رابىيە خانىم : < پۈتۈن خەلقىمنىڭ جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى قۇتلۇقلايمەن ! >

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم شەرقىي تۈركىستانلىق ئەزىز قېرىنداشلىرىم، يېقىن تارىخىمىزدا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتۈن قېرىنداشلىرىمنىڭ جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى قۇتلۇقلايمەن !

شۇنداقلا  كۈرەشچان خەلقىمىزنىڭ مىللىي ئىرادىسىنىڭ يەنىمۇ  كۈچىيىشىگە بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇپ كېلىۋاتقان بۇ ئەزىز كۈندە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى، ھۆرلۈكى ۋە ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا قىممەتلىك ھاياتلىرىنى تەقدىم قىلغان بارلىق شېھىتلىرىمىزغا ئاللادىن رەھمەت تىلەيمەن !
ئەزىز قېرىنداشلىرىم، بۈگۈن بىزنىڭ بايرىمىمىز، بۈگۈن بىزنىڭ قايغۇنى كۈچكە، كۈچنى جاسارەتكە، جاسارەتنى مىللىي روھ ۋە ئويغىنىشقا ئايلاندۇرىدىغان، كۈرەشچان ئەجدادلىرىمىزدىن پەخىرلىنىش ۋە ئىپتىخارلىنىش ھېس قىلىدىغان مۇقەددەس بىر كۈن !

شۇڭا، بۇ ئەزىز بايرىمىمىزنى تەن – تەنە بىلەن قۇتلۇقلاش ئارقىلىق، ئۆزىمىزنىڭ مىللىي كۈرەش ئىرادىمىزدىن ئەسلا ۋاز كەچمەيدىغانلىقىمىزنى، مۇستەملىكىچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇم، بېسىم ۋە قىرغىنچىلىقلىرىغا قېتى تەز پۈكمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭمۇ ئەركىن دۇنيا خەلقلىرىدەك مۇستەقىل، ھۆر، ئەركىن ۋە ئازاد ياشاش ئارزۇيىمىزنى پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا قايتىدىن نامايان قىلايلى !

بۇ مۇبارەك كۈندە، بايرام تەن – تەنىسى قىلىش بىلەن بىرگە، ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ بارلىققا كەلتۈرۈش يولىدا ھاياتلىرىنى پىدا قىلغان شېھىتلىرىمىزنى ئەسلەش، ئۇلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلىش بىزنىڭ ۋىجدانى، دىنى ۋە مىللىي بۇرچىمىزدىن ئىبارەت.

مەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ۋەتەنپەرۋەر قېرىنداشلىرىمنى ھەر يىلدىكىگە ئوخشاشلا بۇ يىلمۇ ھەر خىل شەكىللەر بىلەن ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە، بۇ خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى بىلەن، ۋەتەنداشلىرىمىزنى، جۈملىدىن ياش نەسىللىرىمىزنى جۇمھۇرىيىتىمىز ھەققىدە چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش، مىللىي روھىنى ئويغىتىش، مىللىي داۋايىمىزغا بولغان ساداقىتىنى كۈچلەندۈرۈشكە چاقىرىمەن !

ئەزىز قېرىنداشلىرىم، سىزلەرگە مەلۇم بولغىنىدەك، شەرقىي تۈركىستان خەلقى يېقىن تارىخىمىزدا، يەنى 1933 -يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ۋە 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى كەينى-كەينىدىن مۇستەقىل ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق، شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي ئەركىنلىك ئىرادىسىنى دۇنياغا جاكارلىغان، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزىنى-ئۆزى باشقۇرۇش، ھور ياشاش ئىقتىدارىغا ۋە يۈكسەك دېموكراتىك ئاڭغا ئىگە مىللەت ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان ئىدى.

گەرچە بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت ئەينى چاغدىكى ئىمپېرىئالىست كۈچلەرنىڭ سىياسىي سۇيىقەستى نەتىجىسىدە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتتىن ئۇيغۇر خەلقىگە ئىنتايىن قىممەتلىك ئەڭگۈشتەرلەر مىراس قالغان ئىدى، بۇ ئەڭگۈشتەرلەر – مىللىي مۇستەقىللىقنىڭ سىمۋولى ھېسابلانغان ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، ئىستىقلال مارشى، دۆلەت گېربى ۋە بۇ ئەڭگۈشتەرلەرنى كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا مىراس قالدۇرۇش يولىدا قۇربان بولغان سانسىزلىغان قەھرىمانلارنىڭ كۈرەش ئىرادىسى ئىدى.

مىڭلىغان شېھىتلىرىمىزنىڭ ئىسسىق قېنى بەدىلىگە قۇرۇلغان بۇ مۇقەددەس ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىز، يىللاردىن بۇيان خەلقىمىز تەرىپىدىن خۇددى بىر ئەڭگۈشتەر سۈپىتىدە قەدىرلىنىپ ۋە خاتىرىلىنىپ كېلىنمەكتە، چۈنكى بۇ ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىز، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىنىڭ سىمۋولى، شۇنداقلا بۇ ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك تەجرىبە – ساۋاقلار ۋە جەڭگىۋار مىللىي روھ، ھازىر بىز داۋام قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقان مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ قىبلىنەماسى ۋە خەلقىمىزنىڭ روھىي ئوزۇقىدىن ئىبارەت.

ئۇ ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنى ھەر زامان ياد ئەتىپ تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئىنقىلابى روھىغا ۋارىسلىق قىلىش، ھەممىمىزنىڭ مىللىي ھەم ۋىجدانى بۇرچىدىن ئىبارەت.

ئاخىرىدا، پۈتۈن مىللىتىمنىڭ جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى قايتا – قايتا قۇتلۇقلايمەن !

جۇمھۇرىيەت بايرىمىمىزغا مۇبارەك بولسۇن !

چەكسىز ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلەن :

رابىيە قادىر