تەبرىكنامە

د ئۇ ق رەئىسى
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى

4- نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر  قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر يېغىننىڭ ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيو شەھىرىدە غەلىبىلىك ئاياغلىشىپ بىر ھەپتىدىن كېيىنلا كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سايلام كومىتېتى  تەرىپىدىن 2012- يىلى 5-ئاينىڭ 27- كۈنى سايلام  ئۆتكۈزۈلدى.

كانادانىڭ تورونتو، ئەدمونتون، ۋانكوۋەر، مونترىيال، كالگاري، ۋىندسور، لوندون قاتارلىق شەھەرلىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كانادا پارلامېنتى بىلەن زىچ يېقىنلىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ  دەپسەندە بولۇۋاتقان ئىنسان ھەق ھوقۇقلىرىنى ، ئىسلام دىنى، مەدەنىيەت –  مائارىپىنى، تىل يېزىق ئۆرپ ئادەتلىرىنى قوغداپ قېلىش، ئوز ئارا ئۆملۈك ئىتتىپاقلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ  شەرقى تۈركىستاننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى كانادا پارلامېنتىغا بىلدۈرۈشنى ئالىي مەقسەت قىلغان   قېرىندىشىمىز قەييۇم مەسۇموۋ 162 ئاۋاز بىلەن    كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىدىن خۇرسەن بولدۇم. مۇبارەك بولسۇن!. كانادانىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغىمۇ مۇبارەك بولسۇن! دېموكراتىك سايلام قىلىش  ئۇسۇلى ۋە ئۆلچەملىرىگە ئاساسەن ئېلىپ بارغان سايلام كومىتېت ئەزالىرىنى، قەييۇم مەسۇموۋنى ۋە كانادا ياشاۋاتقان پۈتۈن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنى  ئۆزۈمنىڭ  شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىك نامىدىن چىن  قەلبىمدىن  قوللايمەن…

قەييۇم مەسۇموۋنىڭ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىشلەشكە بەل باغلىغان يېڭىدىن سايلانغان ئىدارە  ھەيئەتلىرىنىڭمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا يېقىندىن ھەمكاردا بولۇپ كانادا پارلامېنتىغا  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى تونۇشتۇرىدىغان شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بۈگۈنكى كۈندە شەرقى تۈركىستان<ئۇيغۇرىستان> دا ياشاۋاتقان 20 مىليون ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارتىۋاتقان ئېچىنىشلىق ئازاب ئوقۇبەتلىرىنى ھارماستىن، تالماستىن ھەر خىل يوللار بىلەن دوكلات  قىلىپ تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

تەكرار ئىنىمىز قەييۇم مەسۇموۋقا مۇبارەك بولسۇن!… يېڭى ئۇتۇقلار ۋە غەلىبىلەرنى   تىلەيمەن.

ھۆرمەت بىلەن

رابىيە قادىر

2012- يىلى 5-ئاينىڭ 30- كۈنى