 – فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابى، خۇددى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا ئوخشاشلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا مەيدانغا كەلگەن زور سىياسىي ھادىسىلەرنىڭ بىرىدىن ئىبارەت.

1997 – يىلى 2 – ئاينىڭ 5 – كۈنى غۇلجا خەلقى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تىنچلىق نامايىشىمۇ، خۇددى بۇ قېتىمقى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا ئوخشاشلا كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە قانلىق باستۇرۇلغان ۋە ئەينى چاغدا خەلقئارادا زور تەسىر قوزغىغان ئىدى.

گەرچە ھازىرغا قەدەر شەرقىي تۈركىستان رايونى ھەم خەلقئارادا كۆپلىگەن سىياسىي ھادىسىلەر ۋە چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما 5 – فېۋرال  غۇلجا ۋەقەسى تاكى بۈگۈنچە ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئۆزىنىڭ تەسىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

مىللىي رەھبىرىمىز ۋە رەئىسىمىز رابىيە خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 16 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، بۇ ھەرىكەتتە ھاياتىدىن ئايرىلغان قەھرىمان ئوغۇل – قىزلىرىمىزغا بولغان ئالىي ئېھتىرامىنى ۋە چوڭقۇر سېغىنىشىنى قايتا ئىزھار قىلىدۇ !

شېھىتلىرىمىز نۇر ئىچىدە ياتقاي !

جانابى ئاللا، ئۆز خەلقىنىڭ ھۆرلۈكى ۋە ئەركىنلىكى يولىدا كۈرەش قىلىپ خىتاينىڭ قاراڭغۇ زىندانلىرىغا مەھكۇم بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئازابىنى يەڭگىللەتكەي !

ئەزىز قېرىنداشلار،

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نەزىرىدە 5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى ھەرگىزمۇ دائىرىسى مەلۇم بىر رايون بىلەنلا چەكلەنگەن ۋە قارىغۇلارچە ئېلىپ بېرىلغان ئىستىخىيىسىز ھەرىكەت ئەمەس، بەلكى ئۇ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يەرلىك خەلققە قاراتقان مىللىي زۇلۇمىغا، مىللىي كەمسىتىشىگە، سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردىكى ئادالەتسىزلىكىگە قارشى كۆرسەتكەن ئورتاق ئىنكاسى ۋە نارازىلىقىدىن ئىبارەت.

” 5 – فېۋرال > ھەرىكىتىنىڭ ئىشتىراكچىلىرى پەقەت نوقۇل ھالدا غۇلجا خەلقىنىڭ ئارزۇ – ئىستەك ۋە تەلەپلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۈرىكىدىكى ئورتاق دەردىنى مەيدانلارغا ئىدى، بۇ ھادىسىدىن بۇيان ھەر يىلى ” 5 – فېۋرال > كۈنىنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىنتايىن مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك كۈن تەرىقىسىدە خاتىرىلىنىپ كېلىنىۋاتقانلىقىمۇ، ” 5 – فېۋرال غۇلجا ھەرىكىتى > نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي روھىنىڭ ۋە زۇلۇمغا ئەسلا تىز پۈكمەيدىغان قەيسەر ھەم كۈرەشچان ئىرادىسىنىڭ سىمۋولىغا ۋە شەرقىي تۈركىستان ئومۇمىي مىللىي ھەرىكىتىنىڭ مەشئىلىگە ئايلانغانلىقىنى ئېنىق شەرھلەپ تۇرماقتا.

خىتاينىڭ زۇۋانى ھېسابلانغان ” شىنخۇا ئاخبارات تورى > تەرىپىدىن غۇلجا ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان باش ماقالىدا، ” 5 – فېۋرال ۋەقەسى > نىڭ ئىشتىراكچىلىرى قارىلانغان تۆۋەندىكى ئىبارىلەر يەر ئالغان ئىدى:

” توپىلاڭچى ئۇنسۇرلار، ” خىتايلارنى قوغلاپ چىقىرايلى ! >، ” تۇتۇپ كېتىلگەنلەر قويۇپ بېرىلسۇن ! > دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ، ھۆكۈمىتىمىز تەرىپىدىن ئۇلارغا تارقىتىپ بېرىلگەن سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى، نوپۇس دەپتىرى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى … قاتارلىقلارنى بىر – بىرلەپ كۆيدۈرۈشكە باشلىدى، ئەڭ رادىكال ئىپادىسى شۇكى، ھېلى كۆپلىرى يۈرۈپ كېتىۋېتىپ ” خىتايلارنىڭ كىيىمىنى كىيمەيمىز > دەپ چاقىرىشىپ ئۈستىدىكى كىيىم – كېچىكلىرىنى سېلىپ تاشلاشقا باشلىدى، بۇ، 2 – ئاينىڭ 5 – كۈنى بولۇپ، چاغانغا ئىككى كۈن، روزى ھېيتقا بولسا بەش كۈن قالغان قەھرىتان سوغۇق كۈنى ئىدى، بەزىلىرى ھەتتا پۈتۈن كىيىملىرىنى سېلىپ تاشلاپ قىپ يالىڭاچ ھالدا ئالغا قاراپ يۈرۈشكە باشلىدى … >.

يۇقىرىقى سۆزلەر ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن توقۇپ چىقىلغىنى يوق، ئەكسىچە خىتاينىڭ ھۆججەتلىرىدە ئەينەن يەر ئالغان ئىبارىلەر، شۇنداقلا كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ” 5 – فېۋرال ۋەقەسى > نى پەيدا قىلغان ئاتالمىش ” شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى > ھەققىدە توپلىغان ” دەلىل – ئىسپاتلىرى > دىن ئىبارەت، خالاس. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇلار، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاينىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاشنى ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇقلىرىنى يوقىتىپ قويۇشنى خالىمايدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى، ئۇلارنىڭ قەھرىتان سوغۇقتا كىيىم – كېچىكلىرىنى سېلىپ تاشلىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بايانلىرىنىڭ يەر ئالغىنىدەك قانداقتۇر ” رادىكاللىقنىڭ ئىپادىسى > ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئىرادىسىنىڭ كۈچلۈك ھەم قەتئىيلىكىنىڭ ئىپادىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.

ئۇيغۇر خەلقى ھېچ بىر زامان زۇلۇم ،بېسىم ۋە قىرغىنچىلىققا تەز پۈككەن ئەمەس، زۇلۇم كۈچەيگەنسېرى خەلقىمىزنىڭ مىللىي ئىرادىسىمۇ شۇنچە تاۋلىنىپ باردى.
تارىختىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان رايونىدا جەريان قىلغان مىللىي توقۇنۇشلار مەيلى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن بولسۇن، ياكى خىتاي دۆلىتى ۋە خىتاي خەلقى ئۈچۈن بولسۇن، بالاسى – قازا ۋە ئاپەتتىن باشقا نەرسە ئېلىپ كەلگىنى يوق !

ئەپسۇسكى ھازىرغا قەدەر خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستان رايونىدا ھەقىقىي تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھېچ بىر ئىجابىي ۋە سەمىمىي قەدەم بېسىپ باققىنى يوق، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىسيان بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولۇۋاتقان ئاساسلىق ئامىللار ھەققىدىمۇ ھېچ بىر زامان ئەستايىدىل ئىزدىنىپ باققىنى يوق، پەقەتلا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا قانلىق شەكىلدە قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلدى.

مەسىلەن، 1997 – يىلى يۈز بەرگەن غۇلجا ھەرىكىتى ۋە ئاخىرقى قېتىم يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى بۇنىڭ جانلىق دەلىلىدىن ئىبارەت !

گەرچە شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى يۈز بەرگەن پۈتۈن نارازىلىق ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ماھىيەت جەھەتتىن ئالغاندا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقنىڭ مىللىي ھەق – تەلەپ داۋاسى ھېسابلانسىمۇ، ئەمما كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى 1949 – يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن مىللىي ھەرىكەتلەرنىڭ  خاراكتېرىگە باھا بەرگەندە،” بۇ، مىللىي مەسىلىمۇ ئەمەس، دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس، بەلكى ئىنتايىن ئاز ساندىكى زوراۋان ئۇنسۇرلارنىڭ ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش ۋە كۆيدۈرۈش ھەرىكەتلىرىدىن ئىبارەت، ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ > دېگەن سەپسەتىدە چىڭ تۇرۇپ كەلمەكتە.

گەرچە شەرقىي تۈركىستانىڭ مۇستەملىكە تارىخىدا كۆپلىگەن دەۋر ۋە ھاكىمىيەتلەر ئالماشقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ يەرلىك خەلققە قاراتقان زۇلۇم، بېسىم ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتى ھېچبىر زامان پەسەيگىنى يوق، ئەكسىچە ھەرقايسى دەۋرلەردە ئۆتكەن مۇستەملىكىچى كۈچلەر ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك خەلققە قاراتقان زۇلۇم سىياسىتىنى ۋە تاكتىكىسىنى بىر – بىرىگە مىراس قالدۇرۇپ، ئۇنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ۋە زالىملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان 63 يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ھەل قىلىش ھەققىدىكى تىنچ ئىنسانى ئارزۇ – ئىستەكلىرىنى ھېچقاچان نەزەرگە ئالغىنى يوق ۋە بۇ ئارزۇ – ئىستەكلەرگە قاتتىق باستۇرۇش شەكلى بىلەن جاۋاب بېرىپ كەلمەكتە.

خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قانۇنىي، سىياسىي تەلەپلىرىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلماي، ئۇلارنى ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن قوراللىق توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا مەجبۇرلىدى، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيىنى ۋە قىرغىنچىلىقنى ئاساس قىلغان دۆلەت تېررور سىياسىتى يېرىم ئەسىردىن بۇيان كۈنساناپ كۈچەيسە كۈچەيدىكى، ھېچ ئاجىزلاشمىدى.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە تارىخىغا قارايدىغان بولساق، ئەسىرلەردىن بۇيان بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقلەر تەرىپىدىن مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتلەرگە قارشى ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرۇلۇپ كېلىنىۋاتقان تۈرلۈك شەكىلدىكى ئىسيان ۋە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىڭ ھەرگىزمۇ تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىققان ئىستىخىيىسىز ھەرىكەتلەر ئەمەس، بەلكى غايە،مەقسەت ۋە نىشانلىرى ئېنىق بولغان، يەرلىك خەلقنىڭ ئورتاق ھېسسىياتى ۋە ساداسى تولۇق ئەكس‘ئەتتۈرۈلگەن ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ھادىسىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. بولۇپمۇ 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى، يەنى 1911 – يىلىدىكى تۆمۈر خەلىپە ئىسيانىدىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگىچە بولغان ئۇزاق تارىخىي بىر جەريان ئىچىدە يۈز بەرگەن چوڭ – كىچىك ئىسيان ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل قىلغىنىمىزدا، ئۇنىڭ خاراكتېرى، مەقسىتى ۋە بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىر – بىرىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغانلىقى كۆرۈلمەكتە. بۇ ئامىللار، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ يەرلىك خەلققە سالغان چېكىدىن ئاشقان مىللىي زۇلۇمى ۋە بېسىمى، سىياسىي، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي،دىن، مەدەنىي – مائارىپ … قاتارلىق جەھەتلەردە يەرلىك خەلقلەر ئۇچراۋاتقان ئادالەتسىزلىك ۋە ئېغىر كەمسىتىشلەر ۋە ئۇلارنىڭ بۇ خىل زۇلۇم، بېسىم ۋە ئادالەتسىزلىكلەردىن مۇستەسنا ھالدا ئەركىن، ھۆر ياشاش مۇھىتىغا ئېرىشىش مەقسىتى بىلەن، كوللېكتىپ ھالدا ئېلىپ بارغان نارازىلىق ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىدىن ئىبارەت ئىدى. ئەمما، بۇ ئۇزاق تارىخىي جەرياندا شەرقىي تۈركىستاننى ئىدارە قىلىپ كەلگەن ھېچبىر مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەت، يەرلىك خەلقنىڭ ئىسيان قىلىشىغا سەۋەبچى بولغان ھەقىقىي ئامىللارنى ئەسلا ئېتىراپ قىلغىنى يوق، ھەممىسىلا دېگۈدەك بۇ ئىسيانلارنىڭ پەيدا بولۇش مەنبەسىنى تاشقى ئامىللارغا، يەنى ئاتالمىش ” جاھانگىرلار ” نىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ” غالچىسى ” دەپ قارالغان قانداقتۇر ” ئىنتايىن ئاز ساندىكى يەرلىك بۆلگۈنچىلەرنىڭ قۇترىتىشى ” غا باغلاشقا ۋە بۇ ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك خەلققە سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنىڭ ئۈستىنى يېپىشقا تىرىشىپ كەلدى. بولۇپمۇ بۇ مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىكى، يەرلىك خەلقنىڭ ئومۇمىي ئىرادىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ خاراكتېرىنى بۇرمىلاش ۋە مۇمكىن بار ئۇنى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئەمەس، بەلكى قانداقتۇر بىرقانچىلا ئاتالمىش ” ئوغرى، قاتىل، بۇلاڭچى ۋە لۈكچەكلەر > نىڭ ئىرادىسى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت ئىدى.

خىتاي ھاكىمىيىتى نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن قانۇن تارماقلىرىنىڭ ئاساسى كۈچىنى ” 3 خىل كۈچلەر > گە زەربە بېرىشكە قارىتىپ كەلمەكتە.
ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ ھاكىمىيەتنىڭ نەزىرىدىكى ” 3 خىل كۈچلەر ” بولسا، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانى ھەق – ھوقۇقلىرىنى، جۈملىدىن، خىتاينىڭ ئاساسى قانۇنىدا ۋە خىتاي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ” مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ” دا تەكىتلەنگەن مىللىي، دىنىي، سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە باشقا ھەق – ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغۇچى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىگە قارشى چىققۇچى شەرقىي تۈركىستان خەلقىدىن ئىبارەت !

ئاخىرىدا شۇنى قايتا ئەسكەرتىپ ئۆتمەكچىمىزكى، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھېچ بىر زامان خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىگە باش ئەگكەن ئەمەس، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كېلىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىش ھەرىكەتلىرى ھېچ بىر نەتىجىگە ئېرىشكەنمۇ ئەمەس، ئەكسىچە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي زۇلۇمىغا قارشى مىللىي ئىرادىسى كۈنسايىن كۈچىيىپ ۋە ئۇلغىيىپ بارماقتا !

خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ تارىخىي رېئاللىقتىن ساۋاق ئېلىشى ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئارزۇ – ئىستەكلىرىگە قۇلاق سېلىشى لازىم !

مىللىتىمىزنىڭ ھۆرلۈكى، ئەركىنلىكى ۋە ئازادلىقى ئۈچۈن ئەزىز جانلىرىنى پىدا قىلغان قەھرىمان ئەۋلادلىرىمىزنى قەلبىمىزدە ئەبەدىيەت ياشنىتىش، ئۇلارنىڭ كۈرەشچان ئىرادىسى ۋە مىللىي روھىغا ۋارىسلىق قىلىش بولسا ھەممىمىزنىڭ مىللىي ۋە ۋىجدانى بۇرچىمىزدىن ئىبارەت !

دئۇق تەشۋىقات – نەشرىيات كومىتېتى

2013 – يىلى 1 – ئاينىڭ 30 – كۈنى