ياۋروپا پارلامېنتىدا „لوپنۇر خەلقئارا يىغىنى“ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى

خىتاي ھۆكۈمىتى 1964-يىلى شەرقىي تۈركىستانىڭ لوپنۇر رايونىدا تۇنجى قېتىم ئاتوم يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. تۇنجى قېتىملىق بۇ سىناقتىن كىيىن 1996-يىلغىچە شەرقىي تۈركىستاندا توپلام 46 قېتىم يار ئاستى ۋە يەر ئۈستى ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بېرىلدى.

ھەر قېتىملىق ئاتوم سىنىقى، بىر ئالدىدىكى ئاتوم سىنىقىغا سېلىشتۇرغاندا ھەجىم جەھەتتىن ۋە ۋەيران قىلىش كۈچى جەھەتتىن تېخىمۇ زور بولدى. ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بېرىلغان رايوننىڭ 150 ك م يىراقلىقىدا ئىنسانلار ياشايدىغان ئولتۇراق رايونلار بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سىناقنى ئېلىپ بارغاندا بۇ رايوندىكى ئىنسانلارنىڭ ھاياتى بىلەن قىلچىمۇ ھېسابلاشقىنى يوق. نەتىجىدە بۇ ئاتوم رېئاكسىيىسى تەسىرىدىن يۈز مىڭلىغان ئىنسان راك ۋە باشقا  ھەر خىل شەكىلدىكى تىپى ئېنىق بولمىغان كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ ھاياتىدىن ئايرىلدى، قانچە يۈز مىڭلىغان بوۋاقلارنىڭ مېيىپ تۇغۇلۇشىغا سەۋەب بولدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇھىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىپ، سۇلار، تاغ-دەريا، يايلاقلار قۇرۇپ ۋەيران قىلىندى.

ئەپسۇسكى، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ۋە ھېلىمۇ ھەم يۈز بېرىۋاتقان بۇ پاجىئەلەردىن دۇنيا خەۋەرسىز قالدى، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سىناقلارنىڭ كوپ قىسمىنى مەخپىي ھالدا ئېلىپ باردى،  دۇنيا بۇنىڭدىن كىيىن خەۋەر تاپتى، خەۋەر تاپقان تەقدىردىمۇ بۇ ھادىسىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقانلىقىدىن ۋە يۈز مىڭلىغان ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا زامىن بولغانلىقىدىن خەۋەرسىز قالدى.

بۈگۈنكى كۈندە، يەرشارىنى يادرو قورالىدىن خالى قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق توختاملار تۈزۈلگەن، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ 1996-يىلى ئاتوم يادرو سىنىقىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئامما بۇ سىناقلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قالدۇرۇپ كەتكەن ئېچىنىشلىق پاجىئەلىرى ھازىرغىچە داۋام قىلماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇرلارنى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا بىگۇناھ ئۆلگەن ئىنسانلىرىمىزنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بىر قەدەر تونۇغان بولسىمۇ، ئامما 46  قېتىملىق ئاتوم سىنىغىنىڭ قۇربانى بولۇپ، 5-ئىيۇلدىن نەچچە يۈز ھەسسە كوپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلگەنلىكىدىن خەۋەرسىزدۇر.

شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ بىلىنمىگەن، ئېچىنىشلىق پاجىئەدىن دۇنيانى خەۋەردار قىلىش،  بۇ ئاتوم يادرو سىنىقىنىڭ ئېلىپ كەلگەن بالاسى ئاپەتلىرىنى، خىتاينىڭ ئاتوم قوراللىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى مۇزاكىرە قىلىش مەقسىتى بىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىر-قانچە ئايلىق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ياۋروپا پارلامېنتىدا 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى „لوپنۇر خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى“ ئېچىلىدۇ.

لوپنۇر خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لاسزلو تۆكەس، پارلامېنت ئەزالىرىدىن  كرىستىىنا ئوجۇلاند، ۋيتاۋۇتاس لاندسبەرگىس ئەپەندىلەرنىڭ ساھىبخانىلىق قىلىشى ۋە د ئۇ ق، بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى خرىستىئان دېموكراتلار بىرلىكى گۇرۇپپىسى، لىبېرال دېموكراتلار بىرلىكى گۇرۇپپىسىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى، ياپونىيە، ياۋروپادىن كەلگەن ئاتوم مۇتەخەسسىسلىرى دوكلات بېرىلدى.

بۇ مۇھاكىمە يىغىن ئاممىغا ئوچۇق بولۇپ، ھەرقانداق كىشىنىڭ قاتنىشىشى، پىكىر بايان قىلىشى، مۇتەخەسسىسلەردىن سوئاللار سورىشى قارشى ئېلىنىدۇ. شۇڭا ئىمكانىيىتى بولغان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ، جۈملىدىن  بېلگىيە ۋە بېلگىيەدە قوشنا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ۋەتەنداشلارنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى لوپ نۇر يىغىنىغا قاتنىشىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

يىغىنغا قاتنىشىشنى خالىغان ھەرقانداق كېلىشىڭ ئەڭ كەچ 2-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن بۇرۇن تىزىمغا ئالدۇرۇشى كېرەك. تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۈچۈن ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدۇ، پەقەت ئىسىم-فامىلىسى(كىملىكتىكى يېزىلىشى)، تۇغۇلغان ۋاقتى، مىللىتى (ۋەتەنداشلىقى)، تۇرۇۋاتقان دۆلىتى قاتارلىقلارنى تۆۋەندىكى ئالاقە ئادرېسلىرىغا يوللاپ بېرىشى كۇپايە.

[email protected] ياكى [email protected]، Fax: +49 89 54349789

يىغىنىڭ ۋاقتى ۋە ئورنى؛

2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى (چارشەنبە)، سائەت: 9.30 – 12.30

Room P7C050, Paul-Henri Spaak Building, European Parliament

60 Rue Wiertz, Brussels, Belgium

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

2012-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى