” 5-ئىيۇل” ۋەقەسىنىڭ 3 يىللىق خاتىرە پائالىيىتى ھەققىدە چاقىرىق (ئورۇنلاشتۇرۇش)

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 3-يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەت كالېندارى

 

5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ 3 يىللىق خاتىرە كۈنى يېتىپ كەلمەكتە؛ ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، “ 5-ئىيۇل” ، ئۇيغۇرلارنىڭ  شاۋگۈەندە ئۆلتۈرۈلگەن قېرىنداشلىرى ھەققىدە ھېساب سوراش ئۈچۈن  خەۋپ-خەتەرگە پەرۋا قىلماي مەيدانغا چىققان، ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مىللىي ئاڭ ۋە سىياسىي سەزگۈرلۈكىنى دۇنياغا جاكارلىغان كۈن.

5-ئىيۇل، خىتاي ھاكىمىيىتى  تىنچلىق شەكلىدىكى نامايىشنى قانلىق باستۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ  غەيرىي ئىنسانىي خاراكتېرىنى ۋە مۇستەملىكىچى تەبىئىتىنى دۇنياغا يەنە بىر رەت كەڭ كۆلەمدە ئاشكارىلىغان كۈن. 5-ئىيۇل، ئۇيغۇرلارنىڭ  سۇنماس مىللىي روھىنى، تەۋرەنمەس مىللىي ئىرادىسىنى يۈزلەرچە ئەمەلىي مىساللار بىلەن ئىسپاتلاپ، شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى ، ئۇيغۇر مىللىتىنى دۇنياغا ئەڭ كەڭ دەرىجىدە تونۇتقان بىر كۈن. 5-ئىيۇل، يۇقىرىقىدەك  بىر نەتىجە ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەنگەن- مىڭلارچە ئوغۇل-قىزلىرىمىزنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى، تۇتۇلۇشى ۋە غايىب بولۇشىغا سەۋەب بولغان بىر كۈن. بۇنداق بىر كۈننى خاتىرىلەش، خاتىرىلىگەندە قانداق خاتىرىلەش مۇھاجىرەتتىكى ھەر بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن ۋىجدان ۋە بۇرچ  مەسىلىسى بولسا، تەشكىلاتلىرىمىز ئۈچۈن ئىقتىدار ۋە مەسئۇلىيەت مەسىلىسى؛ ئومۇمى مىللىي ھەرىكىتىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا پۇرسەت ۋە مىللىي مەنپەئەت مەسىلىسى. شۇڭا بىز 5-ئىيۇلنىڭ 3-يىللىق خاتىرە كۈنىنى تۆۋەندىكىچە ئورۇنلاشتۇرىمىز.

د ئۇ ق، ھەرقايسى تەشكىلاتلارنى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلىرىغا ھۆرمەت قىلغان ۋە قانۇنلار يول قويغان دائىرىدە تۆۋەندىكى شەكىللەردىكى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىدۇ.

1.ھەر قايسى تەشكىلاتلىرىمىز ئوز ئالدىغا ياكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ،

ئا.ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈش؛
ب.پارلامېنت زاللىرىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈش،
س.ئالىي مەكتەپ ياكى تەتقىقات ئورۇنلىرىدا مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈش.
د. شەھەر مەركەزلىرىدە، ساياھەت ئورۇنلىرىدا  رەسىم كۆرگەزمىسى ۋە باشقا شەكىللەردىكى تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈش،

2.  ھەر قايسى تەشكىلاتلار ئوز ئالدىغا ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تىلىدا بايانات ئېلان قىلىش ۋە ياكى د ئۇ ق ئېلان قىلغان باياناتنى شۇ دۆلەتنىڭ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىش،

3. ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تەشكىلاتلار شۇ دۆلەتلەردىكى مۇخبىرلار، يازغۇچىلار بىلەن مۇددەتتىن بۇرۇن ئالاقە قىلىپ، 5-ئىيۇل ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە  شۇ دۆلەت مەتبۇئاتلىرىدا مەخسۇس ماقالە ۋە ئوبزور ئېلان قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش،

4. ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقە قىلىپ ۋە ئۇلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئوز ئالدىغا خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش ۋە مەخسۇس  5-ئىيۇل  ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرۈش.

5. ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى پارلامېنت ئەزالىرى، سىياسىي پارتىيىلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ ئۇلارنىڭ پارلامېنتلارغا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ياكى مەتبۇئاتلارغا ئىپادە بىلدۈرۈشى، بايانات ئېلان قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش،

6. نامايىش قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان دۆلەت ۋە رايونلاردا شېھىتلىرىمىزنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىر-چىراغ قاتارلىق خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش،

7. 7 ئىيۇل – كۈنى، ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرى نامايىش ئېلىپ بارغان ۋە دۇنيادا زور تەسىر قوزغىغان ، خىتاينىڭ ئەپتى – بەشىرىسى ئېچىپ تاشلانغان بىر كۈن. شۇڭا، 7 – ئاينىڭ 7 –ھەرقايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتى، ھەر قايسى تەشكىلاتلار تەركىبىدىكى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ھەر قايسى دۆلەتلەردە پەقەت ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن نامايىشى ئۆتكۈزۈش،

8. 5 – ئىيۇل كۈنى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆيىنىڭ بالكونلىرىغا ۋە ماشىنىلىرىغا بىردەك ھالدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى ئېسىشى، 12. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز، 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە توي – تۆكۈن ئۆتكۈزمەسلىك، ئولتۇرۇش ۋە تۈرلۈك شەكىلدىكى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماسلىق ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ 5 – ئىيۇل شېھىتلىرىگە بولغان تەزىيىسى ۋە ھۆرمىتىنى ئىزھار قىلىش.

5-ئىيۇل ۋەقەسىنى ئەسلەش ۋە يۇقىرىقىدەك بىر قاتار پائالىيەتلەرنى  ئېلىپ بېرىشتىكى ئاساسلىق بىر نىشان، خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ دىققىتىنى تارتىش، خەلقئارا جامائەت پىكرىدە كۈنتەرتىپ ئىگىلەش، خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى شەرقى تۈركىستان(ئۇيغۇرىستان)نىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە بۇراشتىن ئىبارەت. 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى ئەسلەش ۋە يۇقىرىقىدەك بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە شەرقىي تۈركىستاننى(ئۇيغۇرىستان) مەشئىلىنى ئەسلىتىپ تۇرۇش، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنيا كۈنتەرتىپىدە تۇتۇپ تۇرۇش، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى. شۇڭا بۇ نىشانغا مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىش ئۈچۈن  خاتىرىلەش پائالىيىتىگە د ئۇ ق تەركىبىدىكى بارلىق تەشكىلاتلار قاتنىشىشى، تەشكىلاتلار تەڭ ھەرىكەت قىلىشى، شوئار-چاقىرىق ۋە تەلەپلەردە بىردەكلىككە  ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك؛ يىغىن، نامايىش، ئۇچرىشىشلاردا  5-ئىيۇل ۋەقەسى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ۋەتىنىمىزدە يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ ۋەقە، جىددىي مەسىلىلەر پاكىتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەك؛ بىز بۇ يىللىق خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان مەسىلىلەر:

1.      5-ئىيۇلدىن كېيىن غايىب بولغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى؛ نۆۋەتتە بۇ مەسىلە ھەققىدە قولىمىزدا ناھايىتى كۈچلۈك پاكىتلار بار، غايىب بولغان 30دىن ئارتۇق كىشىنىڭ كىملىكلىرى ۋە رەسىملىرى بار؛ بۇ پاكىتلار خىتاينىڭ بىر قانۇن دۆلىتى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدىغان قىممەتلىك ماتېرىيالدۇر؛  بۇ ھەقتە قىسقا دوكلات ھازىرلىنىپ   تىزىملىك ۋە رەسىملىك  بىلەن بىرلىكتە پائالىيەتلەردە تارقىتىلىشى، تەشكىلاتلار بۇ ماتېرىيالنى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئەۋەتىپ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن  بۇ غايىب بولغانلار ھەققىدە جاۋاب ئېلىپ بېرىشىنى قەتئىي ۋە ئىزچىل تەلەپ قىلىشى كېرەك. ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولىدىغان دۆلەت،تەشكىلات ۋە تەسىرلىك  شەخسلەرنى غايىب بولغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىشقا ئۈندەش ۋە بۇ باياناتلار ئارقىلىق خىتاينى مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە زۇۋانغا كەلتۈرۈش.

2.      بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 28 –كۈنى خوتەندە يۈز بەرگەن مۇكۇيلا ۋەقەسى ۋە بۇ ۋەقەدە ئىككى ئايالنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈپ 5 بالىنىڭ يارىلاندۇرۇلغانلىقى دۇنياغا ئەسلىتىلىشى كېرەك.

3.      ئالدىنقى ئاينىڭ 21 –كۈنى 12 ياشلىق مىرزاھىد ئامانۇللاھنىڭ تۈرمىدە قىيىن-قىستاقتا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە مۇشۇ ئاينىڭ 6-كۈنى خوتەندە مەدرىسىدىكى بالىلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراپ 12 بالىنىڭ كۆيۈپ يارىلانغانلىقى تەشۋىق قىلىنىشى كېرەك.

4.       د ئۇ ق رەئىسى رابىيە خانىمنىڭ ئىككى پەرزەنتىگە تۈرمىدە بېسىمنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ۋەتەندىكى مەھبۇسلارنىڭ ئېچىنىشلىق ھاياتى تونۇشتۇرۇلۇشى كېرەك. يۇقىرىقىلارغا يەنىمۇ مۇھىم مەزمۇنلار قېتىلسا قارشى ئېلىنىدۇ. ۋاقىت ئاز قالدى، شۇنداقتىمۇ بارلىق تەشكىلاتلار تەز تۇتۇش قىلىپ،  5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ  3-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەت پىلانلىرىنى ئەڭ كەچ 6-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە د ئۇ ق گە بىلدۈرۈشۈڭلارنى جىددىي تەلەپ قىلىمىز.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى