ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە داۋاملىق دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى

2011‏-يىلى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئاچقۇچلۇق ساھەلەردە داۋاملىق ناچارلاشقان. ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت، دىنىي ھوقۇقى داۋاملىق باستۇرۇشقا ئۇچرىغان.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان 2012‏-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق ئەھۋالىنى تەنقىد قىلىپ، بۇ بىر يىلدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتى ۋە ئاممىۋى مەنپەئەت داۋاسىغا ئارىلاشقان تەشكىلات، شەخسلەرنى باستۇرۇش ۋە ئۇلارغا بېسىم ئىشلىتىش بىر خىل «دائىملىق تەدبىر» بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دوكلاتتا، «سىياسىي سەزگۈرلۈككە ئىگە» دەپ قارالغان شەخس ۋە گۇرۇھلارنىڭ يىغىلىش، دىنىي ئىبادەت، ساياھەت قىلىش ئەركىنلىكى داۋاملىق چەكلىمىگە ئۇچراپ، سىياسىي پائالىيەتچىلەر، ئاممىۋى داۋالارغا ئارىلىشىدىغان ئادۋوكاتلارنى ئۇجۇقتۇرۇش كۈچەيتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. دوكلاتتا، دائىرىلەرنىڭ بۇ جەرياندا ئىزچىل مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىش، تۇتقۇن قىلىش، نەزەربەند قىلىش قاتارلىق قانۇندىن ھالقىغان ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، مۇستەقىل پىكىر ئېقىمىدىكىلەرنىڭ جامائەت پىكرى ھاسىل قىلىشىنىڭ ئالدى ئېلىشقا ئۇرۇنغانلىقى، سەزگۈر دېلولارنى قوبۇل قىلغان قانۇن مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنىڭ داۋاملىق پاراكەندىچىلىك، كەسپىي گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنىش ۋە تاقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىپ، ئۇلارنىڭ سۆز، ئاخبارات ۋە ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىگە قارىتىلغان كونتروللۇقنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، دائىرىلەرنىڭ داۋاملىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە تىبەت رايونلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېغىر مەدەنىي، دىنىي باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، بۇ خىل باستۇرۇش چەتەللىك ئەمەلدارلار رايوننى زىيارەت قىلغاندا، نازۇك خاتىرە كۈنلىرىدە ياكى «ياسىمەن ئىنقىلابى» ئېلىپ بېرىش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئالاھىدە ئەھۋاللاردا يۇقىرى پەللىگە چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 1989-يىلى «تىيەنەنمېن دېموكراتىيە ھەرىكىتى» باستۇرۇلۇپ، زور قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئۆزىنىڭ يىللىق دوكلاتىغا كىرگۈزۈشكە باشلىغان. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم، پەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئەسكەرتىپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ نوقۇل پۇقرالىق ۋە سىياسىي ھەق-ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەسلىكى، بۇ ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەش پۇرسىتى بار-يوقلۇق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: كىشىلىك ھوقۇق 21‏-ئەسىردە نوقۇل پۇقرالىق ۋە سىياسىي ئەركىنلىك مەسىلىسى ئەمەس. بەلكى بۇ ھەرقانداق بىر يەردىكى كىشىنىڭ تەڭرى بەرگەن يوشۇرۇن كۈچىنى ئىپادىلەش پۇرسىتى بار-يوقلۇقىدىن ئىبارەت نېگىزلىك مەسىلە. شۇڭا بىز دۇنيادىكى كىشىلەرنى ئۆز جەمىيىتىدە بىر كىشىلىك ئاۋازغا ئىگە قىلىش، بىر ئۆلۈش ئىقتىسادى نەپكە ئېرىشتۈرۈش تىرىشچانلىقىنى ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆز كېلەچىكىنى ئۆزى بەلگىلەپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ كېلەچىكىگە تۆھپە قوشۇشىنى قوللايمىز. بىزنىڭ پىكرىمىزچە مانا بۇ بىزنىڭ بىرلىشىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ئىنسان رېئاللىقىغا ئايلاندۇرۇشىمىزنىڭ يولى. مەزكۇر دوكلاتتا يەنە نۇرغۇن يېتەرسىزلىكلەر بار. نۇرغۇن دۆلەتلەردە ھۆكۈمەتلەر ئۆز خەلقىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى داۋاملىق بوغماقتا. بەزى جايلاردا بولۇپمۇ، سۈرىيىدەك بەزى دۆلەتلەردە ئىپادە ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكى ھۇجۇمغا ئۇچراپلا قالماي، پۇقرالىرىنىڭ ھاياتى ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتى ئاكادېمىك ئەركىنلىك، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش، يىغىلىش، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش، سايلاش-سايلىنىش، ئادىل سوتلىنىش، ئەمگەك ھوقۇقى، پاراكەندىچىلىكتىن خالى ياشاش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشقا ئۇچرىماسلىق ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى قاتارلىق خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىكى ئۇنىۋېرسال قىممەت ئۆلچىمىگە خىلاپ نۇرغۇن مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ.

دوكلاتتا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ: چېگرا رايون ۋە باشقا رايونلاردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ تەربىيىسىگە ئېرىشىش پۇرسىتى خەنزۇلارغا قارىغاندا ئاز. خىزمەتكە ئورۇنلىشىش مەسىلىسىدە كەمسىتىشكە ئۇچراپ، خەنزۇ كۆچمەنلەر ئەتىۋارلىنىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىرىمى باشقا جايلارغا سېلىشتۇرغاندا خېلى تۆۋەن. ھۆكۈمەتنىڭ تەرەققىيات پىلانى دائىم مەجبۇرىي كۆچۈرۈش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنەنىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ھۆكۈمەت پروگراممىلىرى ۋە ئىقتىسادى تەرەققىيات خەنزۇلارنى بىر تەرەپلىمىلىك مەنپەئەتدار قىلماقتا، دەپ كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارشى ئىرقچىلىق ۋە سىستېمىلىق كەمسىتىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىچكى موڭغۇل، تىبەت قاتارلىق رايونلاردىكى چوڭقۇر نارازىلىقنىڭ مەنبەسى بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى «ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىش» دەپ بۇ خىل قىلمىشلارنى يوشۇرغان.

مەزكۇر دوكلات خەلقارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە سەل قاراش بىلەن تەنقىد قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان ئىدى. خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۈگۈن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئامېرىكىنىڭ بەھرەيىن، خىتاي، رۇسىيە قاتارلىق مەنپەئەتدار دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپىدا چىڭ تۇرمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

لېكىن ئامېرىكا ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى مايكېل پوزنېر، پەيشەنبە كۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك مەنپەئىتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشەندۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇق ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى يادرولۇق مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ : بىز دۇنيا بىلەن قويۇق ئارىلىشىمىز ۋە بىر قاتار مەنپەئەتلىرىمىزنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىمىز. بىزنىڭ بىخەتەرلىك، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە دىپلوماتىك مەنپەئەتمىز بار. بىراق كىشىلىك ھوقۇق بىزنىڭ تاشقى مۇناسىۋىتىمىزدىكى يادرولۇق مەسىلە. شۇڭا بۇ دائىم بىز باشقىلار بىلەن ئېلىپ بارغان مۇزاكىرىلەرنىڭ بىر قىسمى بولۇپ كەلدى. بۇ مەسىلە مەن ۋە دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ئىستراتېگىيىلىك، ئىقتىسادىي شېرىكلىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن نۇرغۇن مۇزاكىرىلەردە ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلدى، دەپ كۆرسەتتى.

دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەنزۇ ئاھالىلىرىنى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىغا كۆچۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاي نوپۇسىنىڭ جىددىي كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. دوكلاتتا ئۈرۈمچى نوپۇسىنى مىسالغا ئېلىپ، بۇرۇن ئۈرۈمچى نوپۇسىنىڭ 20% نى خەنزۇلار ئىگىلىگەن بولسا، ھازىر ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ 20% كە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ داۋاملىق ئۇيغۇرلاردىكى نارازىلىقنىڭ بىر مەنبەسى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتى خەنزۇ كۆچمەنلەرنى ئۇيغۇر ئىلىغا كۆچۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، يەرلىك ئىش ئورۇنلىرىنى كۆچمەن ئىشچىلار بىلەن تولدۇرغان بولسا، ياش ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان ئەمگەك كۈچى يۆتكەش پروگراممىسىغا قاتنىشىپ، يۆتكىلىشكە مەجبۇر قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يۇقىرىقى مەسىلىلەر د ئۇ ق قاتارلىق تەشكىلاتلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ئىدى. ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى مايكېل پوزنېر پەيشەنبە كۈنكى يىغىندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مەسىلىسىگە داۋاملىق دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: خىتاي مەسىلىسىدە بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پىلانىمىز زور ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك. بىز بۇنى ئوخشىمىغان ئۇسۇللاردا بىر تەرەپ قىلىمىز. ئۆتكەن ئايدا بىزنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىمىز خېرولد كو قانۇن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مۇنازىرىسىگە قاتنىشىپ، سوت ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ مۇستەقىل ئىش بېجىرىش مەسىلىسى، تۇتقۇن قىلىش مەسىلىسى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. بىز يەنە ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيە ‏-ئىقتىساد دىئالوگىغا قاتناشتۇق ۋە بۇ يىل يازدا ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. شۇڭا بۇ مەسىلىلەر مەن ۋە باشقا ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن ئوخشىمىغان سورۇنلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز دىنىي ئاز سانلىق گۇرۇھلار ۋە تىبەت ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىمىز. ئۇلارنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرىگە دىققەت قىلىمىز. شىنجاڭ ۋە باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە ناھايىتى دىققەت قىلىمىز. بىز بۇ مەسىلىلەرنى ۋە شۇنداقلا بەزى شەخسى دېلولارنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويىمىز.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/uyghur-weziyiti-05242012180415.html/story_main?encoding=latin