پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا ئەنۆز تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى

تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا ئەنۆز ئەپەندى 1 – ئاينىڭ 11 – كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلدى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سوال سورىدى.

مۇستافا ئەنۆز ئەپەندى ئىلتىماسىدا، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ۋە خىتايلار ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن تۆۋەندىكى 3 سوالنى سورىدى.

بىرىنچى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولۇش سۈپۈتىڭلار بىلەن، خىتايلارنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ باردىڭلارمۇ؟

ئىككىنچى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانلىق قېلىپىدىن چىققان سىياسىتىنى دۇنيا جاماەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش جەھەتتە نېمە خىزمەتلەرنى قىلدىڭلار؟

ئۈچىنچى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتىنى توختىتىش ئۈچۈن نېمە خىزمەتلەرنى قىلماقتا؟ بۇ ھەقتە خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا نارازىلىق خېتى تاپشۇرۇشنى ئويلاۋاتامدۇ؟

بىز پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا ئەنۆز ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىلىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا سۇنغان  خېتى ھەققىدە ئۆزى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/uyghur-mesilisi-turk-parlamentida-01152010194413.html/story_main?encoding=arabic