د ئۇ ق ئاخباراتى: ئاتالمىش ” ئىككى قۇرۇلتاي ” نىمىنى ھەل قىلدى ?

2010-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى

نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن، “ئىككى قۇرۇلتاي” دەپ ئاتالغان، “ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 3 – ئومۇمى يىغىنى بىلەن، “ئاپتونوم رايونلۇق 10 – نۆۋەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 3 – ئومۇمى يىغىنى چاقىرىلماقتا.

خىتاينىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا، “ھەر مىللەت خەلقى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان ئىككى يىغىن” دا نېمىلەر ھەل قىلىندى ?

جەمئىي 1000 دىن ئارتۇق “ۋەكىل” قاتناشقان بۇ ئىككى قۇرۇلتايدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىجابىي ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىلدىمۇ ? شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي سىياسىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن بۇندىن كېيىن قانداق ئەمىلى قەدەملەر تاشلانماقچى ?

بۇلار، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان نوختىلار ئىدى.

ئەپسۇسكى، “ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى” نىڭ رەئىسى ئەسەد كەرىمباينىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە “ئاپتونوم رايون” نىڭ رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنىغا باققىنىمىزدا، بۇ قېتىمقى ئاتالمىش “ئىككى قۇرۇلتاي” نىڭمۇ خۇددى ئىلگىرىكى “قۇرۇلتاي” لارغا ئوخشاشلا قۇرۇق سىياسىي شوئارلار، يالغان – ياۋىداق ۋەدىلەر ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتىلغان تەھدىتلەر بىلەن تولغان بىر سىياسىي يىغىلىش ئىكەنلىكىنى كىرىۋېلىش تەس ئەمەس.

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى پۈتۈن دۇنيانى زىل – زىلىگە سالغان زور سىياسىي ۋەقەلەرنىڭ بىرى ئىدى، ھەتتا خىتاي ھاكىمىيىتىمۇ بۇ ۋەقەنىڭ 60 يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا يۈر بەرگەن ئەڭ زور ھادىسە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماقتا.

5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان خەلقئارا جامائەتچىلىك خىتاي ھاكىمىيىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، مەدىنى ۋە دىنىي جەھەتلەردىكى ھەق – ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشنى جىددىي شەكىلدە تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.

ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنىڭمۇ خىتاي ھاكىمىيىتىدىن كۈتۈۋاتقىنى قۇرۇق تەھدىت ۋە پوپوزا ئەمەس، بەلكى ئىنسانى ھەق – ھوقۇقلارنىڭ قوغدىلىشى يولىدا ئىجابىي ۋە ئەمىلى قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشىدىن ئىبارەت ئىدى.
 ئەمما، نۇر بەكرىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىدا، 5 – ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان ھەقىقىي ئامىللارنىڭ ھېچ بىرى تىلغا ئېلىنمىغان، پەقەتلا بۇ ۋەقەنىڭ ئەسكەر – ساقچىلار تەرىپىدىن “مۇۋەپپەقىيەتلىك” باستۇرۇلغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇلغان ئىدى.

نۇر بەكرىنىڭ دوكلاتىدا يەنە، بۇندىن كېيىن جەنۇبى رايونلارنىڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغانلىقى، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىلىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇنۇڭدا، ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسىنىڭ پەقەتلا نوقۇل ھالدىكى ئاش – تاماق داۋاسى ئىكەنلىكى، پەقەتلا ئۇلارنىڭ قورسىقى تويسا شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىشىدىغانلىقىدەك بىر مەنزىرە يارىتىلغان.

خىتاي ھاكىمىيىتى شۇنى ئېنىق بىلىشى كېرەككى، ئۇيغۇر داۋاسى ھەرگىزمۇ نوقۇل ھالدىكى ئىقتىساد داۋاسى ئەمەس، بەلكى مىللىي ھەق – ھوقۇق داۋاسىدىن ئىبارەت.

ئەلۋەتتە، خىتاينىڭ تالان – تاراج سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان نامراتلىق مەسىلىسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى، ئەمما بۇ ئاساسلىق ياكى بىردىن – بىر ئامىل ئەمەس !
ئەگەر خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا راستىنىلا “مۇقىملىق” ئىستىسە، بۇ قېتىمقى ئاتالمىش “ئىككى قۇرۇلتاي” دا نۆۋەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغاۋاتقان تۆۋەندىكىدەك  مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ مۇزاكىرە قىلىنىشى لازىم ئىدى:
مەسىلەن، شەرقىي تۈركىستانغا   پىلانسىز ھالدا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەشنى توختىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئورنىدا ئازسانلىق ئورۇنغا  چۈشۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى مەسىلىسى؛
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتلىرىگە بىۋاسىتە خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقان  “بىڭ تۇەن” نى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنۇڭ كونتروللۇقىدىكى يەر – زېمىن ۋە ئىقتىسادى ئەسلىھەلەرنى يەرلىككە قايتۇرۇپ بېرىش، بىڭ تۇەن تەركىبىدىكى خىتايلارنى پىلانلىق ۋە قەدەم باسقۇچلۇق ھالدا  ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ كېتىشى مەسىلىسى؛

شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر دەرىجىلىك كوممۇنىستىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مەمۇرى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ۋە ھاكىمىيەتكە ئارىلىشىش سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يەرلىك خەلقنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى مەسىلىسى؛

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلققە قارىتىلغان “پىلانلىق تۇغۇت” سىياسىتىنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەسىلىسى؛

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان  ئاتالمىش “قوش تىللىق ئوقۇتۇش” سىياسىتىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مىللىي مائارىپىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ۋە مىللىي تىل – يېزىقىدا ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى مەسىلىسى؛

ئىچكى ئۆلكىلەردە تەسىس قىلىنغان  “شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى” نى دەرھال بىكار قىلىپ، ئۇنۇڭدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز يۇرت – ماكانلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىش مەسىلىسى؛

ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتىلغان مەجبۇرى دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئەتىياز ئەركىنلىكىگە ۋە نورمال دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا  كاپالەتلىك قىلىش، مەسچىت قۇرۇلۇشى ۋە ھەج پائالىيىتىگە چەكلىمە قويماسلىق مەسىلىسى؛

 “ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا يۈزلەندۈرۈش” دېگەن نامدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئۆز يۇرت – ماكانلىرىدىن سۈرگۈن قىلىش ھەرىكىتىگە دەرھال خاتىمە بېرىلىشى مەسىلىسى؛
ئۇيغۇرلارنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرى يۆتكەپ ئىشلىتىش سىياسىتىنى دەرھال توختىتىپ، ئىچكى ئۆلكىلەرگە مەجبۇرى ئەۋەتىلگەن ئۇيغۇرلارنى دەرھال  قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۇلارنى ئۆز يۇرت – ماكانلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى مەسىلىسى؛

ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى بىۋاسىتە ئېچىش ۋە ئۇنۇڭدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق كارخانىلار بۇ رايوننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئاچقاندا، خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە يەرلىكلەرگە پايدا ۋە غەللە – پاراق تاپشۇرۇشى مەسىلىسى؛

شەرقىي تۈركىستاندىكى قازاق، قىرغىز،موڭغۇل ۋە تاجىك چارۋىچىلىرىنى دېھقانچىلىق رايونلىرىغا مەجبۇرى يەرلەشتۈرۈش سىياسىتىنى بىكار قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى يۇرت – ماكانلىرىدا ئەركىن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى ۋە ئۇلاردىن ئېلىۋېلىنغان  ۋە مۇسادىرە قىلىنغان  يايلاق ۋە چارۋا – ماللارنى قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىسى؛

ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارغا قارىتىلغان ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ سانىنى ۋە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان يېرىنى ئاشكارا ئېلان قىلىش، ئەركىن پىكىر قىلىش تۈپەيلىدىن قولغا ئېلىنغان  سىياسىي مەھبۇسلارغا قارىتا ئومۇمى كەچۈرۈم ئېلان قىلىش مەسىلىسى؛

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتوم قۇربانلىرىنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئۇلارغا مۇۋاپىق دەرىجىدە تۆلەم تۆلەش، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك خەلقلىرىنى پۈتۈنلەي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ئىگە قىلىشى مەسىلىسى؛
ئۇيغۇر خەلقى تەرىپىدىن “قانخور جاللات ” دەپ ئاتالغان ۋاڭ لېچۈئەن دەرھال ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئۇنى قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىشى مەسىلىسى؛

ئەپسۇسكى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نورمال سىياسىي، ئىقتىسادى، مەدىنى ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان يۇقىرىقىدەك  مەسىلىلەرنىڭ ھېچ بىرى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن مۇزاكىرە قىلىنىشى ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا تىلغا ئېلىنىپمۇ قويغىنى يوق !

بۇنداق بىر شارائىتتا شەرقىي تۈركىستان رايونىدا مۇقىملىق قانداقمۇ ئەلەمگە ئاشسۇن ?!

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى