د ئۇ ق نىڭ „ئىستېپانامە“غا ئىزاھات

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى

ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا ئېچىلىشى ئالدىدا تۇرغان، د ئۇ ق نىڭ 4-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددىي ئىشلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، قۇرۇلتاينىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش مەقسىتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن دىپلوماتىك بېسىملارنى ئىشقا سالسا، يەنە بىر تەرەپتىن مىللىي ساتقۇنلارنى ئىشقا سېلىپ ھەر خىل شەكىلدىكى يالغان خەۋەرلەرنى تارقىتىش ئارقىلىق، مىللەتنى قايمۇقتۇرۇش، ئىشەنچسىزلىك پەيدا قىلىش، د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئارىسىغا زىددىيەت سېلىشقا ئوخشاش پائالىيەتلىرىنى شىددەت بىلەن جىددىيلەشتۈرمەكتە. بۇنىڭ تۈپ مىسرالىرىدىن بىرى يېقىنقى بىر-قانچە كۈندىن بۇيان تور بەتلەردە ئېقىپ يۈرگەن „ئىستېپانامە“ دۇر.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشقا جۈرئەت قىلالمىغان مىللىي خائىنلار ياكى خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرى، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە خانىم نامىدىن ئاتالمىش ئىستېپا نى ئېلان قىلىپ، قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش ھارپىسىدا خەلقىمىز ئىچىدە ئورۇنسىز غۇلغۇلا، تالاش-تارتىش تۇغدۇرۇشقا، قۇرۇلتاي تەييارلىقلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىگە كۆلەڭگە پەيدا قىلىشقا ئۇرۇندى. د ئۇ ق نىڭ 4-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى، رەئىسىمىز رابىيە خانىمىنىڭ بىۋاسىتە رىياسەتچىلىكىدە ساغلام داۋام قىلماقتا.

مىللىي رەھبىرىمىز رابىيە خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق نىڭ بارلىق رەھبەرلىرى ھەر ۋاقىت زور ئۇيۇشچانلىق ئىچىدە، مۆرىنى-مۆرىگە تىرەپ، قىيىن شەرتلەر ئاستىدا زور ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە. دۈشمەن كۈچلەرنىڭ د ئۇ ق ئىچىدە بۆلگۈنچىلىك سېلىش، رەئىسىمىز رابىيە خانىمغا بولسۇن ياكى د ئۇ ق نىڭ باشقا ھەرقانداق بىر رەھبىرىگە ھەر خىل شەكىلدە ھۇجۇم قىلىش، قالپاق كىيدۈرۈش، ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش، تەشكىلى بىرلىكنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئوخشاش سۇيىقەستى قېتى غەلىبە قىلالمايدۇ.

شۇڭا بارلىق ۋەتەنداشلىرىمىزنى، تور بەتلىرىدە ئېقىپ يۈرگەن ئىسىمسىز، ئىمزاسىز ياكى مەقسەتلىك ھالدا بەزى سىياسىي پائالىيەتچىلىرىمىز ۋە دىنى زاتلىرىمىزنىڭ ئىسىملىرى ئىشلىتىلگەن، يازمىلارغا دىققەت قىلماسلىققا، ئىشەنمەسلىككە ۋە ھەتتا غۇلغۇلا قىلماسلىققا چاقىرىمىز.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە شۇنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىمىزكى، د ئۇ ق ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىگە ئالاقىدار ھەرقانداق بىر بايانات، ئۇقتۇرۇش، ئاخبارات ئالدى بىلەن د ئۇ ق نىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنىدۇ. د ئۇ ق نىڭ تور بېتىدە يەر ئالمىغان ھېچقانداق بىر ئۇچۇرنىڭ د ئۇ ق ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئالاقىسى يوقتۇر.

ئاخىردا ھەر بىر ۋەتەنپەرۋەر قېرىنداشلىرىمىزنى، ئورۇنسىز تالاش-تارتىشلاردىن، پىتنە-پاساتلاردىن ئۇزاق تۇرۇشقا، قۇرۇلتىيىمىزنىڭ پائالىيەتلىرىگە، جۈملىدىن ئېچىلغۇسى 4-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىگە يېقىندىن ماسلىشىشقا، ياردەم قىلىشقا چاقىرىمىز.

ھۆرمەت بىلەن،

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى