رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خىتايغا قارىشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ياپونىيىدىكى يىغىن جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خىتايغا قارىشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇ سۆزلەرنى دۈشەنبە كۈنى توكيودا ئېچىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئوتتۇرىغا قويدى. دۈشەنبە كۈنى يەنى 14-ماي دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-قۇرۇلتىيى ياپونىيىنىڭ پايتەختى توكيودا باشلانغان ئىدى.

رابىيە خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ: ئىلگىرى بىز ئۆز ھوقۇقلىرىمىزنى قوغداش ئۈچۈن خىتايغا قارشى نامايىشلارنى قىلغان ئىدۇق. نۆۋەتتە بىز ئۆز مەۋجۇتلۇقىمىزنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتىمىز.

ئۇ يەنە ئۇيغۇر ۋەزىيەتنىڭ 2009-يىلىدىكىدىنمۇ ناچار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىم يەنە مۇنداق دېدى: بىز خىتايغا تىنچ يوسۇندا قارشى تۇرۇۋاتىمىز ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشىنى ھەمدە مۇستەبىت دۆلەت تۈزۈمنى ئۆزگەرتىپ سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى  17-مايغىچە داۋام قىلىدۇ.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qisqa_xewerler/rabiye-xanim-05142012182244.html/story_main?encoding=latin