كانادادىكى ئۇيغۇرلار سايلام ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش ئالىي كومىتېتى قۇرۇپ چىقتى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى

كانادا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ رەئىس سايلىمى 2 يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇ يىل سايلام ئېلىپ بېرىلىدىغان يىل.

يېقىندا ئۇيغۇرلار بىرقەدەر كۆپ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان تورونتو شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ قېتىمقى سايلامنى كانادانىڭ دېموكراتىك پرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن، بىخەتەر ۋە ئەركىن ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، كانادا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ سايلام ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش ئالىي كومىتېتى قۇرۇپ چىقتى.

ئىگىلىشىمىزچە، سايلام ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش ئالىي كومىتېتى ھېچقانداق جەمىيەت ۋە تەشكىلاتقا بېقىنمايدىغان بىتەرەپ ئورگان بولۇپ، كومىتېت پەقەت بۇ قېتىمقى سايلام ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشقا مەسۇل بولىدىكەن ۋە كانادا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ بۇ قېتىملىق رەئىسى ۋەزىپىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن تارقاپ كېتىدىكەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز، كانادادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سايلام ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش ئالىي كومىتېتىدىكى مەلۇم بىر خادىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئۆز ئىسىم شەرىپىنى ۋاقتىنچە ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ خادىم بىزگە ئەھۋال چۈشەندۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ خادىم يەنە، بۇ كومىتېتنىڭ كانادادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سايلام ئىشلىرىنى خۇددى كانادادىكى فېدىرال ھۆكۈمەتنىڭ دېموكراتىك سايلام شەكلىگە تەقلىد قىلغان ئاساستا سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىم كانادا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ رەئىس سايلىمى ئۈچۈن كانادانىڭ ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان تورونتو، كالگارى، ۋانكوۋەر، مونتىرېيال قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئايرىم بېلەت تاشلاش ساندۇقى تەسىس قىلىنىدىكەن.

ئۇ يەنە كانادادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سايلام ئىشلىرىدىمۇ ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئامېرىكىدا چىقىدىغان ئامېرىكا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ تور بېتىگە چاپلانغان كانادادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سايلام ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش ئالىي كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىمقى سايلام ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى 3700 ئادەم قېتىم كۆرگەن ۋە 60 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق مۇنازىرە داۋاملىشىپ بۇ تور بېتىنىڭ ئەڭ قايناق قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان.

كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل مۇنازىرىلەر كانادادىكى ئۇيغۇر داۋاسىغا بولغان قىزىقىش ۋە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىكەن. بۇنىڭ ئەكسىچە قەيەردە سۈكۈنات ۋە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرسە، شۇ يەردە شەخسىيەتچىلىك ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلالماسلىق ئەھۋالى كېلىپ چىقىدىكەن.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/kanada-uyghur-05242012155534.html/story_main?encoding=latin