2-نۆۋەتلىك «ئىستانبۇل دۇنيا سىياسەت مۇنبىرى» ناملىق خەلقارالىق يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى

2012-يىلى 5-ئاينىڭ 17، 18-كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلغان 2-نۆۋەتلىك «ئىستانبۇل دۇنيا سىياسەت مۇنبىرى» ناملىق يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ ئاڭلىتىلدى.

تۈرك فوندى، تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، تۈركىيە باش مىنىستىرلىقى تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق ئىدارە ۋە ئورگانلارنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇل قۇرۇلتاي مەركىزى يىغىن زالىدا، 2-نۆۋەتلىك ئىستانبۇل دۇنيا سىياسەت مۇنبىرى ناملىق خەلقارالىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغا دۇنيادىكى 56 دۆلەتتىن، مىنىستىرلار، پارلامېنت ئەزالىرى، سىياسىيونلار، يازغۇچىلار، ئاكادېمىكلار ۋە ئاخباراتچىلار بولۇپ 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

بۇ يىغىنغا ئامېرىكىدىكى ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆز قىلدى.

2 كۈن داۋام قىلغان «ئىستانبۇل دۇنيا سىياسەت مۇنبىرى» يىغىنىدا 4 چوڭ يىغىن زالىدا ئايرىم-ئايرىم 28 قېتىم يىغىن ئېچىلدى. ھەر قېتىملىق يىغىندا 5 كىشى سۆز قىلدى. بۇ يىغىندا ئاساسلىقى دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى. يېڭى دۇنيا قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدا مۇھىم پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىننىڭ 24-قېتىملىق يىغىلىشتا «يۈكسىلىۋاتقان كۈچ-خىتاينىڭ دۇنيا سىياسىتى» دېگەن تېمىنى ئاساس قىلغان ھالدا، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى، ئافغانىستان ئىقتىساد مىنىستىرى ئابدۇلھادى ئارغاندىۋال، ئوكرائىنا تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى كوزارا ئەپەندى، ئىتالىيىدىكى ياۋروپا ئۆيى ئامبروسېتنىڭ ھەسسىدارى پاۋولا بورزاتا قاتارلىق 5 كىشى سۆز قىلدى.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى سۆزىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان بىر زېمىن ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ بېسىم سىياسىتى ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن بۇ ھەقتە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنى ئاڭلايسىلەر.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/siyaset-munbiri-05212012164724.html/story_main?encoding=latin