«رابىيە قادىر خانىمدىن ئاق سارايغا مەكتۇپلار» ناملىق كىتاب ياپونىيىدە نەشر قىلىندى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى

بۇ كىتابتا مەكتۇپلار يىل، ئاي، كۈنلىرى بىلەن رەتلىنىپ نەشرگە تەييارلىنىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قىسقىچە تارىخى ئەھۋالى، ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى ۋە كۈلتۈرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتۈلگەن.

ياپونىيە كاگوشىما خەلقارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور سېيجى نىشىخارا ئەپەندى بىلەن مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلانغان «رابىيە قادىر خانىمدىن ئاق سارايغا مەكتۇپلار» ناملىق ئىڭلىزچە كىتاب مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. مەزكۇر كىتاب رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن قۇتۇلۇپ ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىنكى سۈرگۈندىكى ھاياتى جەريانىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بارلىق تىرىشچانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يازما دەلىلى بولۇش بىلەن بىرگە رابىيە قادىر خانىمنىڭ «ئاق سارايغا يازغان مەكتۇپلىرى»، يەنى ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرىغا يەنى جورجى بۇش، كىلىنتون قاتارلىق پرېزىدېنتلارغا ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يوللىغان مەكتۇپلىرىدىن باشقا ياۋروپا پارلامېنتلىرىغا، ياۋروپادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا، ئەڭلىيە پارلامېنتىغا يوللىغان مەكتۇپلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ.

مەزكۇر مەكتۇپلار يىل، ئاي، كۈنلىرى بىلەن رەتلىنىپ نەشرگە تەييارلىنىش بىلەن بىرگە مەزكۇر كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قىسقىچە تارىخى ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى ۋە كۈلتۈرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتۈلگەن. ئۇندىن باشقا خەلقارا جەمىيەتنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرجى بۇش ئەپەندىنىڭ رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشكەندە خانىمغا قىلغان سۆزلىرى كىرگۈزۈلگەن. كىتابنىڭ ئاپتورى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە مەزكۇر كىتاب ھازىر ئىڭلىز تىلىدىن باشقا نېمىس، فرانسۇز، ئەرەب، خىتاي ۋە تۈرك تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىۋېتىپتۇ. بىز مەزكۇر كىتاب ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن كاگوشىما خەلقارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/rabiye-kitab-06112012202134.html/story_main?encoding=latin