پۈتۈن خەلقىمنىڭ مۇبارەك رامزان ئېيى قۇتلۇق بولسۇن!

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى

ئەزىز قېرىنداشلىرىم، مانا بۈگۈن بىز پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى چەكسىز ھاياجان ۋە تەشنالىق ئىچىدە مۇبارەك رامزان ئېيىغا شەرەپ بىلەن قەدەم باستۇق، ئاللانىڭ قۇدرىتى ۋە ھىممىتى بىلەن جەننەتنىڭ پۈتۈن ئىشىكلىرى داغدام ئېچىلىدىغان، گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنىپ،شەپقەت ياغىدىغان، پۈتۈن تىلەكلىرىمىز قوبۇل بولىدىغان، پۈتۈن شەيتانلار زەنجىرگە مەھكۇم قىلىنىدىغان مۇشۇنداق خاسىيەتلىك بىر ئاينىڭ يېتىپ كېلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتۈن خەلقىمنىڭ ئۇشبۇ رامزان ئېيىنى يۈرەكتىن قۇتلۇقلايمەن، ئاللا ئىبادىتىڭلارنى، دۇئالىرىڭلارنى قوبۇل قىلغاي، ئۇلۇغ روزىنىڭ خاسىيىتى بىلەن ھەممىمىزگە ھىدايەت ئاتا قىلغاي !

ئەزىز قېرىنداشلىرىم، ھەر قېتىم پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى شاتلىققا چۆمدۈرگەن مانا مۇشۇنداق خاسىيەتلىك ئاي – كۈنلەر يېتىپ كەلگىنىدە، ۋەتەن ئىچىدە خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا ئازاب چېكىۋاتقان مىليونلىغان خەلقىمىز، خىتاينىڭ ۋەھشىي زىندانلىرىدا جان تالىشىۋاتقان سانسىزلىغان بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىز، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە سەرسان – سەرگەردان بولۇپ خورلۇق ئىچىدە ئىڭراپ يۈرگەن  بىچارە ئوغۇل – قىزلىرىمىز، يەنە شۇنداقلا ۋەتەنسىزلىك دەردىدىن كۆرۈش ئىمكانىيىتىمىز بولمىغان ۋەتەندىكى ئاتا – ئانا، ئۇرۇق – تۇغقان ۋە دوست – يارەنلىرىمىز كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ ۋە بۇنىڭدىن چەكسىز ئازابلىنىمىز !

خۇددى سىلەرگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان كوممۇنىست خىتاينىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنىڭ بىرەر كۈنىمۇ خاتىرجەملىك ۋە شاتلىق ئىچىدە ئۆتۈپ باققىنى يوق، خەلقىمىزنىڭ ھەر بىر كۈنى قانلىق ياش تۆكۈش ۋە مۇسىبەت ئىچىدە ھەسرەتلىنىش بىلەن ئۆتتى، ئادالەتسىزلىككە قارشى ھەقنى سۆزلىگەننىڭ تىلى كېسىلدى، چىدىغۇسىز زۇلۇمغا قارشى ئىسيان بايرىقى كۆتۈرۈپ چىققاننىڭ بەشى كېسىلدى، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ناماز قىلىش ۋە روزا تۇتۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ” مەن مۇسۇلمان ” دېگۈچىلەرگە خىتاي جاللاتلىرىنىڭ ئالدىدا بىر گۇناھكارغا ئايلىنىپ قالدى !

دېمەك، ھەقىقەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئەگەر بىز جاسارەت ۋە كۈرەش بىلەن ئۆز ئەركىنلىكىمىزنى ۋە ئۆز تەقدىرىمىزنى ئۆزىمىز بەلگىلەش ھوقۇقىمىزنى قولىمىزغا ئالمايدىكەنمىز، بىزگە ئەبەدىيەت تىنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە بەخت – سائادەت يوق ! يەنە شۇنداقلا ئاللا ئالدىدىكى مۇسۇلمانلىق مەجبۇرىيەتلىرىمىزنى  ئازادىلىك ئىچىدە ئادا قىلىشتىنمۇ مەڭگۈ سۆز ئاچالمايمىز !

شۇڭا ئەزىز قېرىنداشلىرىم، مانا بۇ ئۇلۇغ ئاي ۋە ئۇلۇغ كۈنلەردە، ھەر بىر ئىبادىتىمىزدە ئاللادىن ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستانغا ئازادلىق ۋە خەلقىمىزگە ھۆرلۈك تىلەيلى !

مانا بۇ مۇبارەك ئاينى خۇددى ئاللانىڭ بۇيرۇغىنىدەك، بىرلىك، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىق ۋە سۆيگۈ ئېيىغا ئايلاندۇرايلى !

ھەممىمىز ئىلگىرىكى ئۆزئارا ئاداۋەت، زىددىيەت، ئىختىلاپ ۋە دۈشمەنلىكلەرنى تامامەن كاللىمىزدىن ساقىت قىلىپ، ۋەتەن زۇلۇم ئىچىدە جان تالىشىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ھۆرلۈكى ۋە ئازادلىقى ئۈچۈن مىللىي كۈرەش يولىمىزدا بىرلىكتە ئىلگىرىلەيلى !

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان پۈتۈن قېرىنداشلىرىمىز بۇ مۇبارەك ئاي – كۈنلەردە ھەر زامان ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىز بىلەن بىر تەن، بىر ۋۇجۇد ۋە بىر نەپەس بولۇپ، ئۇلارنىڭ قايغۇسىغا ئورتاق بولايلى، چەتئەلنىڭ راھەت – پاراغەتلىك تۇرمۇشىغا بېرىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىپ، ۋەتەن ئىچىدە ئاچ – يالىڭاچلىق ئىچىدە ئىڭراۋاتقان خەلقىمىزگە ياردەم قولىمىزنى سۇنۇشنى شەرەپ ۋە مەجبۇرىيەت دەپ بىلەيلى !

شۇنىڭ‘غا ئىشەنچىم كامىلكى، ھەممىگە قادىر ئاللانىڭ بىز ئۇيغۇر خەلقىمگىمۇ  ھامان بىر كۈنى ئەركىنلىك، ھۆرلۈك ۋە بەخت – سائادەت ئىچىدە ياشايدىغان خاسىيەتلىك كۈنلەرنى نېسىپ قىلغۇسى !

پۈتۈن خەلقىمنىڭ رامزان ئېيىغا مۇبارەك بولسۇن !

ئېھتىرام بىلەن :

رابىيە قادىر