د ئۇ ق نىڭ ئېلخەت ۋە تور بەتلەردە غەرەزلىك تارقىتىلىۋاتقان ساختا ئۇچۇرلار ۋە ئاتالمىش نىزامنامە ھەققىدە ئىزاھاتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى

د ئۇ ق دائىمىي كومىتېتى، 4-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى ياپونىيەدە ئېچىشنى قارار قىلىپ، تەييارلىق خىزمەتلىرىگە باشلىغاندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن دىپلوماتىك يوللار بىلەن قۇرۇلتاينىڭ ياپونىيەدە ئېچىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھەر خىل سۇيىقەستلەرنى، نەيرەڭلەرنى ئىشلىتىپ قالايمىقانچىلىق  قىلىش، ئوز-ئارا ئىشەنچسىزلىك پەيدا قىلىشقا ھەرىكەت قىلىپ كەلدى.

ھەتتا يالغان، ئويدۇرما ماتېرىياللارنى تەييارلاپ چىقىپ، ئېلخەتلەر (e-mail) يوللاپ، ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە د ئۇ ق ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرى نامىدىن ئېلان قىلىپ، قۇرۇلتاينىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە، ھەقىقەتنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىشقا ئۇرۇنۇشتەك ئەھۋاللار سادىر بولدى.

3-ئاينىڭ 21-كۈنى، د ئۇ ق „ئىستېپانامە“گە ئىزاھات ناملىق ئاخباراتنى ئېلان قىلىپ، ۋەتەنداشلارنى ھوشيار بولۇشقا، د ئۇ ق ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىگە ئالاقىدار ھەرقانداق بىر بايانات، ئۇقتۇرۇش، ئاخبارات ئالدى بىلەن د ئۇ ق نىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى، د ئۇ ق نىڭ تور بېتىدە يەر ئالمىغان ھېچقانداق بىر ئۇچۇرنىڭ د ئۇ ق ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى، د ئۇ ق غا ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن ئىدۇق.

شۇنداق بولۇشىغا قارىماستىن، بۇ ئەھۋاللار يەنىلا سادىر بولۇپ كەلدى. يېقىندا د ئۇ ق نىڭ ئاتالمىش يېڭى نىزامنامىسى، يامان نىيەتلىك نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئېلخەت بىلەن ئەۋەتىلىپ،  تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنىپ ئورۇنسىز تالاش-تارتىشلارغا سەۋەب بولدى. ئاتالمىش نىزامنامە د ئۇ ق نىڭ مەيدانى ۋە پرىنسىپىغا ھېچ ئالاقىسى بولمىغان ۋە ھەتتا مۇزاكىرە تېمىسى بولۇپ باقمىغان ئويدۇرما ماددىلار بىلەن تەييارلىنىپ چىقىپ ئېلان قىلىنغان. بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش ئارقىلىق، 4-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈشىگە توسقۇنلۇق قىش نىيىتىگە يەتمەكچى بولغانلىقىنى ئېنىق.

شۇڭا د ئۇ ق پۈتۈن تەشكىلاتلارنى، بارلىق ۋەتەنداشلارنى يەنىمۇ ھوشيار بولۇشقا، يۈز بېرىۋاتقان ۋە يۈز بېرىش ئېھتىمال بولغان بارلىق سىياسىي سۇيىقەستلەرگە سەگەك بولۇشقا چاقىرىدۇ. تور بەتلىرىدە ئېلان قىلغان ئاتالمىش نىزامنامە بولسۇن ۋە ياكى د ئۇ ق تور بېتىدە يەر ئالمىغان ھەرقانداق ئۇچۇر، مەلۇماتلارنىڭ د ئۇ ق غا ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئالاھىدە تەكىتلەيمىز.

د ئۇ ق غا ئالاقىدار ھەرقانداق مەلۇمات، بۇندىن بۇرۇن بولۇپ كەلگىنىگە ئوخشاش بۇندىن كېيىنمۇ ئاۋۋال د ئۇ ق رەسىمى تور بېتىدە ئېلان قىلىنىدۇ.

ھۆرمەت بىلەن،

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

2012-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى