دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ توسقۇنلۇقىنى ئەيىبلىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى

10-ئاپرېل كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 4-قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدە ئېچىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 9-ئاپرېل كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ياپونىيىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدە ئېچىلماسلىقىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئەينى كۈننىڭ ئۆزىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەىسى رابىيە قادىر خانىممۇ ئەركىن ئاسىيا رادىوسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.

سەيشەنبە كۈنى ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، ياپونىيىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كېلىدىغان قۇرۇلتاي قاتناشچىلىرىغا چېگرادىن كىرىش ۋىزىسى بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆز بايانىدا ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىغا ۋىزا بېرىلىشنىڭ سەۋەبىنى ئەسكەرتىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ پاالىيەتلىرىگە ئىپادە بىلدۈرۈشىنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارى يەنە، ياپونىيىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-قۇرۇلتىيىنى ياپونىيىدە ئاچقۇزماسلىق ھەققىدىكى تەلەپنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، ئەمما تەلەپنامىنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنىڭ ئاشكارىلانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدىكى مەسۇلى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ باشلىقى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تەشكىلاتلىرىدىن 100 دىن ئارتۇق ۋەكىل قاتنىشىدىغان بولۇپ، ياپونىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە بىر قىسىم شەخسلەر قۇرۇلتاي تەييارلىقى ئۈچۈن يېقىندىن ياردەمدە بولغان.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qisqa_xewerler/xitay-tosqunluqi-04102012155514.html/story_main?encoding=latin