دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى

4- نۆۋەتلىك  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى  2012- يىلى 5- ئاينىڭ 14- كۈنى ياپونىيىنىڭ پايتەختى توكيو شەھىرىدە  غەلىبىلىك ئېچىلىپ،  2012- يىلى 5-ئاينىڭ 17- كۈنى زور مۇۋاپىقىيەتلەر بىلەن ئاياغلاشتى.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا ئامېرىكا، كانادا، ئېرلاندىيە، ،نورۋېگىيە، شىۋىتسىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، شىۋىتسىيە، تۈركىيە،  فرانسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ،روسىيە، ياپونىيە قاتارلىق 16 دۆلەتتىن 120 ۋەكىل قاتناشتى.

قۇرۇلتاينىڭ  ئېچىلىش مۇراسىمى ياپونىيىنىڭ  پارلامېنت بىناسىدا ئېچىلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىغا ياپونىيىنىڭ ھەر قايسى پارتىيەلىرىدىن بولۇپ  15 پارلامېنت ئەزاسى قاتنىشىپ سۆز قىلدى.  ئۇلار بىردەك ھالدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەق ھوقۇقلىرى ئۇچۇن ئەلىپ بېرىۋاتقان  ھەققانى  ھەرىكەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە يېقىندىن ياردەمدە بولغانلىقلىرىنى  بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە،   4- نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ  ياپونىيىدە ئېچىلغانلىقىنىڭ  زور تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە تەبرىكلىدى.

ئىچىلىش مۇراسىمىغا  ئامېرىكا، ياپونىيە ،نورۋېگىيە،ئىتالىيە، تەيۋەن، تۈركىيە  قاتارلىقنىڭ دۆلەتلەردىن، ۋاكالەتچى مىللەتلەر تەشكىلاتى، رافتو فوندى، ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى قاتارلىق خەلتئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەم تىبەت قاتارلىق   تەقدىرداش مىللەتلەردىن شەرەپ مېھمانلىرى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ھەم  تەبرىك سۆزلىرى قىلدى.

ئىچىلىش مۇراسىمىغا يەنە  تۈركىيە، ياپۇنىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ  پارلامېنت ئەزالىرى ۋە روسسىيە ، پولشا، ھىندىستان ،گېرمانىيە، بىنگال، ئۆزبېكىستان  قاتارلىق  دۆلەتلەرنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە  قاتناشتى.

ئىچىلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ياپونىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن  مۇخبىرلارنىڭ قاتنىشىشىغا  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ۆتكۈزۈلدى، ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىلدى.

يىغىننىڭ كۇن تەرتىپى بۇيىچە 2- كۈنى قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىنىڭ 3 يىللىق  خىزمەتلىرىدىن بىرىلگەن دوكلاتلىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. دۇق نىڭ نىزامنامىسى   قايتا قاراپ چىقىلدى،  مۇھىم تۈزىتىشلەر ئەلىپ بېرىلدى. دۇق نىڭ يېڭى رەھبەرلىك  ھەيئىتى  دېموكراتىك ئولچەملەرگە ئۇيغۇن ھالدا  سايلاپ چىقىلدى.  ئۇيغۇر مىللىي   ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى  رابىيە قادىر ھانىم  قايتا رەئىس بولۇپ سايلاندى. ھەر-قايسى قىتئە ۋە رايونلارغا مەسئۇل تۆۋەندىكى 7 نەپەر  مۇئاۋىن رەئىسلەر، ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ھەر-قايسى ئورگانلارنىڭ مەسئۇللىرىنى سايلاپ چىقىلدى.

مۇئاۋىن رەئىسلەر:

تۈركىيە ۋە ئوتترا شەرىق : سېيىت تۈمتۈرك  ھەم 1-مۇئاۋىن رەئىس

سىياسىي ۋە تاشقى ئىشلار: ئەسقەرجان
شىمالى  ئامېرىكا  : ئۆمەر كانات
شەرقى ئاسىيا  : ئىلھام ماخمۇت
ياۋرۇپا : ئۇمۇت  خەمىت
ئوتتۇرا ئاسىيا: ئابدۇرىشىت تۇردىيەۋ
ئوكيانىيە (ئاۋسترالىيە) : مەمتىمىن ئەلا

ئىجرائىيە كومىتېت رەئىسى: دولقۇن ئەيسا
باش كاتىپ: نۇرى مۇساباي
باياناتچىلار:
خىتايچە:  دىلشات رىشىت
ەنگىلىزچە: ئالىم سېيتوف

قۇرۇلتاي كۇن تەرتىپىنىڭ  ئاخىرقى كۈنى  ۋەكىللەر سىياسىي كومىسسىئون،  مۇھاجىرلار (كۆچمەنلەر) كومىسسىئون، مالىيە فوند كومىسسىئون، تەشكىلىي كومىسسىئون،  تەشۋىقات-نەشرىيات كومىسسىئون،  مائارىپ-مەدەنىيەت كومىسسىئون  قاتارلىق 6 كومىسسىيونغا   بولۇنۇپ،   دۇق نىڭ كېلەچەك خىزمەتلىرى  ھەققىدە  مۇزاكىرىلەر بولدى،  قارار ئىلىندى.

4 كۈنلۈك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك تاماملانغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ۋە كوپ ساندىكى ياپونىيەلىك دوستلارنىڭ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇخبىرلارنىڭ  قاتنىشىشىدا توكيو شەھىرىدە كەڭ كۆلەملىك تىنچلىق نامايىشى ئەلىپ بېرىلدى ۋە خىتاينىڭ توكيودىكى  باش ەلچىخانىسىغا  نارازىلىق خېتى تاپشۇرۇلدى
ئەۋەتىشى، 5-ئاينىڭ 19 كۈنى  3 كۈنلۈك 6-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى باشلاندى.دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.

باياناتچىلار:
خىتايچە:  دىلشات رىشىت
ئەڭلىسچە: ئالىم سېيتوف

قۇرۇلتاي كۇن تەرتىپىنىڭ  ئاخىرقى كۈنى  ۋەكىللەر سىياسىي كومىسسىئون،  مۇھاجىرلار (كۆچمەنلەر) كومىسسىئون، مالىيە فوند كومىسسىئون، تەشكىلىي كومىسسىئون،  تەشۋىقات-نەشرىيات كومىسسىئون،  مائارىپ-مەدەنىيەت كومىسسىئون  قاتارلىق 6 كومىسسىيونغا   بولۇنۇپ،   دۇق نىڭ كېلەچەك خىزمەتلىرى  ھەققىدە  مۇزاكىرىلەر بولدى،  قارار ئىلىندى.

4 كۈنلۈك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك تاماملانغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ۋە كوپ ساندىكى ياپونىيەلىك دوستلارنىڭ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇخبىرلارنىڭ  قاتنىشىشىدا توكيو شەھىرىدە كەڭ كۆلەملىك تىنچلىق نامايىشى ئەلىپ بېرىلدى ۋە خىتاينىڭ توكيودىكى  باش ئەلچىھانىسىغا  نارازىلىق خېتى تاپشۇرۇلدى
ئەتىسى، 5-ئاينىڭ 19 كۈنى  3 كۈنلۈك 6-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى باشلاندى.