خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تىلغا ئالدى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى

خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 24-ماي ئېلان قىلغان 2011-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق قىسمىدا، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكى تەكىتلەڭەن.

بولۇپمۇ 2011-يىلى بىر يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، موڭغۇل چارۋىچىلىرىنىڭ يايلاقنى قوغداش ھەرىكەتلىرى ھەم تىبەت راھىبلىرىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ئارقىلىق نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ھەرىكەتلىرى تىلغا ئېلىنغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت رادىئومىز ئارقىلىق بايانات بېرىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇيغۇر، تىبەت موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىش ھەققىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئېلان قىلغان خىتاينىڭ 2011-يىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىدا، «2011-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئېلىپ بارغان باستۇرۇشى 1989-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر بولغان بىر يىل» دەپ تەرىپلەندى.

خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئېلان قىلغان دوكلاتىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى قىسمىدا، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇشى، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ تەقىب ئاستىغا ئېلىنىشى، دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنىڭ زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋېلىنىشى، پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇ ئۆيلىرىنىڭ چېقىلىشى، شۇنداقلا ئۇيغۇر، موڭغۇل، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغان.

دوكلاتتا ئۇيغۇر، موڭغۇل، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، «2011-يىلى 5-ئايدا موڭغۇل چارۋىچىلىرى ھەم ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يايلاقتا كېڭەيتىلىپ ئېچىلىۋاتقان كان رايونلىرىنىڭ يايلاقنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى بۇزغانلىقىغا قارشى زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى. 7-ئاي مەزگىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى خوتەن ھەم قەشقەرلەردە خىتاي ساقچى، پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەردى. تىبەت راھىبلىرى ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى» دېگەن بايانلار بېرىلگەن.

خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2011-يىلى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر رايونىدا ھەر خىل باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكى مۇنداق بايان قىلىنغان.

«خىتاي ھۆكۈمىتى 2011-يىلى خىتايدا يۈز بەرگەن ئاممىۋى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشتا، ئازسانلىق مىللەتلەر رايونىغا قارىتا يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزدى. دائىرىلەر ھەر ۋاقىت يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇشقا تەييارلىق ھالىتىدە تۇردى. بۇ رايونلاردىكى بارلىق دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى(مەسچىت ھەم بۇتخانىلارنى دېمەكچى) ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا بولدى. دىنىي زاتلار ئۈزلۈكسىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئېلان قىلغان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى دوكلاتى ھەققىدە توختالدى.

دىلشات رىشىت ئۆز سۆزىدە، گەرچە خەلقارا تەشكىلاتلار ھەر يىلى بۇ خىل دوكلاتلارنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەم خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي باستۇرۇش سىياسىتىنى تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان بۇ خىل يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتىنى توختاتمايلا قالماستىن، بەلكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ خىل باستۇرۇشنى بارغانچە كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خەلقارا جەمىيەتنى بۇ ئەھۋالغا دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

دىلشات رىشىت دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ساقچى، پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان بىر قاتار قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى چىدىغۇسىز ھالەتكە كەلتۈرگىنى ئۈچۈن، بۇ خىل توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

دىلشات رىشىت يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قاتار قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇق ھەم بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا «ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھەتتا قورۇمىغا يەتمىگەن نارەسىدە بالىلار ھەم ئاياللارنىمۇ ئېتىۋېتىشتەك قانۇنسىز قەبىھ ۋاسىتە قوللىنىشى ئەمەلىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت تېررورچىلىقى يۈرگۈزگەنلىكى» نىڭ پاكىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ خىل يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىش ئۈچۈن، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/uyghur-qarshiliq-05242012161817.html/story_main?encoding=latin