يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى ھەققىدىكى ب د ت باياناتنامىسى

2007-يىلى 13-سېنتەبىر، ئومۇمىي كېڭەشنىڭ 61/295 نومۇرلۇق قارارى بىلەن ماقۇللانغان.

ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى،

ب د ت نىزامنامىسىنىڭ روھى ۋە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەزكۇر نىزامنامىنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى تولۇق ئىجرا قېلىش توغرىسىدىكى جاۋابكارلىقىغا ئىشەنچ قىلغان ئاساستا،

يەرلىك خەلقلەرنىڭ باشقا بارلىق خەلقلەر بىلەن تەڭ باراۋەرلىكىنى جەزملەشتۈرۈش بىلەن تەڭ، ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىنى پەرقلىق دەپ قاراش ۋە دەل باشقىلاردىن پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ھۆرمەت قېلىنىشقا مۇيەسسەر بولۇشىنى ئېتىراپ قىلغان ئاساستا،

بارلىق خەلقلەرنىڭ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى(Civilization) ۋە ئىلغارلىقىدىن(Culture)  شەكىللەنگەن ئومۇمىي بايلىققا تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئومۇمىي مەدەنىيەت مىراسىنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن ھالدا،

يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مىللىي، شەرقىي كېلىپ چىقىشى، دىنىي ئېتىقادى، ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت ئۆزگىچىلىكىنى چىقىش قىلغان ھالدا بىراۋنى ۋە ياكى باشقىلارنى بىراۋدىن ۋە ياكى باشقىلاردىن ئۈستۈن كۆرىدىغان، ئۈستۈن كۆرۈشكە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان سىياسەت ۋە بەلگىلىمىنى بىر تۇتاش ھالدا ئىرقچىلىق، ئىلمىي جەھەتتىن تۈپتىن خاتا، قانۇنىي جەھەتتىن ئىناۋەتسىز، ئەخلاقىي جەھەتتىن ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىك ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن ئادالەتسىز دەپ ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاش بىلەن،

يەرلىك خەلقلەرنىڭ  ھېچقانداق ئايرىمىچىلىققا دۇچ كەلمەستىن  ئۆزلىرىنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى ئىجرا قېلىش جەريانىدا ئەركىن  ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئاساستا،

يەرلىك خەلقلەرنىڭ، مۇستەملىكە قېلىنىش، يەرلىرىدىن، مال مۈلۈكلىرىدىن، تېررىتورىيەلىرىدىن ۋە شۇ جايدىكى بايلىقلىرىدىن مۇسادىرە قېلىنىش، بولۇپمۇ ئۆزلىرىنىڭ تەبىئىي ئېھتىياجىغا ۋە مەنپەئەتلىرىگە قاراپ تەرەققىي قېلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىش نەتىجىسىدە تارىخىي بىر ناھەقچىلىكنىڭ زۇلۇمىغا دۇچار بولغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ،

يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلىرىنى  بەرپا قېلىشى، ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتى، مەنىۋى مىراسى، تارىخى ۋە پەلسەپىسىنى، بولۇپمۇ ئۆزلىرىنىڭ تېررىتورىيىسى، تۇپرىقى ۋە تەبىئىي بايلىقىغا ئىگە بولۇشىدەك ئەنئەنىۋى ھوقۇقىغا ھۆرمەت قېلىش ۋە ئۇنى تەرغىب قېلىشنىڭ ناھايىتى جىددىي ئېھتىياج ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ،

يەرلىك خەلقلەرنىڭ دۆلەتلەر بىلەن ئاللىقاچان پۈتۈشكەن توختامنامىلىرى، كېلىشىملىرى ۋە باشقا ئورۇنلاشتۇرۇشلارغا ھۆرمەت قېلىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولغان جىددىي ئېھتىياجنى نەزەردە تۇتۇپ،

يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي جەھەتتىن تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈش، قايسى جايدا يۈز بېرىشىدىن قەتئىي نەزەر بارلىق بېسىم ۋە ئايرىمىچىلىقلارنى تەل-توكۇس ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇرۇنقىدىن ئەۋزەل ھالەتتە تەشكىللىنىۋاتقانلىقىنى ئېتىبارغا ئېلىپ،

تەرەققىيات غايىسى ئاستىدا يەرلىك خەلقلەرنى كونترول قېلىشنىڭ ئەمەلىيەتتە ھەم يەرلىك خەلققە ھەمدە ئۇلار ئىگە بولغان تۇپراق، تېررىتورىيە ۋە بايلىقلارغا تەسىر قىلىدىغانلىقىنى، بۇ ھالدا بۇ خەلقلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ قۇرۇلمىلىرى، مەدەنىيەتلىرىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشىنىڭ ئىمكانسىزلىشىدىغانلىقىنى تونۇغان ئاساستا،

يەرلىك خەلقلەرنىڭ بىلىمى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قېلىشنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە ئادىل تەرەققىيات ھەمدە مۇھىت مەسىلىرىنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش قاتارلىقلارغا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە،

يەرلىك خەلقلەرنىڭ زېمىنى ۋە تېررىتورىيىلىرىنىڭ ھەربىيسىز ۋە قورالسىز رايونغا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە تىنچلىق، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ھەم ئىلگىرىلەشكە، دۇنيادىكى دۆلەتلەر ۋە خەلقلەر ئارىسىدىكى ئوز-ئارا دوستلۇق ۋە چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولغان رولىنى ئۇرغىلىغان ئاساستا،

بولۇپمۇ يەرلىك خەلق ئائىلىلىرى ۋە جامائەتلىرىنىڭ، ئوز پەرزەنتلىرىنىڭ يېتىشتۈرۈلۈشى، تەربىيىلىنىشى ۋە بالىلارنىڭ ساغلاملىقى قاتارلىقلار مەسىلىلەردە زىممىسىگە ئالغان مەسئۇلىيەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە بالىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن تەڭ،

يەرلىك خەلقلەر ۋە دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن توختامنامىلەر، ئاڭلاشمىلار ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلارنىڭ بەزى ھاللاردا خەلقئارا كۆڭۈل بۆلگەن، قىزىققان، مەسئۇلىيەت دەپ قارىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى،

ۋە شۇنداقلا مەزكۇر توختامنامىلەر، ئاڭلاشمىلار ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلارنىڭ يەرلىك خەلقلەر بىلەن دۆلەتنىڭ ئورتاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قېلىپ،

ب د ت نىزامنامىسى (UN Charter)، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھوقۇقلار خەلقئارا ئەھدىنامىسى (International Covenant on Economic, Social and Cultural Rights)، ئاممىۋى ۋە سىياسىي ھوقۇقلار خەلقئارا ئەھدىنامىسى (International Covenant on Civil and Political Rights) ۋە ۋېنا (Vienna) ھەرىكەتكە ئۆتۈش پروگراممىسى ۋە ئەھدىنامىسى (Vienna Declaration and Programme of Action) قاتارلىق ئاساسلىق خەلقئارا ھۆججەتلەرنىڭ، خەلقلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي تەقدىرىنى ئەركىن ھالدا بەلگىلەش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي تەرەققىياتىنى ئەركىن ھالدا يولغا قويۇشنى ئوز ئىچىگە ئالغان ھالدا بارلىق خەلقلەرنىڭ ئوز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ ھالقىلىق مۇھىم ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ،

مەزكۇر باياناتنىڭ، ھېچ بىر خەلقئارالىق قانۇن ھىمايىسى ئاستىدىمۇ ھېچقانداق بىر خەلقنىڭ ئوز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئىنكار قېلىش ئۈچۈن قوللىنىلالمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئاساستا،

مەزكۇر باياناتتىكى  يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قېلىش پىرىنسىپىنىڭ، ئادالەت، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قېلىش، ئەسلا ئايرىمىچىلىق قىلماسلىق ۋە ئالىيجانابلىق بولۇشنى چىقىش قېلىش ئاساسىدا دۆلەتلەر بىلەن يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئىناق ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچلەندۈرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ھالدا،

يەرلىك خەلقلەر بىلەن كېڭەشكەن ۋە ھەمكارلاشقان ئاساستا، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ  خەلقئارالىق ئورگانلار، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك  ئورگانلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى  يەرلىك خەلقلەر ئۈچۈن ئىجرا قېلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ،

يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشتا ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتە ب د ت نىڭ ناھايىتى مۇھىم ۋە ئۈزلۈكسىز رول ئوينايدىغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ،

مەزكۇر باياناتنىڭ يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداش ھەمدە ب د ت سىستېمىسى ئىچىدە بۇ توغرىلىق خىزمەتلەرنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتىن ناھايىتى مۇھىم بىر قەدەم باسقۇچ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ،

ھەر بىر يەرلىك خەلق ئەزاسىنىڭ   ۋە يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھېچقانداق ئايرىمىچىلىققا دۇچار بولماستىن خەلقئارا قانۇنلاردا ئېتىراپ قېلىنغان بارلىق كىشىلىك ھوقۇقلاردىن،  بەھرىمەن بولۇشقا ھەقلىق ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا   ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ساغلام تەرەققىياتى ۋە خەلق بولۇپ بىر پۈتۈن ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان كوللېكتىپ ھوقۇقلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە ئېتىراپ قېلىش ئاساسىدا،

يەرلىك خەلقلەرنىڭ تۇرۇشلۇق رايونى ۋە دۆلىتى، شۇنداقلا يەرلىك ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ دۆلەتتىن دۆلەتكە، رايوندىن رايونغا قاراپ ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ھەر خىل تارىخىي ۋە مەدەنىي ئارقا كۆرۈنۈشلىرىنىڭ دىققەتكە ئېلىنىش لازىملىقىنى ھېس قىلغان ئاساستا،

بىز، تۆۋەندە ئاستىدا ئىمزاسى بولغان دۆلەتلەر، تولۇق شەرھلەنگەن “يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھوقۇقى  ھەققىدىكى ب د ت باياننامىسىنى”   ئوز-ئارا ھەمكارلىق ۋە  ھۆرمەت روھىي ئاستىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئورتاق  ئۆلچەم سۈپىتىدە جاكارلايمىزكى:

ماددا 1
يەرلىك خەلقلەر شەخسى ياكى كوللېكتىپ ھالدا ب د ت نىزامنامىسىدە ئېتىراپ قېلىنغان بارلىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەڭ ئاساسلىق ئەركىنلىكلەردىن، كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمىي باياننامىسىدىن ۋە خەلقئارالىق قانۇنلاردىن  تولۇق بەھرىمەن بولۇشقا، ھوقۇقلۇق.

ماددا 2
يەرلىك خەلقلەر ۋە كىشىلەر باشقا خەلقلەر ۋە كىشىلەرگە ئوخشاش ئەركىن ۋە باراۋەر بولۇپ، يەرلىك خەلقلەر ۋە شەخسلەر، بولۇپمۇ ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك كېلىپ چىقىشى ۋە مىللىي كىملىكىدەك ئالاھىدىلىكلەر ئاساسىدىكى ھەق ھوقۇقلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا، ھېچ قانداق بىر شەكىلدىكى ئايرىمىچىلىققا ئۇچرىماسلىققا تولۇق ھوقۇقلۇق.

ماددا 3
يەرلىك خەلقلەر ئوز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشتە ھوقۇقلۇق. بۇ ھوقۇققا بىنائەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ئورنىنى ئەركىن ھالدا بېكىتىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي تەرەققىياتلىرىنى  ئەركىن بەلگىلەشتە ھوقۇقلۇق.

ماددا 4
يەرلىك خەلقلەر ئوز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ۋە يەرلىك مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قېلىش، ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە فۇنكسىيىلىرىنى بېكىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاپتونومىيە ۋە ياكى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قېلىش يوللىرىنى تاللىيالايدۇ.

ماددا 5
يەرلىك خەلقلەر  ئۆزىگە خاس بولغان سىياسىي، قانۇنىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ئورگانلىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە كۈچەيتىشكە، قاتنىشىش ھوقۇقى تامامەن ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان شەرت ئاستىدا، ئەگەر ماقۇل دەپ قارالسا تەۋەلىكىدىكى دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي تۇرمۇشىغا ئارىلىشىشقا  ھوقۇقلۇق.

ماددا 6
ھەر بىر يەرلىك خەلقنىڭ ۋەتەنداشلىق(پۇقرالىق) ھوقۇقى بار.

ماددا 7
1. ھەر بىر يەرلىك پۇقرانىڭ ياشاش، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىق، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك بىخەتەرلىك ھوقۇقى بار.
2. باشقىلاردىن پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن يەرلىك خەلقلەر ئەركىنلىك، تىنچلىق ۋە  بىخەتەرلىك ئىچىدە كوللېكتىپ بولۇپ ياشاش ھوقۇقىغا ئىگە ۋە ھېچ بىر شەكىلدىكى قىرغىنچىلىققا، زوراۋانلىققا، مەجبۇرىي ھالدا بالىلىرىنىڭ بىر يەردىن بىر يەرگە يۆتكىۋېتىلىشكە ئۇچرىماسلىقى كېرەك.

ماددا 8
1. يەرلىك خەلقلەر ۋە شەخسلەر ھېچ بىر شەكىلدىكى ئاسسىمىلياتسىيىگە ئۇچرىماسلىق ۋە ئۆزلىرىگە تەۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىغا يول قويماسلىق ھوقۇقىغا ئىگە.
2. دۆلەتلەر تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشى ۋە يېتەرلىك ئاپپاراتلارنى بەرپا قېلىشى زۆرۈر:

(ئا) ئۇلارنى، ئۆزلىرىنىڭ ئايرىم خەلق بولۇشتەك بىر پۈتۈنلۈكىدىن ئايرىيدىغان، شۇ ئۇنۇمنى پەيدا قىلىدىغان، ئۇلارنىڭ مەدەنىي ۋە مىللىي مىراسلىرىدىن ئايرىپ تاشلاشنى مەقسەت قىلغان بارلىق ھەرىكەتلەر،

(ب) ئۇلارنى ئۆزلىرىگە تەۋە يەرلىرىدىن، تېررىتورىيەلىرىدىن ۋە بايلىقىدىن مەھرۇم قالدۇرىدىغان ھەر قانداق قىلمىشلار،
(چ) ئۇلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىغا چىقىلىشنى مەقسەت قىلغان ياكى شۇنداق ئۇنۇم كەلتۈرىدىغان ھەر قانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي نوپۇس كۆچۈرۈش قىلمىشلىرى،
(د) ھەر قانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە ۋە بىر پۈتۈنلەشتۇرۇش (Integration)،
(ئە) شەرقىي ۋە مىللىي ئايرىمىچىلىقنى چىقىش قىلغان ۋە يەرلىك خەلقنى نىشان قىلغان ھەر قانداق شەكىلدىكى تەشۋىقاتلار،

ماددا 9
يەرلىك خەلقلەر ۋە شەخسىيلەر، ئۆزلىرىنىڭ ۋە ياكى تەۋەلىكتىكى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىسى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە،  ئۆزلىرىنىڭ كوممۇناسىغا(جامائىتىگە) ۋە ياكى تۇرۇشلۇق دۆلەتكە تەئەللۇق بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە. ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قارىتا ھېچقانداق شەكىلدىكى ئايرىمىچىلىق سىياسىتى قوللىنىلماسلىقى شەرت.

ماددا 10
يەرلىك خەقلەر ئۆزلىرىنىڭ زېمىنى ۋە تېررىتورىيىسىدىن ھېچ بىر شەكىلدە مەجبۇرىي يۆتكىۋېتىلمەسلىكى شەرت. تولۇق چۈشەندۈرۈش ئاساسىدىكى ئەركىن ئىرادىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان  ئىختىيارلىقى  بولماي تۇرۇپ، زۆرۈر بولغان ئاڭلاشمىلار ئىمزالانماستىن، كېرەكلىك تۆلەملەر تۆلەنمەستىن ۋە ئەڭ مۇھىمى ئۇلارغا كېيىنچە قايتىپ كېلىش ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارىتىلماستىن تۇرۇپ، ھېچ قانداق بىر شەكىلدە ئۇلارنىڭ باشقا جايلارغا ماكانلاشتۇرۇلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ماددا 11
1. يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىگە تەۋە مەدەنىي ئەنئەنە ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئىجرا قېلىش ۋە گۈللەندۈرۈشكە ھوقۇقلۇق. بۇ دېگەنلىك ئۆزلىرىگە تەۋە ئۆتمۈشتىكى، ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى تارىخى يالدامىلىرىنى، ئارخىلوگىيىلىك ئاسار ئەتىقىلىرىنى، سەنئەت ئەسەرلىرىنى، ھەر خىل مۇراسىملىرىنى، تېخنىكىلىق ئىلغارلىقلىرىنى، كۆرۈنۈشلۈك(Visual) ۋە ئىجرا قېلىنىدىغان(Performing) ئەدەبىي سەنئەت لىرىنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ.

2. دۆلەت چوقۇم، ئۇلارنىڭ ئىختىيارلىقىسىز، رازىلىقىسىز ۋە قانۇنغا ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ ئادەتلىرىگە خىلاپ ھالدا يەرلىك مىللەتلەردىن تارتىۋېلىنغان مەدەنىي، تەتقىقات خاراكتېرلىك، دىنىي ۋە مەنىۋى قىممىتىدىكى مال مۈلۈكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان، ياسايدىغان ۋە تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ھەر خىل مېخانىزمىنى بەرپا قېلىشى كېرەك.

ماددا 12
1. يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋى ۋە دىنىي ئادەتلىرىنى، ئۆرپ ئادەتلىرىنى ۋە ھەر خىلدىكى مۇراسىملىرىنى ھۆججەتلەشتۈرۈش، ئىجرا قېلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۆگىتىشكە؛ ئۆزلىرىگە ئائىت بولغان مەدەنىي ۋە دىنىي ماكانلارنى ساقلاپ قېلىش ۋە قوغداشقا، بۇ ماكانلارغا باشقىلارنىڭ قارشىلىقسىز كىرىپ چىقىشقا؛ ئۆزلىرىنىڭ مۇراسىم خاراكتېرلىك ئەنئەنىلىرىنى ئىجرا قېلىش ۋە كونترول قېلىشقا؛  ئۆلگەن جەسەتلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشقا تولۇق ھوقۇقلۇق
2. دۆلەت چوقۇم يەرلىك خەلقلەرگە ئائىت بولغان مۇراسىم ماددىلىرىنىڭ ۋە ئۆلگەن جەسەتلەرنىڭ تاپشۇرۇپ ئېلىنىشى ۋە تاپشۇرۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن يەرلىك مىللەتلەرنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى ھەمدە ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشقان ئاساستا ۋۇجۇدقا چىقارغان ئۈنۈملۈك ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىپ پۈتۈن جەريانلارنىڭ ئادىل، ئاشكارا ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قېلىشى كېرەك.

ماددا 13
1. يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىگە ئائىت بولغان تارىخ، تىل، ئاغزاكى ئەنئەنىلەر، پەلسەپىلەر، يازما سىستېمىسى (يېزىق) ۋە ئەدەبىيات مىراسلىرىنى جانلاندۇرۇش، ئىشلىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە، ئۆزلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى جامائەتچىلىك ئىچىدە ساقلاش ۋە جامائەت ئورۇنلىرىغا، جايلارغا ۋە شەخسلەرگە بېرىشكە ھوقۇقلۇق.
2. دۆلەت چوقۇم بۇ ھەق ھوقۇقلارنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن، يەرلىك خەلقلەرنىڭ پۈتۈن سىياسىي، قانۇنىي ۋە مەمۇرىي جەريانلارنى چۈشىنىشىگە ۋە چۈشەنگەنلىكىگە كاپالەتلىك قېلىش ئۈچۈن زۆرۈر تېپىلغاندا تەرجىمان ۋە باشقا ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىش ھەققىدە يېتەرلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشى شەرت.

ماددا14
1. يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇشتىكى مەدەنىي سىستېمىسىغا ماسلاشقان ھالدا ئۆزلىرىنىڭ تىلىدىكى ئېلىپ بېرىلىدىغان مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قېلىش ۋە كونترول قېلىشقا ھوقۇقلۇق.
2. يەرلىك شەخسلەر، بولۇپمۇ بالىلار ھېچ قانداق ئايرىمىچىلىقتىن خالى ھالدا پۈتۈن سەۋىيىدىكى ۋە شەكىلدىكى دۆلەت مائارىپىدىن تولۇق پايدىلىنىشقا ھوقۇقلۇق.
3. دۆلەت چوقۇم، يەرلىك خەلقلەر بىلەن ھەمكارلاشقان ئاساستا، يەرلىك خەلقلەرنىڭ، بولۇپمۇ چەت ياقا يەرلەردە ياشايدىغان بالىلارنىڭ ئوز تىلىدا ۋە ئوز مەدەنىيەت مۇھىتىدا مائارىپ تەربىيىسى ئېلىشى ئۈچۈن بارلىق چارە تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەك.

ماددا 15
1. يەرلىك خەلقلەر ئۆزىنىڭ غۇرۇرىنى، مەدەنىيىتىنىڭ كۆپخىللىق بۆلىشىنى، ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىنى، مەدەنىيەتلىرىنى، تارىخىنى ۋە ئارزۇ ئارمانلىرىنى قوغداشقا ھوقۇقلۇق بولۇپ، يۇقىرىقىلار يەرلىك خەلقلەرنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا ھەم ئاممىۋى ئورۇنلىرىدا گەۋدىلىنىشى كېرەك.
2. دۆلەت چوقۇم يەرلىك خەلقلەر بىلەن ماسلاشقان ھالدا يەرلىك خەلقلەرگە قارىتىلغان بىر تەرەپلىمىلىك قاراشلارنى، ئايرىمىچىلىقلار يوقىتىش،  يەرلىك خەلقلەر ئىچىدىكى ھەمدە يەرلىك خەلقلەر بىلەن جەمئىيەتنىڭ باشقا قىسمىدىكىلەر ئارىسىدىكى ئوز-ئارا قوبۇل قېلىشنى ۋە چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەك.

ماددا 16
1. يەرلىك خەلقلەر ئوز تىلىدا ئۆزلىرىگە ئائىت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى بەرپا قېلىشقا ۋە ھېچ قانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان ئاساستا يەرلىك خەلقلەرنىڭ بولمىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئېرىشىشكە ھوقۇقلۇق.
2. دۆلەت چوقۇم  دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەتلىرىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈشىگە قارىتىلغان تەدبىرلەرنى ئالىدۇ. دۆلەت بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالى ھالدا يەرلىك خەلقلەرنىڭ سوز ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قېلىش، خۇسۇسى ئىگىلىكتىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بولسا يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈشىگە رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە تولۇق تەدبىرلەرنى ئالىدۇ.

ماددا17
1. يەرلىك خەلقلەر ۋە شەخسلەر خەلقئارالىق ۋە دۆلەتلىك ئەمگەك قانۇنلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق.
2. دۆلەت چوقۇم يەرلىك خەلقلەر بىلەن مەسلىھەتلەشكەن ئاساستا يەرلىك خەلقلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېكسپىلاتاتسىيە قېلىنىشىدىن، بالىلارنىڭ تەلىم تەربىيىسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ۋە ياكى توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىشى،  ھەمدە ئۇلارنىڭ ئالاھىدە ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ ئۇلارنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن مائارىپ تەربىيىسىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇغان ئاساستا بالىلارنىڭ جىسمانىي، روھىي، ئەخلاقىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زىيانلىق ھەرقانداق ئىجرائاتلارنى چەكلىشى شەرت.
3. يەرلىك خەلقلەر ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائاش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئەسلا چەتكە قېقىلماسلىق، ئايرىمىچىلىققا ئۇچرىماسلىق ھوقۇقىغا ئىگە.

ماددا18
يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ئۆزلىرى تەرىپىدىن سايلانغان شەخسلەر ۋاسىتىسى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك قارارلارنىڭ ئېلىنىشىغا تولۇق ئىشتىراك قېلىش ۋە شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ قارار چىقىرىش ئورگانلىرىنى تەسىس قېلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

ماددا 19
دۆلەت، يەرلىك خەلقلەرگە مۇناسىۋەتلىك قارارلاردا چوقۇم يەرلىك خەلقلەرنىڭ سالاھىيەتلىك ۋەكىللىرى بىلەن ياخشى نىيەتتە مەسلىھەتلىشىشى،  ئۇلارغا تەسىر قىلىدىغان ھەر بىر قانۇنىي ۋە  مەمۇرىي تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشتىن بۇرۇن ھېچ بىر بېسىمسىز، تولۇق مەلۇمات بىلەن تەمىنلەش ئاساسىدا ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىنىشى شەرت.

ماددا 20
1. يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىگە خاس تەرەققىياتلاردىن، بارلىق ئەنئەنىۋى ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي سىستېمىلىرىنى، ئورگانلىرىنى مۇھاپىزەت قېلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.
2. يەرلىك خەلقلەرنىڭ،  ئوز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە مەرھۇم قالدۇرۇلغان ھوقۇقلىرى ئادىل شەكىلدە تۈزىتىلىشى ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى كېرەك.

ماددا  21
1. يەرلىك خەلقلەر ھېچ بىر ئايرىمىچىلىققا دۇچار بولماستىن، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىش ئۈچۈن تەربىيىلىنىش ۋە قايتا تەربىيىلىنىش، ئوي-ماكانلىق بولۇش، پاكىز سۇ ئىشلىتىش، سالامەتلىك ۋە پاراۋانلىق كاپالىتى(Social Security) قاتارلىقلارنى ئوز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي شارائىتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.
2. دۆلەت، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي شارائىتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى، ھەتتا زۆرۈر تېپىلغاندا ئالاھىدە تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەك. بولۇپمۇ يەرلىك خەلقلەر ئىچىدىكى ياشانغانلار، ئاياللار، ياشلار، بالىلار ۋە مەجرۇھ كىشىلەرنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە تەدبىرلەرنى ئېلىش كېرەك.

ماددا  22
1. مەزكۇر باياننامىنى ئىجرا قېلىش ئۈچۈن ئالاھېدە ئېھتىياجى بولغان كىشىلەر ئۈچۈن، يەنى ياشانغانلار، ئاياللار، ياشلار، بالىلار ۋە مەجرۇھلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە دىققەت بېرىلىشى كېرەك.
2. دۆلەت چوقۇم يەرلىك خەلقلەر بىلەن زىچ ماسلاشقان ھالدا يەرلىك خەلق ئاياللىرىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك زوراۋانلىقتىن قوغدىلىشىنى، ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە قېلىنىشى ئۈچۈن تولۇق تەدبىر ئېلىشى كېرەك.

ماددا 23
يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتى جەھەتتىكى ھوقۇقلىرىنى ئىشلەتكەندە قانداق ئىستراتېگىيە قوللىنىش ۋە قايسى تۈرلەرنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇش توغرىلىق ئىشلاردا ئۆزلىرىنىڭ قارارلىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەشتە ھوقۇقلۇق. بولۇپمۇ ئۆزلىرىگە تەسىر قىلىدىغان پروگراممىلاردىن سەھىيە، ئوي-ماكانلىق بولۇش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردىكى پروگراممىلىرىنى تۈزۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، ھەمدە مەزكۇر پروگراممىلارنى ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان ئورگانلار ئارقىلىق يۈرىتىشتە تولۇق ھوقۇققا ئىگە.

ماددا 24
1.يەرلىك خەلقلەر، ئوز تەۋەلىكىدىكى مىنېراللارنى (كان بايلىقىنى)، ھايۋاناتلارنى، ئۆزلىرىگە خاس بولغان تېببىي زاۋۇت كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئەن-ئەنىۋىي مىللىي تېبابەت ئۇسۇللىرىنى ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئورگانلىرىنى قوغداپ قېلىشقا ھوقۇقلۇق.
يەرلىك خەلقلەر يەنە ھېچ قانداق ئايرىمىچىلىققا دۇچار بولماستىن بار بولغان بارلىق ئىجتىمائىي ۋە سەھىيە خىزمەتلىرىدىن پايدىلىنىشقا ھوقۇقلۇق.
2. يەرلىك خەلقلەر ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدىكى جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق. دۆلەت چوقۇم ئۇلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن شەرت بولغان بارلىق تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەك.

ماددا 25
يەرلىك خەلقلەر  ئۆزلىرى ئىگەللىگەن، ئەنئەنىۋى جەھەتتىن ئۆزلىرىگە تەئەللۇق بولغان تۇپراقلىرى، تېررىتورىيىلىرى، سۇ ۋە دېڭىز ساھىللىرى قاتارلىق بارلىق بايلىقلىرىغا بولغان مەنىۋى مېھرىنى ساقلاش، كۈچلەندۈرۈش ھوقۇقىغا، ۋە بۇلارنى كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشتەك مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قېلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

ماددا 26
1. يەرلىك خەلقلەر تارىختىن بۇيان ئىگە بولغان، ئىشلەتكەن ۋە قولغا چۈشۈرگەن تۇپراقلارنى، تېررىتورىيىلىرىنىڭ ۋە بايلىق مەنبەلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىشقا ھوقۇقلۇق.
2.  يەرلىك خەلقلەر ئەنئەنىۋى شەكىلدە ئىگە بولغان، ئىگەللىگەن، ئىشلەتكەن ۋە ياكى باشقا تۈرلۈك شەكىلدە قولغا چۈشۈرگەن بارلىق تۇپراقلارنى، تېررىتورىيىلەرنى، يەر بايلىقلىرىنى ئوز ئىگىدارچىلىقىدا تۇتۇشقا، ئىشلىتىشكە، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا  ۋە ئېچىشقا   تولۇق ھوقۇقلۇق.

3. دۆلەت چوقۇم بۇ تۇپراقلارنىڭ، تېررىتورىيىلەرنىڭ ۋە بايلىقلارنىڭ قوغدىلىشى ۋە  ئېتىراپ قېلىنىشى ھەققىدە قانۇنىي جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈشى لازىم.
بۇ خىل قانۇنىي قوغداش ۋە ئېتىراپ قېلىش خىزمىتى چوقۇم يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، ئەنئەنىسى ۋە زىمىندارلىق بولۇش توغرىسىدىكى ئادەتلىرىگە ماس ھالدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.

ماددا 27
دۆلەت چوقۇم يەرلىك خەلقلەرگە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى تۈزگەندە، ئىجرا قىلغاندا، بولۇپمۇ يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەۋجۇت قانۇنلىرى، ئەنئەنىلىرى، زىمىندارلىق بولۇش ئادەتلىرى قاتارلىقلارغا چېتىشلىق ئىشلاردا ئادىل، مۇستەقىل، تەرەپسىز، ئوچۇق-ئاشكارا بۆلىشى،  يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆزلىرى تارىختىن بۇيان ئىگە بولۇپ كەلگەن، ئىشلەتكەن، ئىگەللىگەن ۋە باشقا يوللاردىن قولغا چۈشۈرگەن  زېمىن، تېررىتورىيىلىرىنىڭ ۋە بايلىق مەنبەلىرىنى ئىشلىتىش جەھەتتىكى ھوقۇقلىرىنى تولۇق تونۇشى، ئېتىراپ قېلىشى ۋە شۇنداقلا پۈتۈن بۇ سىياسەتلەرنىڭ بەلگىلىنىشىگە يەرلىك خەلقلەرنى قاتناشتۇرۇشى كېرەك.

مادا 28
1. يەرلىك خەلقلەر، ئۆزلىرىنىڭ ھېچ بىر رازىلىقى، ئەركىن ھالدىكى قارارى ۋە تولۇق مەلۇماتلىق شەرتى ئاستىدىكى ماقۇللۇقىسىز، تارىختىن بۇيان ئىگە بولغان، ئىگەللىگەن ۋە ئىشلەتكەن  تۇپراقلىرىنىڭ ۋە يەر بايلىقلىرىنىڭ مۇسادىرە قېلىنىشى، تارتىۋېلىنىشى، ئىشغال قېلىنىشى، قوللىنىلىشى ۋە ياكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىلىشىدىن كېلىپ چىققان بارلىق زىيانلارنى، ئىمكان بار بولسا قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئەگەر ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئىمكانىيەت بولمىسا، بۇ زىيانلار ھەققىدە ئادىل ھەم مۇۋاپىق تۆلەمگە ئېرىشىشكە ھوقۇقلۇق.
2. ئەگەر باشقا تۈرلۈك ئىختىلاپلار بولمىغان ئەھۋالدا، تولىنىدىغان تۆلەم ئوخشاش چوڭلۇقتىكى ۋە قىممەتتىكى يەر، تېررىتورىيە ۋە بايلىقلار ئۈچۈن ئوخشاش قىممەت ۋە چوڭلۇقتىكى يەر، تېررىتورىيە ۋە بايلىق شەكلى بىلەن، ئەگەر بۇ ئەھۋال مۇمكىن بولمىسا باشقا تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن زىياننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ياكى تەڭ قىممەتتىكى ئىقتىسادىي تۆلەم تۆلەش شەكلى بىلەن ئىجرا قېلىنىشى كېرەك.

ماددا 29
1. يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىگە تەئەللۇق يەرلەرنى، تېررىتورىيىلەرنى ۋە ئوز يەرلىرىدىكى بايلىقلىرىنى، بۇ جايلارنىڭ مۇھىتىنى ھەمدە بۇ زېمىنلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سىغىمچانلىقىنى ساقلاش ۋە مۇھاپىزەت قېلىشقا ھوقۇقلۇق.
دۆلەت ھېچ قانداق ئايرىمىچىلىققا يول قويمىغان ھالدا يەرلىك خەلقلەرنىڭ  ئوز ئىگىدارچىلىقىدىكى بۇ يەرلەرنىڭ ساقلىنىشى ۋە مۇھاپىزەت قېلىنىشى ئۈچۈن پۈتۈن تەدبىرلەرنى ئېلىشى شەرت.
2. دۆلەت چوقۇم يەرلىك خەلقلەرگە ئائىت بولغان زېمىن، تېررىتورىيىلەردە، ئۇلارنىڭ ئەركىن ۋە تولۇق چۈشىنىش ئاساسىدىكى بولماي تۇرۇپ، ھەر قانداق زەھەرلىك ماتېرىياللارنىڭ ساقلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن  پۈتۈن تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەك.
3. دۆلەت چوقۇم، ئەگەر شۇنداق زۆرۈرىيەت ھاسىل بولغان بولسا، يۇقىرىقىدەك زەھەرلىك ماتېرىياللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان يەرلىك خەلقلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى كۆزىتىدىغان، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان پۈتۈن تەدبىرلەرنى ئېلىشى ھەمدە بۇ تەدبىرلەرنى ئىجرا قېلىشى شەرت.

ماددا  30
1. ئۇلارنىڭ ماقۇللۇقى ۋە ياكى تەلىپى بولمىغان شارائىتتا، ۋە ياكى تولۇق ھەققانىي سەۋەبلەرگە تايانمىغان شەرت ئاستىدا، دۆلەت يەرلىك خەلقلەرنىڭ زېمىنى ۋە تېررىتورىيىسىدە ئەسكىرى ھەرىكەت ئېلىپ بارماسلىقى شەرت.
2. دۆلەت زۆرۈر بولغان ئەسكىرى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن، چوقۇم يەرلىك خەلقلەرنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىللىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىشى، مۇۋاپىق قانۇنىي باسقۇچلارغا ھۆرمەت قېلىشى كېرەك.

ماددا 31
1. يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىي مىراسلىرىنى، ئەنئەنىۋى بىلىملىرىنى، ئەنئەنىۋى ئىپادىلەش ئادەتلىرىنى شۇنداقلا ئۆزلىرىگە ئائىت تېببىي بىلىملەرنىڭ يالدامىلىرىنى، تېخنىكا ئىلغارلىقلىرىنى، ئىنسان ۋە ئىرسىيەت ھەققىدىكى بايلىق مەنبەلىرىنى،  قەدىمىي ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك بايلىقلىرىغا بولغان ئىگىدارچىلىقىنى، ئەدەبىيات، لايىھىلەش، تەنھەرىكەت، ھەر خىل ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىنى ساقلاش، كونترول قېلىش، ئاسراش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق. ئۇلار يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىي بايلىقلىرىنى، مەدەنىي مىراسلىرىنى ۋە ئەنئەنىۋى ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى ساقلاش، كونترول قېلىش، قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.
2. يەرلىك خەلقلەر بىلەن زىچ ماسلاشقان ھالدا دۆلەت چوقۇم ئۇلارنىڭ بۇ ھوقۇقلىرىنى ئىشلىتىشىنى ئېتىراپ قېلىش ۋە كاپالەتكە ئىگە قېلىش ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەك.

ماددا 32
1. يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىگە تەئەللۇق زېمىن ۋە تېررىتورىيىلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم ئىستراتېگىيىلەرنى قارارلاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇشقا ھوقۇقلۇق.
2. ئۇلارغا ئالدىن ئالا بارلىق مەلۇماتلارنى تولۇق تەمىنلىگەن، ئۇلارنىڭ ئوز ئىختىيارلىقى ھەمدە رازىلىقىنى ئالغان ئاساستا، ئۇلارنىڭ زېمىنى، تېررىتورىيىلىرى ۋە مەۋجۇت بايلىق مەنبەلىرىگە تەسىر ئېلىپ كۈلىدىغان بارلىق پىلان-پروگراممىلارنى، تەرەققىيات لايىھىلىرىنى ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى ئىشلىتىش، بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىش، سۇ مەنبەلىرىنى قوللىنىش قاتارلىقلاردىن بۇرۇن، دۆلەت چوقۇم يەرلىك خەلقلەر ۋە ئۇلارنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىللىرى ۋە ئورگانلىرى  بىلەن سەمىمىي ھالدا مەسلىھەتلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشى شەرت.
3. دۆلەت چوقۇم، يۇقىرىقىدەك پىلان ۋە لايىھىلەرنىڭ ئىجرا قېلىنىشى كېلىپ چىققان زىيانلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئادىل، يوللۇق ۋاسىتىلىرىنى ۋە شۇنداقلا ئۈنۈملۈك چارە تەدبىرلەرنى قوللىنىشى، مۇھىتقا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە مەنىۋى ساھەلەرگە بولغان زىيانلارنى تولدۇرۇش ئۈچۈن قانۇنىي تەدبىرلەرنى قوللىنىشى شەرت.

ماددا 33
1. يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ ئادەتلىرىگە بىنائەن ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى (سالاھىيىتىنى) تاللاش ۋە شۇ كوممۇنانىڭ ئەزاسى بولۇشقا ھوقۇقلۇق. بۇ بەلگىلىمە يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە توسالغۇلۇق قىلماسلىقى كېرەك.
2. يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىگە قاراپ ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان  ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلارنى تاللاش، ئۆزلىرىنىڭ ھەر خىل ئورگانلىرىغا ئەزا بولۇشقا ھوقۇقلۇق.

ماددا 34
يەرلىك خەلقلەر، ئۆزلىرىنىڭ ئورگان قۇرۇلمىلىرىنى، ئۆزلىرىگە خاس ئەنئەنىلىرىنى، مەنىۋى مىراسلىرىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، ئىجتىمائىي تەرتىپلىرىنى ۋە بۇلارنى ئىجرا قېلىشتىكى ئەمىلى مېتودلارنى، ئەگەر مەۋجۇت بولسا، ئۆزلىرىگە خاس بولغان ئەدلىيە سىستېمىلىرىنى ۋە ئەدلىيە ئادەتلىرىنى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق نورمىلىرىغا ئاساسەن ئىلگىرى سۈرۈشكە، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ۋە ساقلاپ قېلىشقا تولۇق ھوقۇقلۇق.

ماددا 35
يەرلىك خەلقلەر ئوز ئەزالىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كوممۇناسىغا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە جاۋاپكارلىقلىرىنى بېكىتىشكە تولۇق ھوقۇقلۇق.

ماددا 36
1. بولۇپمۇ چېگرالىرى خەلقئارالىق لىنىيىلەر بىلەن ئايرىلغان يەرلىك خەلقلەر، مەنىۋى، مەدەنىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مەقسەتلەرنى ئاساس قىلغان پائالىيەتلەرنى ئوز ئىچىگە ئالغان ھالدا تاشقى دۇنيا بىلەن، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ چېگراسىغا قوشنا بولغان خەلقلەر بىلەن بولغان ئالاقىلەرنى ساقلاپ قېلىشقا، ھەر خىل ھەمكارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تولۇق ھوقۇقلۇق.
2.  دۆلەت يەرلىك خەلقلەر بىلەن زىچ ھەمكارلاشقان ۋە مەسلىھەتلەشكەن ھالدا  يەرلىك خەلقلەرنىڭ بۇ ھوقۇقىنىڭ ئىزچىللىشىشى ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەرنى ئېلىشى شەرت.

ماددا  37
1. يەرلىك خەلقلەر، تەۋەلىكىدە دۆلەت ۋە مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ كەلگۈسى ۋارىسلىرى بىلەن تۈزۈلگەن ھەر تۈرلۈك توختامنامىلەرنى ۋە كېلىشىمنامىلەرنى تۈزۈشكە ھوقۇقلۇق بولۇپ، دۆلەت مەزكۇر توختامنامىلەرگە ۋە كېلىشىمنامىلەرگە سادىق بۆلىشى شەرت.
2. بۇ باياناتنامىدىكى ھېچقانداق بىر ماددا مەزكۇر توختامنامىلەرنىڭ ۋە كېلىشىمنامىلەرنىڭ ئىناۋەتسىز قېلىنىشى ۋە يوق قېلىنىشى ئۈچۈن باھانە قېلىنالمايدۇ.

ماددا 38
دۆلەت بۇ باياناتنامىنىڭ ئىناۋەتسىز قىلىنالىشى ئۈچۈن، يەرلىك خەلقلەر بىلەن زىچ ھەمكارلاشقان ۋە مەسلىھەتلەشكەن شارائىت ئاستىدا مەۋجۇت قانۇننى ئۆزگەرتىش ۋە ياكى يېڭىدىن قانۇن ماقۇللاشنى ئوز ئىچىگە ئالغان بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قانۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.
.
ماددا 39
يەرلىك خەلقلەر بۇ باياناتنامىدە كۆرسىتىلگەن ھەق ھوقۇقلاردىن تولۇق بەھرىمەن بۆلىشى ئۈچۈن خەلقئارالىق ھەمكارلىقلارنى ئوز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ مالىيە ۋە تېخنىكىلىق ياردەملىرىگە ئېرىشىشكە ھوقۇقلۇق.

ماددا 40
يەرلىك خەلقلەر، دۆلەت ۋە مەزكۇر دۆلەتتىكى مەلۇم بىر سىياسىي پارتىيە(لەر) بىلەن بولغان توقۇنۇشىنى ھەل قېلىش ئۈچۈن، شۇنداقلا تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغان شەخسى ۋە كوللېكتىپ ھەق ھوقۇقلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئادىل ۋە ھەققانىي قانۇنىي تەرتىپلەردىن پايدىلىنىشقا ھوقۇقلۇق.
بۇ خىلدىكى قانۇنىي تەرتىپلەر، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرى، يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە، ئەنئەنىلىرىگە، يەرلىك قانۇنلىرىغا ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەدلىيە سىستېمىلىرىغا تولۇق ماسلاشقان بۆلىشى كېرەك.

ماددا 41
بارلىق ئورگانلار ۋە ب د ت تەركىبىدىكى بىتەرەپ ئاگېنتلىقلار ۋە شۇنداقلا ھۆكۈمەتلەر ئارىسى كۆۋرۈك تەشكىلاتلار (Intergovernmental organizations) چوقۇم بۇ باياناتنامىنىڭ ئىزچىللىشىشى ئۈچۈن مالىيە جەھەتتىن ھەمكارلىشىش ۋە تېخنىكا جەھەتتىن ياردەملىشىش ئارقىلىق زۆرۈر ھەسسىلەرنى قوشۇشى كېرەك.
بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان يەرلىك خەلقلەرنىڭ بۇ ھەققىدىكى قارارلارنىڭ ئېلىنىشى جەريانلىرىدا ئۇلارنىڭ ئىشتىراك قېلىنىشىنى كاپالەتلىك قېلىشنىڭ يوللىرى ۋە ئۇسسۇللىرىنى تېپىپ چىقىش كېرەك.

ماددا 42
يەرلىك خەلقلەر ھەققىدىكى ب د ت دائىمىي فورۇمىنى ئوز ئىچىگە ئالغان ب د ت ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى، دۆلەت ئىچىدىكى ۋە خەلقئارالىق سەۋىيىدىكى بىتەرەپ ئاگېنتلىقلار ھەمدە بارلىق دۆلەتلەر مەزكۇر باياناتنامىنىڭ بارلىق ماددىلىرىنىڭ تولۇق ئىجرا قېلىنىشىغا تۈرتكە بۆلىشى ۋە مەزكۇر باياناتنامىنىڭ ئۈنۈمى ھەققىدە تەۋسىيىلەرنى يوللىشى كېرەك.

ماددا 43
مەزكۇر باياناتنامە ئوز ئىچىگە ئالغان يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھەق ھوقۇقلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ھاياتتا قېلىشى، ساقلىنىپ قېلىشى ۋە شان-شەرەپلىرىنى قوغداپ قېلىشى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئەڭ توۋەن ئۆلچەمدىن ئىبارەت.

ماددا 44
بۇ باياناتنامىدە بېكىتىلگەن بارلىق ھەق ھوقۇقلار ۋە ئەركىنلىكلەر ئورتاق ھالدا بارلىق ئەر ۋە ئاياللار يەرلىك خەلقلەر ئۈچۈن تۈزۈلگەن.

ماددا 45
بۇ باياناتنامىدىكى ھېچ بىر ماددا يەرلىك خەلقلەر ئاللىقاچان ئىگە بولغان ۋە كەلگۈسىدە ئىگە بولىدىغان ھېچ بىر ھەق ھوقۇقلارنى يوق قىلىدىغان ۋە ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان رولغا ئىگە ئەمەس.

ماددا 46
1. بۇ باياناتنامىدىكى ھېچ بىر ماددا مەلۇم دۆلەت، خەلق ، گۇرۇپپا ۋە يا كىشىلەرنىڭ ب د ت نىزامنامىسىگە قارشى تۇرۇشىغا قارىتىلغان ھەرقانداق بىر پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى ۋە ياكى  ب د ت نىزامنامىسىگە قارشى ئىش بېجىرىشى ئۈچۈن سالاھىيەت تەشكىل قىلىدىغان شەكىلدە چۈشەندۈرۈلمەسلىكى، ۋە شۇنداقلا مەلۇم مۇستەقىل دۆلەتنىڭ قىسمەن ۋە ياكى تولۇق ھالدىكى  زېمىن پۈتۈنلۈكى، سىياسىي بىرلىكى  ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا قارشى تۇرىدىغان بىر ۋاسىتە سۈپىتىدە قوللىنالماسلىقى كېرەك.
2. بۇ نىزامنامىدە بېكىتىلگەن كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاساسلىق ئەركىنلىكلەر تولۇق ھۆرمەت قېلىنىشى كېرەك. بۇ نىزامنامىدە كۆرسىتىلگەن ھەق ھوقۇقلارنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى پەقەت خەلقئارا قانۇنلارغا ماس ھالدا چىقىرىلغان قانۇنلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى كېرەك. بۇنداق چەكلىمىلەر پەقەت باشقىلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قېلىشنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە دېموكراتىك بىر جەمئىيەتتىكى  ئەڭ ئاساسلىق ئامىل بولغان ئادالەتنى بەرپا قېلىشنىڭ تەقەززاسى بولغان شەرت ئاستىدىلا يولغا قويۇلۇشى كېرەك.
3. بۇ باياناتنامىنىڭ بەلگىلىمىلەر ئادالەت، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قېلىش، باراۋەرلىك، ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش، ئادىل دۆلەت باشقۇرۇش ۋە سەمىمىيەت پرىنسىپلىرى ئاستىدا شەرھلىنىشى كېرەك.

تەرجىمە قىلغۇچى:
مەمەت توختى

ئەزىز ئوقۇرمەنلەر.

تۆۋەندىكىسى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى تەرىپىدىن 2007-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 61/296 نومۇرلۇق قارار بىلەن، جۇڭگونى ئوز ئىچىگە ئالغان 143 دۆلەتنىڭ ماقۇللىشى، 4 دۆلەتنىڭ قارشى تۇرۇشى ۋە 11 دۆلەتنىڭ تەرەپسىز قېلىشى بىلەن قوبۇل قىلىنغان مۇھىم خەلقئارالىق قانۇنىي ھۆججەتنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسىدىن ئۇيغۇرچىغا قېلىنغان تەرجىمىسىدۇر.

. مەزكۇر خەلقئارالىق ھۆججەتنى تەرجىمە قېلىشتىن كۈتۈلگەن مەقسەت: (ئا) خەلقىمىزنىڭ،  ئۆزىمىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسى قانۇنى، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدا ئېنىق قانۇنلاشتۇرۇلۇپ بەلگىلەنگەن ھەق ھوقۇقلىرىمىزدىن باشقا يەنە، ب د ت دا قوبۇل قىلىنغان ۋە بىزگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنى ھۆججەتلەردە بەلگىلەنگەن ھەق ھوقۇقلىرىمىز ھەققىدىكى چۈشەنچىمىزنى ئاشۇرۇش، (ب) خەلقئارالىق ھۆججەتلەر ۋە قانۇنىي ماتېرىياللارنىڭ تۈزىلىشى، مەزمۇنى، دائىرىسى ۋە تەييارلىنىش ئۇسۇلى ھەققىدىمۇ خەلقىمىزگە مەلۇمات سۇنۇشتىن ئىبارەت.

مەزكۇر قانۇنىي ھۆججەتنىڭ ئىنگلىزچىسى:
http://www.un.org/esa/socdev/unpfii/documents/DRIPS_en.pdf

ب د ت توربېتىدىكى خەنچە نۇسخىسى:
http://www.un.org/esa/socdev/unpfii/documents/DRIPS_zh.pdf”

قايسى دۆلەتلەرنىڭ ماقۇللىغانلىقىنى بىلىۋېلىش:
http://www.un.org/News/Press/docs/2007/ga10612.doc.htm