4-نۆۋەتلىك دئۇق نىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنىدا قارار قىلىنغان خىزمەت پىلانى

2012-يىلى سېنتەبىرنىڭ 21—23 كۈنىگىچە  گوللاندىيىنىڭ روتتېردام شەھىرىدە ئېچىلغان 4-نۆۋەتلىك دۇق نىڭ 2-ئومۇمىي يەغىنىڭ خۇلاسىسى ۋە ئېلىنغان قارارلىرىنىڭ جامائەتكە ئوچۇق قىسىملىرى:

4-نۆۋەتلىك دئۇق نىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنىدا قارار قىلىنغان خىزمەت پىلانى
روتتېردام،  گوللاندىيە
2012-يىلى 9-ئاي
‏    No: GR-120922-02

دئۇق نىڭ ئالدىمىزدىكى بىر يىل ئىچىدە پىلاندا بار ئىشلار ۋە ھەر يىلى قىلىنىۋاتقان ئىشلارنى  داۋاملىق ئەلىپ بېرىشتىن، داۋاملىشىۋاتقان ئىشلارنى داۋاملاشتۇرۇشتىن  سىرت،  يەنە مەخسۇس پرويېكت قىلىپ  تۆۋەندىكى ئىشلارنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش،  قىسمەن ياكى تولۇق  ئەمەلگە ئاشۇرۇش قارار قىلىندى.

  1. خىتتاينىڭ ۋەتىنىمىزگە ئۆزلۈكسىز تۈردە يۆتكەۋاتقان خىتتاي كۆچمەنلىرىگە قارىتا، خەلقئارالىق  دەرىجىدە، مۇتەخەسسىس، تەتقىقاتچى ۋە ستراتېگىيىچىلەر قاتناشقان ئىلمىي كونفىرانىس ئۇيۇشتۇرۇش. بۇ ئارقىلىق  خىتتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستانغا) ئۆزلۈكسىز تۈردە خىتتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكىشىنىڭ بۇ رايوننىڭ مۇقىملىقى، ئېكولوگىيىسى، ۋە ئىقتىسادىغا  ئەكىلىدىغان زىيىنىنى چۈشەندۈرۈش، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستانغا (ئۇيغۇرىستانغا)  قوشنا دۆلەتلەرگە ئەكىلىدىغان زىيىنى ۋە خەۋپىنى چۈشەندۈرۈش.
  2. ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك مىللەت ئىكەنلىكىنى  ب د ت ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى، قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇچۇن ئەمىلى پائالىيەت قىلىش. مەخسۇس كىشىلەرنى مەسئۇل قىلىپ بېكىتىپ، بۇ ئىشنى دۇق نىڭ ئالدىمىزدىكى بىر يىل ئىچىدە قىلىدىغان مۇھىم ئىشلىرى قاتارىدا چىڭ تۇتۇش.
  3. ۋەتىنىمىزدە ئىز-دېرەكسىز يوقالغان غايىپلار مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، يىغىندا دۇق نىڭ ب د ت غا يوللىغان دوكلاتىنى سوراشتۇرۇپ، خىتتاينىڭ غايىپلار ھەققىدە ھېساب بېرىشقا زورلاش ئۇچۇن ھەركەت   قىلىش، بۇ ئىشقا مەسئۇل مەسئۇل كىشى بېكىتىش.
  4. ياۋرۇپا بىرلىكىدىن (EU دىن) ئۇيغۇرلار ئۇچۇن قارار –لايىھە چىقىرىش ئۇچۇن پائالىيەت ئەلىپ بېرىش.
  5. رابىيە خانىم باشلىق  بىر گۇرۇپپا دۇق رەھبەرلىرى يىغىن ئارىلىقتا   بىر –ئىككى ئايلىق  ياۋرۇپا زىيارىتىنى باشلاش ، بۇ جەرياندا مەخسۇس تۇرك تەشكىلاتلىرىنى زىيارەت قىلىش، تۇرك تەشكىلاتلىرىغا ئۇيغۇر داۋاسىنى ئاڭلىتىش ۋە ئۇلارنىڭ  ماددى ،مەنىۋى ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇچۇن تىرىشىش.
  6. ئىسلام ئەللىرىگە بولغان تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش. مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ بۇگۈنكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى ئىسلام ئەللىرىگە  پاكىتلىق ھالدا  تونۇشتۇرۇشنى ئاساس قىلغان ئىلمىي  كونفىرانسىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش. شۇنىڭدەك چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا دىنىي تەلىم-تەربىيەنى كۈچلەندۈرۈپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ھىل مەزھەپلەرگە بۆلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
  7. دۇق نىڭ بىر زىيارەت گۇرۇپپىسىنى تەشكىل قىلىپ، ئىسلام ئەللىرىنى زىيارەت قىلىش.   ئىلسام ئەللىرىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش، ئىسلام ئەللىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچلەندۈرۈش.
  8. تەشۋىقات-نەشرىيات خىزمىتىنى كۈچلەندۈرۈش. گوللاندىيىدە تەسىس قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان رادىئو-تېلېۋىزىيىسىنى كۈچلەندۈرۈش، ماقۇللانغان كېرەكلىك ماددىي ياردەم، ئۈسكۈنىلەرنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تولۇقلاپ بېرىش.
  9. ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى تەشكىلاتلار دۇق نىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە ياشلار  خىزمىتىنى جانلاندۇرۇش، ياشلارنىڭ  كۆپلەپ داۋا سېپىگە قېتىلىشى ئۇچۇن  شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىش، ياشلارنى  تەربىيىلەش ۋە ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۇچۇن ئەمەلىي پائالىيەتلەرنى ئەلىپ بېرىش. ھەر ئىككى يىلدا ئەلىپ بېرىلىدىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ دۇنياۋى  پۇتبول مۇسابىقىسىنى داۋاملاشتۇرۇش.  ھەر يىلى ئەلىپ بېرىلىۋاتقان دۇق نىڭ كادىرلارنى تەربىيىلەش كۇرسىغا ياشلارنى كۆپرەك قاتناشتۇرۇش. ياشلارنىڭ ئوز-ئارا كۆپرەك ئۇچرىشىشى ئۇچۇن ھەر ھىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ بېرىش.
  10. ئامېرىكىدا ئېلىنغان ئۇيغۇر ئويىنىڭ  پۇلىنىڭ  قالدۇق قىسمىنى پۈتتۈرۈش ئۇچۇن ئىقتىسادىي ياردەم كومپانىيىسى باشلاش.
  11. دۆلەت مارشىنىڭ  تەختنى ئۆزگەرتمىگەن ھالدا،  جەڭگىۋار شەكىلدە ئوركېسترا بىلەن قايتا ئىشلەش.  ئىككى نۇسخا قىلىپ تەييارلاش، بىرى قىسقاراق مۇراسىملار ئۇچۇن، يەنە بىرى ھازىرقى ئۆلچەمدە  ئۆزىمىزنىڭ دائىملىق پائالىيەتلىرى ئۇچۇن. ۋە باشقىلار ….

دئۇق  كاتىباتلىقتىن