د ئۇ ق نىڭ جەنۋەدە چاقىرىدىغان ئىككى چوڭ يىغىنى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى

د ئۇ ق رەھبەرلىك ھەيئىتىنىڭ 2-نۆۋەتلىك ئومۇمى يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

د ئۇ ق نىڭ 4-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى توكيودا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، د ئۇ ق نىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەھبەرلىرى ۋە د ئۇ ق تەركىبىدىكى ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن د ئۇ ق رەھبەرلىك ھەيئىتىنىڭ 1-قېتىملىق ئومۇمى يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، قۇرۇلتايدا ئېلىنغان قارارلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ۋە كېيىنكى پىلان-پروگرامىلار ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

د ئۇ ق رەھبەرلىك ھەيئىتىنىڭ 2-نۆۋەتلىك ئومۇمى يىغىنىنى، 3-ئايدا جەنۋەدە ئېچىلىشى پىلان قىلىنغان خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى. 3-ئاينىڭ 9-10-كۈنلىرى جەنۋەدە ئېچىلىدىغان د ئۇ ق ھەيئەتلەر يىغىنىغا د ئۇ ق نىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئىجرائىيە كومىتېتى قارمىقىدىكى ھەرقايسى ئورگانلارنىڭ باش مەسئۇللىرى ۋە د ئۇ ق تەركىبىدىكى ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ رەئىسلىرى قاتنىشىدۇ.
د ئۇ ق ھەيئەتلەر يىغىنىدىن كىيىن، د ئۇ ق ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكتە ساھىبخانىلىق قىلىشى بىلەن خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلىدۇ.

„خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىكى: شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە جەنۇبى موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە ئازادلىققا قارىتىلىۋاتقان خىرىسلار“دېگەن تېمىدا خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ

د ئۇ ق تەرىپىدىن 2007 – يىلىدىن بۇيان ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنىۋاتقان „ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا قانۇن بويىچە تەربىيىلەش پروگراممىسى“ نىڭ 2013 – يىللىق قىسمى، ئۇيغۇر، تىبەت، جەنۇبى (ئىچكى) موڭغۇل ۋەكىللىرىنىڭ، شۇنداقلا خىتاي دېموكراتلىرى، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە چەتئەللىك تەتقىقاتچى ئالىملارنىڭ قاتنىشىشىدا 2013 – يىلى 3 – ئاينىڭ  11 – 14 – كۈنلىرى شىۋىتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە، „خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىكى: شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە جەنۇبى موڭغۇلىيەدە كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە ئازادلىققا قارىتىلىۋاتقان خىرىسلار“دېگەن تېمىدا  مەخسۇس خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلىدۇ.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ جەنۋەدە چاقىرىلىدىغان  22 – نۆۋەتلىك ئومۇمى يىغىنىغا پاراللېل ھالدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، د ئۇ ق بىلەن بىرگە دۇنيا خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئورتاق ساھىبخانىلىق قىلىشى ۋە ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ ماددىي قوللىشى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

يىغىن جەريانىدا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، زىيالىيلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە چەتئەللىك ئالىملارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، جەنۇبى موڭغۇلىيە ۋە خىتايدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيەتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىرقىي سىياسەتلىرىنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كېلەچىكى، خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىكى ۋە كەلگۈسىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت…قاتارلىق كەڭ مەسىلىلەر ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە ۋە ئانالىزلار ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل خەلقلىرىنىڭ خەلقئارا جامائەتچىلىكتىن كۈتىدىغان تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە جەنۇبى موڭغۇلىيە قاتارلىق مۇستەملىكە رايونلاردىكى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋە سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۆزگەرمەس بىر دۆلەت سىياسىتى شەكلىدە ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئامما، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ نارازىلىقىدىن ئېھتىيات قىلىپ بىرئاز يېپىق شەكىلدە ئاستىرتىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئىدى. ئامما، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۇنيادا ئىقتىسادى كۈچ بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن، ئەسلىدىكى نىقابلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، كەڭ كۆلەمدە ئوچۇق-ئاشكارا قىرغىنچىلىق قىلىش باسقۇچىغا ئۆتتى.

2008-يىلى تىبەت خەلقىنىڭ، 2009-يىلى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ، 2010-يىلى بولسا جەنۇبى موڭغۇلىيە خەلقىنىڭ تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بارغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلدى.

2009-يىلدىكى ئۈرۈمچى قانلىق قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش، قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش، ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىش ۋە ئۆلتۈرۈش سىياسەتلىرى تېخىمۇ شىددەت بىلەن داۋام قىلدى. تىبەتلىكلەرنىڭ ئۆزلىرىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ھەرىكىتى خەلقئارادا كۈچلۈك ئەندىشە ۋە ھېسداشلىق پەيدا قىلماقتا.

ئەرەب باھارىنىڭ تەسىرى بىلەن خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇشى نەتىجىسىدە ئومۇميۈزلۈك قوزغىلىش دەرىجىسىگە ئېرىشەلمىدى.

خىتاينىڭ 18-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدىكى يېڭى رەھبەرلىك ئۆزگىرىشى بىلەن، خىتاي يېڭى بىر دېموكراتىك بۇرۇلۇشتىن ئۈمىد كۈتكەن بىر قىسىم ئۆكتىچى دېموكراتىك كۈچلەرنىڭ ئارزۇلىرىمۇ كۆپۈككە ئايلاندى.

بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ بىر-ئارىغا كېلىپ، ئومۇمى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى بىلەن بىرگە، مەۋجۇت مىللىي توقۇنۇشلار ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىلىرى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىشى ۋە ئىزدىنىشى تولىمۇ زۆرۈر بولماقتا.

د ئۇ ق، ئۆتكەن 7 يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز ھالدا باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىشىشى ۋە ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ ماددىي ياردەم قىلىشى بىلەن،  2007-يىلى 5-ئايدا گوللاندىيەنىڭ دەن ھاگ شەھىرىدە، 2008-يىلى 4-ئايدا گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە، 2009-يىلى 5-ئايدا ئامېرىكانىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە، 2010-يىلى ياۋروپا پارلامېنتىدا، 2011-يىلى ئاۋسترالىيەنىڭ 3 شەھىرىدە، 2012-يىلى ياپونيەنىڭ توكيو شەھىرىدە خەلقئارالىق يىغىن ۋە ھەر خىل تېمىلاردا تەربىيىلەش كۇرسلىرى ئېچىش ئارقىلىق، د ئۇ ق نى مەركەز قىلغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنى خەلقئارا قانۇنلارغا ماس ھالدا كۈچلەندۈرۈش، خەلقئارانىڭ  ھەمكارلىقى ۋە ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئۇيغۇر رەھبەرلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ ماھىرلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتلەردە زور ئىلگىرىلەشلەر ۋە ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

جەنۋەدە چاقىرىلىدىغان يىغىنغا قاتنىشىشنى خالايدىغان تەشكىلات رەھبەرلىرى، پائالىيەتچىلەر، مۇتەخەسسىسلەر ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ 1-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن بۇرۇن د ئۇ ق غا بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئالاقىلەشكۈچى: دوكتور. ئەركىن ئەمەت ( د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى)

پوچتا ئادرېسى:

World Uyghur Congress, Adolf-Kolpingstr.9, 80336 München, Germany

FAX:        + 49 89 54349789، E-mail: [email protected]

( ئەسكەرتىش: مۇھاكىمە يىغىنغا ئىلتىماس قىلغۇچى نامزاتلار ئىچىدىن تالىنىپ، قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ يىغىن جەريانىدىكى 4 كۈنلۈك ياتاق-تاماق چىقىملىرىنى د ئۇ ق ئۈستىگە ئالىدۇ.يول كىراسىنى ھەر بىر كىشى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ. ھەر بىر كىشىدىن 100 ياۋرو يىغىنغا قاتنىشىش رەسمىيىتى ئېلىنىدۇ)

ھۆرمەت بىلەن،
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى