د ئۇ ق: خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدە نامايىش چاقىرىقى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى

12-ئاينىڭ 10-كۈنى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدۇر. „كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى“ مىللىي چېگرالارنى ھالقىپ ئۆتۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بىر قىممەت قارىشى بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش دۇنيادىكى ئومۇمى بىر سەپەرۋەرلىك بولۇۋاتقان ۋە  ئىنسانلىق دۇنياسىنىڭ ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشىگە، دىققەت قىلىشىغا ئېرىشىۋاتقان ئەڭ نازۇك، مۇھىم بىر مەسىلىگە ئايلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا، ئىنسان ھەقلىرىگە بولغان تاجاۋۇزچىلىقىنى تېخىمۇ شىددەت بىلەن كۈچەيتمەكتە. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن داۋام قىلدۇرۇۋاتقان سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، دىنىي ساھەلەردىكى زۇلۇمى ۋە مائارىپ، مەدەنىيەت، سەن`ئەت، تىل قاتارلىق جەھەتلەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقلىرى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىگە بېرىپ يەتمەكتە.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن د ئۇ ق، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدە بارلىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنى، ۋەتەنپەرۋەرلەرنى نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈش، مەتبۇئات باياناتلىرى ئېلان قىلىش، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش ۋە مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق ھەرخىل شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىنى خاتىرىلەشكە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى قىرغىنچىلىقلىرىنى پاش قىلىشقا ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىككە، ئىنسان ھەقلىرىگە، دېموكراتىيىگە بولغان ئارزۇسىنى نامايان قىلىشقا چاقىرىدۇ.

د ئۇ ق نىڭ بىۋاسىتە تەشكىللىشى بىلەن  12-ئاينىڭ 10-كۈنى، گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلىدۇ. نامايىشقا گېرمانىيەدىكى
بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق باھانە سەۋەب كۆرسەتمەستىن قاتنىشىشىنى ئىلتىماس قىلىمىز.

نامايىش ئورنى:Karlplatz 25, 80935 München

ۋاقتى: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى (دۈشەنبە)، سائەت 16.00

ھۆرمەت بىلەن: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى