ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمىيىتى بىلەن ئىستانبۇل تېببىي مەكتەپ-تۈرك تارىخى ۋە سەنەتلىرى كۇلۇبىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇل تېببىي مەكتەپتە شەرقىي تۈركىستان رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى.

كۆرگەزمىگە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە خىتاي زۇلۇمىنى ئىپادىلىگەن چوڭ ھەجىملىك رەسىملەر، شەرقىي تۈركىستان بايرىقى قويۇلغان بولۇپ بۇ كۆرگەزمە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلىرى توپلىشىپ كېلىپ رەسىم كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلدى. كۆرگەزمىدە يەنە بىر گۇرۇپپا سەنەتچىلەر، ناخشا-مۇزىكا تەقدىم قىلدى. كۆرگەزمە جەريانىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ بايراقلىرىنى كۆك بايراق بىلەن قوشۇپ كۆتۈرۈۋالغان بىر گۇرۇپپا تۈرك ياشلار تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار جاراڭلىق شېئىر ۋە ناخشا ئوقۇدى. پائالىيەت جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا يېزىلغان كىتاب-زھۇرنال ۋە تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقىتىلدى.

بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمىيىتىنىڭ رەئىسى ياقۇپجان ۋە ئىستانبۇل تېببىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تۈرك تارىخى ۋە سەنەتلىرى كۇلۇبىنىڭ رەئىسى پۇسات بۇغراخان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پۇسات بۇغراخان ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىشتىكى مەقسىتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: بىز ئىستانبۇل تېببىي مەكتەپ-تۈرك تارىخى ۋە سەنەتلىرى كۇلۇبى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تۈرك دۇنياسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمىز. تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىنى ئۆزىمىزنىڭ مەسىلىسى دەپ بىلىمىز. بۇ ھەقتە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇم ھەممىمىزگە مەلۇم، بىز ھەم دوختۇر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، باشقىلارنىڭ دەردىگە شىپا بولۇش چۈشەنچىمىز بويىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ دەرد-ئەلەملىرى بىلەن ئازابلىنىۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز تارتىۋاتقان دەرد ئەلەملىرىگە ئازراق بولسىمۇ مەلھەم بولۇش ئۈچۈن ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى دەرد-ئەلەملەرنى بىلمەيدىغان قېرىنداشلىرىمىزغا بىلدۈرۈش مەقسىتىدە بۇ شەرقىي تۈركىستان رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئاچتۇق. ئوخشاشلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەم جىسمانىي جەھەتتە تارتىۋاتقان دەرد-ئەلەملىرى بار. ئۇلارنىڭ دەرد-ئەلەم، قايغۇلىرىنى يۈرىكىمىزدە ھېس قىلىمىز. ئەلۋەتتە ئاناتولىيىدە، ئىسكەنجە دېگەن ھامان خىتاي ئىسكەنجىسى ئەقىلگە كېلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقى قانداق بىر ئىسكەنجە ئاستىدا قالغانلىقىنى ياخشى بىلىمىز. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە ناچار ۋەزىيەتنىڭ يوقالماسلىقى ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ داۋام قىلىشى، بىز شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيىتىنى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيىنىڭ مەدەنىيىتىنى باھار پەسلى پائالىيەتلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن مەكتەپتىكى دوستلىرىمىزغا تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ شەرقىي تۈركىستان رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئاچتۇق.

پۇسات بۇغراخان ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى پىكىر-قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: بىز تۈرك تارىخى ۋە سەنەتلىرى كۇلۇبى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈرك دۇنياسىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشكە تىرىشىپ كېلىۋاتىمىز. ئۆز-ئارا ئارىمىزدا ئىپادىلەپ كېلىۋاتقان بىر سۆز بار، ئو بولسىمۇ «قەيەردە بىر تۈرك بولسا بىز شۇ يەرلىك» يەنى بىز پەقەت ئاناتولىيە جۇغراپىيىسىنىڭ قىيىنچىلىق مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماستىن، بەلكى پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلىمىز. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يۈرىكىدىكى دەرد-ئەلەملەر بىزنىڭمۇ يۈرىكىمىزنى ئازابلايدۇ، شۇ سەۋەبتىن بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمىز.

بىز يەنە تۈرك تارىخى ۋە سەنەتلىرى كۇلۇبىنىڭ مەسۇللىرىدىن ئەردى بەكچى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى پىكىر-قاراشلىرىنى ئالدۇق، ئەردى بەكچى ئەپەندى مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن قەتلىئامغا نىسبەتەن، مەيلى مىللىي قېرىنداشلار بولسۇن، مەيلى دىنىي قېرىنداشلار بولسۇن يېتەرلىك دەرىجىدە قارشىلىق كۆرسەتمىدى دەپ قارايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئىستانبۇل تېببىي مەكتەپ تۈرك تارىخى ۋە سەنەتلىرى كۇلۇبى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئالدى بىلەن ئۆز مەكتىپىمىزدە كېيىن باشقا ئورۇنلاردا شەرقىي تۈركىستاندا زالىملارچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەرنى ئاڭلىتىشقا ۋە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستان زېمىنى خىتاينىڭ زېمىنى ئەمەس، بەلكى تۈركلەرنىڭ 5000 يىللىق بۆشۈكى، ئۇ يەر ئىپتىدائىي جەمىيەتتىن باشلاپ تۈركلەر تۇغۇلغان زېمىن. شۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ بۇ زېمىندا ھېچقانداق ھەققى يوق دەپ قارايمەن. قەيەردە بىر تۈرك بولسا بىز ئۇلارنىڭ يېنىدا بولىمىز.

ئەردى بەكچى ئەپەندى سۆزىدە يەنە، بۇ خىل رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاندىكى قىيىنچىلىق مەسىلىلەرنى تەلەپكە لايىق ئوتتۇرىغا قويۇلمايۋاتىدۇ، چۈنكى تاشقى كۈچلەر خۇسۇسەن خىتاي جاسۇسلىرىنى ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى بېسىم ئاستىغا ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بىز ئۇلارنىڭ يېنىدا بولۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسىنى قوللاش، ھەمكارلىشىش ۋە بۇ مەسىلىگە بىر ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن، ئىستانبۇل تېببىي مەكتەپتە شەرقىي تۈركىستان رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىشنى پىلان قىلدۇق. بۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك دەپ قارايمەن ۋە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى خۇشال قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن.

بىز يەنە شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمىيىتىنىڭ رەئىسى ياقۇپجان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ياقۇپجان ئەپەندى بۇ رەسىم كۆرگەزمىسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمىيىتى، ئىستانبۇل تېببىي مەكتەپ تۈرك تارىخى ۋە سەنەتلىرى كۇلۇبى بىلەن بىرلىكتە، ئىستانبۇل تېببىي مەكتەپتە شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. بۇ كۆرگەزمىدە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن قەتلىئاملارنى، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلەرنى، مىللىي مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقلارنى ئىپادىلىگەن رەسىملەر كۆرسىتىلدى. مەن تۈرك تارىخى ۋە سەنەتلىرى كۇلۇبىغا رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچقانلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا بىر پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاننى ئۇنتۇمىغانلىقى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىمەن. يېقىن زاماندا شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل بولىدۇ، بۇنىڭغا ھېچكىم شەك‏-شۈبھە قىلمىسۇن. بىز ھەر زامان سۆزلىگەڭە ئوخشاش، ئەركىن دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. ئىمكانىيەت يېتىشىچە شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/resim-korgezmisi-05242012142102.html/story_main?encoding=latin