دىلشات رىشىت: شەرقىي تۈركىستاندىكى ناھىيىلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى نامرات ناھىيىلەردۇر

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى

خىتاي ھۆكۈمىتى 19-مارت كۈنى خىتايدىكى 592 نامرات ناھىيىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

ئۇيغۇر ئېلىدىن 27 ناھىيە خىتايدىكى نۇقتىلىق ياردەم بېرىلىدىغان نامرات ناھىيىلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، نېفىت، كۆمۈر، ئالتۇن، سېرك توپا، مىس قاتارلىق كان بايلىقلىرى، پاختا، كەندىر، مېۋە قاتارلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى، ئورمان زاپىسى قاتارلىقلار بىلەن بايلىق ماكانى دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يەنىلا 27 ناھىيىنىڭ خىتاي بويىچە ئەڭ نامرات ناھىيىلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى خەلقارا مەتبۇاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت رادىومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بايلىققا تولغان شەرقىي تۈركىستاندا يەنىلا 27 ناھىيىنىڭ نامرات ناھىيە تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشىنىڭ، رايوندىكى بايلىقتىن بۇ زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەھرۇم قالدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

دىلشات رىشىت ئۆز بايانىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يېڭى سىياسەت بەلگىلەپ، رايوندىكى خەلقنىڭ ئىقتىسادى سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما رايوندا يەنىلا 27 ناھىيىنىڭ نامراتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى، شەرقىي تۈركىستاندىكى تەرەققىيات ھەم بايلىقنى خىتاي ھۆكۈمىتى ھەم كۆچمەن خىتايلار ئىگىلىۋېلىپ، يەرلىك ئۇيغۇرلارنى نامرات قالدۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، دۇنيا جاماەتچىلىكىنىڭ ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان بۇ خىل ۋەزىيەتكە دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 80-يىللارنىڭ ئاخىرى ئىقتىسادىي ئىسلاھاتنى يولغا قويغاندىن بۇيان، «غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسى» نامىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەر ئاستى، يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى خىتاينىڭ شەررقتىكى رايونلىرىغا يۆتكەش، يەنىمۇ كۆپلىگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلەتكەن. يەرلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنى بولسا نامراتلىقنى تۈگىتىش نامىدا،ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۈركۈملەپ يۆتكىگەن.

مانا مۇشۇنداق شاراىتتا 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە رايوندىكى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىق، نامراتلىق مەسىلىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش سەۋەبىدىن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى يۈز بەرگەن ئىدى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qisqa_xewerler/uyghur-namrat-03202012171126.html/story_main?encoding=latin